شەيخ ئامان قۇل داموللام

شەيخ ئامان قۇل داموللام

(ھ. 1317– 1373/ م. 1899 – 1953)

 

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئامان قۇل ئىبنى ئەھمەد قۇل بولۇپ، بۇنداق ئاتاش غەربىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ ئالىم قۇل، رەھمان قۇل دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتاش مەۋجۇت ئىدى.

شەيخ ئامان قۇل ھجرىيە 1317 – يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دەسلەپ كەلپىن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. كېيىن ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ئۇنى قەشقەر شەھىرىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ھىجرىيە 1343 – يىلى تەڭتۇشلىرىدىن يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن «ئىجازە»گە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۇستازلىرى قەشقەردىكى ھەر تەرەپتىن يېتىشكەن مەشھۇر ئالىملار ئىدى. بۇ ئالىملارنىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمھاللىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ بولدۇق، باشقىلىرىنى ئاللاھ خاھلىسا داۋاملىق بايان قىلىمىز.

شەيخ ئامان قۇل داموللام «ئىجازە»نى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەن.

ھىجرىيە 1373 – يىلى شەيخ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پەيتلىرىدە ۋاپات بولغان ۋە ئاقسۇ شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان.

جانابى ئاللاھ مەرھۇم شەيخكە رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ