ئەھمەد قازىئاخۇنۇم

ئەھمەد قازىئاخۇنۇم

(ھ. 1360 – 1325 / م. 1971– 1907)

 

شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد خۇدابەردى ئەلەمبەردى بولۇپ، 1907 – يىلى قەشقەر مەكىت ناھىيىسى غازكۆل يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، قوشۇمچە تىجارەتمۇ قىلاتتى.

شەيخنىڭ دادىسى خۇدابەردى ئۆز زامانىسىدىكى ئىلىم – پەزىلەت ئەھلى بولۇپ، ئۇ باشلانغۇچ ئىلىمنى دادىسىدىن ئالغان. ئاندىن ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى شەيخ پازىل ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان. كېيىنچە چوڭ دادىسى ئۇنى دادىسىدىن سوراپ ئېلىپ قەشقەر شەھرىگە كېلىپ، ئۇنى شۇ دەۋردە ھېيتگاھ مەدرىسەسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان ئابدۇغۇپۇر مەخدۇمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. شۇ چاغدا ئەھمەد 12 ياشتا ئىدى.

شەيخ ئەھمەد ئابدۇغۇپۇر مەخدۇم ۋە ئەدىب، تىلشۇناس شەيخ جامال ئاخۇن خەلپىتىمدە گرامماتىكا – مورفولوگىيە، ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى، فارىس تىلى ۋە فارىس ئەدەبىياتى، ھەدىس، تەفسىر، فىقھ ۋە ئۇسۇلفىقھ، مەنتىق، ئىلمى كالام، ئىلمى ئەرۇز (قاپىيەچىلىك)، ئىستىلىستىكا، ئالگېبرا ۋە باشقا ئىلىملەرنى ئىزچىل ئوقۇپ، ئوقۇشىنى تاماملىغان.

شەيخ ئەھمەد ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن خەۋەردار ئىدى. ئەدىب نىم شەھىد ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بولۇپ، ئۇلار قەشقەر خانلىق مەدرىسەنى بىللە پۈتتۈرگەن.

شەيخ ئەھمەد 1928 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەرئى مەھكىمەدە ئىشلىگەن. 1929 – يىلى ئۆزىنىڭ خۇراپى – بىدئەتچى ھەمساۋاقلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشىغا چىداپ بولالماي، مەھكىمەنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن قەشقەردىن ئايرىلىپ، يەركەندگە كېلىپ بىر مەدىرىسكە مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنىدۇ. (ئابدۇقادىر داموللام ۋە سابىت داموللاملار شەيخ ئەھمەدتىن كېيىن خانلىق مەدرىسەنى پۈتتۈرگەن.)

شەيخ ئەھمەد 1933 – يىلى ھەرقايسى شەھەر – يېزىلاردا يېڭىچە مەكتەپلەر قۇرۇلغىچە شۇ مەدرىسەدە ئۇستاز بولغان. ئاندىن تالىبلىرىنى يېڭىچە مەكتەپكە ئەۋەتىۋىتىپ، مەكىتكە قايتقان ۋە شۇ يەردىكى ئۇيغۇر مائارىپ – مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان.

1937 – يىلى شىڭ شى سەي ھۆكىمىتى ئۆلىما – ئالىملارنى، زىيالىيلارنى، بايلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىغاندا، خىزمىتىنى تاشلاپ، ئۆزىنى 2 – 3 يىل يوشۇرۇپ يۈرگەن. ئاندىن يۇرتى مەكىتكە قايتىپ كېلىپ، بىر قەدىمى مەدرىسەدە ئۇستاز بولۇپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش، يېزىقچىلىق، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.

1941 – يىلى 26 – يانۋار كۈنى شەيخ ئەھمەد شۇ مەدرىسەدە 34 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ئىككى توملۇق بىر ئەسەر قالدۇرغان بولۇپ، بىرىنچى تومى ئۆزىنىڭ 3800 مىسرالىق ئەدەب – ئەخلاق، پەلسەپە، جەمئىيەتشۇناسلىق تېما قىلىنغان شىئىر توپلىمى.

ئۇ يەنە ئەللامە مەھمۇد ئىبنى ئۆمەر زەمەخشەرىي (ھ. 467 – 538 / م. 1075 – 1144) نىڭ «نەۋابىغۇلكەلىم / نوابغ الكلم» ناملىق كىتابىنى شېئىرىي شەكىلدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

يەنە ئەللامە، ئەدىب مۇسلىھۇددىن سەئد شىرازىي (ھ. 606 – 690 / م. 1189 – 1292) نىڭ «گۈلىستان» ۋە «بوستان» ناملىق مەشھۇر ئەسىرنى شېئىرىي شەكىلدە ئۇيغۇرچىغا فارىس ئۇسلۇبى بىلەن تەرجىمە قىلغان.

ئۇنىڭ يەنە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىسلىرىدىن تاللانما» ناملىق ئەسەرى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەدىسلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ شەرھىلەنگەن.

ئۇ يەنە «ئەلقەۋائىدۇل ئەجۇررۇمىييە / القواعد الأجرومية» دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ھۆسنخەت ئۆگىتىش كىتابى بار ئىدى.

گەرچە بۇ قىممەتلىك كىتابلارنىڭ بىر قىسمى 1960 – يىللاردىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا يوقۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، قالغان قىسمى يەنىلا چاڭقىغان قەلبلەرنى سۇغۇرۇپ تۇرماقتا. ئاللاھ ھەقىقىي توغرا يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر.

 

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ