شەيخۇلئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرىي

شەيخۇلئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرىي

(ھ. 1272– 1346/ م. 1855 – 1927)

شەيخ ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر قەشقەر شەھرىگە 13 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بەشكېرەم (بەش باغ دېگەن مەنىدە) يىزىسىدا قول ئىلكىدە نۇرغۇنلىغان تىرىلغۇيەر ۋە مىۋىلىك باغلىرى بار بىر باي ئائىلىنىڭ ئىگىسى ئىدى.

بۇ ئائىلە ئۆزىنىڭ مېھماندوسلىقى، سيخىيلىقى، يىتىم – يېسىر، غىرىب – مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن شۇ يۇرۇتتا ناھايىتى مەشھۇر ئىدى.

شەيخ ئوبۇلقاسىم ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلاپ، دەسلەپتە يىزىسىدىكى مەسجىدتە ئوقۇغان، كېيىن ئۆز زامانىسىدىكى بەزى ئىلىم ئەھلىلىرىدە ئوقۇپ، ئوقۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى قەشقەر شەھرىگە كۆچۈپ بىرىپ، شۇ يەردە تاماملاپ، قەشقەرنىڭ ئەخلاق – پەزىلەتلىك ئۆلىمالىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەيخ ئوبۇلقاسىم ئىلمىي قۇۋەت ۋە تەقۋادارلىقتا قەشقەردىكى ئۆلىما – ئۇستازلارنىڭ ئالدى بولۇپ قالغان.

ئۇنىڭ قەشقەردىكى ھويلىسى دائىم ئىلمىي مۇتالىئە، زىكرى – سۆھبەتلەر بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇراتتى.

ئۇ ھىجرىيە 1305 – يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن دەسلەپتە مۇدەررىسلىككە، ئاندىن قەشقەردىكى چوڭ بىر مەسجىدكە ئىمام – خاتىبلىككە تەيىنلەنگەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى ھىجرىيە 1310 – يىلى قازىلىققا تەيىنلىنىپ، 20 يىل قازىلىق ۋەزىپىسىنى جىدەل – ماجراسىز ئۆتىگەن.

1317 – يىلى مەھكىمە شەرئىينىڭ نائىب رەئىسلىكىگە، 1320 – يىلى قەشقەردىكى سەككىز تارماق مەھكىمە قاراشلىق باش مەھكىمەنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

بۇ باش مەھكىمەدە بىر مەھكىمە شەرئىي ۋە 47 يىزا – بازارنىڭ شەرئىي قازىلىرى بار ئىدى. بۇ قازىلار ھەپتىدە بىر كۈن يەرلىك مەھكىمەدە ئەرز – شىكايەت ئاڭلاپ ھەل قىلاتتى. بۇ ھال كۆپىنچە پەيشەنبە كۈنى كەچتىن ئەتىسى جۈمە نامىزىغىچە داۋام قىلاتتى.

شەيخ ئوبۇلقاسىم شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مۇتالىئە قىلىشقا ھېرىسمەن كىشى بولۇپ، ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتى ئىمام ئەبۇ يۈسۈفنىڭ پەتۋالىرىنى يادلايتتى. ھەردائىم تالىبلارنى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىناتى.

ئىلىم ئەھلىلىرىنى، بولۇپمۇ باشقا يۇرتتىن ئىلىم ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن تالىبلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ياتاق، تاماقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قولىدىن كېلىشچە يارىدەم قىلاتتى. ئۇلارنى پات – پات مېھمان قىلىپ تۇراتتى.

شەيخ ئوبۇلقاسىم ھەدىس، تەفسىر، ئۇسۇل، مىراس، فىقھ، ماتېماتىكا، ئەرەب تېبابىتىنى ئۈگەنگەندىن سىرت، ھىجرىيە 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراندىن قەشقەرگە كېلىپ ئولتىراقلىشىپ، قەشقەردىكى ھەرقايسى مەدرىسەلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان شەيخ زاھىد ئەردىلانىدىن ھۆسنخەت يېزىشنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆز دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان ھۆسنخەتلەرنى يازغان.

ھىجرىيە 1336 – يىلى شەيخ ئوبۇلقاسىم قەشقەرگە شەيخۇلئىسلام بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە 1346 – يىلى ۋاپات بولغۇچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. ۋاپات بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئۇنىڭ بىرقانچە ھۆرمەتكە سازاۋەر پەرزەنتلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇلار شۇ دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىما – ئەدىبلەر ھىسابلىناتتى.

ئۇلاردىن شەيخ ئابدۇقادىر مەخدۇم ھىجرىيە 1402 – يىلى ۋاپات بولغان.

يەنە زىيائۇددىن مەخدۇم كېيىنكى دەۋرلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ ئۇرۇنلىشىپ، تائىف شەھرىدە ياشىغان. بۇ كىشىنىڭ يېشى 80 دىن ئاشقان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى، دادىسىدىن ئۈگەنگەن تېبابەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تېتىك، روھلۇق ياشىغان. ئۇ تېخى دادىسىدىن خەتتاتلىقنىمۇ ئۈگەنگەن. بۇ كىشى ھىجرىيە 1409 – يىلى مۇھەررەم ئېيىدا تائىفتا ۋاپات بولۇپ، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان.

ئۈچىنچى ئوغلى شەيخ بۇرھانىددىن مەخدۇم، بۇ كىشى ياشلىقىدىن تارتىپ تەقۋادار، ئىلىملىك، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ ياشىغان. بىز بۇ كىشىنىڭ قاچان ۋاپات بولغىننى بىلمەيمىز، لېكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇلارغا رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ