(ھ. 1272– 1363/ م. 1856 – 1944)
ھەيدەر ياكى مۇھەممەد ھەيدەر قازى جۇنەيد ھىجرىيە 1272 – يىلى رەجەب (7 – ئاي) نىڭ 14 – كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى تەقۋادار كاتتا ئەھلى ئىلىملەردىن بولۇپ، تېگى غەربىي تۈركىستان نەمەنگانلىق. بۇ كىشى غەربىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان ۋە قوقەند، ئەندىجان، بۇخارا قاتارلىق جايلارنىڭ شەيخلىرىدە ئوقۇغان. كېيىن يەنى ھىجرىيە 1249 – يىلى قەشقەرگە كېلىپ ئوقۇتقۇچى، فىقھشۇناس ۋە كاتتا ئۆلىمالارنىڭ بىرى سالاھىيىتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىر بايانغا ئاساسلانغاندا، قازى جۇنەيدنى زەپەر قۇچقان پادىشاھ يەئقۇبخان بەدەۋلەت 19 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتىدا دەسلەپ قازىلىققا تەيىنلىگەن، كېيىن قەشقەر شەھىرى شەرئىي ئالىي مەھكىمە قازىلار ھەيئىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن. نېمىلا بولمىسۇن رېئاللىق شۇكى، قازى جۇنەيد 40 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا نەمەنگاندىن قەشقەرگە ھىجرەت قىلغان ھەمدە ئىلىم ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن قەشقەرگە مۇقىملىشىپ قالغان دەسلەپكى مۇھاجىرلارنىڭ بىرى. ئۇ قەشقەر دىيارىنىڭ مۇفتىيسىنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلەنگەن. ئۇنىڭدىن ھەيدەر، ئاسىم، مۇھەممەدخان قاتارلىق ئۈچ پەرزەنت كۆرگەن. 1875 – يىلى قازى جۇنەيد ئايالىنى ئېلىپ ھەجگە بارىدۇ. ھەجدىن كېيىن ئوغۇللىرىنىڭ مەدىنەدىكى ئالىملارنىڭ قولىدا ئىلىمىنى كۆپەيتىشلىرىنى توغرا تېپىپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مەدىنەدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. كېيىن قازى جۇنەيد كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ سەپەردە، مەككە بىلەن مەدىنە ئارىسىدىكى يول ئۈستىدە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مەدىنىدە 10 يىلغا يېقىن ياكى 10 يىلدىن سەل ئارتۇق ۋاقىت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئانىسىمۇ مەدىنەدە ۋاپات بولىدۇ. ئاندىن ئۇلار كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جايى بولغان ۋەتىنىگە قايتىدۇ ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق ئالىملاردىن بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ ئارىسىدا ئەڭ داڭلىقى بولسا ئەپەندىم مەخدۇم نامى بىلەن مەشھۇر بولغان شەيخۇلئىسلام مۇھەممەد ھەيدەردۇر.
ئۇنىڭ شەھەردە دەرس ئەسناسىدا ۋە تەڭتۇش ئوقۇغۇچى بۇرادەرلىرى ئارىسىدا «ئەپەندىم» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولۇشىغا كەلسەك، ئۇ ئوسمانىيلارنىڭ دەۋرى بولغاچقا، ئۇنىڭ شەھەر ئاھالىسى ئىچىدە تۈركچە شېۋىسى ئېغىر ئىدى. بولۇپمۇ ئىسىملار، سۈپەتلەر ۋە تەخەللۇسلاردا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇ ئىنتايىن زېرەك ئوقۇغۇچى بولغاچقا ھەمدە دادىسىنىڭ يۈز – ئابرويى كاتتا بولغاچقا تەڭتۇشلىرى ۋە تونۇش – بىلىشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئورۇنغا ساھىب ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزەرىدىمۇ شۇنداق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنى ئەپەندىم دەپ چاقىراتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۇ نامنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان.
ئۇلار قەشقەرگە كەلگەندە يۇرت خەلقى ئۇلارنى ئىنتايىن قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇلارنى ئىلىملىك، پەزىلەتلىك ۋە تەقۋادار كىشىلەر دەپ تونۇيتتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ قازىلىق مەنسىپىگە تەيىنلىنىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىدۇ. 1918 – يىلى شەيخۇلئىسلاملىق مەنسىپىگە ئولتۇرىدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ تۈركىستان تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن مۇددەت شەرئىي قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن، 1892 – يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ شەرئىي قازىلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان. 1918 – يىلىدىن باشلاپ تا 1944 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر شەيخۇلئىسلاملىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان. ئۇ تەقۋادار ۋە زاھىدلىقىغا قارىماستىن مەنسەپدارلارغا خاس ھالەتتە نېئمەتنىڭ ئىزناسىنى نامايان قىلىپ ياشىغان. قورۇسىنىڭ ئىشىكى كېلىپ – كېتىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلى كېچە – كۈندۈز تاقالمايتتى. ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلمىنى بىلىدىغانلار داۋاملىق ئەتراپىدىن كەتمەيتتى. ئاجىز ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ پاناھگاھى ئىدى. قورۇسىدا ھەر خىل يىغىلىش ۋە ئەنجۈمەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. بەزىلىرى قازىلارنىڭ يىغىنى ئۈچۈن بولسا، بەزىلىرى «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش ئۈچۈن ئىدى.
ئۇنىڭ شەخسىي خاراكتېر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھازىر جاۋاب، ئاۋازى يېقىملىق، «قۇرئان كەرىم»نى چىرايلىق ئوقۇيدىغان، زېھنى ئۆتكۈر، ئىشلارنىڭ تېگى – تەكتىنى بىلىشكە ماھىر كىشى ئىدى. بولۇپمۇ سوت ۋە پەتۋا ئىشلىرىدا تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇ كۆڭلى – كۆكسى كەڭ، سېخى، ۋىجىكرەك، دوغىلاق يۈزلۈك، ئاقپىشماق، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان كىشى ئىدى. ئۇ تاھارەتسىز يەرگە دەسسىمەيتتى. ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ قىممەت باھالىق كىيىم كىيەتتى. قويۇق ساقاللىق ئىدى. چوڭ ئاق سەللىنى بېشىدىن چۈشۈرمەيتتى. ھوزۇرىدا خىزمەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ھەر خىل نىيەت – مەقسەتتىكى كىشىلەر كەم بولمايتتى. ئۇ قەشقەردىكى قازىلار ئىچىدە تۇنجى قېتىم مەخسۇس پەيتۇن بىلەن مېڭىشنى پەيدا قىلغان كىشىدۇر. كېيىن مۇفتىي تاھىر مەخدۇم ياشقا چوڭىيىپ، كېسەلچان بولۇپ قالغاندا ئەپەندىمگە ئوخشاش پەيتۇنغا چىقىدىغان بولغان. پەيتۇن ئۈستى يېپىق، بېزەلگەن، چۆرىسى يۇمىلاق شەكىلدە، كۈمۈش بىلەن نەقىشلەنگەن ئىككى توغرا ياغاچنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلغان چاسا شەكىللىك، ھەممە تەرىپىدىن يېشىل رەخت بىلەن يۆگەلگەن، ئىككى تەرىپىدە ھاۋا ئۆتۈشۈش تۆشۈكى بولغان، ئىچىدە ھەر خىل مەخمەل ۋە تاۋار – دۇردۇنلار بىلەر بېزەلگەن كۆرپە سېلىنغان، ھەرىكەتچان پەردىلىرى بار ھارۋىدۇر. مەن ئۇنىڭغا چىقىپ باقمىغان، ئەمما ئوغلى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان بىر شەخسنىڭ ھەمراھلىقىدا كېتىپ بارغىنىدا يىراقتىن كۆرگەن. ھەمراھ بولۇپ ماڭغۇچىنىڭ ئورنى ھارۋىكەشنىڭ ئارقا تەرىپى، ئەپەندىمنىڭ ئوڭ تەرىپى ئىدى. ئۇنىڭ مەخسۇس ھۇجرىسى بولۇپ، ھېچكىم كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. مەن ھۇجرىنىڭ ئىچىدىكى ئىشكاپقا تىزىلغان رەت – رەت كىتابلارنى كۆرگەنىدىم. مەن بىر كۈنى دادامنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. مەن شۇ چاغلاردا تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇيتتىم. دادام شەيخنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاخۇنجان مەخدۇم، جۇنەيد ھاجى، مىرزا ئابدۇللاھ، مىرزا مەسۇمخان قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئىماملىق، خاتىبلىق ۋە «قۇرئان كەرىم» يادلىتىش ئىشلىرىغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشى ئەجدادلارنىڭ ياخشى ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئىلىمگە ئەڭ پىششىقى شەيخ جۇنەيد ھاجى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دادىسىغا ئوخشاش پەزىلەتكە ئىگە ئىدى.
شەيخۇلئىسلام، قارىيلارنىڭ سەردارى «قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇ ھەقتىكى ئىلىملەر قاتارلىق ئىلىم – مەرىپەتلەرگە خىزمەت قىلغان ۋە 50 يىل ئەتراپىدا قازىلىق قىلغاندىن كېيىن ۋاپات بولدى.
ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا شەرئىي ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قوياتتى. شەرئىي ئىشلاردا ھېچكىمگە ۋە ھېچنەرسىگە باقمايتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا ئۈچ ۋىلايەتلىرىدىكى شەرئىي سوتنىڭ بەزى دەۋا – دەستۇرلىرى شەيخكە سۇنۇلاتتى. ئۇنىڭ بىزگە ھېچقانداق ئەسەرى يېتىپ كەلمىگەن. بەلكىم، 20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ۋەيران قىلىشلاردا يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى 1981 – يىلى ۋاپات بولغان.
شەيخۇلئىسلام ھىجرىيە 1363 – يىلى 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى يېرىم كېچىدە ۋاپات بولغان. جىنازىسى ئەتىسى چۈشتە ھېيتگاھ جامەسگە ئېلىپ بېرىلغان. كوچا – كويلار شۇنچە كەڭرى تۇرۇپ كىشىلەر سىغماي كەتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا يۇرت – يۇرتلاردىكى كىشىلەر قايغۇرغان. ئۇنىڭ جىنازىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆگزىلەرگە، دەل – دەرەخلەرگە چىققان. ھەقىقەتەن، ئىنتايىن بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتكەن. مەن شۇ چاغدا ئەمدى بۇرۇتى خەت تارتقان يىگىت ئىدىم. رەھمەتلىك كۈن پېتىشقا ئاز قالغاندا دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالادىن ئۇنى جەننىتىدە قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمەدە: بىلىميار