شەيخ ئوبۇلخان مەخدۇم

شەيخ ئوبۇلخان مەخدۇم

(ھ. 1300– 1386/ م. 1882 – 1966)

شەيخنىڭ ئىسمى ئوبۇلخان بولۇپ، مىلادى 1882 – يىلى تۇغۇلغان. بۇ كىشى شەيخۇلئىسلام ئابدۇقادىر قازىكالاننىڭ ئوغلى، ئابدۇكېرىمخان مەخدۇمنىڭ ئىنىسى بولىدۇ.

ئوبۇلخان مەخدۇم دادىسى ئابدۇقادىر قازىكالاندا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغان ۋە كېچە – كۈندۈز يىنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلغان. كېيىن دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 20 – ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى چارەك ئەسىردە قەشقەردىكى بىرقانچە مەدرىسەلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان.

دادىسى ئابدۇقادىر قازىكالان بولسا مىلادى 1906 – يىلى ۋاپات بولغان. ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي!

ئوبۇلخان مەخدۇم 40 – يىللارغىچە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

1933 – يىلىدىن باشلاپ قوشۇمچە تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1935 – يىلىدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتكەچ، قوشۇمچە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان.

1958 – يىلى بۇ مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈرمىگە تاشلانغان، 1966 – يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغان.

ئاكىسى ئابدۇكېرىمخان مەخدۇم بولسا كاتتا زەردار باي، ئۆز ئىشلىرىغا پۇختا ئادەم ئىدى.

ئۇ ھەردائىم ئىنىسى ئوبۇلخان مەخدۇمنى بەدنىيەت كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ھىيلە – نەيرەڭلىرىنىڭ خەتەرلىرىدىن ساقلاپ قالاتتى.

ئابدۇكېرىمخان مەخدۇم پەزىلەتلىك ئىلىم ئەھلى بولۇپ، ئاتىسى ئابدۇقادىر قازىكالاننىڭ ۋاپاتىدىن بىر ياكى ئىككى يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغان.

ئۇ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا پەرز ھەجنى ئادا قىلغان، بەزىلەر ئانىسى بىلەن بىللە پەرز ھەجىنى ئادا قىلغان دەيدۇ.

ئاللاھ ھەممەيلەنگە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ