باھائۇددىنباي (ھ. 1269– 1348/ م. 1852 – 1929)
ھۈسەينباي (ھ. 1260– 1345/ م. 1844 – 1926)
باھائۇددىن مۇساباي 1852 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۆز ئۈممىتى ۋە مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. مىللەتكە بولغان بۇ سۆيگۈ ۋە كۆيۈنۈش ئۇلارنىڭ دادىسى مۇسابايغا ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولغان ۋە ئارزۇ – ئارمىنىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ بويىچە تەربىيەلىگەن. 1893 – يىلى مۇساباي ۋاپات بولغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە ۋىلايىتىدە زور مال – مۈلۈك ۋە نام – ئاتاق قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ تىجارىتى تاشكەند، سەمەرقەند، ئەنجان، ئوش قاتارلىق جايلارغىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر جايدا سودا ئىشخانىلىرى ۋە ۋاكالەتخانىلىرى بار ئىدى. موسكىۋا، پېتىربورگ (ھازىرقى لېنىنگراد) لاردىمۇ بار ئىدى. ئۇ كۆپ ۋاقتىنى موسكىۋا، ئاستانە، قازان، تاشكەنت قاتارلىق جايلار ئارىسىدا ئۆتكۈزەتتى.
مۇساباي خەلقىنى ئاقارتىش، ئىلىم – مەرىپىتى ۋە ھۈنەر – سەنئىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بولۇپمۇ ۋەتىنىنى بۇلاڭچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن پىلان تۈزگەنىدى. ئەپسۇس! ئۇ 1893 – يىلى ئارماندا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا باھائۇددىنباي ۋە كېيىن ئاكىسى ھۈسەينباي ۋارسلىق قىلدى. ئىككىيلەن دادىسىنىڭ تىجارىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇردى، كېڭەيتتى. ۋەتەننىڭ كۆپ جايلىرىدا زاۋۇت، مەكتەپلەرنى ئاچتى. يول ياسىدى. سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ قاناللارنى قازدى.
قىسقىسى، بۇ خىزمەتلەر ۋە يەنە باشقا ئاممىۋى خىزمەتلەر، چەتئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش، چەتئەللەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلار باھائۇددىنباينىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى نەمۇنىلىك ئىشلىرى جۈملىسىدىندۇر. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا ئوسمانىيلار خەلىفەلىكىنىڭ ئاستانىسىدە يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغانلىقى، مىللىي ۋە دىنىي ئىشلارغا ئائىت پىكىر – ئىدىيەلىرىدىن خەۋەر تاپقانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ «ئاسارەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنغان(1).
باھائۇددىنباي تۈركىيەدىن 1916 – يىلى ئەھمەد كامال تەۋفىق قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەلگەن. ئاتۇشنىڭ ئېكساقتا، قەشقەر شەھىرىنىڭ جانان كوچىسىدا ۋە غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى خانئېرىقتا يېڭى مېتودلۇق مەكتەپلەرنى ئاچقان ۋە ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىگە ئومۇملاشتۇرۇشقا كۆپ كۈچىگەن. تۇرپان ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق مەھمۇد مۇھىتىي جەمەتى بۇ ئىدىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن. ئۇلار 1917 – يىلى روسىيەدە پارتىلىغان ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن قازاندىن ئەر – ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئۇنىڭدىن بىرقانچە يىل بۇرۇن، يەنى 1914 – يىلىدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا قازان ۋە ئوۋفالاردىن كەلگەن، كۆپىنچىسى زىيالىيلاردىن تەركىب تاپقان تاتارلار كۆزگە چېلىقاتتى. 1920 – يىلى خوتەن، يەركەند قاتارلىق جايلارنى قاپلىغان «ئىمان ۋە ئىرادىنى كۈچلەندۈرۈش»، «يېڭىچە ئىدارە قىلىش» دېگەن چاقىرىقلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ ئاچقان مەكتەپلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 10 ۋىلايىتىنىڭ سەككىزىنى قاپلىغانىدى. ئۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەربىرى ئىلىم – مەرىپەت بۆشۈكى بولۇپ قالغانىدى. 1946 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە ۋەتەننىڭ ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالغان تۇنجى تۈركىستانلىق دوكتور مەسئۇد سەبرى بايقۇزىي شىمالدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ، ئۇنى مۇساباي تۈركىيە (ئاستانە) گە ئىقتىساد ۋە ئىدارە قىلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. ئۇ ئاۋۋال ماگىستىرلىق ئاندىن 1913 – يىلى ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاندىن ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىقتىسادى ۋە باھائۇددىنباينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن مەكتەپ ئاچقان. ئوتتۇزىنچى يىللاردا ھىندىستانغا كېتىپ، 1945 – يىلى چىننىڭ ئىچى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېلىپ، 1946 – يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغان.
1931 – يىلى پارتىلىغان ۋە نەتىجىسىدە ھىجرىيە 1352 (م. 1933) – يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان ئىسلام ئىنقىلابى دەۋرىدە ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىدارە قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، تەلىم – تەربىيە قاتارلىقلارنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان مەمۇرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەزكۇر ئائىلە قۇرغان مەكتەپلەردە تەلىم ئالغان. ئەپسۇس! بۇ مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يوقىلاڭ باھانىلەر سەۋەبلىك چىنلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن. ئەمما، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى بىلىمنى قومۇرۇۋېتەلمىگەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، 1934 – يىلىدىن كېيىن چىنلىق ھۆكۈمدار شىڭ شېسەي دەۋرىدە قۇرۇلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياج چۈشكەن. بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ ۋاپات بولغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغىنىغا قارىماستىن، ئۇلار تەربىيەسىگە كۈچىگەن مىڭلىغان يۇلتۇزلار ھېلىھەم ئۆز نۇرىنى چېچىپ كېلىۋاتماقتا. ئۇلار ھازىر يېتۈك مويسىپىتلاردىن بولۇپ قالدى. مەسىلەن: پەزىلەتلىك ئەدىب ئەھمەد زىيائىي، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، يەئقۇب ھاجى… قاتارلىقلار.
بۇ ئائىلىنىڭ ۋەزىپىسى خەلقنى پەقەت ئىقتىسادىي ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى جەھەتتىنلا يۈكسەلدۈرۈش ئەمەس ئىدى. ئۇلار كوممۇنىزم، تار مىللەتچىلىك قاتارلىق تېشى پار – پار، ئىچى كور – كور ئېقىملارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۇ مىللەتنىڭ پىكرىي يۆنىلىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغۇچىلار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار بۇ ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كوممۇنىزمنىڭ خەتەرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقىمۇ كۈچىگەن. ئىجتىمائىي ئادالەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىشسىزلارنى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ روھىنى يېيىش ۋە ئەدەب – ئەخلاقىغا چىڭ ئېسىلىش قاتارلىقلار ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. مەسجىد ۋە مەكتەپلەرنى سالغان، بىر قىسىم پەزىلەتلىك، تەقۋادار ئىلىم ساھىبلىرىنىڭ قەبرىگاھىنى تۈزەشتۈرگەن. بۇ ئائىلە قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، يەركەند، چۆچەك، تۇرپان قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدە «دارىلمۇئەللىمىن» نامىدا يەتتە مەكتەپ قۇرغان. بۇلار ئۆزىنىڭ غايەت زور ئىلمىي رولىنى ھېلىھەم ئۆتەپ كەلمەكتە(2).
1900 – يىلىدىن 1937 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندا زامانىۋى مەتبەئە ماشىنىسى بار بولغان بولۇپ، نۇرغۇن كىتابلار بېسىلغان. قولىمىزدا بۇنىڭ بىر قىسىم ئۆرنەكلىرى بار. بەزىلەر بۇ مەتبەئە ماشىنىلىرىنى مىسسىئونېرلار ھەيئىتىنىڭ 1877 – يىلىدىن كېيىن چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەئقۇببەگنىڭ دۆلىتى يىقىلغاندىن كېيىنكى گەپ. ئەمما، بۇ مەتبەئە ماشىنىلىرى شۇ ۋاقىتتىكى ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشى، نازارىتى ئاستىدا ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئائىلىنىڭ ئۇ مەتبەئە ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشكە كۈچى يېتەتتى. 1914 – يىلى مىسسىئونېرلارنىڭ ھەرىكتى يىمىرىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇ مەتبەئە ماشىنىلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشى تەسكە توختايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئۇلار بۇ مەتبەئە ماشىنىسىنى بۇ ئائىلىگە قالدۇرۇپ كەتكەن ياكى سېتىپ بەرگەن. قەشقەردە ھۈسەينخان تەجەللىينىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى مۇشۇ مەتبەئە ماشىنىسىدا بېسىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي كىتابى بولغان «بەرقۇ تەجەللىي سەبقۇ مۇجەللىي» قەشقەر شەھىرىدىكى «نۇرى مەتبەئەسى»دە بېسىلغان. بۇ ھىجرىيە 1317، 21 – زۇلقەئدە كۈنى ئىدى. بۇ كىتاب قولىمىزدا بار.
48 بەتلىك تۇنجى كىتاب (مۇئەللىفى ئېنىق ئەمەس) 1920 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە بېسىلغان. يەنە بىر كىتاب، يەنى بىئولوگىيە ھەققىدىكى ئوتتۇرا ھەجىملىك 252 بەتلىك، مۇئەللىفى ئېنىق ئەمەس، ئىنساندىن باشلاپ مىكروبقىچە بولغان بىئولوگىيىگە ئائىت 395 پارچە سۈرەت قىستۇرۇلغان بىرىنچى كىتاب 1936 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە بېسىلغان.
لېكىن، بۇ ئىلمىي گۈللىنىش 1939 – يىلىغىچىلا داۋاملىشالىغان. چۈنكى، 1934 – يىلىدىن 1944 – يىلىغىچە ۋەتىنىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان شىڭ شېسەي ناملىق خىتاي بۇ ئومۇمىيۇزلۈك ئىلمىي ئويغىنىشنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى توختىتىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال شۇ پېتى تا 1947 – يىلىغىچە داۋاملىشىدۇ. 1944 – يىلىدىن 1946 – يىلىغىچە بولغان ھەر خىل ۋەقەلەر سەۋەبلىك يەرلىك ھۆكۈمەت توختىماي ئالمىشىدۇ. 1949 – يىلىغا كەلگەندە بولسا كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي تاقىلىدۇ. 1949 – يىلى 10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە بۇرھان شەھىدى باشچىلىقىدىكى ماۋزېدوڭچىلارنىڭ قارشى ئېلىشى ئاستىدا، ماۋزېدوڭنىڭ زور قوشۇنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! باھائۇددىنباينىڭ تەرجىمەھالىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر ئاز ئارقىغا قايتىمىز.
قېرىندىشى ھۈسەينباي ئۇنىڭغا قېتىلىدۇ. مەككە مۇكەررەمەنىڭ شۈبەيكە مەھەللىسىدىكى زۇقاقۇل جەنائىزدا ئاۋات بىر رابات ئۇنىڭغا تەۋە ئىدى. ئۇلار ئىنتايىن پائالىيەتچان ۋە خەيرى – ئېھسانچى كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلغان خەيرى – ئېھسانلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى ئېيتىپ بولالمايمىز. ئۇ ئىككىسى 1911 – يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدە خانلىق مەدرىسەسىنى مەدرىسەنىڭ ئۆتمۈشى ۋە نامىغا لايىق شەكىلدە رېمونت قىلدۇرغان. بۇ پۈتۈن بۇخارا مەدرىسەلىرىدىن قالسىلا شەرقتىكى ئىسلامىي رايونلارنىڭ ئەڭ كاتتا دىنىي مەكتىپى ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئىنتايىن قەدىمىي بولغان «ۋاڭلىق مەدرىسە» دەپ يەنە بىر مەدرىسە بار ئىدى. بۇ ئىككى قېرىنداش بۇ مەدرىسەنى زامانغا لايىق رەۋشتە رېمۇنىت قىلدۇرۇپ «دارىلمۇئەللىمىن» قىلغان ئىدى. بۇ مەدرىسەلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىكى يۈزلىگەن مەكتەپ – مەدرىسەلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىككى مەدرىسە، خالاس. بۇ مەدرىسەلەر بۇندىن 4 ئەسىر بۇرۇن يەنى ھىجرىيە 920 – يىلىدىن 1090 – (م. 1514 – 1679) يىلىغىچە جەمئىي 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرلىرىدە بەرپا قىلىنغان ئىدى.
بۇ ئېسىل ئىككى قېرىنداشنىڭ تۇغۇلۇشى مىلادىيە 1844 – 1852 – يىللىرى ئارىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى بىر، ئۈمىد – ئارزۇلىرى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيگەن ئىدى. ئىككىسى بىرلىكتە ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى. ئۇ ئىشلارنى زېمىننىڭ قوينىغا، كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىگە، تارىخنىڭ سەھىپىلىرىگە مۇستەھكەملىۋەتكەنىدى. شۇڭا، پەقەت ئازغىنە ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا تارىخنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىغا كۆمۈلۈپ قالمىدى.
بۇ ئىككى قېرىنداش 1926 – ۋە 1928 – يىللىرى كۆڭۈللىرى راھەت، ۋىجدانلىرى ئارام تاپقان، ئاللاھنىڭ جەننىتىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا ۋاپات بولغان. ئۇلارنىڭ يۈز – ئابرويلۇق ۋە ئۇقۇمۇشلۇق ھەقەمسايىلىرى نۇرغۇن قىيىن – قىستاقلارغا، ئازابلاشلارغا، قاماپ قويۇشلارغا ھەتتا قەتلى قىلىنىشقا دۇچار بولدى. بۇ مۇبارەك ئائىلىنىڭ ئەۋلادى بولغان سابىر ئەپەندىمنىڭ سەئۇدىدا بىر ئۆيى بار.
قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى سابىر مۇھەممەد زوھۇرىددىن ئەپەندى مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، باھائۇددىنباينىڭ قىزىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد باي ۋە بوۋىسى زوھۇرىددىن باي ئېسىل كىشىلەر بولۇپ، زوھۇرىددىن ئائىلىسى 1929 – يىلىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ، بىر شۇملۇقنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. سابىر مۇھەممەد باھائۇددىنباينىڭ نەۋرىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىپ ئانىسى بىلەن بىللە 1930 – يىلى ۋەتەندىن ئايرىلغان. سابىر مۇھەممەد زوھۇرىددىن ئەپەندى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە مەككە مۇكەررەمەدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ ۋە شۇ جايدىكى ئېسىل بىر ئائىلىنىڭ قىزى بىلەن تۇرمۇش قۇردى. ھازىر تىنچ – ئاسايىشچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ۋە بىزلەرنى بۇ مۇبارەك جايدا ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمەدە: بىلىميار
—————–
1. بۇ كىتاب ھازىرقى تۈرك يېزىقىدا، «ESİR DOĞU TÜRKİSTAN İÇİN» دېگەن نامدا نەشر قىلىنغان. مەزكۇر بايانلار كىتابنىڭ 116 – 177 – بەتلىرىدە كەلگەن.
2. مۇئەللىف ئۆزىنىڭ زامانىغا قارىتا ئېيتىۋاتىدۇ _ ت.