شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(2)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(2)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق مالدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك؟

1. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى بولغان چارۋا ماللاردىن بىرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئىبنى رۇشد، ئىمام قۇرتۇبى، ئىمام نەۋەۋى ۋە سانئانى قاتارلىق ئالىملار بۇ ھەقتە باشقىچە قاراش يوقلۇقىنى بايان قىلغان([1]).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجگە چاقىرىپ جاكارلىغىنكى، ئۇلار كاتتا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەر بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ كەلسۇن.﴾([2])

﴿بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار.﴾([3])

ئۇندىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چارۋا ماللاردىن باشقىنى قۇربانلىق قىلىپ باقمىغان. ساھابە – كىراملارنىڭ بىرەرسىدىنمۇ چارۋا ماللاردىن باشقا بىر نەرسىنى قۇربانلىق قىلغانلىقى سەھىھ يول بىلەن كەلمىگەن بولغاچقا، قۇربانلىق قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولۇشى شەرت. شۇڭا، بۇ ماللارنىڭ ياۋىلىرىنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

نېمە ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ؟ بۇنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: قۇربانلىق قىلىش ھايۋاننى بوغۇزلاشقا ئالاقىدار بىر ئىبادەت بولغاچقا، بۇ ئەلۋەتتە، گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان، ئۆي ۋە ئېتىز – ئېرىقلاردا تۈرلۈك شەكىلدە پايدىلانغىلى بولىدىغان چارۋا ماللارغىلا خاس قىلىنغان. شۇنداق بولغاندىلا قۇربانلىق ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە، ياۋا ھايۋانلارنى بېقىشقا چىقىم كەتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆي ھايۋانلىرىدەك كۆپ تەرەپلىمە پايدىلانغىلى بولمايدۇ.

ئىمام سەرەخسىي مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىققا ۋە ۋاجىپ بولغان قانغا ياۋا كالا، قۇلان، تاغىل ئات ۋە بۇغا – ماراللار يارىمايدۇ. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئىبادەتلىكى شەرىئەت ئارقىلىق بىلىنگەن. شەرىئەت بولسا ئۇنى ئۆيدە بېقىلىدىغان چارۋا ماللاردىن قىلىشنى كۆرسەتكەن. يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇكى، ياۋا مالنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان ئىشلاردىن بولمىسا، ئىبادەت ئادا بولمايدۇ»([4]).

ئىمام كاسانىمۇ مۇنداق دېگەن: «ياۋا ھايۋانلاردىن ھېچبىرى قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپلىقى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن. شەرىئەت بولسا پەقەت ئۆيدە بېقىلىدىغان چارۋا ماللارنىلا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان»([5]).

ئۆچكە بىلەن قوينىڭ بارلىق تۈرلىرى قوي تۈرىگە كىرىدۇ. تۆگىنىڭ قوش لوكىلىق ۋە تاق لوكىلىقلىرىمۇ ئوخشاشلا تۆگە تۈرىگە كىرىدۇ. سۇ كالىسى بىلەن قوتازمۇ كالا تۈرىگە كىرىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى «كالا» دېگەن مەنىدىكى «بەقەرە» سۆزى ئەرەبچىدە ئادەتتىكى كالىنىمۇ، سۇ كالىسىنىمۇ، قوتازنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن تىلشۇناسلار كۆپ.([6]) قۇرئان كەرىمدە قوي بىلەن ئۆچكىنى ئايرىپ تىلغا ئالغاندەك، كالا بىلەن سۇ كالىسىنى ۋە قوتازنى ئايرىمىغان. ئايرىماسلىقى بەلكىم سۇ كالىسى بىلەن قوتازنىڭ ئەينى چاغدا ئەرەب زېمىنىدا تېپىلماسلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. سۇ كالىسى بىلەن قوتازنى كالا تۈرىگە كىرمەيدۇ، دېگەن تەقدىردىمۇ، قىياس جەھەتتىن بۇلار ئوخشاش. شۇڭا، فىقھىشۇناس ئالىملارمۇ زاكات ۋە باشقا تۈرلۈك ھۆكۈملەرنى بېكىتىشتە سۇ كالىسىنى ئادەتتىكى كالا قاتارىدا كۆرگەن ۋە ھەممىنى بىر تۈر، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، سۇ كالىسى بىلەن قوتازنىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. تۆگە، ئادەتتىكى كالا، قوي، ئۆچكىلەر ياشىيالمايدىغان سوغۇق جايلاردا قوتازنى قۇربانلىق قىلمايمۇ بولمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «قۇربانلىقتا ئادا بولىدىغان مالنىڭ شەرتى تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى بولغان چارۋا ماللاردىن بولۇشىدۇر. بۇنىڭدا تۆگىنىڭ تاق لوكىلىق ياكى قوش لوكىلىق بارلىق تۈرلىرى، كالىنىڭ سۇ كالىسى ۋە باشقا بارلىق تۈرلىرى ۋە قوي – ئۆچكىلەرنىڭ جىمى تۈرلىرى ئوخشاش. چارۋا ماللاردىن باشقا ياۋا كالا، ياۋا ئېشەك، بۇغا – مارال ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەركىكى بىلەن چىشىسى ئوخشاش».

ئەگەر قۇربانلىق مال ئۆي مېلى بىلەن ياۋا مالدىن تۆرەلگەن بولسا، ھەنەفىي مەزھىپىدە، ئانىسىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئانىسى ئۆي ھايۋىنى بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ياۋا بولسا يارىمايدۇ([7]).

شافىئىي مەزھىپىدە بۇ تۈرلۈك مال ئانىسى ئۆي ھايۋىنى بولغان تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق مۇنداق دېگەن: «بۇغا – مارال بىلەن قويدىن شالغۇتلاشتۇرۇلغىنىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ چارۋا ماللاردىن ئەمەس»([8]).

بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «توخۇنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ» دېگەندەك رىۋايەتلەر كەلگەن بولسىمۇ، بۇ رىۋايەتلەر سەھىھ ئەمەس. بۇنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار تەكىتلىگەن. يەنە بەزىلەر بۇنداق رىۋايەتلەرنى «قۇربانلىق ۋاجىپ ئەمەس دېيىشتە مۇبالىغە قىلىش» دەپ چۈشەنگەن([9]).

2. قۇربانلىق مال بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن، قوي ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولۇشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى كېرەك، دەپ بېكىتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىللارنى بەلگىلەشتە سەل باشقىچە قاراشتا بولۇشى مۇمكىن.

بەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇش. ئاندىن قايتىپ قۇربانلىق قىلىشىمىزدۇر. كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ. كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە، ئۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇر تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ ھېچقاچان قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ‹. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بۇردە: ›يا رەسۇلۇللاھ! مەن نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ بولۇپتىمەن. مېنىڭ يەنە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، ئەمما يىلى توشمىغان بىر ئوغلىقىم بار‹ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›ئۇنىڭ ئورنىغا شۇنى قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (بۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقىغا ھېساب بولمايدۇ ياكى سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ‹ دېگەن»([10]).

ئوقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە قۇربانلىق ماللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى. مەن: ›ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى‹ دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ›ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن‹ دېدى»([11]).

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، قۇربانلىققا بەلگىلەنگەن، ئەمما ياش ئۆلچىمىگە توشمىغان ماللار گەرچە سەمرىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن بېقىلىپ، بەكلا سەمرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

3. قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال گۆشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغاندەك: «بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارىغۇ ياكى بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، توكۇر، كېسەل، بەكلا ئورۇق مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ». بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىمام نەۋەۋى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ ئەيىبلەرنىڭ ھەممىسى پادا بىلەن بىللە مېڭىپ، ئوتلاپ غىزالىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان بولغاچقا، تولۇق غىزالىنىپ سەمرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە، مال ئورۇق، گۆشى كەم بولۇپ قالىدۇ»([12]).

ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەربىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:

كۆزدىكى ئەيىب

كۆزى غۇۋالىشىپ قالغان مالنىڭ قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئۇنداق بولغانىكەن، تا ئەما بولۇپ قالغان مال ئەلۋەتتە يارىمايدۇ. لېكىن، كۆزى جايىدا كۆرىدىغان، كۆزىگە ئاق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.

كۆزى كۈندۈزى كۆرىدىغان، كېچىسى كۆرمەيدىغان بولسا ياكى كۆزىدىن ياش ئېقىپ تۇرىدىغان بولسا ۋە ياكى ئالغاي بولسا، بەزى ئالىملار قۇربانلىققا يارايدۇ، دېگەن. چۈنكى، بۇ ئەھۋال گۆشكە تەسىر قىلمايدۇ.

قۇلاقتىكى ئەيىب

قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ. قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى كىچىك بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.

قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى يىرتىلىپ، تىلىنىپ، تىتىلىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەي ساڭگىلاپ قالغان ياكى قۇلاقنىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا ياكى تۆشۈك بولسا، قۇربانلىققا مەكرۇھلۇق بىلەن يارايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەيىبلەر گۆشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

مۈڭگۈزدىكى ئەيىبلەر

مۈڭگۈز تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، ياكى سۇنۇپ كەتكەن بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. چۈنكى، مۈڭگۈزنىڭ يوقلۇقى ياكى سۇنغانلىقى گۆشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ياكى يېيىلمەيدۇ. بەزى ئالىملار: «يېرىمىدىن ئارتۇق سۇنغان بولسا يارىمايدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئېغىز – بۇرۇندىكى ئەيىب – نۇقسانلار

چىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سۇنغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە، بەزى ئالىملار: «ھەلەپ يېيەلەيدىغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ھەلەپ يېيەلمەيدىغان بولسا يارىمايدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا يارىمايدۇ» دەيدۇ.

تىلىنىڭ پۈتۈن ياكى يېرىمىدىن كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن مال بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، چارۋا ماللار ھەلەپنى يېگەندە تىلى بىلەن تارتىپ، ئۆرۈپ يەيدۇ. نەتىجىدە، نەرسە يېيىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇرنى كېسىۋېتىلگەن مال بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

قۇيرۇق ۋە يېلىندىكى ئەيىب – نۇقسانلار

قۇيرۇقى ياكى يېلىنى كېسىۋېتىلگەن مال ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇشتا قۇيرۇقسىز ياكى يېلىنسىز تۇغۇلغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.

پىچىۋېتىلگەن مال

پىچىۋېتىلگەن مال قۇربانلىققا يارايدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ياكى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولسۇن ياكى ئېزىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىچىۋېتىلگەن ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان.([13]) پىچىۋېتىش بىلەن مال سەمرىپ گۆشى تاتلىق بولىدۇ. شۇڭا، مالغا پايدىلىق، دەپ قارىلىدۇ. زەكىرى كېسىۋېتىلگەن مالمۇ قۇربانلىققا يارايدۇ. ئەمما، پىچىۋېتىلگەن، زەكىرىمۇ كېسىۋېتىلگەن بولسا يارىمايدۇ.

يەنە پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىر مۇددەت پاكىز يەم بىلەن بېقىلىپ، ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. تۆگە قىرىق كۈن، كالا يىگىرمە كۈن، قوي ئون كۈن سولاپ بېقىلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن، سۈتىنى ئىچىشتىن توسقان([14]).

بوغاز مالنى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

كۆپچىلىك ئالىملار بوغاز مالنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بوغازلىق سۈپەتنى قۇربانلىق مالدىكى ئەيىب قاتارىدىن سانىمىغان. بەزى شافىئىي مەزھىپى ئالىملىرى ھامىلە گۆشنى ناچار قىلىپ قويىدۇ، دەپ قاراپ: «بوغاز قوينى قۇربانلىق قىلسا بولمايدۇ» دېگەن.

ياخشىسى، بوغاز قوينى قۇربانلىققا تاللىماسلىق، ئەگەر تاللىغان قوي بوغاز چىقىپ قالسا ئۇنى قۇربانلىق قىلىۋېرىش. قورساقتىكى قوزىسى تىرىك چىقسا بوغۇزلىنىدۇ. ئۆلۈك چىقسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئانىسىنىڭ بوغۇزلىنىشى بىلەن ھالال بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىدا، قوزىسى ئۆلۈك چىقسا يېيىلمەيدۇ([15]).

قۇربانلىققا تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبناق بولۇپ قېلىشى

بەزى ئالىملار: «ساق ۋە ساغلام بىر مالنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سېتىۋالغاندىن كېيىن بوغۇزلاپ بولغۇچە ئەيىبلىك بولۇپ قالسا، قۇربانلىققا يارايدۇ» دېگەن. چۈنكى، ئۇ سېتىۋالغان چاغدا، نىيەت قىلغان چاغدا قۇربانلىقنىڭ سالامەت بولۇشىغا دىققەت قىلغان. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەيىبلىك بولۇپ قېلىشى ئادەتتە، كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، شۇڭا، قۇربانلىققا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، يەنە بەزىلەر: «بولمايدۇ» دېگەن. ئەگەر مالنى بوغۇزلىماقچى بولغاندا جىم تۇرمىغانلىقتىن پىچاق تېگىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن بولسا، يەنىلا قۇربانلىققا يارايدۇ.

ئۇندىن باشقا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاشۇ مالنىڭ ئىگىسى بولۇشى ياكى ئىگىسى رۇخسەت قىلغان بولۇشى كېرەك.
——————————————
([1]) «تفسير القرطبي»، 15/109؛ «بداية المجتهد»، 1/315.
([2]) «ھەج» سۈرىسى، 27 -، 28 – ئايەتلەر.
([3]) «ھەج» سۈرىسى، 34 – ئايەت.
([4]) «المبسوط»، للسرخسي، 12/17.
([5]) «بدائع الصنائع»، 5/69.
([6]) «تحرير ألفاظ التنبيه»، 1/106؛ «المجموع»، 5/380؛ «الموسوعة الفقهية الكويتية»، مادة البقر.
([7]) «بدائع الصنائع»، 5/69.
([8]) «مختصر المزني»، 1/43. «الحاوي الكبير»، 3/134. «المجموع»، 8/286، 287.
([9]) «المجموع»، 5/230؛ «بداية المجتهد»، 1/314.
([10]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5560 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1961 – ھەدىس.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5547 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1965 – ھەدىس.
([12]) «المجموع»، 8/293، 297.
([13]) «مسند أحمد»، 25885 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([14]) «تىرمىزىي»، 1824 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([15]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 16/281؛ «مجموع الفتاوى»، لابن تيمية، 26/307.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز