شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(3)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى چاچ – ساقال ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولامدۇ؟

ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيى كىرىشكە، مۇبارەك ئون كېچە باشلىنىشقا، قۇربانلىق قىلىدىغانلار قۇربانلىق قىلىشقا، قۇربان ھېيتنى كۈتۈۋېلىشقا ئاز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ – ساقال، تىرناق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئالسا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلايدۇ.

ئالىملار زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ – ساقال، تۈك ۋە تىرناق قاتارلىق ئارتۇق نەرسىلەرنى كېسىشى، يۇلۇشى ۋە چۈشۈرۈشىدە ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولغان.

كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى: «مۇباھ» دېگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەنەفىي مەزھىپى ئىماملىرى: «چاچ – تىرناق ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ» دېگەن. يەنە ھەنەفىي مەزھىپى ئالىملىرىدىن بىر قىسمى: «ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىنى قىلمىغانلىق بولىدۇ، ئالمىغان ياخشى» دېگەن. يەنى، بۇلار مەكرۇھتىنمۇ تۆۋەنرەك بىر نەرسە بولىدۇ، دېمەكچى. «مۇباھ» دېگەن ئالىملاردىن مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھىپى ئالىملىرى: «ئالماسلىق مۇستەھەپ، ئېلىش تەنزىھى مەكرۇھ» دېگەن. بۇ قاراشنى ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللىغان.

ھەنبەلىي مەزھىپى بىلەن زاھىرىي مەزھىپى: «قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرسە چاچ ۋە تارناقلىرىنى ئېلىشى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراشنى باشقا مەزھەپتىكى بەزى ئالىملارمۇ ياقلىغان([1]).

يۇقىرىقى قاراشلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، ئىلگىرىكى ئۈچ خىل قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: «ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ» دېگەن. ئىككىنچى قاراش بولسا يۇقىرىدىكى ئاخىرقى قاراش بولۇپ، بۇ قاراشتىكىلەر ئېلىش ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.

مۇباھ دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرى:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەرەمگە ئاتىغان تۆگىلىرىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىلىرىگە بەلگىلىرىنى ئېسىپ، لوكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە پىچاق سانجىپ بەلگە قويۇپ، ھەرەمگە ئاتاپ ھەيدەپ ماڭدى. (بۇنىڭلىق بىلەن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھالال نەرسىلەر ھارام بولمىدى»([2]).

يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىن ھەرەمگە قۇربانلىق ئاتاپ ماڭاتتى. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېھرام باغلىغۇچى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ساقلانمايتتى»([3]).

قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ئاسمىلارنى ئېشىپ بەردىم، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ، بەلگىنى ئاستى، ئاندىن ئۇنى بەيتۇللاھقا ئەۋەتىۋېتىپ مەدىنىدە قالدى، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭغا ئادەتتە، ھالال بولغان نەرسىلەر ھارام بولۇپ قالمىدى»([4]).

ئەمرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «زىياد ئىبنى ئەبى سۇفيان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ›كەئبىگە ئاتىغان قۇربانلىقىنى ئەۋەتىۋەتكەن كىشىگە قۇربانلىقى بوغۇزلانغۇچە ھەج قىلغۇچىغا ھارام بولغان نەرسىلەر ھارام بولىدۇ‹ دېگەنلىكى توغرىسىدا خەت يازغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ›ئىش ئىبنى ئابباس دېگەندەك ئەمەس، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاتىغان قۇربانلىقىنىڭ بەلگىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى، ئاندىن ئۇنى ئاتام بىلەن مەككىگە ئەۋەتتى. ئاتىغان قۇربانلىق بوغۇزلانغۇچە ئاللاھ ھالال قىلغان ھېچقانداق نەرسە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھارام بولمىغان ئىدى‹ دېدى»([5]).

يەنە بىر ھەدىستە: «مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ: ›ئى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى! بىر كىشى ھەدىيە تۆگىلىرىگە بەلگە ئېسىشنى تاپىلاپ، ئۆزى يۇرتىدا قالغان بولسا، تاكى ھاجىملار ئېھرامدىن چىققانغا قەدەر ئېھراملىق ھالەتتە ھېسابلىنامدۇ؟‹ دەپ سورىغان ئىدىم، پەردە ئارقىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چاۋاك چالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: ›مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەئبىگە ئاتىغان تۆگىلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىلىرىنى باشقا ئادەملەردىن كەئبىگە ئەۋەتەتتى. ھاجىلار ھەجدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئەرلەرگە ئاياللىرىدىن ھالال بولغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا ھارام بولمايتتى‹ »([6]).

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى، يەنى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغانكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە ئاتىغان قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئېھرام باغلىغان كىشى ئۆزىگە ھارام دەپ قارايدىغان بىر ئىشنى ئۆزىگە چەكلىمىگەن. چاچ ۋە تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىپ يۈرمىگەن. ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىش دېگەن قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ چوڭراق ئىشتۇر. ئەگەر چاچ ۋە تىرناق ئېلىش ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتكەن كىشىگە ھارام بولمىسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ.

يەنە قىياس جەھەتتىن مۇنداق دەلىل ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ. جىما قىلىش ئېھراملىق كىشىگە ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۇرۇقلۇق، قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلارغا ھارام بولمىسا، جىمادىن تۆۋەن تۇرىدىغان چاچ – ساقال، تىرناققا ئوخشاش بەدىنىدىن بىر نەرسە ئېلىش ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ. ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق ئالىملار زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، دەپ بىرلىككە كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشلار مۇباھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىق»([7]).

بۇ قىياس ئەسلىدە ئىكرىمەنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان «چاچ ئالسا بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس سۆزلەنگەندە، ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «ئاياللاردىنمۇ، خۇشپۇراقتىنمۇ نېرى تۇرسۇن ئەمىسە» دېگەن([8]).

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «سۈننەت كېچىكتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن.([9]) يەنى، «تىرناق، بۇرۇت ۋە تۈكلەرنى ئېلىش سۈننەت ئىش، بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» دېگەن.

«ھارام ئەمەس، مەكرۇھ» دەپ قارىغان ئالىملار: «كىيىم، جىما ۋە خۇشپۇراق ماددا ئېھراملىق كىشىگە ھارام بولغاندەك ھارام بولمىغاچقا، چاچ، تىرناق ئالماسلىقنىڭ مۇستەھەپلىكى، ئېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ» دېگەن. لېكىن، بۇ قاراش مۇنداق رەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلمايتتى، چەكلىگەن ئىش ئەقەللىي تەقدىردە، مەكرۇھ بولىدۇ.

ھارام دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى مۇشۇ ھەدىس:

سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ، تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن»([10]).

بۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇ ھەدىس ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. دېمەك، ئالىملار دەلىللەرنى بايان قىلغان. بىر – بىرلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەھلىل قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلىش بىھاجەت.

دەلىللەرنى سېلىشتۇرغان ئەھۋالدا، مۇباھ دېگۈچىلەرنىڭ، يەنى، كۆپچىلىكنىڭ قارىشى كۈچلۈك. شۇڭا، بىر قاراشنى تۇتقانلارنى باشقا قاراشتىكىلەر ئەيىبلىسە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ، چاچ ئالغانلارنى گۇناھكار ۋە پاسىق دەپ ھۆكۈم پىچىۋېتىشكە بولمايدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بۇ سەۋەبلەردىن كۈچلۈك:

1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بولغان. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولسا ھەدىس ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ياكى ساھابىنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان ھەدىستۇر. چۈنكى، بۇ ھەدىس ئاشۇنداق بەزىدە «مەرفۇ»، بەزىدە «مەۋقۇف»([11]) رىۋايەت قىلىنغان. بۇ پىكىر ئوخشىماسلىقى «سەھىھۇ مۇسلىم»دا ئېنىق كەلگەن.

بۇ سەۋەبتىن، بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىي، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي ۋە ئىبنى ھەزملەر «سەھىھ» دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىمام دارىقۇتنىي، ئىبنى ئابدۇلبەر قاتارلىقلار بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. چۈنكى، ئالتە راۋىي (رىۋايەت قىلغۇچى) بۇنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان.

2. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كۆپ راۋىيلار رىۋايەت قىلغان. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىسىنى سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن باشقا بىرسى رىۋايەت قىلمىغان.

3. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ۋاجىپلىقنى يەكۈنلىمىگەن.

4. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بىر قەدەر كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلغان. چۈنكى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەئبىگە ئاتىغان قۇربانلىقنى ھىجرىيە 9 – يىلى، يەنى، ھەججەتۇل ۋىدادىن بىر يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن.

بۇ يەردە بىرقانچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:

1. چاچ – ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالماي تۇرۇشتىكى ھېكمەت «دوزاخ ئوتىدىن پۈتۈن بەدىنىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن» دېيىلگەن. «ھەج قىلىۋاتقان ئېھراملىقلارغا ئوخشاپ تۇرۇش ئۈچۈن»مۇ دېيىلگەن. لېكىن، بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل يوق ھەمدە ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا، جىما قىلىش، كىيىم كىيىش ۋە خۇشپۇراق ماددا ئىشلىتىشتە ئوخشاش بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2. چەكلەش تاكى قۇربانلىقىنى قىلىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ. مەسىلەن، ھېيتنىڭ 2 – كۈنى ياكى 3 – كۈنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، شۇ كۈنگىچە ئالماي تۇرىدۇ.

3. چەكلەش قانداق تۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ چەكلەش چاچ، ساقال، بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى ۋە ئۇندىن باشقا بەدەن تۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېسىۋەتسە بولىدىغان ئارتۇق تېرە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلىش ۋە كېسىش بارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، چۈشۈرتۈش، قىسقارتىش، كۆيدۈرۈش، يۇلۇش ياكى دورا بىلەن چۈشۈرۈش، تىرناق ئالغۇچتا كېسىش ياكى سۇندۇرۇش قاتارلىقلار.

4. قان ئالدۇرۇش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ سىرتقى ئەزا قىسمىدىن ئەمەس.

5. ھەنبەلىي مەزھىپىدىكىلەر: «چاچ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ» دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇلار: «بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى ھارام بولۇپ كېتىدۇ» دېمەكچى.

6. بۇ كۈنلەردە ئاشۇ چەكلىمىگە قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن رىئايە قىلماي، چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنى ئېلىپ سالغان كىشىگە يا جازا، يا تۆلەم يوق، پەقەتلا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

7. بۇ چەكلىمىدە ئەر ياكى ئايالنىڭ پەرقى يوق. دېمەك، ئايال كىشىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.

8. ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش چەكلىنىدىغان ئىش. چۈنكى، كۆپچىلىك ئالىملار ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىش ھارام، دەپ قارايدۇ، بەزىلەر: «مەكرۇھ» دەيدۇ. ھەممىسى ساقالنى چۈشۈرۈۋېتىشنى چەكلەيدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئالدىدا ۋە قۇربانلىق قىلغاندا قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

1. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى قۇربانلىق مالنى تاللاپ، بەلگە قويۇپ، باغلاپ ياكى سولاپ، پاكىز يەم – خەشەكلەرنى بېرىش ياخشى. بۇنىڭدىن ئىككى ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ: بىرى، بۇ ئىبادەتكە ھازىرلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلىش، شەرىئەت پائالىيىتىنى جاكارلاش. يەنە بىرى، قۇربانلىقنى پاكلاش. چۈنكى، ھازىر بازاردىكى ماللار نىجىس يەم بىلەن بېقىلىۋاتقان ئەھۋال كۆپ.

2. قۇربانلىق مالنى بوغۇزلايدىغان جايغا چىرايلىقچە ھەيدەش، پۇتى بىلەن سۆرىمەسلىك.

3. قۇربانلىق كۈنى، يەنى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى قۇربانلىق قىلىشقا ئالدىراش. چۈنكى، ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، قۇربانلىق ۋاقتىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھېيت نامىزى ۋە خۇتبىسىدىن بىكار بولغان چاغدۇر.

بەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇش، ئاندىن قايتىپ قۇربانلىق قىلىشىمىزدۇر. كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ. كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە، ئۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇر تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ھېچقاچان قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ‹ »([12]).

4. پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ بىلەش. بۇنداق قىلسا مالنى بوغۇزلىغاندا قىينىۋەتمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆلتۈرگىنىڭلاردا چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، پىچىقىڭلارنى بىلەپ، بوغۇزلىماقچى بولغان مالنى ئازابتىن خالاس قىلىڭلار» دېگەن([13]).

چىرايلىق ئۆلتۈرۈشكە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بارلىق قىلىقلاردىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن، مالنىڭ كۆز ئالدىدا پىچاق بىلىمەسلىك، بىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە بىرىنى بوغۇزلىماسلىق، بوغۇزلايدىغان جايغا قوپاللىق بىلەن سۆرەپ ئاپارماسلىق… دېگەندەك.

5. قۇربانلىق مالنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆزىمۇ قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ بوغۇزلاش مۇستەھەپتۇر. بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلىنغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قۇربانلىق تۆگىلىرىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ، قاتار تۇرغۇزۇپ ئۆزى بوغۇزلايدىغانلىقى، ئۇنىڭ گۆشىدىن ئۆزىمۇ يەپ، باشقىلارغىمۇ يېگۈزىدىغانلىقى سەھىھ رىۋايەتتە كەلگەن.([14]) يۈزلەندۈرۈشتە مالنىڭ يۈزى ئەمەس، بوغۇزى يۈزلەندۈرىلىدۇ. قىبلىگە يۈزلەندۈرۈلمەي بوغۇزلانغان بولسىمۇ ھالال بولىدۇ.

6. قوي، ئۆچكە ۋە كالىلارنى سول تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، ئوڭ ئارقا پۇتىنى باغلىماي، باشقا ئۈچ پۇتىنى باغلاپ، بوغۇزىدىن پىچاق سۈرۈش، تۆگىنى سول ئالدى بىر پۇتىنى باغلاپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، بوغۇزىدىن ئەمەس، پوكىنىدىن پىچاق سۈرۈش مۇستەھەپ. چۈنكى، بۇنداق قىلىش مالغا ئېھسان قىلىش جۈملىسىدىن بولۇپ، قىينالماستىن تېز جېنى چىقىدۇ، مالغا ئارام بولىدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدا، تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇش بىلەن ياتقۇزۇش ئوخشاش([15]).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿(كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار. قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى بىز سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن.﴾([16])

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما 36 – ئايەتتىكى «صواف» دېگەن سۆزنى «ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە» دەپ تەپسىر قىلغان، ئەلۋەتتە، بۇ تۆگىگە خاس.

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ›بىسمىللاھ‹ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن»([17]).

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلىرى قۇربانلىق تۆگىنىڭ سول پۇتىنى باغلاپ، ئۆرە تۇرغۇزۇپلا بوغۇزلايتتى»([18]).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز قولى بىلەن يەتتە ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، پوكىنىدىن بوغۇزلىغان([19]).

زىياد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىسىنى ياتقۇزۇپ تۇرۇپ بوغۇزلىماقچى بولغان كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ: ›ئۇنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ بىر پۇتىنى باغلاپ بوغۇزلىغىن. بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى‹ دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم»([20]).

7. قۇربانلىقنى ئۆزى بوغۇزلىيالايدىغان بولسا ئۆزى بوغۇزلاش. چۈنكى، بۇ ئىبادەت بولغاچقا، باشقىلارنى ۋەكىل قىلغاندىن ئۆزى قىلالايدىغان بولسا ئۆزى قىلىشى ئەۋزەل. ئەگەر ئۆزى بوغۇزلىيالمايدىغان بولسا، باشقىلارغا بوغۇزلاتسىمۇ بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۈز تۆگىدىن 63 تۆگىنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان، قالغىنىنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بوغۇزلىغان.([21]) بوغۇزلىغاندا، بولسا ئۈستىدە قاراپ تۇرسا ياخشى.

8. بوغۇزلاشقا باشقا كىشىنى قويغاندا مۇسۇلماننى قويۇش لازىم. بۇتپەرەس، ئاتېئىست، كوممۇنىست ياكى شۇنىڭدەك كىتابسىز كاپىرلارنى بوغۇزلاشقا قويسا، قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ. ئۇلار بوغۇزلىغان ماللارنىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، كاپىرلار مالنى بوغۇزلاپ، شەرئى ھالال قىلىشنىڭ ئەھلى ئەمەس. ئەھلى كىتابلارنى بوغۇزلاشقا قويۇشنى بەزى ئالىملار مەكرۇھ، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئاشۇ كىتابسىز كاپىرلارغا ئوخشاش، قۇربانلىقى ئادا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

9. بوغۇزلىغاندا قۇربانلىق نىيىتى بىلەن بوغۇزلاش لازىم. بەزى ئالىملار: «سېتىۋالغان چاغدا قۇربانلىقنى نىيەت قىلسا كۇپايە» دەيدۇ. چۈنكى، ئەمەللەر نىيەتكە قاراپ بولىدۇ. گۆش ئۈچۈن بوغۇزلاش بىلەن قۇربانلىق ئۈچۈن بوغۇزلاشنى نىيەت ئايرىپ تۇرىدۇ. نىيەتنى نامازدىكىگە ئوخشاش دىلىدا قىلسا كۇپايە. ئاغزاكى قىلىش شەرت ئەمەس.

10. بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش، تەكبىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش.

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ›بىسمىللاھ‹ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن»([22]).

يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن» دەپ قۇربانلىق قىلغان([23]).

بوغۇزلىماقچى بولغاندا: «بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، بۇ رىزىق سەندىن ماڭا ئاتا قىلىنغان، ساڭا خالىس قۇربانلىقىمدۇر. ئى ئاللاھ! قوبۇل قىلغىن!» دەيدۇ. بۇلاردىن «بىسمىللاھ» دېيىشلا ۋاجىپ، قالغىنى سۈننەتتۇر.

11. پىچاقنى كۈچ بىلەن بېسىپ تۇرۇپ، ئالدى – كەينىگە تېز سۈرۈش. بۇنداق قىلغاندا جېنى تېز چىقىپ ئازابلانمايدۇ ھەم قانلار تولۇق ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ.

12. مالنىڭ كاللىسىنى دەرھال ئۈزۈۋەتمەي، ئىككى شاخ تومۇر بىلەن كاناي ۋە كېكىردەكنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇش. بۇنداق قىلمىغاندا مال يۇقىرىقى تۆت نەرسىنى كېسىشتىن ئۆلمەي، يۇلۇن كېسىلگەنلىكتىن ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

13. بوغۇزلاپ بولۇپلا سويۇشقا، ياكى بىرەر يېرىنى كېسىشكە، ياكى سۇندۇرۇشقا تۇتۇش قىلماي، بەدىنى جىمىپ، سەل سوۋۇغاندىن كېيىن ئاندىن سويۇش.

——————————————————————————————-
([1]) «مختصر اختلاف العلماء»، للجصاص، 3/230؛ «إعلاء السنن»، 7/264؛ «المغني»، 9/346؛ «المجموع»، 8/285؛ «المحلى»، 7/355.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1696 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1321 – ھەدىس.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1698 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1321 – ھەدىس.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1699 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1321 – ھەدىس.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1700 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1321 – ھەدىس.
([6]) «بۇخارى»، 5566 – ھەدىس.
([7]) «الاستذكار»، 4/85 – ھەدىس.
([8]) «المحلى»، 7/369 – ھەدىس؛ «إعلاء السنن»، 7/267 – ھەدىس.
([9]) «حاشية ابن عابدين»، 2/181.
([10]) «مۇسلىم»، 1977 – ھەدىس.
([11]) مەرفۇ ــ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتاشقان سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، سۈپەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەۋقۇف ــ ساھابىگە تۇتاشقان سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماقۇللىشىنى كۆرسىتىدۇ.
([12]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5560 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1961 – ھەدىس.
([13]) «مۇسلىم»، 1955 – ھەدىس.
([14]) «موطأ»، 848 – ھەدىس.
([15]) «شرح صحيح مسلم»، للنووي، 9/69.
([16]) «ھەج» سۈرىسى، 36، 37 – ئايەتلەر.
([17]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5558 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1966 – ھەدىس.
([18]) «أبو داود»، 1767 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([19]) «بۇخارى»، 1714 – ھەدىس.
([20]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1713 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1320 – ھەدىس.
([21]) «مۇسلىم»، 1218 – ھەدىس.
([22]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 5558 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1966 – ھەدىس.
([23]) «مۇسلىم»، 1505 – ھەدىس. تىرمىزى «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز