دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
قۇربانلىق مالدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك؟
1. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى بولغان چارۋا ماللاردىن بىرى بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئىمام ئىبنى رۇشد، ئىمام قۇرتۇبىي، ئىمام نەۋەۋىي ۋە سانئانى قاتارلىق ئالىملار بۇ ھەقتە باشقىچە قاراش يوقلۇقىنى بايان قىلغان(1).
ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجگە چاقىرىپ جاكارلىغىنكى، ئۇلار كاتتا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەر بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ كەلسۇن﴾(22/«ھەج»: 27، 28).
﴿بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر. شۇڭا، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار!﴾(22/«ھەج»: 34)
ئۇندىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چارۋا ماللاردىن باشقىنى قۇربانلىق قىلىپ باقمىغان. ساھابە – كىراملارنىڭ بىرەرسىدىنمۇ چارۋا ماللاردىن باشقا بىر نەرسىنى قۇربانلىق قىلغانلىقى سەھىھ يول بىلەن كەلمىگەن بولغاچقا، قۇربانلىق قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولۇشى شەرت. شۇڭا، بۇ ماللارنىڭ ياۋىلىرىنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ؟ بۇنى مۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن: قۇربانلىق قىلىش ھايۋاننى بوغۇزلاشقا ئالاقىدار بىر ئىبادەت بولغاچقا، بۇ ئەلبەتتە گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان، ئۆي ۋە ئېتىز – ئېرىقلاردا تۈرلۈك شەكىلدە پايدىلانغىلى بولىدىغان چارۋا ماللارغىلا خاس قىلىنغان. شۇنداق بولغاندىلا قۇربانلىق ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ياۋا ھايۋانلارنى بېقىشقا چىقىم كەتمەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆي ھايۋانلىرىدەك كۆپ تەرەپلىمە پايدىلانغىلى بولمايدۇ.
ئىمام سەرەخسىي ئېيتىدۇ: «قۇربانلىققا ۋە ۋاجىب بولغان قانغا ياۋا كالا، قۇلان، تاغىل ئات ۋە بۇغا – ماراللار يارىمايدۇ. چۈنكى، قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئىبادەتلىكى شەرىئەت ئارقىلىق بىلىنگەن. شەرىئەت بولسا ئۇنى ئۆيدە بېقىلىدىغان چارۋا ماللاردىن قىلىشنى كۆرسەتكەن. يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇكى، ياۋا مالنىڭ قېنىنى ئېقىتىش ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس. ئاللاھقا يېقىن قىلىدىغان ئىشلاردىن بولمىسا، ئىبادەت ئادا بولمايدۇ»(2).
ئىمام كاسانىمۇ ئېيتىدۇ: «ياۋا ھايۋانلاردىن ھېچبىرى قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، قۇربانلىقنىڭ ۋاجىبلىقى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن. شەرىئەت بولسا پەقەت ئۆيدە بېقىلىدىغان چارۋا ماللارنىلا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇغان»(3).
ئۆچكە بىلەن قوينىڭ بارلىق تۈرلىرى قوي تۈرىگە كىرىدۇ. تۆگىنىڭ قوش لوكىلىق ۋە تاق لوكىلىقلىرىمۇ ئوخشاشلا تۆگە تۈرىگە كىرىدۇ. سۇ كالىسى بىلەن قوتازمۇ كالا تۈرىگە كىرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى «كالا» دېگەن مەنىدىكى «بەقەرە» سۆزى ئەرەبچىدە ئادەتتىكى كالىنىمۇ، سۇ كالىسىنىمۇ، قوتازنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېگەن تىلشۇناسلار كۆپ.(4) «قۇرئان كەرىم»دە قوي بىلەن ئۆچكىنى ئايرىپ تىلغا ئالغاندەك، كالا بىلەن سۇ كالىسىنى ۋە قوتازنى ئايرىمىغان. ئايرىماسلىقى بەلكىم سۇ كالىسى بىلەن قوتازنىڭ ئەينى چاغدا ئەرەب زېمىنىدا تېپىلماسلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. سۇ كالىسى بىلەن قوتازنى كالا تۈرىگە كىرمەيدۇ، دېگەن تەقدىردىمۇ، قىياس جەھەتتىن بۇلار ئوخشاش. شۇڭا، فىقھشۇناس ئالىملارمۇ زاكات ۋە باشقا تۈرلۈك ھۆكۈملەرنى بېكىتىشتە سۇ كالىسىنى ئادەتتىكى كالا قاتارىدا كۆرگەن ۋە ھەممىنى بىر تۈر، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، سۇ كالىسى بىلەن قوتازنىمۇ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. تۆگە، ئادەتتىكى كالا، قوي، ئۆچكىلەر ياشىيالمايدىغان سوغۇق جايلاردا قوتازنى قۇربانلىق قىلمايمۇ بولمايدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «قۇربانلىقتا ئادا بولىدىغان مالنىڭ شەرتى تۆگە، كالا ۋە قوي قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرى بولغان چارۋا ماللاردىن بولۇشىدۇر. بۇنىڭدا تۆگىنىڭ تاق لوكىلىق ياكى قوش لوكىلىق بارلىق تۈرلىرى، كالىنىڭ سۇ كالىسى ۋە باشقا بارلىق تۈرلىرى ۋە قوي – ئۆچكىلەرنىڭ جىمى تۈرلىرى ئوخشاش. چارۋا ماللاردىن باشقا ياۋا كالا، ياۋا ئېشەك، بۇغا – مارال ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ھايۋانلار قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئەركىكى بىلەن چىشىسى ئوخشاش».
ئەگەر قۇربانلىق مال ئۆي مېلى بىلەن ياۋا مالدىن تۆرەلگەن بولسا، ھەنەفىي مەزھەبىدە، ئانىسىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئانىسى ئۆي ھايۋىنى بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ياۋا بولسا يارىمايدۇ(5).
شافىئىي مەزھەبىدە بۇ تۈرلۈك مال ئانىسى ئۆي ھايۋىنى بولغان تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئىمام نەۋەۋىي: «بۇغا – مارال بىلەن قويدىن شالغۇتلاشتۇرۇلغىنىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ چارۋا ماللاردىن ئەمەس» دېگەن(6).
بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «توخۇنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ» دېگەندەك رىۋايەتلەر كەلگەن بولسىمۇ، بۇ رىۋايەتلەر «سەھىھ» ئەمەس. بۇنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار تەكىتلىگەن. يەنە بەزىلەر بۇنداق رىۋايەتلەرنى «قۇربانلىق ۋاجىب ئەمەس دېيىشتە مۇبالىغە قىلىش» دەپ چۈشەنگەن(7).
2. قۇربانلىق مال بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن، قوي ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولۇشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولۇشى كېرەك، دەپ بېكىتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىللارنى بەلگىلەشتە سەل باشقىچە قاراشتا بولۇشى مۇمكىن.
ﺑﻪﺭﺍﺋ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺯﯨﺐ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ سۆزلەپ بەردىكى: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﮪﯧﻴﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ:
— ﻛﯩﻤﻜﻰ نامازنى ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ بولىدۇ – دە، ئۇنىڭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھېساب بولمايدۇ! — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺭاﺋﻨﯩﯔ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﯘﺭﺩﻩ:
— ئى ﺭﻩﺳﯘلۇللاھ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻳﻪﭖ – ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﻩ ﺳﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻱ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ياقتۇرۇپ قويۇمنى سويۇپ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ كېلىشتىن بۇرۇن (ﺋﯘﻧﯩﯔ گۆشىدە) ناشتا قىلىپتىمەن، — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:
— ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﯓ (ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ) ﮔﯚﺵ ﺑﻮﭘﺘﯘ، — ﺩﯦﺪﻯ. ئەبۇ بۇردە:
— ئى ﺭﻩﺳﯘلۇﻟﻼﮪ! ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ يىللىمىغان ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻳﺪىنمۇ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﺮﻩﻙ. ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﻡ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ — ﺩﯦﮕﻪنىدى، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:
— ﮪﻪﺋﻪ، ﺋﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ھېساب بولمايدۇ، — ﺩﯦﺪﻯ» (8).
ئوقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلىرىگە قۇربانلىق ماللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى. مەن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى — دېسەم، رەسۇلۇللاھ:
— ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن — دېدى»(9).
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، قۇربانلىققا بەلگىلەنگەن، ئەمما ياش ئۆلچىمىگە توشمىغان ماللار گەرچە سەمرىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن بېقىلىپ، بەكلا سەمرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
3. قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال گۆشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىب – نۇقسانلاردىن خالىي بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغاندەك: «بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارىغۇ ياكى بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، توكۇر، كېسەل، بەكلا ئورۇق مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ». بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق بايان قىلىدۇ: «بۇ ئەيىبلەرنىڭ ھەممىسى پادا بىلەن بىللە مېڭىپ، ئوتلاپ غىزالىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان بولغاچقا، تولۇق غىزالىنىپ سەمرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. نەتىجىدە، مال ئورۇق، گۆشى كەم بولۇپ قالىدۇ»(10).
ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەربىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:
كۆزدىكى ئەيىب
كۆزى غۇۋالىشىپ قالغان مالنىڭ قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئۇنداق بولغانىكەن، ئەما بولۇپ قالغان مال ئەلبەتتە يارىمايدۇ. لېكىن، كۆزى جايىدا كۆرىدىغان، كۆزىگە ئاق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
كۆزى كۈندۈزى كۆرىدىغان، كېچىسى كۆرمەيدىغان بولسا ياكى كۆزىدىن ياش ئېقىپ تۇرىدىغان بولسا ۋەياكى ئالغاي بولسا، بەزى ئالىملار قۇربانلىققا يارايدۇ، دېگەن. چۈنكى، بۇ ئەھۋال گۆشكە تەسىر قىلمايدۇ.
قۇلاقتىكى ئەيىب
قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ. قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى كىچىك بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
قۇلىقنىڭ ئىككىسى ياكى بىرى يىرتىلىپ، تىلىنىپ، تىتىلىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەي ساڭگىلاپ قالغان ياكى قۇلاقنىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا ياكى تۆشۈك بولسا، قۇربانلىققا مەكرۇھلۇق بىلەن يارايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەيىبلەر گۆشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
مۈڭگۈزدىكى ئەيىبلەر
مۈڭگۈز تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، ياكى سۇنۇپ كەتكەن بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. چۈنكى، مۈڭگۈزنىڭ يوقلۇقى ياكى سۇنغانلىقى گۆشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ياكى يېيىلمەيدۇ. بەزى ئالىملار: «يېرىمىدىن ئارتۇق سۇنغان بولسا يارىمايدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئېغىز – بۇرۇندىكى ئەيىب – نۇقسانلار
چىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سۇنغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە، بەزى ئالىملار: «ھەلەپ يېيەلەيدىغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ھەلەپ يېيەلمەيدىغان بولسا يارىمايدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا يارىمايدۇ» دەيدۇ.
تىلىنىڭ پۈتۈن ياكى يېرىمىدىن كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن مال بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ. چۈنكى، چارۋا ماللار ھەلەپنى يېگەندە تىلى بىلەن تارتىپ، ئۆرۈپ يەيدۇ. نەتىجىدە، نەرسە يېيىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بۇرنى كېسىۋېتىلگەن مال بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە قۇربانلىققا يارىمايدۇ.
قۇيرۇق ۋە يېلىندىكى ئەيىب – نۇقسانلار
قۇيرۇقى ياكى يېلىنى كېسىۋېتىلگەن مال ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇشتا قۇيرۇقسىز ياكى يېلىنسىز تۇغۇلغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.
پىچىۋېتىلگەن مال
پىچىۋېتىلگەن مال قۇربانلىققا يارايدۇ. بۇنىڭدا ئىككى تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ياكى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولسۇن ياكى ئېزىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىچىۋېتىلگەن ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان.(11) پىچىۋېتىش بىلەن مال سەمرىپ گۆشى تاتلىق بولىدۇ. شۇڭا، مالغا پايدىلىق، دەپ قارىلىدۇ. زەكىرى كېسىۋېتىلگەن مالمۇ قۇربانلىققا يارايدۇ. ئەمما، پىچىۋېتىلگەن، زەكىرىمۇ كېسىۋېتىلگەن بولسا يارىمايدۇ.
يەنە پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىر مۇددەت پاكىز يەم بىلەن بېقىلىپ، ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. تۆگە قىرىق كۈن، كالا يىگىرمە كۈن، قوي ئون كۈن سولاپ بېقىلىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن، سۈتىنى ئىچىشتىن توسقان(12).
بوغاز مالنى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملار بوغاز مالنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بوغازلىق سۈپەتنى قۇربانلىق مالدىكى ئەيىب قاتارىدىن سانىمىغان. بەزى شافىئىي مەزھەبى ئالىملىرى ھامىلە گۆشنى ناچار قىلىپ قويىدۇ، دەپ قاراپ: «بوغاز قوينى قۇربانلىق قىلسا بولمايدۇ» دېگەن.
ياخشىسى، بوغاز قوينى قۇربانلىققا تاللىماسلىق، ئەگەر تاللىغان قوي بوغاز چىقىپ قالسا ئۇنى قۇربانلىق قىلىۋېرىش. قورساقتىكى قوزىسى تىرىك چىقسا بوغۇزلىنىدۇ. ئۆلۈك چىقسا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئانىسىنىڭ بوغۇزلىنىشى بىلەن ھالال بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھەب قارىشىدا، قوزىسى ئۆلۈك چىقسا يېيىلمەيدۇ(13).
قۇربانلىققا تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبناق بولۇپ قېلىشى
بەزى ئالىملار: «ساق ۋە ساغلام بىر مالنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سېتىۋالغاندىن كېيىن بوغۇزلاپ بولغۇچە ئەيىبلىك بولۇپ قالسا، قۇربانلىققا يارايدۇ» دېگەن. چۈنكى، ئۇ سېتىۋالغان چاغدا، نىيەت قىلغان چاغدا قۇربانلىقنىڭ سالامەت بولۇشىغا دىققەت قىلغان. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەيىبلىك بولۇپ قېلىشى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. شۇڭا، قۇربانلىققا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، يەنە بەزىلەر: «بولمايدۇ» دېگەن. ئەگەر مالنى بوغۇزلىماقچى بولغاندا جىم تۇرمىغانلىقتىن پىچاق تېگىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن بولسا، يەنىلا قۇربانلىققا يارايدۇ.
ئۇندىن باشقا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاشۇ مالنىڭ ئىگىسى بولۇشى ياكى ئىگىسى رۇخسەت قىلغان بولۇشى كېرەك.
داۋامى بار…
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
1. قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 15/109؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/315.
2. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 12/17.
3. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/69.
4. نەۋەۋىي: « تەھرىرۇ ئەلفازىتتەنبىھ»، 1/106؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/380؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، «بەقەرە» ماددىسى.
5. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 5/69.
6. مۇزەنىي: «مۇختەسەرۇل مۇئەنىي»، 1/43؛ ماۋەردىي: «ئەلھاۋىي ئەلكەبىر»، 3/134؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/286، 287.
7. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 5/230؛ ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1/314.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (955)؛ «مۇسلىم»، (1961).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5547)؛ «مۇسلىم»، (1965).
10. «ئەلمەجمۇﺋ»، 8/293، 297.
11. «ئەھمەد»، (25885). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. «تىرمىزىي»، (1824). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
13. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 26/307؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 16/281.