(ھ. 1320– 1379/ م. 1902 – 1959)
شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوبۇلقاسىم ئابىد ئەمىن بولۇپ، ھىجرىيە 1320 – يىلى ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ساۋاتىنى غۇلجىدىكى تاتارلار ئاچقان يەرلىك مەدرىسەدە ئوقۇغان. كېيىن ھىجرىيە 1346 – يىلى ئاقسۇ كۇچارغا كىلىپ بىرقانچە يىل دىنىي ئىلىملەرنى ئوقۇغان. بەزىلەر ئۇنى مۇدەررىسلىك ئىجازىتىنى ئالغان دەپ قارايدۇ.
1354 – يىلىدىن باشلاپ غۇلجىدا مۇدەررىس ۋە ئىمام بولغان. بىر مەزگىل شەرئىي مەھكىمەدە قازى بولۇپ ئىشلىگەن.
شەيخ ئوبۇلقاسىم ناھايىتى ئەدەب – ئەخلاقلىق، فەقىھ كىشى بولۇپ، بىر ئۆمۈر تەلىم – تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ھىجىريە 1379 – يىلى ۋاپات بولغان ۋە غۇلجىغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.