شەيخ ئىمىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يېڭىسارى

(1306ھ ~ 1379ھ)

(1888م ~ 1959م)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئىمىن تۇرسۇن مۇھەممەد بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئەسلىدە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بالا ئىدى. ئۇستازلىرى ئۇنىڭ خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى تىرەنلىكى ۋە زەكىيلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگەتمەكچى بولۇپ شاگىرتلىرىنىڭ ئارىسىغا قوشىۋالغان. ئۇ شۇندىن باشلاپ ئۇستازىدىن ھەر قايسى پەنلەردىن ئاز-ئازدىن بىلىم ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەشتىكى قابىلىيىتى ۋە تالانتىنىڭ ئادەتتىكىچە ئەمەسلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇستازىدىن قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇش ھەققىدە ئىجازەت سورىغان. ئۇ قەشقەرگە كېلىپ تېرىشىپ ئوقۇپ بىلىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھىجرىيە 1333-يىلى (مىلادى 1915-يىلى) كېرەكلىك «ئىجازە» لەرگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كىندىكى قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتى يېڭىسارغا قايتىپ كەلگەن.

ئۇ ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىلىم-مەرىپەت بۇلاقلىرىنىڭ زىلال سۇلىرىدىن قاندۇرۇپ ئىچۈرۈش، ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇتۇش ئىدى. ئۇنىڭ ئىلىم بۇلىقىغا كەلگەن ھەر قانداق كىشىگە ئۇنىڭ مەرھەمىتى ۋە رەھىم-شەپقىتىدىن تولۇق نېسىۋە بار ئىدى. چۈنكى، شەيخ ئىمىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىلىم ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل ئەجىر قىلغان ئىدى. بەزىلەر ئۇنى قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قەدەر مۇپەسسەل يېزىلغان تەپسىرىنى دەرسلىك قىلىپ ئون نەچچە قېتىم تۈگەتكەن، شۇنىڭدەك، ئالتە ھەدىس توپلاملىرىنى ۋە ئۇندىن باشقا مۆتىۋەر كىتابلارنى، تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات، مىراس قاتارلىقلارغا ئائىت كىتابلارنى، يەنە ھەنەفىي مەزھەپ فىقھى كىتابلىرىنى دەرسلىك قىلغان دەيدۇ.

ئۇ ھىجرىيە 1369-يىلى (مىلادى 1950-يىلى) يېڭىسارنىڭ شەرئى سوت مەھكىمىسى رەئىسىنىڭ ياردەمچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. 1379-يىلى (مىلادى 1959-يىلى) ۋاپات بولغان. 10 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى يېتەكچى سالاھىيىتىدە ئىلاھىي شەرىئەتكە خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلغان.

ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي، ئۇنىڭغا ئەڭ كاتتا ئەجىرلەرنى ئاتا قىلغاي!

 

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز