شەيخ ئەھمەد خاتىب ھاجىم ئارتۇشى

شەيخ ئەھمەد خاتىب ھاجىم ئارتۇشىي

(ھ. 1311– 1379/ م. 1893 – 1959)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەھمەدخان مۇھەممەد ئابدۇللاھ بولۇپ، ھىجرىيە 1311 – يىلى ئاتۇش مەشھەد يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ ئاۋۋال مەشھەد ۋە ئېكساقتا ئوقۇپ، ئاندىن قەشقەرگە كېلىپ شۇ يەردىكى ئۆلىمالاردا ئۇقۇپ، 1339 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەدرىسەسىگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن ۋە مەدرىسە مەسجىدىنىڭ ئىمامەتچىلىك ۋە خاتىبلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

شەيخ فىقھ بىلىملىرىگە پۇختا بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىنى چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلىشتا باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. ھەدىسلەرنى تەتقىق قىلىپ، كۈچلۈك – ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ، ھەدىستىن بولغان مەقسەتنى باشقىلارغا توغرا يورىتىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تالانتىغا ۋە بىلىمىگە باشقىلار يېتەلمەيتتى.

شەيخ 1349 – يىلى پەرز ھەجنى ئادا قىلغان.

1379 – يىلى ۋاپات بولغىچە مەشھەدتە مۇدەررىسلىك قىلغان ۋە مەشھەدتە دەپنە قىلىنغان.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ