ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد مۇسا ئىبنى غائىب نەزەر ئەندىجانىي مەككىي بولۇپ، «مۇسا تۈركىستانىي» دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇردۇر. ئۇ ئىلىم ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە مەشھۇر بولغاندەك، مەككەدە مىلىچ – مال تىجارىتى ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان مەككەنىڭ يۈز – ئابرويلۇق كىشىلىرىدىندۇر.
ئۇ 1904 – يىلى غەربىي تۈركىستانغا جايلاشقان پەرغانە ۋىلايىتىنىڭ ئەندىجان شەھرىدە دىندار، ئەخلاق – پەزىلەتلىك ئېسىل ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپنى كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا ۋەتىنى ئەندىجان شەھرىدە ئوقۇيدۇ. ئەندىجاننىڭ قەدىمىي مەدرىسەلىرىدە باشلانغۇچ دىنىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، كىنمازىيە مەدرىسەەسىگە كىرىپ ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1919 – يىلى شۇ مەدرىسەنىڭ ئالىي دىپلومىغا ئېرىشىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىستان تارىخىدىكى مۇشەققەتلىك شۇ يىللارنىڭ ئىمكانىيەت، شارائىتلىرىغا يارىشا گېزىت – ژۇرنال ۋە دىنىي نەشرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا كوممۇنىست بولشىۋېكلىرىنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى توققۇز يىل ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى قەھەتچىلىك يىللىرىدەك مۇشەققەتلىك توققۇز يىل، كاشكى بۇ توققۇز يىلنىڭ ئىككى يىلى مول ھوسۇل يىلى بولغان بولسىچۇ!
كېيىن ئۇ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلاپ، تۈركىستانغا قوشنا بولغان ئافغانىستانغا سەپەر قىلىپ، فارس تىلى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە فارس ئەدەبىياتى، پارىسچە سۆزلىشىش قاتارلىق فارس تىلى ئىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلەيدۇ. ئۇ 1930 – يىلنىڭ ئاخىرى قەشقەردە ئىدى. بۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئىنقىلابى پارتلاشنىڭ سەل ئالدىدىكى مەزگىل بولۇپ، ئۇ ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن ئىنقىلاپقا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ھال تىلى لەنەتكە مەھكۇم موسكىۋا ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىدىن قېچىپ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا: ﴿ئې پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۇلار ئۈندېگەن نەرسىدىن كۆرە زىندان سۆيۈملۈكتۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى مەندىن دەپئى قىلمىساڭ، (ئىنسانچىلىقتا) ئۇلارغا مايىل بولۇپ قالىمەن، نادانلاردىن بولۇپ قالىمەن﴾(12/«يۈسۈف»: 33) دەۋاتاتتى.
﴿پەرۋەردىگارى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى ئۇنىڭدىن دەپئى قىلدى. ئاللاھ (ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى) ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(12/«يۈسۈف»: 34).
ئۇ قەشقەر شەھرىدىكى «قىزىل ھىلال ئاي خەيرىيەت جەمئىيتى»نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. كېيىنچە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى»نىڭ مائارىپ مىنىستىرىنىڭ ۋەكىلى ۋە باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. كېيىن يەنە مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىناسى يىقىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋەتەن سىرتىغا سەپەر قىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە، بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ، 1934 – يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزاق تۇرماستىن كەشمىردىن ئافغانىستانغا ئۆتۈپ، ئافغانىستاندا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق تۇرغاندىن كېيىن ھىجازغا ھىجرەت قىلىدۇ. ھىجازغا بارغاندىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ يىڭى ھەرەم بىناسى سېلىنىشتىن بۇرۇنقى «مەسئا» كوچىسىدا دۇكانلىرى ۋە مال ئىسكىلاتلىرى بار ئىدى. ئۇ تىجارەت بىلەن بىرگە يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرى، تۈركىيە ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نەشرىياتلار بىلەن بېۋاستە ئالاقىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە كەڭ دائىرىلىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچ تاماملىغان ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە سالمىقى زور ئەسەرلىرىنىڭ سانى بەشكە يېتىدۇ. ئۇلار:
«التعليم والتربية / تەلىم – تەربىيە»، «الماسونية في العالم / دۇنيا ماسونلىرى»(1).
«خمسة مسائل / بەش مەسىلە »، «تۈركىستان پاجىئەسى» 1 – ۋە 2 – توم قاتارلىقلاردۇر.
مۇسا تۈركىستانى ئىككى قىسىملىق بۇ كىتابىدا يىلتىزداش، نەسەبداش، ئۆرپ – ئادىتى بىر قەۋمدىن تەركىب تاپقان غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، قەدىمدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەتلىرى، ھىمالايا تېغىنىڭ غەربىدىكى ئېگىز چوققىلاردا، تۈركىستان زىمىنىنىڭ ھەرقايسى تۈزلەڭلىكلىرىدە، سەيھۇن (سىر)، جەيھۇن )ئامۇ) قاتارلىق ئەزىم دەريا – ئېقىنلىرىنىڭ بويلىرىدا، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدە، تارىم ئويمانلىقى، تەكلىماكان، گوبى چۆللۈكلىرىدە، كاسپىي دېڭىزى، ئارال دېڭىزى، باغراش كۆلى، ئىسسىق كۆل، ئارقا كۆل قاتارلىق كۆللىرىنىڭ بويلىرىدا قۇرۇلغان ئېمپېرىيە، خانلىقلار، بۇ شەھەرلەرنىڭ بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش تۈپەيلى تارتقان ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بېرى رۇس ۋە خىتاي زالىملىرىنىڭ قوللىرىدا ئاقتۇرغان شەھىدلىرىنىڭ قانلىرى، ئەسىرلەردىن بېرى ۋەتەن قوغداش يولىدا بېرىپ كەلگەن قۇربانلىقلىرى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا تەقدىم قىلغان ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتىكى خىزمەتلىرى، يېتىشتۈرگەن ئالىم ۋە بۈيۈك شەخسلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىدۇ. مانا بىز ھازىر شۇ ئۇلۇغ ۋەتەن يېتىشتۈرگەن يېقىنقى زامان ئالىملىرىنىڭ تەرجىمەھاللىرىنى سۆزلەپ تۇرۇپتىمىز.
ئۇستاز مۇسا تۈركىستانى ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن ئۈچ كىتابنى تەرجىمە قىلىدۇ. ئۇلار:
1. «سودا – سېتىق ھۆكۈملىرى». ئۇستاز بۇ كىتابنى ئەللامە موللا ئەلىي قارىينىڭ «شرح النقاية» دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلغان.
2. «زۆرۈر ئەقىدە مەسىلىلىرى» بۇ ئۇستاز مۇنەۋۋەر قارىينىڭ «الحوائج الدينية في العقيدة» ناملىق كىتابىنىڭ تەرجىمەسىدۇر.
3. سوفىي ئاللاھيارنىڭ «ثبات العاجزين» ناملىق كىتابى.
ئۇ يەنە تۈركىستان تىلىدا «ئەندەلۇس ساياھىتى»، «ئەدىب سوفى ئاللاھيارنىڭ ۋەسىيەتلىرى»، «زەمزەم تارىخى» قاتارلىق ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. «دۇنيا ماسونلىرى» ۋە «ئەندەلۇس ساياھىتى» دېگەن ئىككى كىتابىدىن باشقىلىرى نەشر قىلىنىپ بولدى، دەپ ئويلايمەن. بەلكىم بۇ ئىككى كىتابمۇ نەشر قىلىنىۋاتقان ياكى نەشر قىلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ بۇ كىتابلارنىمۇ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىلى نېسىب قىلغاي.
بۇ پەزىلەتلىك ئۇستاز ئەۋلادلىرىنى مال – دۇنيا ۋە تىجارەت بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن بۇرۇن، ئىلىم ۋە ئىمان بىلەن قوراللاندۇرۇپ ياخشى تەربىيەلەپ بولغاندىن كېيىن، 1969 – يىلىدىن باشلاپ بارلىق تىجارەت ئىشلىرىنى ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە تىجارەت ساھەسىنى تەرك ئېتىپ ئىبادەت، يېزىقچىلىق، تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن خىلۋەت تونىنى كىيىدۇ.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن مۇسا مەشھۇر تىجارەتچى بولۇپ، «شەرق» شىركىتىنىڭ دىرىكتورى، «SHARP» شىركىتىنىڭ سابىق ۋەكالەتچىسى ئىدى.
ئۇستاز مۇسا تۈركىستانىينىڭ زىيارەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان، ئاۋات ئۆيى مەسفەلە مەھەللىسى ھەرسانىي كوچىسىدىكى شەيخ ھامىد ھەرسانىينىڭ بىناسىنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان ئىدى.
ئۇستاز خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ ھەسسە قوشقان بولۇپ، تائىف شەھرىدە ئۆزىنىڭ خالىس مال – مۈلكىنى سەرپ قىلىپ بىر مەسجىد ۋە بىر بويتاقلار ساناتورىيىسى بىنا قىلغان. شۇنداقلا 1969 – يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىگە يۇرت قىلىپ تاللىغان مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىمۇ بىر مەسجىد ۋە بىر ساناتورىيە بىنا قىلغان.
ئۇستازنىڭ مۇبارەك ئۆمرىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، بالىلىقىدىن باشلاپ ئون بەش يىلنى ئوقۇشتا، ئون بەش يىلنى مۇبارەك ۋەتىنى تۈركىستاننى قوغداش ئۈچۈن ئىسلامىي كۈرەش ۋە جىھادتا، ئۈچ يىلنى 1937 – يىلى ھىجاز زېمىنىغا يەرلەشكەنگە قەدەر شەھەردىن شەھەرگە كۆچۈپ، سەپەر قىلىشتا ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ يېشى بۇ ۋاقىتتا ئوتتۇز ئۈچكە يەتكەن ئىدى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىرىق يەتتە يىل ياشىدى، بۇ قىرىق يەتتە يىلنىڭ ئوتتۇز ئىككى يىلىنى تىجارەتتە، ئاخىرقى ئون بەش يىلنى بولسا يېزىقچىلىق، تەرجىمە، مۇلاھىزە، تەپەككۇر ۋە مۇقەددەس شەھەر مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى مۇبارەك ئۆيى بىلەن ئۇلۇغ پەيغەمبەر مەسجىدىدە سەرۋەرى كائىنات، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولۇپ تائەت – ئىبادەتتە ئۆتكۈزدى.
ماڭا ئۇستاز ھاياتىنى زامان ئۈستىلىگە قويۇپ پانىي ھايات ۋە باقىي ھايات دەپ ئىككىگە بۆلگەندەك بىلىنىدۇ. ئۇ ھاياتىنى ماتېماتىكىلىق ھېساب بويىچە تەڭ قىلىپ بەش قىسىمغا بۆلگەندەك، بىرىنچى قىسمىنى بالىلىقى، ئۆسۈپ – يىتىلىشى ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۈچۈن، ئىككىنچى قىسمىنى خىلمۇخىل مەيدانلاردا كۈرەش ۋە جىھاد قىلىش ئۈچۈن، ئىككى قىسمىنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ۋە ھاياتىنى قامداش ئۈچۈن، بىر قىسمىنى ئىلمىي ۋە ئەدەبىي خىزمەت، ئاخىرەت ھاياتى، ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، ئۆزىنى ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا تەييارلاش ئۈچۈن تەقسىم قىلغاندەك بىلىنىدۇ. ئېشىپ قالغان ئۈچ يىلنى ماتېماتىكىلىق كەسىر سان دەپ قارىساق بولىدۇ.
ئۇ بۇ ئۈچ يىلنى بىر – بىرىگە قارشى، ئۆزئارا دۈشمەن بەش دۆلەت ئارىسىدىكى تىكەنلىك، ئەگرى – بۈگرى، مۇشەققەتلىك يوللاردا چۆل – سەھرا، ۋادىلارنى كېزىپ، ئاسمانغا تاقاشقان تاغ چوققىلىرىدىن ئېشىپ، ھەيۋەتلىك شارقىراتما، ھەممە نەرسىنى چالا قويماي ئېقىتىپ ماڭىدىغان سەل – كەلكۈنلەردىن كېچىپ، – شۇ قىيىن كۈنلەردە ئۇ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان ۋەھشىي دۈشمەنلەرنى دېمەي تۇرايلى، ۋەھشىي، يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارىسىدا يۈرۈپ ئۆتكۈزدى.
ئۇنىڭ ئالتە ئوغۇل، ئۈچ قىز جەمئىي توققۇز بالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن نەمۇنىلىك، مۇنەۋۋەر، زامان يېگانىسى، ھۆرمەتلىك دادىسىنىڭ سايىسىدا، ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە دادىسىنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتى بىلەن راھەت – پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلمەكتە. ئاللاھ ئۆز رەھمىتى ۋە ئىنايىتى بىلەن ئۇلارنى بۇ مۇقەددەس دىيارلاردا خاھلىغانچە، بەھۇزۇر ياشاشقا نېسىپ قىلدى. ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
ئىي ئاللاھ، ئەمەللىرىمزنىڭ ئاخىرىنى ياخشى ئەمەللەر بىلەن تاماملاشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۆمۈرلىرىمىزگە بەرىكەت بەرگىن ۋە ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ تائەت – ئىبادىتىدە، ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە نېسىپ قىلغىن، ئاخىرىتىمىزنى دۇنيا ھاياتىمىزدىن ياخشى قىلغىن، گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، يامانلىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، بىزنى ياخشىلار قاتارىدا ۋاپات تاپقۇزغىن… سەن سېخى، مەرھەمەتلىك زاتتۇرسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، ئىي مەرھەمەتلىك رەببىمىز، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن. ﴿دۇئايىمىزنىڭ ئاخىرى: جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر!﴾(10/«يۇنۇس»: 10) دېيىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇستاز مۇسا تۈركىستانىي ھىجرىيە 1407 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 28 – كۈنى (م. 1986، 30 – ئۆكتەبىر) جۈمە كۈنى كېچىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە نائىل بولدى ۋە شۇ كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن زور كۆپ سانلىق جامائەت بىلەن نامىزى ئۇقۇلۇپ، پاك جىسمى «بەقىيئ» قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.
ئې ئاللاھ! ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن، ئاخىرەتتىكى جايىنى ئېسىل قىلغىن، گۇناھلىرىنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈرلەر بىلەن يۇغىن، ئىي ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئۇنى ئەپۇ قىلغىن، ئىي ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمەدە : مۇرشىد
^1]: ئۇستاز مەنسۇر ئىبنى ئابدۇلباقى ئەلبۇخارىي ئەلئەندىجانىينىڭ «علماء ما وراء النهر المهاجرين لبلاد الحرمين» ناملىق كىتابىدا مۇسا تۈركىستانىينىڭ بۇ كىتابىنىڭ ئىسمى «دۇنيا مىسسىيۇنىرلىرى» دېيىلگەن، ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم تۈركىستانىي بولسا «الإعلام»دا ئىككى يەردە «الماسونية في العالم» دەپ يازغان.- ت.