ئىقتىدارلىق تەربىيەچى، فەقىھ، ئەدىب، تىلشۇناس مەۋلەۋىي ئەمىن ئىبنى ئابدۇلھەي ئىبنى ئابدۇلھەق كاشغەرىي

ئىقتىدارلىق تەربىيەچى، فەقىھ، ئەدىب، تىلشۇناس مەۋلەۋىي ئەمىن ئىبنى ئابدۇلھەي ئىبنى ئابدۇلھەق كاشغەرىي

(ھ. 1380 – 1311/ م. 1893 – 1960)

 

بۈيۈك تىلشۇناس، ئەدىب، فەقىھ مۇھەممەد ئەمىن ئىبنى ئابدۇلھەي ئىبنى ئابدۇلھەق قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىلىم، ئەدەب – ئەخلاق، ئىقتىساد، تۇرالغۇ قاتارلىق ساھەلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ناھىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتۇشقا قاراشلىق «كاتتايلاق» تا 1893 – يىلى باشقىلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىپ جان باقىدىغان كەمبەغەل ئىشلەمچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى بەزىدە ئازراق ئېشىنىپ يەنە بەزىدە قەرزدار بولۇپ غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرەتتى. شۇنداق، جاھان ھەمىشە بىر خىللا داۋاملاشمايدۇ، پەقەت رەببىمىزلا داۋاملىق بىر ھالەتتىدۇر.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا شۇ ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا بۇ ئائىلىگە تېگىشلىك ئورۇنغا ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق يۈز – ئابرۇيغا ئىگە قىلغۇدەك مول رىزىق ئاتا قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەيخىمىز مەھەللە ئىمامىنىڭ قولىدا ساۋادىنى چىقاردى. كېيىن «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئالدى، گىرامماتىكا، مورفولوگىيە، فىقھ قاتارلىق پەنلەرنى ئاتۇشتىكى فىقھشۇناس، ھەدىسشۇناس ئالىملار قولىدا ئوقۇغان. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆزىدە ئىلىمگە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان بۇ يىگىت شەيخ موللا ئىسلام داموللام، باھائۇددىن مەخسۇم، شەھىد ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇلۋارس داموللام، ئەللامە مەھمۇد داموللام قاتارلىق شۇ دەۋردىكى كاتتا ئالىملارنىڭ قولىدا ئىلىمغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئىستىكىدە قەشقەر شەھىرىگە قاراپ يول ئالىدۇ. كېيىن ھىندىستانغا بېرىپ «دىيۇۋبەند»، «لاكنىھۇ»، «مۇبارەكفور» قاتارلىق ئىلىم بۇلاقلىرىدا چوڭقۇرلاپ ئوقۇيدۇ. ئۇ ھىندىستاندا ئاساسلىقى «ھەدىس ئىلىمى»، «ھەدىس رىۋايەت قىلىش يوللىرى»، «ھەدىس پىرىنسىپلىرى ‹ئۇسۇلۇل ھەدىس›»، «ئەدەبىيات»، «ئەرەب تىلشۇناسلىقى»، «ھېساب»، «ئالگېبرا»، «ئىسلام تارىخى» قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشتە بولغان. بۇ 1924 ~ 1930 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىتلار ئىدى. بۇنى بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئاڭلىغان ئىدۇق. بەزىلەر ئۇنى ھىندىستاندىن 1938 – يىلى قايتىپ كەلگەن ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەرخىللىقى، يۇقىرى ئىلمىي تالانتى بىلەن مەشھۇر بولغان ئالىملاردىن تەركىب تاپقانلىقى، ھەر قانداق ئوقۇغۇچى ئۆزى خاھلىغان، قىزىققان پەنلەر بويىچە تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان «خانلىق مەدرىسە»گە ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەن دەيدۇ. بۇ مەدرىسە توغرىسىدا، ئاللاھ خاھلىسا، مەدەنىي يادىكارلىقلار، ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئىسىم – ئاتاقلىرى توغرىسىدا سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا تەپسىلىي توختىلىمىز.

مەزكۇر شەيخ مېنىڭ نەزەرىمدە ئەڭ كاتتا ئۇستازلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەن قولىدا ئەڭ ئۇزۇن ئوقۇغان ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئىلىم – مەرىپەتكىلا ئاتالغان بولۇپ، دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھېچبىرىگە قىزىقمايتتى. ئۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللىرىدە مەدرىسەدىن بىردەممۇ ئايرىلمىغان. ئۇ «ئىلىم قورغىنى»دىن ئىزچىل ئايرىلمىغان بىردىنبىر ئوقۇتقۇچى ئىدى. بۇ ئۇنىڭ بەزى خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىللە ئارىلىشىپ يۈرسە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن ئەيمەنمەس بولۇپ قالىدىكەن. بىراق، شەيخنىڭ قارىشىدا ئىش دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. ئۇ مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچرىغان مەسىلىلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەر تېپىشى، ئۇلارغا توغرا ئۇسۇل بىلەن ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشىپ بېرىشى كېرەك، دەپ قارايتتى.

مەن بۇ ئۇستازىمنىڭ مەكتەپتە ھېچ كىشىنىڭ يېنىدا كۆرۈپ باقمىغان كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيىدە، مەكتەپتە داۋاملىق بىللە يۈرۈيدىغانلىقىم ۋە دادىسىدىن ئايرىلمايدىغان ۋاپادار ئوغلى ئابدۇلھەي مەخسۇم بىلەن ساۋاقداش ئىكەنلىكىمگە قارىماستىن ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى ۋە ئوقۇغان كىتابلىرىنى سۈپەتلەپ بېرەلمەيمەن. ئابدۇلھەي ئەپەندىم ئۆز يۇرتىدا ئۇزۇن مەزگىل ئاممىۋىي مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. چۈنكى، ئۇ «يېڭى دەۋر مەكتەپلىرى»نى پۈتتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن باشقا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دىنىي ۋە پىكرىي چۈشەنچىدە روشەن پەرق بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتا تۈركىستاندىكى مەكتەپلەر ئوقۇتۇش پىروگراممىسى ۋە خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئىككى خىل ئىدى. بىرىنچىسى، «مەدرىسە» دەپ ئاتىلىدىغان ئەنئەنىۋىي مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا شەرىئەت پەنلىرى ۋە ئۇنىڭ پىروگراممىلىرى ئاساسلىق دەرسلىك قىلىناتتى. شۇ ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى مەكتەپلەردە دىن، ئەرەب تىلى، ئەرەب ئەدەبىياتى، ئىلاھىيەت (ئۇسۇلۇددىن) ۋە تەفسىر، ھەدىس، فىقھ، ئىستىلىستىكا، لوگىكا قاتارلىق پەنلەر ۋە تۈرلەر دەرسلىك قىلىناتتى. ئىككىنچى خىلدىكىلىرى بولسا «مەكتەپ» دەپ ئاتىلىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلىم – پەن بىلىملىرى دەرسلىك قىلىناتتى. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر «يېڭى دەۋر مەكتەپلىرى» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرگە كىرگەنلەر تەرەققىي قىلغان ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئىلگىرلەپ كەتكەن دۆلەتلەردە ئوقۇتۇلىدىغان زامانىۋى پەنلەردىن خىلى مۇكەممەل دېگۈدەك ھاسىلاتلارغا ئېرىشىپ چىقاتتى. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئەركىن – ئازادە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۆز قىزىقىشلىرىنى قاندۇرۇشىغا كېتەرلىك بارلىق ئەسلىھەلىرى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ئىدى. مەكتەپنىڭ ئەتراپلىرىدا مەسجىدلەر بولۇپ، نامازخانلار چوڭ ئالىملارنىڭ لېكسىيەلىرىگە خاھلىغانچە قاتنىشىپ مەنپەئەت ئالالايتتى. بىز داۋاملىق دېگۈدەك شەيخىمىزنىڭ سورۇنىنىڭ پاكىزە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەيتتۇق. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەنجۈمەنى ۋە لېكسىيەلىرى ئەتىگەندىن تاكى يېرىم كىچىلەرگىچە داۋام قىلاتتى.

بۈيۈك ئەللامە، مۇفتىي، شەيخ شەمسىددىن داموللام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى شەيخىمنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن ئىدى. شەيخ ئۇنىڭ يېنىغا ھەپتىدە بىر قېتىم بېرىپ بىر كېچە قونۇپ كېلەتتى. باشقا ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش، تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزەتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە ھەر پەيشەنبە كۈنىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالدىنقى بىر ھەپتىلىك ئۆگىنىشلىرىدىن سىناق ئالىدىغان كۈن قىلىپ بەلگىلىگەن. ئۇ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يۇرتى «كاتتايلاق»قا باراتتى. ئوقۇش ۋاقتى يېتىپ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كېلەتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرى باشلىنىشى بىلەن يۇرتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى، ئۈممەتنىڭ ئىشلىرى، ھۆكۈمەت ئالمىشىش ۋە ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنى ئارامىدا قويمىدى، ھۆكۈمدارلار ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەر ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار، باشقىلارنىڭ ئۇ يەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىگىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشى، سۇغۇرۇش، ئىچىملىك سۇ، ئېرىق – ئۆستەڭگە تەۋە دەۋا – دەستۇرلار، دۆلەتكە ئائىت ھوقۇقلارغا مۇناسىۋەتلىك نىزالار قاتارلىقلارغا ئوخشىغان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقىشقا مەجبۇرلىدى. بۇ ئىشلار ئۇنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بېغىشلىۋەتكەن ئاساسلىق كەسىپلىرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويدى.

ھۆكۈمەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت تەشكىللەپ دەۋا – دەستۇرلارنى، تۈرلۈك نىزالارنى ھەل قىلماقچى بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەيئەت ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك بەگ ۋە ئاقساقاللار ئارىسىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ھەيئەت بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پەقەت يۇقىرى قاتلامدىكى ئىچكى ئىشلاردىن خەۋەردار زاتلارلا بىلەتتى. مۆھتەرەم شەيخ بۇ ۋەزىپىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ دىنىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئۈستىگە ئالاتتى. ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشتا قىلچە بىپەرۋالىق ۋە بوشاڭلىق قىلمايتتى, نام – ئاتاق قوغلاشمايتتى. ئاللاھ تائالا مەرھۇم شەيخكە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگەي ۋە جەننەتنى نېسىپ ئەيلىگەي!

مەن 1949 – يىلى پەدەر بۈزرۈكۋار بىلەن ھىجازغا سەپەر قىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن قىزغىن خوشلاشقان ئىدىم. مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن دەپ قارايمەن. 1957 – يىلى شەيخ ھەجگە كەلگەن ۋە كوممۇنىستىك جۇڭگودىن كەلگەن ھەج ئۆمىكى بىلەن بىللە ھەج قىلغان. مەن ئۇنىڭ بىلەن مىنادا تەشرىق كۈنلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنى «كەئك مېھمانخانىسى» چېدىرىدا كېچىدە كۆرۈشكەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا سالام قىلىپ قوللىرىغا سۆيگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا ئىلىم سەپىرىمنى ھەر قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر توختىتىپ قويماسلىقنى جېكىلىگەن ئىدى. مەن تاكى بامداتقا ئەزان چىققىچە بولغان تەخمىنەن ئىككى سائەتتەك ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان ئىدىم. قايتىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن قايتىشقا ئىجازەت سورىۋىدىم، ئۇ، ئۆزىنى مەككە مۇكەررەمەدە يەنە يوقلاپ كېلىشمنى تاپىلاپ ئىجازەت بەردى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئاددىي خانەمگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ ئىمكانىيەت بولسا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەجدىن كېيىن ئۇنى مېھمانخانىغا يەنە ئىككى قېتىم يوقلاپ باردىم. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆيۈمگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت بولمىدى. مەرھۇم شەيخ ھەجدىن قايتىپ ئىككى يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بەزىلەر ئۇنى قاماقتا ۋاپات بولغان دەيدۇ. ئەمما، توغرىسى ئۇ ئۆزىدىكى كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولغان. شەيخ 1960 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇم شەيخكە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگەي، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، ئۇنى ھېچقانداق غەم – قايغۇغا دۇچار بولمايدىغان شەھىدلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغاي!

(مۇئەللىفنىڭ ئىزاھاتى: ھىجرىيە 1401 (م. 1980) – يىلى تۈركىستان پۇقرالىرىغا ھەجگە بېرىشقا رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن، ھەجگە كەلگۈچىلەردىن ئېنىقلىشىمچە، مەزكۇر ئۇستازىم ھىجرىيە 1380 – يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولغان ئىكەن. شۇ چاغدا ئۇ ۋاقىتلىق نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنتۇق).

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ