شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ موڭغۇللارغا قارشى كۈرەشلەردە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى

سەئد سادىق مۇھەممەد

 

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە (مىلادىيە 1263 _ 1328) ئۆمۈر بويى ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە ئەرەب تىلى بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپە، مەنتىق (لوگىكا)، ئىلمى كالام قاتارلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپلا بولماستىن، ئىسلام تۇپراقلىرىنى ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىۋاتقان دۈشمەنلەردىن قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان جىھاد ساھەسىدىمۇ زور خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن مۇجاھىدلارنىڭ بىرىدۇر.

ئىبنى تەيمىيە ياشىغان دەۋر

بۇ بۈيۈك ئىمام سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىدە تەپرىقىچىلىك، چىرىكلىك ۋە ئاجىزلىق دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام تۇپراقلىرى شام ۋە مىسىر زېمىنلىرىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇللارنىڭ ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ خەتىرىدىن ئىبارەت چوڭ ئىكككى خەتەرگە دۇچ كەلگەن بىر دەۋردە ياشىدى.

بىزنىڭ ھازىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز موڭغۇللارنىڭ خەتىرىدۇر. چۈنكى ماقالىمىزنىڭ تىمىسى بۇ.

تارىخشۇناسلار موڭغۇللارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن، كېچە بىلەن كۈندۈز ئۇنىڭدەك مۇسىبەتتىن يەنە بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان، ئاللاھ ئادەم ئاتىنى ياراتقاندىن تارتىپ تا شۇ كۈنگىچە دۇنيا ئۇنىڭدەكتىن يەنە بىرىگە مۇپتىلا بولۇپ باقمىغان چوڭ مۇسىبەت، زور ھادىسە، دەپ سۈپەتلەيدۇ. چۈنكى تارىخ بەتلىرىدە قان تۆكۈش ۋە ۋەيران قىلىش جەھەتتە ئۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان بىرەر ھادىسە تىلغا ئېلىنمىغان.

موڭغۇللار دىمەشىقتە

موڭغۇللار خىتاينىڭ شىمال تەرەپلىرىدىن چىقىپ تۈركىستان شەھەرلىرىنى ئاندىن سەمەرقەند، بۇخارا قاتارلىق ماۋەرائۇننەھر([1]) شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، ئاھالىلەرگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ۋەھشىي زۇلۇملارنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خۇراسانغا ھۇجۇم قىلىپ ئاھالىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ شەھەرنى پۈتۈنلەي خاراب قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن خۇراساندىن رەي([2]) ، ھەمەزانغا، ھەمەزاندىن باغدادقا باستۇرۇپ كېلىپ، ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆلتۈرىدۇ. ھاكىملىرىغا تەھدىت سالىدۇ. شەھەرلەرنى خاراب قىلىدۇ، ئەرلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. قەدىمى يەتكەنلىكى يەردە كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ، ئالاقزادىلىك سالىدۇ. ئىسلامىي كىتابلار ۋە ئەرەب مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەجلە دەرياسىغا تاشلاپ كۆۋرۈك قىلىپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئەرەب مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ۋەيران قىلغىنى يەتمەي دىمەشىق دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ توختايدۇ.

كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ تاراپ، قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھەتتا ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارمۇ قېچىشقا باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنى دۈشمەننىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشىغا تاشلاپ بېرىپ، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل ھۇجۇمىدىن پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدەپ قېچىشقا باشلايدۇ. دىمەشىق شەھرىدە موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئاز ساندىكى ئۆلىمالاردىن باشقا كىشى قالمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بېشى ئىبنى ئىبنى تەيمىيەدۇر.

ئىبنى تەيمىيە جىھاتتا

ئىبنى تەيمىيە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ئەمەللەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ قادىر بولالايدىغان كىشىلەرگە پەرز ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ جىھاد قىلغۇچىلارغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىپ، ئۇلارنى (ئۆزرىسىز تۇرۇپ جىھادقا چىقمىغانلاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىنى بىلەتتى. ئاللاھنىڭ مۇجاھىدلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنەتتى.

ئىبنى تەيمىيە ئىلىم ۋە ئەمەل ساھەسىدە يۈكسەك چوققىلارغا يەتكەن مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ قەلەمگىلا ئەمەس، بەلكى ئەلەمگىمۇ ماھىر ئىدى.

بۇ بۈيۈك ئالىم جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ بېكىنمە ھالەتتە ئېسىل ئىشخانىسىدىلا ياشىغان كىشى بولماستىن، بەلكى جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەن، ئۆزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان كىشى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن موڭغۇللارغا قارشى جېنى بىلەن جىھاد قىلغان ئاۋانگارت مۇجاھىدلار سېپىگە قېتىلدى.

بۇ بۈيۈك ئىنسان موڭغۇللارنىڭ شام شەھەرلىرىگە توپان بالاسىدەك ياكى كۈچلۈك سەلدەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن زور خەتەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىسلامنىڭ شەرىپى، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە شەرىئىتىنى ئىمانى ۋە قىلىچى بىلەن قوغداش ئۈچۈن ئاتلاندى.

ئۇ قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك قاپلىغان شۇ شارائىتتا يوللارنى، مەسجىدلەرنى ئايلىنىپ كىشىلەرنى دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. دىمەشىق كوچىلىرىنىڭ ئەمىنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، ياش ئەگەشكۈچىلىرىنى موڭغۇللار پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ تۈرمىلەردىن قاچقان ئوغرى – قاراقچىلارنى تۇتۇشقا ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقۇپ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەر ئېغىزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بۇيرىدى.

شەيخ بۇ موڭغۇللار([3])نى خاۋارىج دەپ قارايتتى. ئاللاھ ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىشنى ۋاجىپ قىلغان، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا ئوخشىغانلار بىلەن جىھاد قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى ھالال سانىغانلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان، شەيخ موڭغۇللارنى شۇنداق قىلدى دەپ قارايتتى.

شەيخ ئىبنى تەيمىيە بازارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ قورال تىجارەتچىلىرىگە، موڭغۇللار بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، ناۋادا بۇلار پۇل – ماللىرى ئارقىلىق جىھاد قىلسا جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن قورال – ياراغقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قورال – ياراقلىرىنى ھەقسىز ياكى ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىشى لازىملىقى ھەققىدە پەتىۋا بەردى.

ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەلق ئاممىسىنى قوزغىيالىدى، دىمەشىق دەرۋازىلىرىنى ئېتىپ، قولىدىن كېلىشىچە قوراللىنىپ شەھەرنى قوغدىدى. قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۇراتتى. ئۇ مەيخانا قاتارلىق بۇزۇقچىلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسنى تاقىۋەتتى.

ئىبنى تەيمىيە ئۆلىمالار، كېڭەش ئەزالىرى، يۈز – ئابرويلۇق كىشىلەر، ئەمىر – ئۆمەرا قاتارلىقلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمما مەسلىھەتلەشكۈدەك كىشى تاپالمىدى. ئۇلار موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشىنى پۇقرالارغا تاشلاپ قويۇپ شەھەر سىرتىغا قاچقان ئىدى. ئۇنى بەرگەن پەتىۋالىرى، ئەقىدىسى سەۋەبلىك دۈشمەن تۇتقان «فىقھىشۇناس» ۋە «ئۆلىمالار»نىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرىدىغان ۋاقىتتا قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بۇ قاچاقلارنىڭ بېشىدا ئىبنى تەيمىيەگە قارشى ئېقىمدىكى فىقھىشۇناسلار بىلەن ھەمكارلاشقان، دىمەشىق شەھرىدە نوپۇز ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان سەيفۇددىن مەنسۇرىي بار ئىدى.

ئۇ قەلئە قوماندانىغا موڭغۇللار قەلئەنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ تەسلىم بولماسلىق ھەققىدە ئادەم ئەۋەتتى. قوماندان ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ تەسلىم بولمىدى.

ئۇ شەھەردە قالغان كىشىلەر بىلەن موڭغۇللار ئىشى ھەققىدە كېڭىشىش ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ دىمەشىقنى شەھەر ئەھلى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلگەنگە قەدەر مۇھاسىرە قىلىشقىمۇ، قورال – ياراق ۋە ئەسكىرىي كۈچ ئارقىلىق ۋەيران قىلىشقىمۇ قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئىبنى تەيمىيە شەھەرنى قوغداش، تەسلىم بولماسلىقنى قارار قىلدى ۋە كىشىلەرنىمۇ قوللىرىدا بار بولغان قىلىچ، نەيزە قاتارلىق جەڭ قوراللىرى بىلەن شېھىتلىك ياكى غەلبىدىن ئىبارەت ئىككى ياخشىلىقنىڭ بىرىگە ئېرىشكەنگە قەدەر شەھەرنى قوغداش يولىدا جىھاد قىلشقا بۇيرىدى.

ئىبنى تەيمىيە موڭغۇل پادىشاھى ئالدىدا

ئىبنى تەيمىيە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە موڭغۇللار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇلار قازانخان([4]) بىلەن كۆرۈشۈشتىن قورقتى، قازانخان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىبنى تەيمىيە بىلەن بىللە بارسا باشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدى. ئۇلار بۇ موڭغۇللار ۋەھشىي يىرتقۇچلار ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ھاياتىنى دوغا تىككەنلىك دەپ قاراشتى. لېكىن، ئىبنى تەيمىيە ئەگەر قازانخان بىلەن كۈرۈشۈش دىمەشىق شەھرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توسۇپ قالالىسا بۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇ كىشىلەرگە: «قازانخاننىڭ قېشىغا بارساڭلار ئۆلۈمگە دۇچار بولۇشۇڭلاردىن قورقامسىلەر؟ بۇ يەردە قالساڭلار نېمە بولماقچى! ئىززەت – ھۆرمىتىڭلار دەپسەندە بولىدۇ. قىز – ئوغۇللىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ. سىلەر خار ھالدا قاراپ تۇرىسىلەر. ئاندىن ئۆلتۈرۈلىسىلەر» دېدى.

ئىبنى تەيمىيە ئاللاھتىن دەمەشقنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ موڭغۇل خانى قازانخان بىلەن كۈرۈشۈش، ئەگەر ئۇ جەڭ قىلىشتىن باشقىغا قوشۇلمىسا شەھەرنى قوغداش يولىدا شاھادەت شارابىنى ئىچكەنگە قەدەر جىھاد قىلىش قارارىغا كېلىپ، شەھەر چوڭلىرى ۋە بىر قىسىم ماشايىخلارنى ھەمراھ قىلىپ قازانخان بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

ئۇ قازانخاننىڭ ھەربىي بازىسى يېنىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. ئىبنى تەيمىيە بۇ قورقۇنچاق خان بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ھەمراھلىرىنىڭ چىرايىغا قاراپ، جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ قەدەملىرىنى مۇستەھكەم قىلىشىنى، قەلبلىرىدىن قورقۇنچنى كەتكۈزۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى. قازانخاننىڭ ھۇزۇرىغا كېتىۋىتىپ، ھەمراھلىرىغا: «مىنىڭ كەينىمگە تىزىلىڭلار. بىز ھەق ئۈستىدە، ئاللاھ بىز بىلەن بىللە، ئاللاھ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەت قىلغۇچى، ئەڭ رەھىمدىل» دېدى.

ئۇ موڭغۇل خانىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، دەھشەتلىك، ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا دىمەشىق ئۆلىمالىرى ۋە ئەمىرلىرىنى كۆردى. سەيفۇددىن مەنسۇرىيمۇ موڭغۇل خانى يېنىدا تۇراتتى. تېخى تۈنۈگۈنلا دىنىي پەتىۋالىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا كەسكىن جەڭ ئېلان قىلغان، كۈچلۈك، قوپال بۇ كىشىلەر بۈگۈن موڭغۇل خانى ئالدىدا باشلىرىنى ئېگىپ پەس، خار ھالدا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئاجىز، پەس، چۈپرەندىلەرگە ئايلانغان ئىدى.

ئىبنى تەيمىيە موڭغۇل خانى ئالدىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا، ھىدايەت ۋە ھەق دىن ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ئېيتقاندىن كېيىن، مۆمىنگە خاس جەسۇرلۇق ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنلىرى ۋە مۇقەددەساتلىرىنى قوغداش ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلغان گۇرۇھ ھەققىدىكى سۆزىنى شەرھلىدى. ئۇلارنىڭ مال – دۇنيا كۆزلەپ باشقا مۇسۇلمانلارغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

قازى شىھابۇددىن ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىدا بۇ ئۇچرىشىشنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: »شەيخ قازانخان ئالدىدا ئورمانلىقتىكى يولۋاستەك جەسۇر ھالدا ئولتۇرماقتا. يۈرەكلەر بۇ قانخور يىرتقۇچ، مەككار نەمرۇد، ھەر قانچە چارە – ئاماللار بىلەنمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان شۇم ئەجەلدىن قورقۇپ سوقۇشتىن توختاپ قالاي دەپ قالغان ئىدى. شەيخ قازانخان ئالدىدا ئولتۇرۇپ تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى بۇ تاجاۋۇزدىن ياندۇردى.

موڭغۇل خانى ئىبنى تەيمىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا

موڭغۇل خانى ئۆزىنىڭ چاڭگىلىدا تۇرۇپمۇ قۇرۇق قول، ئەسىر ئالدىدا سۆزلەۋاتقان شانۇ – شەۋكەتلىك سۇلتاندەك قەتئىيلىك، تەمكىنلىك، جۈرئەت بىلەن سۆزلەۋاتقان بۇ شەيخكە ھەيران قالدى. سۇلتان بولسا ئۇنى ئادەملىرىگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتەلەيدۇ. سۇلتاننىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكەرلىرى ئۇنىڭ ئىشارىتىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. سۇلتاننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان (يەنى قول سېلىشتىن توسۇپ تۇرۇۋاتقان) نەرسە نېمە؟! سۇلتان ئىبنى تەيمىيە ۋە باشقىلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالالايدىغان قوشۇنغا ئىگە. ئىبنى تەيمىيە بولسا ئىمان ۋە ھەقىقەتتىن باشقا قورالغا ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ سۇلتان ئالدىدا بۇنداق قىلالىشى بۈيۈك بىر سىر. ئەجەبا، ئىبنى تەيمىيە سۇلتاننى سېھىرلەپ ئۇنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ، سەلتەنىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويغانمىدۇ؟!

سۇلتان ئىبنى تەيمىيەنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردى. چۈنكى ئاللاھ ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەق سۆز سەۋەبىدىن ئۇنىڭ دىلىغا تەپتارتىش ۋە قورقۇنچ سالغان ئىدى.

قازانخان مۇنداق دېگەن: »مەن شەيخ ئىبنى تەيمىيەدەك بىرىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم».

ئىبنى تەيمىيە موڭغۇل خانىنى مەغلۇپ قىلدى

سۇلتان شەيخقا يېقىنلاشماقچى بولۇپ، تاماق ھازىرلاشقا بۇيرىدى. تاماق ھازىر بولدى. ئىبنى تەيمىيەدىن باشقا ھەممەيلەن تاماق يېيىشكە باشلىدى. ئىبنى تەيمىيە بولسا تاماق يېيىشنى رەت قىلدى. سۇلتان ئىبنى تەيمىيەگە قارىدى ۋە تاماققا قول ئۇزاتماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. شەيخ:

_ سىلەرنىڭ تامىقىڭلارنى قانداقمۇ يەي؟! بۇ تاماقلىرىڭلار كىشىلەردىن بۇلانغان قويلارنىڭ گۆشلىرىنى كىشىلەرنىڭ دەرەخلىرىدىن كەسكەن ئوتۇنلار بىلەن پىشۇرۇپ ھازىرلانغان تۇرسا! – دەپ جاۋاب بەردى.

سۇلتان تاماقتىن توختىدى ۋە شەيخكە قارىدى. ئارىنى كۈچلۈك سۈكۈت قاپلىدى. شەيخنىڭ ھەمراھلىرى بۇ سۈكۈتنىڭ ئارقىسىدىن سۇلتاننىڭ غەزىپى قوزغىلىپ شەيخ بىلەن ھەممەيلەننىڭ كاللىسىنى ئېلىشتىن قورقۇپ ساراسىمىگە چۈشۈشتى. توساتتىن سۇلتان سۈكۈتنى بۇزدى ۋە شەيخنىڭ ھەممە تەلىپىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. شەيخ دۇئاغا قول كۆتۈردى: ئىي ئاللاھ! سەن ھەممىنى بىلگۈچىسەن، ئەگەر ئۇ ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگىن. ھۈكۈمرانلىق ۋە مال – دۇنيا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان بولسا، ئۇنى جازالىغىن.

ئىبنى تەيمىيە خۇشال – خۇرام ھالدا دىمەشىققە قايتىپ، موڭغۇل خانىنىڭ دىمەشىققە كىرمەسلىك ۋە پۈتۈن شام زېمىنىدىن كۆچۈپ كېتىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى يەتكۈزۈپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىنى خاتىرجەم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، موڭغۇل خانى قوماندانلىرى بىلەن كېڭىشىپ، دىمەشىق ئەھلىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى، يۈز – ئابرويىغا چېقىلمايدىغانلىقى ھەققىدە جاكارچىلارنى ئەۋەتتى. لېكىن، ئۇ ئۇلارنىڭ قورال – ياراق، ئات – ئۇلاغلىرىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئىبنى تەيمىيە خاننىڭ دىمەشىققە كىرمەسلىككە ۋەدە بەرگەنلىكى ۋە ھېچقانداق شەرت قويمىغانلىقى ئۈچۈن دىمەشىق ئەھلىنى ھېچ نەرسىنى تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغان قازانخان قوشۇنلىرى شام ئەتراپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوت قويۇش، ۋەيران قىلىش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئاياللارنى ئەسىر ئېلىشنى باشلىۋەتتى. ئىبنى تەيمىيە قازانخاننىڭ يېنىغا بېرىپ قوشۇنلىرىنىڭ ئۇ دىمەشىققە كىرمەسلىككە ۋەدە بىرىپ بولغاندىن كېيىن يەنە تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدى.

قورقماس ئىبنى تەيمىيە موڭغۇل خانىدىن تەلەپ قىلىۋېرىپ قوشۇنىنى باشلاپ شام زىمىنىدىن چېكىنىپ چىقىش ھەققىدە ۋەدە ئالدى ۋە مۇسۇلمان ئەسىرلەرنى شۇنداقلا ناسارا، يەھۇدىي ئەسىرلىرىنىمۇ قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى ئۇلارمۇ شام ئەھلى ۋە زىممىي([5])لەر – دە! قازانخان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، شام زىمىنىدىن چىقىپ كەتتى.

زەپەر قۇچقان غالىب شەيخنى قارشى ئېلىش

شەيخ دىمەشىققە قايتىپ كېلىپ، موڭغۇللارنىڭ چېكىنگەنلىك خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزدى. خۇشاللىق، تەنتەنە سادالىرى پەلەككە يەتتى. دىمەشىق ئەھلى بىر تامچە قان تۆكمەستىن موڭغۇللار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى بىر نەچچە كۈن تەبرىكلىدى. كىشىلەر شەيخ ئىبنى تەيمىيەنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا چىن قەلبىدىن قايىل بولۇشتى. شەيخ كىشىلەرگە ئىش – ئوقەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى ۋە ئۆزىمۇ دەرس ئۆگىتىش، ۋەز – نەسىھەت قىلىش، كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. دەرس سورۇنىغا كەلگەن كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن جىھاد ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى توپلىدى. جىھاد مەيدانىدىن، موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرۇشتىن قاچقان فەقىھ – ئۆلىما، ئەمىر – ئۆمەرالار بولسا بېشى تۆۋەنگە چۈشكەن ھالدا شەھەرگە قايتىپ كېرىشتى. شەيخنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ھۇجۇم بورانلىرىمۇ بېسىقتى. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشقا ياكى ئەمەلدارلار ئالدىدا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئۇ ئىمانى ۋە باتۇرلىقى بىلەن دىمەشىق ۋە ئىسلام زېمىنلىرىدىن موڭغۇللار تاجاۋۇزچىلىقىنى توختاتقاندىن كېيىن، ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا، ھەممىنىڭ ئېغىزىدا ئۇنىڭ گىپى، ھەممىنىڭ ئويلايدىغىنى ئۇ بولۇپ قالدى.

مۇسۇلمانلار موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تەييارلىقتا

ئىبنى تەيمىيە ئۆزىنىڭ مەخسۇس خەۋەرچىلىرى ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ دىمەشىققە قايتا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ شامدىن چېكىنىشىنىڭ ۋە سۈلھىنى داۋا قىلىشىنىڭ جەڭگە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىك توپلاش ئۈچۈن قوللانغان ھىيلىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ مىسىر ۋە شام ھۆكۈمرانى، مۇزەپپەر سۇلتان _ مۇھەممەد ئىبنى قەلاۋۇن بىلەن كۈرۈشۈپ، موڭغۇللار ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى پۈتتۈرگەن ھامان دىمەشىققە ھۇجۇم باشلايدىغانلىقى، دىمەشىققە ئەسكەر ۋە قورال – ياراقلارنى توپلاپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە پىكىرلەشتى. سۇلتان ئىبنى تەيمىيەنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ، موڭغۇللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. سۇلتان مۇھەممەد ئىبنى قەلاۋۇن ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئالغان، ھەر تۈرلۈك جاپا – مۇشەققەت، سىناقلاردا پىشىپ يىتىلگەن كىشى ئىدى. ئۇ موڭغۇللارنىڭ باغدادتا ئابباسىيە خەلىپىسى ۋە باغداد خەلقىگە قىلغان، تارىخشۇناسلار: «كېچە بىلەن كۈندۈز ئۇنىڭدەك مۇسىبەتتىن يەنە بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان» دەپ سۈپەتلىگەن ئېچىنىشلىق ۋەھشىيلىكلىرىنى، 1260 – يىلى سەيفۇددىن قۇتۇزنىڭ مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ »ئەين جالۇت» جېڭىدە ئۇلارنى قانداق مەغلۇپ قىلغانلىقىنى، زاھىر بايبارىسنىڭ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى قانداق مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تەجرىبىلىك، پىشقان سۇلتان بولغانلىقتىن موڭغۇللارغا تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى »مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى»نىڭ قوماندانلىقىدا موڭغۇللارغا قارشى جىھاد قىلىش ئۈچۈن مىسىر ۋە شام قوشۇنىغا دەرھال قوشۇلۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئىبنى تەيمىيە بولسا »ئۇمەۋىي مەسجىدى»دە كىشىلەرگە ۋەز – نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى جىھادقا ئۈندەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارغا موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى، شۇنداق قىلغاندىلا مال – مۈلكى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئەسلەتتى. بىر قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان موڭغۇللارغا قارشى ھايات – ماماتلىق جەڭ مەسىلىسىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ پارچە – پۇرات مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى:

_ ئۇلار كاپىر بولمىسا ئۇلار بىلەن قانداق جىھاد قىلىمىز؟ شەيخ ئۇلارغا:

_ئاللاھ كاپىرلار بىلەن ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچى بولغانلىقى ئۈچۈن جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان. جىھادنىڭ سەۋەبى كۇپرى ئەمەس، تاجاۋۇزدۇر. ئاللاھ بىزنى ھېچ كىشىنى ئىسلامغا كىرىشكە زورلىماسلىققا بۇيرۇغان:» دىندا (ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر» (سۈر «بەقەرە»، 256 – ئايەت). بىزنى پەقەت تاجاۋۇزغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغان: »سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار» (سۈر «بەقەرە»، 190 – ئايەت). ناۋادا جىھادنىڭ غايىسى كاپىرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈش بولىدىغان بولسا بۇ ئەڭ چوڭ زورلاش بولۇپ قالغان بولىدۇ _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئىبنى تەيمىيە بۇ موڭغۇللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدىكى پىكىرىنى سورىغانلارغا شۇنداق جاۋاب بىرەتتى. لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ پىكىرىگە قايىل بولماي، باشقا فەقىھلەردىن پەتىۋا سوراشقا قاتراپ پايدىسىز ئىشلار بىلەن ۋاقىتنى زايە قىلىشقا باشلىدى. ئىبنى تەيمىيە پىتنە پەيدا بولۇپ، كىشىلەرنى جەڭدىن توسۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن فەقىھلەرنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى. جەڭگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن يىغىلىشلار بولۇپ تۇراتتى. بۇ يىغىلىشلاردا ئىبنى تەيمىيە نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرنى جەڭگە چاقىراتتى. ئاللاھنىڭ جىھاد ھەققىدىكى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرەتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلغان، ۋەتەنلىرىنى خاراب قىلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان تاجاۋۇزچىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى چۈشەندۈرەتتى.

جەڭ باشلاندى

جەڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى. مىسىر قوشۇنى سۇلتاننىڭ، شام قوشۇنى نائىب سۇلتاننىڭ قوماندانلىقىدا جەڭگە چىقتى. سۇلتاننىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئەمىر – ئۆمەرالىرى تۇراتتى. ئۇلار كۈچلۈك، باتۇر كىشىلەر ئىدى. قارىلار قۇرئان تىلاۋەت قىلشقا، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى قوزغايدىغان ئايەتلەرنى تەكرارلاشقا باشلىدى. ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى، قىلىچلارنىڭ جاراڭ – جۇرۇڭ ئاۋازلىرى، «ئاللاھۇ ئەكبەر» سادالىرى ئەتراپنى لەرزىگە سالماقتا ئىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىيە مۇشۇ زور قوشۇن ئىچىدە ئەسكەر كىيىمى كىيىپ، ئارغىمىقىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئەسكەرلەرگە مەدەت بەرمەكتە. ئىسلام تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كەلگەن تاجاۋۇزچى موڭغۇل قوشۇنى بىلەن جىھاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. چۈنكى، ئۇلار بىلەن جىھاد قىلىش ۋاجىپ ئىدى. ئاللاھ مۇجاھىدلارغا غەلبە ۋەدە قىلغان. شەيخ ئەسكەرلەرنى ئايلىنىپ: «ئاللاھ يولىدا تەقۋادار ئەجدادلىرىڭلارغا خاس ئىرادە بىلەن جىھاد قىلىڭلار… غەلىبە سىلەرگە مەنسۇپ!» دەپ توۋلىماقتا. ئىككى قوشۇن »شەقھەب» دېگەن يەردە ئۇچراشتى. مۇسۇلمانلار ئاكتىپلىق بىلەن دۈشمەنگە ھۇجۇم باشلىدى. شەيخ ئىبنى تەيمىيە ماھىر چەۋەندازلاردەك جەڭ قىلدى. قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى ۋە جەسۇرلۇقى بىلەن مەملۇكىي چەۋەندازلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ھۈنىرى يېزىقچىلىق ۋە تەبلىغ قىلىش بولغان فەقىھ جەڭلەردە قانداقسىگە كەسپىي چەۋەندازلاردىنمۇ جەسۇر بولالايدۇ، دەپ قېلىشتى. قوشۇن دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى. شەيخنىڭ ئاۋازى ياڭرىماقتا ۋە ئۇلارغا غەلىبە ئىشەنچىسى بېغىشلىماقتا.

جەڭ رامىزان ئېيىدا تۆت كۈن داۋاملاشتى. موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ »ئەين جالۇت» جېڭىدىن قالسا ھېچ دۇچ كېلىپ باقمىغان ئېغىر بىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دۆڭلۈككە چېكىنىپ، دۆڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇندى ۋە كېچە ئۆز پەردىسىنى جاھانغا تاشلىغان تۈن قاراڭغۇسىدا جېنىنى ساقلاپ قالدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسى

تاڭ يورۇشىنى كۈتۈپ ئۇرۇش توختىدى. موڭغۇللار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر ھىيلە ئويلاپ تاپتى. ئۇلار دىمەشىققە مەخپىي جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىپ، شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا، «شام قوشۇنى مەغلۇپ بولدى» دەپ گەپ تارقاتتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئاھالىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىنى سۇندۇرۇپ، پىسخىكا ئۇرۇشى ئارقىلىق جەڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئىبنى تەيمىيە موڭغۇللارنىڭ ھىيلىسىنى سېزىپ قېلىپ، كىشىلەرگە ئاشكارىلىدى ۋە جەڭ مەيدانىدىن قاچقان كىشىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ دىللىرىغا ئىشەنچ بېغىشلاشقا، ئۇلار ئىمانىدا چىڭ تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلسا، پات يېقىندا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى ۋە سۇلتاندىن دىمەشىققە موڭغۇللارنىڭ يالغان – ياۋىداقلىرىنى بەربات قىلىش، قوشۇننىڭ ئامان – ئېسەن، غەلبىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. تاڭ يورۇغان ۋاقىتتا، سۇلتان قوشۇننى موڭغۇللار يوشۇرۇنغان دۆڭگە باشلاپ، دۈشمەنگە قىلىچ ئۇردى. موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ قورشاۋغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ قېچىشقا باشلىدى. لېكىن شەيخ: «ئۇلارنى قويۇۋەتمەڭلار!» دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەر ئۇلارنى قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلاردىن نۇرغۇن كىشى ئۆلتۈرۈلدى. نۇرغۇن كىشى ئەسىر ئېلىندى. قوشۇن مۆمىنلەر خەلىپىسى سۇلتان مۇھەممەد ئىبنى قەلاۋۇن، چەۋەنداز فەقىھ ئىبنى تەيمىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە زەپەر قۇچۇپ، كۆپ غەنىيمەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ قايتىپ كەلدى. دىمەشىق غالىب قوشۇنىنى ئالقىش، تەكبىر – تەھلىل سادالىرى بىلەن كۈتۈۋالدى. ئاللاھ ئۆز قوشۇنىغا تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئىمانى، قەھرىمانلارنىڭ باتۇرلىقى ئارقىلىق نۇسرەت ئاتا قىلدى. ئبىنى تەيمىيە بۇ جەڭدە زور قەھرىمانلىق كۆرسەتتى ۋە جەڭدە غەلىبە قىلىشتا گەۋدىلىك رول ئوينىدى. ئاللاھ ئىمام، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەگە رەھىم قىلسۇن! ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە كۆپ مۇكاپاتلارنى بەرسۇن!

 

مەنبە: الكامل في التاريخ لابن الأثير

«ئۈممەت» ژورنىلى ھىجرىيە 1403 – يىلى زۇلھەججە ئېيى 12 – سان

تەرجىمىدە: مۇرشىد

2018 / 10 / 31 كۈنى

——————————–

([1]) ئىككى دەريا ئارىسىدىكى شەھەرلەر – ت.

([2]) ھازىرقى تېھران – ت.

([3]) بۇلار مۇسۇلمان بولغان موڭغۇللار ئىدى – ت.

([4]) چىڭگىزخان نەسلىدىن. ئىسمى قازان، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئارغۇن. مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئىسمى مەھمۇد. مىلادىيە 1271~1304 – يىللىرى ياشىغان – ت.

([5]) يەنى شامنىڭ غەيرىي مۇسۇلمان پۇقراسى – ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ