(سوئال – جاۋابلار)
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت – سالاملار پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن زاتقا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغانلارغا بولغاي!
قۇربانلىق قىلىش ئىسلامىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى تۇرۇقلۇق، بەزى مۇسۇلمانلار قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى تولۇق ھەم ئېنىق بىلمەي يۈرمەكتە. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدە شەرىئەتتىكى قۇربانلىق ئەھكاملىرىنى سوئال – جاۋاب تەرىقىسىدە ئىخچام بايان قىلىپ ئۆتىمىز. جانابىي ئاللاھ بىزنى خاتالىقتىن يىراق قىلسۇن، ئەمەللىرىمىزنى خالىس قىلسۇن، ئامىن.
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟
ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش نىيىتى بىلەن، قۇربانلىق قىلىش بەلگىلەنگەن كۈنلەردە شەرتكە توشقان قوي، كالا، تۆگە ۋە ئۆچكە قاتارلىق چارۋا ماللارنى بوغۇزلاشتىن ئىبارەت.
قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان پائالىيەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئالىملار ئىتتىپاقتۇر.
ئاللاھ تائالا «كەۋسەر» سۈرىسىنىڭ 2 – ئايىتىدە رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿شۇڭا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، پوكانلىغىن﴾. بۇ ئايەت ھەر خىل تەپسىر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەككىدە نازىل بولغان ۋە ئايەتنىڭ زاھىرىي مەنىسى ناماز بىلەن قۇربانلىق مال بوغۇزلاشقا بۇيرۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا، «مۇشرىكلارنىڭ قىلغىنىغا خىلاپ ھالەتتە ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ، قۇربانلىقنى ئاللاھقا قىلغىن، نامىزىڭ بىلەن قۇربانلىقىڭ ئاللاھقىلا بولسۇن» دەپ تەپسىر قىلىش مۇۋاپىق. يەنە قەتادە، ئىكرىمە ۋە ئەتا قاتارلىقلار: «بۇ ئايەتتىكى مەقسەت ھېيت نامىزى بىلەن قۇربانلىق قىلىش» دەپ تەپسىر قىلغان(1).
قۇربانلىق قىلىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىپ ئىزاھلىغان. مەسىلەن:
قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنى قۇربانلىق قىلغان. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پۇتىنى ئۇ ئىككىسىنىڭ بوينىغا قويۇپ تۇرۇپ، ›بىسمىللاھ‹ دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغانلىقىنى كۆرگەن»(2).
قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالىنى قۇربانلىق قىلدى»(3).
ئابدۇلئەزىز ئىبنى سۇھەيب رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلاتتى، مەنمۇ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىمەن‹ »(4).
ئەبۇ قىلابە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ، خۇتبە سۆزلەپ بولۇپ، مۈڭگۈزلۈك ئىككى ئالا قوچقارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن بوغۇزلىغان(5).
ئالىملار قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ شەرئى ھۆكمىدە مۇنداق ئىككى خىل قاراشتا بولغان:
1. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن تەكىتلەنگەن سۈننەت. بۇ شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىگە تەۋە بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ قارىشى.
2. قۇربى يەتكەنلەر ئۈچۈن ۋاجىپ. بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ قارىشى بولۇپ، دەلىل جەھەتتىن مۇشۇ قاراش كۈچلۈك. ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلىپ: «قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ دېگەن قاراش كۈچلۈك. چۈنكى، ئۇ جىمى يۇرتلاردا ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىلىدىغان ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر»﴾ دېگەن ئايىتىدە ناماز بىلەن بىللە كېلىدۇ. يەنە بىر ئايەتتىمۇ ﴿شۇڭا، رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ، پوكانلىغىن﴾ دەپ نامازغا بۇيرۇغاندەكلا قۇربانلىق قىلىشقىمۇ بۇيرۇغان» دېگەن(6).
ئەبۇ جۇھەيفە بەرا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەبۇ بۇردە قۇربانلىق قويىنى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بوغۇزلىۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: «ئورنىغا باشقىدىن قۇربانلىق قىلغىن» دېدى. ئۇ: «مېنىڭ ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، ئەمما تېخى يىلىغا توشمىغان بىر چىشى ئوغلىقىم بار» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ قۇربانلىقىغا هېساب بولمايدۇ» دېدى(7).
بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئىپادىسى بىلەن «هېساب بولمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ بولمىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇرۇنقىنىڭ ئورنىغا باشقىدىن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ، بۇ ساھابىنى قىيىن ئىشقا دۇچار قىلمىغان بولاتتى.
يەنە جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن قۇربان ھېيت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كىمكى ھېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قۇربانلىق قىلغان بولسا، باشقىدىن قۇربانلىق قىلسۇن. كىمكى تېخى قۇربانلىق قىلمىغان بولسا، قۇربانلىق قىلسۇن‹ دېگەن»(8).
بۇ ھەدىستىكى «باشقىدىن قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن سۆز بىلەن «قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن بۇيرۇقمۇ ۋاجىپلىقنى كۆرسىتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇربانلىقنى تاشلىماي ئىزچىل قىلىشىمۇ ئۇنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدە ئون يىل قۇربانلىق قىلىپ تۇرغان» دېگەن سۆزىمۇ(9) بۇنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ، تۆۋەندىكىدەك قاتتىق تەلەپپۇزدا ئاگاھلاندۇرغان تەقدىردە تېخىمۇ شۇنداق.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن».(10) مانا بۇ ھەدىستىكى تەھدىت پەقەت ۋاجىپنى تەرك قىلىشقىلا مۇناسىپ كېلىدۇ.
ئىمام شەۋكانىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس مۇنداق دەلىل بولالايدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربى يەتكەن، ئەمما قۇربانلىق قىلمىغان كىشىنى نامازگاھقا يېقىن يولاشتىن توسقانلىقى ئۇنىڭ ۋاجىپنى تەرك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى مۇشۇنداق بىر ۋاجىپنى تاشلاپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ يېقىنلىشىشنىڭ پايدىسى يوقتەكلا»(11).
دېمەك، قۇربانلىقنىڭ ھۆكمى قۇربى يەتكەنلەرگە ۋاجىپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق قىلىش دېگەن ئىسلامىيەتنىڭ شوئارى، دىننىڭ بەلگىسىدۇر. قۇربانلىق قىلساق ئىسلامىيەت پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىيەتتە جاكارلايمىز، شەرىئەت ئەنئەنىسىنى ئىجرا قىلىمىز، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىزچىل تاشلاپ قويماي قىلىپ كەلگەن ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولىمىز، ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، بالا – چاقىلىرىمىزنى خۇشال قىلىپ، ئۇلارنى كەڭ – كۇشادە گۆش يېيىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز، ئايەم خۇشاللىقىنى، تەنتەنىسىنى تولۇقلايمىز، ئەتراپتىكى موھتاجلارغا گۆش يېگۈزىمىز… دېمەك، بۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى نۇرغۇن مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان بولىمىز.
ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە نەزەر سالايلى: ﴿(كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن پايدا باردۇر. شۇڭا، ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار. بېقىنلىرى يەرگە تەگكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار. قانائەتچان موھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار. سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(12).
قۇربانلىق قىلىش يولغا قويۇلۇشتىكى ھېكمەت نېمە؟
بۇ پائالىيەت ئەسلىدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرمەكچى بولغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جىبرىل ئارقىلىق بىر قوچقارنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىشقا چۈشۈرگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا بۇ پائالىيەتنى تۇتۇپ ماڭىدىغان سۈننەت قىلىپ بېكىتكەن.
ئاللاھ تائالا: ﴿ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش – ئوقەت قىلغۇدەك بولۇپ يېتىلگەن چاغدا، ئۇ: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ چۈش كۆرۈۋاتىمەن، ئويلىنىپ باق، قانداق قارايسەن؟» دېدى. ئۇ: «ئى ئاتا! بۇيرۇلغىنىڭنى قىلىۋەرگىن، ئاللاھ خالىسا مېنىڭ سەۋرچانلاردىن ئىكەنلىكىمنى كۆرىسەن» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنۇپ، ئۇنى يېنى ياتقۇزغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكى ئىسپاتلاندى. بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! چۈشكە ئىشەندىڭ(بۇيرۇلغان ئىشنى قىلدىڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ھەقىقەتەن بۇ ئېنىق سىناقتۇر﴾ دېگەن(13).
دېمەك، بۇ پائالىيەت ئىمان ۋە ئىخلاسنىڭ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەيلى قانداق ئىشقا بۇيرۇغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككىلەنمەستىن تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ، ئاللاھقا تولۇق بويسۇنۇشنىڭ ئالاھىدە بىر ئۆرنىكى بولغاچقا، كېيىنكى ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاشۇ پىداكارلىق قىسسەسىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر.
قۇربانلىقنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزلىرى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھاجىلار قىلىدىغان قۇربانلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
﴿ئىنسانلار ئارىسىدا ھەجگە چاقىرىپ جاكارلىغىنكى، ئۇلار كاتتا مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ۋە مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن پىيادە ۋە ئورۇق تۆگىلەر بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ كەلسۇن﴾(14).
﴿بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا، ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار﴾(15).
ئاللاھ تائالا يەنە كەئبىگە ھەدىيە قىلىنغان تۆگىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، بەلكى تەقۋادارلىقىڭلار يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىدىن ئۇنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا خۇش بېشارەت بەرگىن﴾(16).
ئىمام ئىبنى كەسىر مەزكۇر ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەدىيە ۋە قۇربانلىق ماللارنى ئۇلارنى بوغۇزلىغىنىڭلاردا ئاللاھنى زىكىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر. چۈنكى، ئۇ ياراتقۇچىدۇر، رىزىق بەرگۈچىدۇر. ئۇنىڭغا ئۇ ماللارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەتتۇر. جاھىلىيەتتە كىشىلەر بۇتلىرىغا مال بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىقلىرىنىڭ گۆشلىرىنى قويۇپ، قانلىرىنى ئۈستىگە چېچىپ قويىدىغان بولغاچقا، ›ئاللاھقا ئۇلارنىڭ گۆشلىرى ياكى قانلىرى يېتىپ بارمايدۇ‹ دېگەن».
قۇربانلىق قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەتنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1. ئاللاھ تائالاغا پەرمانلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يېقىنلىشىش.
2. بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا تەربىيەلەش.
3. تەۋھىد ئەقىدىسىنى جاكارلاش، مال بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش ئارقىلىق ئاللاھنى ئۇلۇغلاش.
4. پېقىر – مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تويغۇزۇش.
5. ئۆزى ۋە بالا – چاقىلىرىغا كەڭ – كۇشادە غىزا تەييارلاپ بېرىش.
6. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان مال – دۇنيا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش.
7. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش.
قايسى جايلاردىكى كىشىلەر قۇربانلىق قىلىدۇ؟
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قۇربى يەتكەن ھەرقانداق مۇسۇلمان قۇربانلىق قىلىدۇ. مەيلى شەھەرلىك ياكى يېزىلىق ۋە ياكى چۆل – باياۋاندا ياشايدىغان بولسۇن، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھاجى ياكى باشقىلار بولسۇن، سەپەردىكى ياكى مۇقىم تۇرىدىغان كىشى بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش.
بەزى ئالىملار سەپەردىكى كىشىلەر، ھاجىلار قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئەمەس، دەپ قارىغان بولسىمۇ، دەلىللەردىن ئۇلارنىڭمۇ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى يەكۈنلىنىپ چىقىدۇ. مەسىلەن:
قاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ھەجگە ماڭغاندا مەككىگە كىرىشتىن ئىلگىرى سەرىف دېگەن يەرگە كەلگەندە ھەيز كۆرۈپ قېلىپ يىغلاپ ئولتۇرغىنىدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سىزگە نېمە بولدى؟ ھەيز كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟» دېۋىدى، ئۇ: «ھەئە» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ دېگەن ئاللاھ ئادەمنىڭ قىزلىرىغا پۈتۈۋەتكەن بىر ئىش، سىز بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج قىلغۇچىلار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى قىلىۋېرىڭ» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «بىز مىنادىكى چاغدا ئالدىمغا كالا گۆشى كەلتۈرۈلۈۋىدى، مەن: ›بۇ نېمە گۆش؟‹ دەپ سورىسام، ئۇلار: ›رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرى ئۈچۈن بىر كالا قۇربانلىق قىلدى‹ دېيىشتى»(17).
دېمەك، بۇ ھەدىستە ھاجىلارمۇ قۇربانلىق قىلغان. ئەگەر ھاجىلار قۇربانلىق قىلغان ئەھۋالدا قۇربانلىقنى ئەرەبىستاندا بوغۇزلىماي، يۇرتتىكى تۇغقانلىرىغا بۇيرۇپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى. چۈنكى، بۇنىڭدىن يۇرتتىكى تۇغقانلىرى پايدىلىنالايدۇ ھەم بەزىدە مىنادا گۆش بۇزۇلۇپ، تاشلىنىپ كېتىدۇ.
يەنە بىر ھەدىستە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى قىلىپ بولۇپ: «ئى سەۋبان! ماۋۇنىڭ گۆشىنى تەييارلىغىن» دېگەن ئىدى، مەن تاكى مەدىنىگە بارغۇچە ئۇنىڭ گۆشىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يېگۈزۈپ تۇردۇم»(18).
يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس سەپەردىكى ھالەتتە ۋە مىنادا ھەج قىلىۋاتقان ھالەتتە قۇربانلىق قىلىنىدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.
ئىقتىسادىي ئەھۋالى قانچىلىك بولسا قۇربانلىق قىلىدۇ؟
قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يېتىشتىن ئىبارەت بۇ شەرت ئالىملار ئوتتۇرىدا بىرلىككە كەلگەن شەرتتۇر. چۈنكى، ﴿ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ﴾. لېكىن، قۇربى ياكى تاقىتى يېتىشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىدا، ھېيت كۈنى زاكات بېرىدىغان دەرىجىدە باي بولۇشى شەرت. يەنى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىدىن ئارتۇق 85 گرام ئالتۇن مىقدارىدا ئىقتىسادى بولۇشى. مالىكى مەزھەپ قارىشىدا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئاشقۇدەك بولۇشى. ئەگەر قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلالايدىغان بولسا قەرز ئالىدۇ. شافىئىي مەزھەپ قارىشىد، ھېيت كۈنلىرىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىنىپ قۇربانلىق پۇلىغا ئىگە بولۇشى. ئەگەر قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلالايدىغان بولسا قەرز ئالىدۇ. ھەنبەلىي مەزھەپ قارىشىدا، قۇربانلىق پۇلىنى قەرز ئېلىپ بولسىمۇ تاپالايدىغان ۋە ئۇ قەرزنى تۆلەشكە كۆزى ئىلىدىغان بولۇشى شەرت(19).
بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتياجىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى بولغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: قۇربانلىق قىلىدىغان كىشى قۇربانلىققا قۇربى يېتىدىغان، قۇربانلىق مال ياكى ئۇنى سېتىۋالىدىغان پۇل ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن. مانا بۇ ھەدىستە قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشىدىغان مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى بولۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
يەنە بەزى ئالىملار ھازىر نەق پۇل بولمىسىمۇ كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا، قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ، دەپ قارىغان.
مائاشلىق كىشىلەر ھەر ئايدا ئالغان مائاشى ئېھتىياجىنى قامداپ قۇربانلىققا پۇل ئېشىنالىسا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
بىر مالنى شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلىش
بىر قوينى پەقەت بىر كىشى ياكى بىر ئائىلە ئۈچۈنلا قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما، كالا بىلەن تۆگىنى يەتتە كىشى ياكى يەتتە ئائىلە شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. يەنى، كالا بىلەن تۆگە قۇربانلىقتا يەتتە قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «بىز ھۇدەيبىيە يىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە يەتتە كىشىگە بىر تۆگىنى، يەتتە كىشىگە بىر كالىنى قۇربانلىق قىلغان ئىدۇق». يەنە بىر ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ھەج تەمەتتۇ قىلغان ئىدۇق. يەتتە كىشى بىرلىشىپ بىر كالا بوغۇزلىدۇق» دېگەن(20).
يەنە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر تۆگە يەتتە كىشىگە، بىر كالا يەتتە كىشىگە يېتەرلىك»(21).
بۇ ھەج – ئۆمرەدىكى ئەھۋال بولۇپ، قىياس بويىچە ھەدىيەگە ئاتىغان قۇربانلىقتا ئادا بولغىنى ئادەتتىكى قۇربانلىقتىمۇ ئادا بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىسلەر ھەدىيە قۇربانلىقتا شېرىكلىشىشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل. بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىجما قىلغىنى شۇكى، قويدا شېرىكلىشىشكە بولمايدۇ. مەزكۇر ھەدىسلەر بىر تۆگىنىڭ يەتتىگە، بىر كالىنىڭمۇ يەتتىگە ھېساب بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەتتە قوينىڭ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېھراملىق كىشىگە ئوۋ جازاسىدىن باشقا يەتتە قان قىلىش ۋاجىپ بولغان بولسا، پەقەت بىر تۆگە ياكى بىر كالا بوغۇزلىسىمۇ ئادا بولىدۇ»(22).
ھەربىر قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ بىر تۆگە ياكى بىر كالىدىكى نېسىۋىسى يەتتىدىن بىرىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئىككى ياكى ئۈچ كىشى شېرىكلىشىپ، بىر كالا ياكى بىر تۆگە قۇربانلىق قىلسىمۇ، خۇددى يالغۇز بىر كىشى قىلسا بولغىنىدەك بولۇۋېرىدۇ. مۇھىم بولغىنى يەتتىدىن ئارتۇق كىشى شېرىكلەشمەسلىكتۇر.
لېكىن، بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ قارىشىدا، شېرىكلەرنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق قىلىشنى، ياكى ئەقىقە، ياكى كەفارەت دېگەندەك ئىبادەت مەقسىتىدە قان قىلىشنى نىيەت قىلغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا ئاساسەن، بەزىلەر قۇربانلىقنى، بەزىلەر گۆشنى مەقسەت قىلىپ شېرىكلەشسە، قۇربانلىق ئادا بولمايدۇ.
بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلامدۇ؟
كۈچلۈك قاراشتا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قانچە كىشى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىر قۇربانلىق، يەنى، بىر تۆگە ياكى بىر كالا ۋە ياكى بىر قوي يېتەرلىك بولىدۇ. يەتتىگە قەدەر كىشى ياكى ئائىلە شېرىكلەشكەن ئەھۋالدا بىر كالا ياكى بىر تۆگىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ.
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «زادۇل مەئاد»تا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولى شۇكى، بىر قوي بىر كىشىگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ قۇربانلىقىغا ــ گەرچە ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ ــ يېتەرلىك بولىدۇ»(23).
ئەتا ئىبنى يەسار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن:
ــ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا قۇربانلىقلار قانداق ئىدى؟ــ دەپ سورىسام، ئۇ:
ــ بىر ئەر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ يېيىشەتتى، باشقىلارغىمۇ يېگۈزۈشەتتى. كېيىن كىشىلەر كۆز – كۆز قىلىپ، سەن كۆرۈۋاتقاندەك ھەربىر كىشىگە بىردىن قىلىدىغان بولغان، ــ دېدى(24).
يەنە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قوينى قۇربانلىققا بوغۇزلىغاندا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتىدىن قوبۇل قىلغىن» دەپ قۇربانلىق قىلغان(25).
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتۈن ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلاتتى»(26).
سوئال: تۇل ئايال ياكى يولدىشى تۈرمىدە بولغان ئايال ۋە ياكى يولدىشى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇۋالىدىغان ئايالنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادى بولسا، قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپ بولامدۇ؟
جاۋاب: ئەگەر ئائىلىدە ئەر كىشى بولمىغان تەقدىردە، ئائىلىگە باش بولغان ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر يولدىشى تۈرمىدە ياكى يولدىشى قۇربانلىق قىلماي تۇرۇۋالىدىغان ئەھۋالدا، يولدىشىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىدۇ. يولدىشىنىڭ پۇلى يوق، ئەمما ئايالنىڭ ئىقتىسادى بولسا، ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. بۇنى ئېرىگە بىلدۈرۈشى ياكى ئېرىدىن رۇخسەت سوراپ قىلىشى كېرەك ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن.(27) بۇ ھەدىستە ئەر – ئايال دەپ ئايرىمىغان.
«ئىسلام فىقھى ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە مۇنداق كەلگەن: «ئەر كىشى بولۇش قۇربانلىقنىڭ ۋاجىپ ياكى سۈننەت بولۇشىنىڭ شەرتى ئەمەس. شۇڭا، ئەر كىشىگە ۋاجىپ بولغاندەك، ئايال كىشىگىمۇ ئوخشاش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى، ۋاجىپلىق ياكى سۈننەتلىك دەلىللىرى ئەرنىمۇ، ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان»(28).
ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «يېتىم بالىغا قارىتا يېتىم بالىنىڭ مال – مۈلكىدىن قۇربانلىق سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلىدۇ. يولدىشى ئىجازەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئايالى ئېرىنىڭ پۇلىدىن قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ. قەرزدار كىشى قەرزنى ھازىرلا تۆلىشى كېرەك بولمىغان ئەھۋالدا قۇربانلىق قىلىدۇ، كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا، قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ». يەنە مۇنداق دېگەن: «كېيىن قايتۇرالايدىغان بولسا قەرز ئېلىپ تۇرۇپ قۇربانلىق قىلسا ياخشى، لېكىن ئۇنداق قىلىشى ۋاجىپ ئەمەس»(29).
ئەگەر بىر چوڭ ئائىلىدە بىر قانچە ئەر كىشى بولسا، مەسىلەن، ئاتا بىر قانچە ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان بولسا، ئاتىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم، ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولسا، ھەر بىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئايرىم بىر قۇربانلىق قىلىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم بولماي، ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. باشقا – باشقا يەردە تۇرىدىغان بولسىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن بېقىلىپ كېلىۋاتقان بولسا، يەنىلا بىر قۇربانلىق ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
————————————————–
1. «زاد المسير»، 9/249.
2. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5558 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1966 – ھەدىس.
3. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5559 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1966 – ھەدىس.
4. «بۇخارىي»، 5553 – ھەدىس.
5. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5554 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1962 – ھەدىس.
6. «مجموع الفتاوى»، 23/162.
7. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5557 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1961 – ھەدىس.
8. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5562 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1960 – ھەدىس.
9. «تىرمىزىي»، 1507 – ھەدىس. تىرمىزىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
10) «مسند أحمد»، 8256 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
11. «نيل الأوطار»، 5/199.
12. «ھەج» سۈرىسى، 36، 37 – ئايەتلەر.
13. «ساففات» سۈرىسى، 102 – 106 – ئايەتلەر.
14. «ھەج» سۈرىسى، 27، 28 – ئايەتلەر.
15. «ھەج» سۈرىسى، 34 – ئايەت.
16. «ھەج» سۈرىسى، 37 – ئايەت.
17. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 5548 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1211 – ھەدىس.
18. «مۇسلىم»، 1975 – ھەدىس.
19. «الفقه الإسلامي وأدلته» 4/250.
20. «مۇسلىم»، 1318 – ھەدىس.
21. «أبو داود»، 2808 – ھەدىس. ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
22. «شرح النووي على صحيح مسلم»، 9/67.
23. «زاد المعاد»، 2/323.
24. «تىرمىزىي»، 1505 – ھەدىس. تىرمىزىي «سەھىھ» دېگەن.
25. «مۇسلىم»، 1505 – ھەدىس. تىرمىزىي «سەھىھ» دېگەن.
26. «المستدرك»، 7555 – ھەدىس. ھاكىم «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
27. «مسند أحمد»، 8256 – ھەدىس. ئالبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
28. «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 5/81.
29. «مجموع الفتاوى»، 26/305.
Please follow and like us: