شەيخ ئەھمەد داموللام ئۈچتۇرپانىي

شەيخ ئەھمەد داموللام ئۈچتۇرپانىي

(ھ. 1296– 1373/ م. 1879 – 1953)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەد سامساق سەلىم بولۇپ، ھىجرىيە 1296 – يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئستىراتىگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، خۇددى بۇ رايوننىڭ قالقىنىغا ئوخشايتتى.

شەيخ دەسلەپتە ئاقسۇدا ئوقۇپ، ئاندىن قەشقەرگە كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھىجرىيە 1316 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، يۇرتىغا قايتىپ مۇدەررىسلىك قىلغان. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننەتلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغان فەقىھ كىشى بولۇپ، ھاياتى دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلمەيدىغان، ئىززەت – ھۆرمەتلىك، قەددى – قامەتلىك كېلىشكەن كىشى ئىدى.

كېيىنچە يۇرتىدا قازى – مۇفتىيلىق ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلىلىرى يېتىشىپ چىققان.

شەيخ ئەدەبىيات، مۇنازىرىچىلىك ۋە ئىلمى كالامغا پىششىق ئىدى. ئۇ ھەرخىل دىنىي ئىلىملەرنى، ئەرەب تىلى، فارس تىلى، ھەنەفىي فىقھىسى ۋە ئۇسۇلفىقھىنى تالىبلىرىغا دەرسلىك قىلىپ ئۆتەتتى.

شەيخ ئەھمەد داموللام ھىجرىيە 1373 – يىلى دىن – دىيانەت، ئىلىم – مەرىپەت، ئەدەب – ئەخلاق يولىدا يۇرتى ئۈچتۇرپاندا ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ