شەرىئەتتىكى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك تۈزۈمى(4)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

پۇل ئىگىسى «مەلۇم تاۋاردا ياكى مەلۇم يۇرتتا ۋە ياكى مەلۇم ۋاقىتتا تىجارەت قىلمايسەن» دەپ شەرت قويسا بولامدۇ؟

ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئىي: «بۇنداق چەكلىمە قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ كۈچ ئىگىسىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ» دېگەن. ([1]) ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەد: «بۇنداق چەكلىمە قويۇشقا بولىدۇ» دېگەن.([2])

كېيىنكىلارنىڭ قارىشى دەلىل ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن كۈچلۈك. شۇڭا، بىز ئادەتتە، كېلىشىم تۈزگەندە بۇنداق چەكلىمە قويساق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىسى ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ بىرسىگە پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە پۇل بەرگەندە، ئۇنىڭغا: «پۇلۇمغا تىرىك ھايۋان ئالمايسەن، دېڭىزغا سەپەرگە چىقمايسەن، سۇ ئاپىتىگە ئۇچرايدىغان رايونغا بارمايسەن، بۇلارنىڭ بىرىنى قىلساڭ پۇلۇمنى تۆلەيسەن» دەپ شەرت قوياتتى.([3])

ساھابىنىڭ قويغان بۇ شەرتى بۇنداق چەكلىمە قويۇشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بولالايدۇ. يەنە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساقمۇ، بەزى تېز بۇزۇلۇپ كېتىدىغان سەي – كۆكتات، مېۋە – چىۋە، ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالىدىغان قوي – كالا قاتارلىق ھايۋانلار ياكى كېسەل تېگىپ كېتىدىغان توخۇ – ئۆردەكلەردە تىجارەت قىلىش بۇزۇلۇش ئېھتىماللىقى ئاز بولغان تۆمۈر، رەخت ياكى ئۆي سايمانلىرىدەك باشقا تاۋارلاردا تىجارەت قىلغانغا قارىغاندا خەتەرلىكرەك ھېسابلىنىدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇنى كۆزدە تۇتۇپ، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە «پۇلۇمغا تىرىك ھايۋان ئالمايسەن» دەپ شەرت قويغان. يەنە بەزى تاۋارلاردا تىجارەت قىلسا بەزى جاي ۋە ۋاقىتلاردا زىيان چىقىشى ئېنىق. مەسىلەن، ئىسسىق بەلباغلاردا قىشلىق كىيىم – كېچەك تىجارىتى قىلىش ياكى سوغۇق جاي ۋە قىش پەسلىدە سوغۇق ئىچىملىك تىجارىتى قىلىشقا ئوخشاش. يەنە بەزى تاۋارلار ئۇزۇن مۇددەتتە سېتىلىپ قولدىن چىقىدۇ، بەزىسى تېز قولدىن چىقىدۇ. پۇل ئىگىسى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۈتتۈرۈشنى خالايدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. شۇڭا، پۇل ئىگىسى مەلۇم تاۋاردا تىجارەت قىلىشنى شەرت قىلىپ كېلىشسە توغرا بولىدۇ.

ئەمما، ئىنتايىن قىس ياكى تېپىلمايدىغان تاۋار بولسا، ئۇنىڭدىلا تىجارەت قىلىشنى شەرت قىلىپ كېلىشىم تۈزسە توغرا بولمايدۇ. يەنە «پالانى تىجارەتچىدىنلا سېتىۋالىسەن ياكى پالانى تىجارەتچىگىلا ساتىسەن» دەپ چەكلەپ قويغان تەقدىردە، بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە جائىز بولىدۇ، چۈنكى بەزى تىجارەتچىلەر ئامانەتدار ۋە سۈپەتلىك مال تۇتىدىغان ياكى ئەرزانراق بېرىدىغان بولىدۇ، شىركەتلەرمۇ شۇنداق. شۇڭا، «مەلۇم شىركەت ياكى مەلۇم دۇكان بىلەنلا مۇئامىلە قىلىسەن» دەپ شەرت قويسىمۇ جائىز بولىدۇ. مەلۇم بازاردا تىجارەت قىلىشنى شەرت قىلىشمۇ شۇنداق. چۈنكى، بەزى جايلاردا ئوغرى كۆپ ياكى تىجارەتچىلىرى ناچار بولۇشى مۇمكىن.([4])

ئەمدى مەلۇم يۇرت ياكى جاينى شەرت قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بەزى جايلاردا تىجارەت قىلىش يا ئوغرىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، يا قاراقچىلار بۇلاپ – تالاپ كېتىدىغان ئېھتىماللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يا ئۇرۇش ۋە باشقا قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىۋاتقان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى كەلكۈن، يەر تەۋرەش، ۋابا قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ بولىدىغان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ بۇنى كۆزدە تۇتۇپ پۇل – كۈچ مۇئامىلىسىدە: «دېڭىزغا سەپەرگە چىقمايسەن، سۇ ئاپىتىگە ئۇچرايدىغان رايونغا بارمايسەن» دەپ شەرت قويغان.([5])

بۇندىن باشقا يەنە «مەلۇم ۋاقىت ياكى مەلۇم چاغلاردا تىجارەت قىلمايسەن» دەپ شەرت قويسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بەزى چىللە مەزگىللىرىدە تىجارەت كاساتلىشىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا بازار جانلىنىپ كېتىدۇ. بەزى تاۋارلارنىڭ مەلۇم ئاي – كۈنلەردىلا سودىسى بولىدۇ، باشقا چاغلاردا سودىسى كاساتلىشىدۇ. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا تىجارەت قىلىش خەتەرلىك بولىدۇ. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پۇل ئىگىسى يۇقىرىقىدەك شەرتلەرنى قويسا بولىدۇ.

نامۇۋاپىق جايدا ياكى نامۇۋاپىق چاغدا ۋە ياكى نامۇۋاپىق تاۋار بىلەن تىجارەت قىلىپ، زىيان تارتقانلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. شۇڭا، كېلىشىم تۈزگەندە بۇنداق شەرت قويۇش ئورۇنلۇق ھەم پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدىن كۆزلىگەن پايدا ئېلىش مەقسىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنداق شەرتنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشى كېلىشىم تۈزگەندە بۇنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك. بولمىسا، كېلىشىپ بولغاندىن كېيىن، «مەن ماۋۇ تاۋاردا تىجارەت قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان ياكى ئاۋۇ جايدىن مال ئەكېلىپ سېتىشنى توغرا تاپمايمەن» دەپ تۇرۇۋالسا بولمايدۇ. پەقەت ئىسلامدا چەكلەنگەن تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالغاندىلا، پۇل ئىگىسىنىڭ پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى بۇزۇۋېتىش ھوقۇقى بولىدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ پۇلىنى ھالال يول بىلەن تېپىشى ئېنىق. شۇڭا، «ھارام يول بىلەن تىجارەت قىلمايسەن» دەپ شەرت قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، كىشىلەر ھالال – ھارامنى ئايرىمايدىغان ياكى ھارام تاۋارلاردا، ھارام ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىشتىن ساقلانمايدىغان بولۇپ كەتكەن بۇ كۈنلەردە ھارامدىن تولۇق ساقلىناي دېگەن كىشى ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن «ھارام تاۋارلاردا تىجارەت قىلمايسەن ياكى شۈبھىلىك ئىشلاردا تىجارەت قىلمايسەن، پۇلنى بانكىدا ئۆسۈم بىلەن ساقلىمايسەن، تىجارەتكە جازانە ئارىلاشتۇرمايسەن» دەپ شەرت قوشۇپ قويغىنى ياخشىدۇر. ئەلۋەتتە، ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئىچىملىك، مەزمۇنى ياكى شەكلى ئىسلام دىنىغا زىت كېلىدىغان تاۋار ياكى ماتېرىيال، ناخشا – مۇزىكا، مەزمۇنى سېرىق پىلاستىنكا… قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش، باشقىلارنىڭ تىجارەت ماركىسىنى ئوغرىلاپ، ساختىلىق بىلەن تىجارەت قىلىش، بىر دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارنى باشقا بىر دۆلەتتە ئىشلەنگەن دەپ سېتىش، ۋەقفى مۈلۈكلەرنى ئېلىپ – سېتىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى رېستورانلارغا سېتىش… قاتارلىقلار ھارام تىجارەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل ئىگىسى تەرىپىدىن قويۇلغان بۇ تۈردىكى شەرتلەرگە ماقۇل بولۇپ، كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، بۇ شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلسا پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ، دەسمايە ئىگىسىگە قايتىدۇ، ئېلىنغان پايدا پۈتۈشكەن بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ شەرتكە خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن زىيان چىقىپ قالسا، تارتقان زىياننىڭ ھەممىسىنى كۈچ ئىگىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، پۇل ئىگىسى ھېچقانداق زىياننى ئۈستىگە ئالمايدۇ. چۈنكى، مۇسۇلمانلار قويغان شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ.([6])

 

پۇل ئىگىسى باغ ئېلىپ، مېۋىسىنى سېتىشنى ياكى ئۇلاغ ئېلىپ، بوداپ پايدا ئېلىشنى شەرت قىلسا توغرا بولامدۇ؟

ئەسلىدە پۇل – كۈچ كېلىشىمى كۈچ ئىگىسىنىڭ تىجارەت ۋە ئېلىم – سېتىم قىلىشى ئارقىلىق پۇلنى ئاۋۇتۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. باغ ئېلىپ مېۋىسىنى سېتىش ياكى ئۇلاغ ئېلىپ بوداپ ياكى ئاۋۇتۇپ سېتىشنى شەرت قىلىشقا كەلسەك، بۇنى بەزى ئالىملار جائىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى، بۇنىڭدا كۈچ ئىگىسى ئېلىم – سېتىم قىلالماي قالىدۇ. پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى دېگەن ئېلىم – سېتىم ئارقىلىق پايدا ئالىدىغان كېلىشىمدۇر. ئەمما، بۇنىڭدا پايدا ئېلىم – سېتىمدىن ئەمەس، قول سېلىپ پەرۋىش قىلىشتىن كەلگەن. بۇ قاراشقا ئاساسەن، شۇنداق كېلىشىپ پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزگەن ئەھۋالدا، كۈچ ئىگىسى باغ ياكى ئۇلاغ سېتىۋالغان بولسا، بۇنىڭدىن كەلگەن مېۋە ياكى ئاۋۇغان ئۇلاغ پۇل ئىگىسىنىڭ بولىدۇ. كۈچ ئىگىسىگە ئادەتتە، شۇنداق ئىشلارنى قىلغان كىشىنىڭ ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.

بەزى ئالىملار ئىككى ھالەتنى ئايرىغان. بىرىنچى ھالەتتە، ئاق يەرنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىگە سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا كۆچەت تىكىپ ياكى زىرائەت تېرىپ، ھوسۇلىدىن پايدا ئالسا، بۇ جائىز بولىدۇ. ئىككىنچى ھالەتتە، تەييار باغ سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا دەسمايىدىن خەجلەپ پەرۋىش قىلسا، بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى جائىز بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا كۈچ ئىگىسىنىڭ چىقىرىدىغان كۈچى چەكلىك. بىرىنچى ھالەتتە بولسا، چىقىرىدىغان كۈچى جىق بولىدۇ. ھالبۇكى، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىدە كۈچ ئىگىسى جىق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

يەنە بەزى ئالىملار پۇل ئىگىسى شۇنداق قىلىشنى شەرت قىلمىغانلا بولسا جائىز بولىدۇ، دەپ قارىغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار: «بۇنداق قىلسا پۇل – كۈچ كېلىشىمى جائىز بولىدۇ» دېگەن. بۇ قاراش ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەندىن رىۋايەت قىلىنغان. ئۇنىڭچە، مۇتلەق پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە يەر سېتىۋېلىپ ياكى يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۇنى تېرىسا ياكى ئۇنىڭغا كۆچەت تىكسە، ئۇنىڭدىن چىققان ھوسۇلنىڭ پايدىسىنى ئىككى تەرەپ بۆلۈشۈۋالسا بولىدۇ. بۇ قاراش ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭمۇ قارىشىدۇر. بىز مۇشۇ قاراشنى تۇتۇپ ماڭساق بولىدۇ. چۈنكى، يۇقىرىقىلارنىڭ قارىشى بويىچە بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى بولمىغان تەقدىردىمۇ، تېرىقچىلىق كېلىشىمى بولسا بولۇۋېرىدۇ. تېرىقچىلىق كېلىشىمىمۇ جائىزدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە باغ پەرۋىش قىلىش ياكى بورداقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقىمۇ كۆپ كۈچ كېتىدۇ. دېمەك، كۈچ ئىگىسى يەنىلا كۈچ سەرپ قىلغان بولىدۇ.([7])

 

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە مەلۇم ۋاقىت بەلگىلىسە بولامدۇ؟

كۈچلۈك قاراشتا پۇل – كۈچ كېلىشىمى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت بەلگىلىسە بولىدۇ. مەسىلەن، «بۇ پۇلدا بىر يىل پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىڭ، پايدىسى تەڭ بولسۇن» دەپ توختاتسا بولىدۇ، ئىمام كاسانى بۇنىڭ جائىزلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «پۇل – كۈچ كېلىشىمى ۋەكىل قىلىشتىن ئىبارەت، ۋەكىل قىلىش دېگەن مەلۇم ۋاقىتقا خاس قىلىپ قويۇشقا زىت كەلمەيدۇ».([8])

ۋاقىت بەلگىلىمىگەن پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى ھەر ۋاقىت بۇزۇۋېتىشكە بولىدۇ. ئەمما، تۇيۇقسىز بۇزۇۋېتىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە، كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا نەق پۇل ئەمەس، بەلكى تاۋار بولسا، ياكى پۇلنىڭ بىر قىسمى نەق، يەنە بىر قىسمى تاۋار ھالەتتە بولسا، پۇل ئىگىسى تاكى تاۋار سېتىلىپ، نەق پۇلغا ئايلانغانغا قەدەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. ناۋادا ھېسابنى تېز ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتمەكچى بولۇپ قالغاندا، قالغان تاۋارنى بازار باھاسىدا پۇلغا سۇندۇرۇپ، مۇۋاپىق باھالاپ، پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە ئىككى تەرەپ بۆلۈشۈۋالسا بولىدۇ.([9])

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى شېرىكچىلىكتە تىجارەتنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى ھەر ئىككى تەرەپكە ئايدىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ھېسابى بىر بوغۇلۇپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ مۇددىتىنى بىر يىللىق قىلىپ بەلگىلەپ، كېلىشىم قىلسىمۇ بولىدۇ ياكى بىر يىلدىن كېيىن يېڭىدىن مال ئالماسلىق شەرتى بىلەن ۋاقىت بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ ۋە ياكى بەزىبىر مەۋسۈملىك تىجارەتلەردە شۇ مەۋسۈم ئاخىرلاشقۇچە بولغان ۋاقىتنى بىر مۇددەت قىلىپ بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، كېلىشىم قىلغان يىلدىكى بىر مەۋسۈمدە ئۈزۈم تىجارىتى قىلىش ئۈچۈن پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزگەن بولسا ئۈزۈم مەۋسۈمى تۈگىگەنگە قەدەر، پاختا تىجارىتى بولسا پاختا تىجارىتى تۈگىگەنگە قەدەر، ھەج – ئۆمرە مەۋسۈمى تىجارىتى بولسا ھەج – ئۆمرە پائالىيىتى تۈگىگەنگە قەدەر… دېگەنگە ئوخشاش.([10])

ئەلۋەتتە، بۇ مەۋسۈملەرنىڭ ئاياغلىشىش ۋاقتى جەمئىيەتتە ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتىدە ھەممىگە مەلۇم ئىشلاردۇر.

ئەمما، پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى كەلگۈسىدە بولۇش – بولماسلىقى ئېنىق بولمىغان بىر ئىشقا باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، ھەجگە بارالىساڭ… دېگەندەك. چۈنكى، بۇنىڭدا نامەلۇملۇق دەرىجىسى ئېغىر. ئەمما، بولۇشى ئېنىق بىر ئىش بولسا، ئۇنىڭغا باغلاپ قويسا جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى كەلسە… دېگەندەك. بۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرىدىن تاللانغان قاراشتۇر.([11])

 

مۇسۇلمان بىلەن كاپىر پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزۈشسە بولامدۇ؟

ئالىملار «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمىدە ئىككى تەرەپ چوقۇم مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك» دەيدىغان بىر شەرتنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بىرلىككە كەلگەن ئەمەس. ئەمما، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، پۇل ئىگىسى كاپىر، كۈچ ئىگىسى مۇسۇلمان بولغان ئەھۋالدا بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، تىجارەتنى مۇسۇلمان ئايلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ تىجارىتىدە ھارام تىجارەت بولمايدۇ.

ئەمما، پۇل ئىگىسى مۇسۇلمان، كۈچ ئىگىسى كاپىر بولغان تەقدىردە، بەزى ئالىملار: «پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى جائىز بولمايدۇ» دېگەن. چۈنكى، پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسى ئەركىن ھەرىكەت قىلالىغاندىلا ئاندىن ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىمدىن كۆزلىگەن پايدىنى ئالالايدۇ. كاپىر ئىسلام ئەھكاملىرىنى بىلمىگەچكە، ئەركىن ھەرىكەت قىلسا چوقۇم ھارام تىجارەت قىلىدۇ ياكى ھارام ئىشلارنى، ھارام پۇللارنى تىجارەتكە ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ تۇرسا تىجارەت ئاقماي قالىدۇ. ھەم ئۇنى چەكلەش پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمىنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، كۈچ ئىگىسى كاپىر بولغان ئەھۋالدا پۇل – كۈچ كېلىشىمى توغرا بولمايدۇ.

يەنە بەزىلەر: «بۇ كېلىشىمگە بىر قانچە چەكلىمە قويۇلغاندا جائىز بولىدۇ» دېگەن. مەسىلەن، كۈچ ئىگىسى كاپىر بولغان ئەھۋالدا، مۇسۇلمان پۇل ئىگىسى ئۇنىڭغا ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك، مەزمۇنى سېرىق ياكى جەمئىيەتكە زىيانلىق نەرسىلەردە تىجارەت قىلماسلىق ياكى تىجارەتكە ھارامنى ئارىلاشتۇرماسلىق، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق قاتارلىق شەرتلەرنى قويسا ياكى مەلۇم خىل ھالال تىجارەت بىلەنلا شۇغۇللىنىشنى شەرت قىلىپ كېلىشىم تۈزسە، كاپىرنىڭ شۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان – قىلمىغانلىقىنى داۋاملىق نازارەت قىلىپ ماڭسا، بۇنداق خەتەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ» دەيدۇ. ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشى يەھۇدىي – خىرىستىيانلار بىلەن شېرىك پۇل – كۈچ مۇئامىلىسى قىلسا بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مالنى ئۇنىڭغا يالغۇز تۇتقۇزۇپ قويماي، ئېلىم – سېتىمنى مۇسۇلمان ئۆزى قىلىدۇ». ھەسەن بەسرى ۋە سەۋرى قاتارلىق ئالىملارمۇ مۇشۇ قاراشتا بولغان. بىراق، بۇنداق قىلغان ئەھۋالدا، بۇ پۇل – كۈچ كېلىشىمى بولماي ئۆزىنىڭ پۇلىدا ئۆزى تىجارەت قىلغانلىق بولىدۇ. پەقەت ئۆزى ئېلىپ – ساتماي، كاپىرنىڭ ئېلىم – سېتىم ئىشلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئاندىن ھارامدىن ساقلىنالىشى مۇمكىن.

كاپىر ئادەتتە، تىجارەتتە ھارامدىن ساقلانمايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىك كېلىشىمى ئامانەت ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان كېلىشىم بولغاچقا، كاپىر كۈچ ئىگىسى بولسا بولمايدۇ، دەپ قارايدىغان ئالىملارنىڭ كۆزقارىشى كۈچلۈكرەكتۇر. بۇ سەۋەبتىن، ئىمام مالىك رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا پۇل بېرىپ، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىشىنى: «ھارام بولمىغان تەقدىردىمۇ مەكرۇھ» دېگەن. ھەتتا بەزى ئالىملار ھالال – ھارامنى ئايرىمايدىغان پاسىق مۇسۇلمانغا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن پۇل تۇتقۇزۇشنىمۇ يامان كۆرگەن. ئىمام لەيس مۇنداق دېگەن: «رەبىيئە ھارامنى يەۋېرىدىغان كىشى بىلەن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلسا بولمايدۇ، دېگەن».([12])

 

كۈچ ئىگىسى دەسمايىنى ئۆزى ئايلاندۇرماي، باشقا بىر كۈچ ئىگىسىگە بېرىپ، پۇل – كۈچ كېلىشىمى تۈزسە بولامدۇ؟

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ كېلىشىمى بويىچە تىجارەت قىلىدىغان پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ دەسمايىنى تىجارەتكە ئىشلەتمەي تۇرۇپلا ياكى بىر مۇددەت ئىشلىتىپ بولۇپ، پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا بىر شەخسكە پۇل – كۈچ كېلىشىمى دەسمايىسى قىلىپ بېرىشى جائىز بولمايدۇ. ناۋادا بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، تىجارەتتە زىيان چىقسا، زىياننى كۈچ ئىگىسى تۆلەيدۇ. پايدا چىققان بولسا، چىققان پايدا كېلىشكەن بويىچە بۆلۈشۈلىدۇ.

ناۋادا پۇل ئىگىسى بۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلسىچۇ؟ بۇنىڭغا بەزى ئالىملار بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزى ئالىملار بولسا توغرا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. رۇخسەت بەرمىگەن ئەھۋالدا، پۇلنى باشقا بىرىگە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن بەرسە، بۇنىڭدىن پايدا چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، پۇلنى كۈچ ئىگىسى تۆلەيدۇ. پايدىغا كەلسەك، پۇل ئىگىسى پۈتۈشكەن بويىچە نېسىۋېسىنى ئالىدۇ، قالغان پايدا كۈچ ئىگىسى بىلەن ئىككىنچى پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى كۈچ ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۈتۈشكەن بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.([13])

 

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە بىر تەرەپ يالغۇز بولماي، بىرقانچە شەخس بولسا بولامدۇ؟

ئالىملار ئوتتۇرىسىدا پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ سەرمايىسىنى بىر كېلىشىم بىلەن بىرقانچە كۈچ ئىگىسىگە تۇتقۇزسا بولىدىغانلىقىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. چۈنكى، بۇ ئىمام ماۋەردى دېگەندەك پايدا ئېلىش كېلىشىمى بولغاچقا، بىر شەخس بىلەن جائىز بولغاندەك، كۆپ شەخس بىلەنمۇ جائىز بولىدۇ.

پۇل – كۈچ كېلىشىمىدە كۈچ ئىگىسى بىرقانچە كىشى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئالىدىغان پايدا ئۈلۈشى ئېنىق بولۇشى شەرت. يەنە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ئۈلۈشى تەڭ بولۇشى شەرت.

يەنە ھەربىر كۈچ ئىگىسى ئېلىم – سېتىم قىلىشتا تولۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى شەرت. ئەمما، پۇل ئىگىسى بىر كۈچ ئىگىسىگە يەنە بىرىنىڭ رايىنى ئېلىپ ئىش قىلىشنى شەرت قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

ئەمما، بىر كىشىنىڭ ئىككى ياكى بىرقانچە كىشىدىن پۇل ئېلىپ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، كۈچلۈك قاراشقا ئاساسەن، كۈچ ئىگىسى بىر شەخستىن پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۇل ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي، باشقا بىر شەخستىن پۇل ئېلىپ، يەنە بىر پۇل – كۈچ كېلىشىمىنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىككىنچى كېلىشىم بىلەن بولۇپ كېتىپ، بىرىنچى كېلىشىمنى تاشلاپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولسا بىرىنچى پۇل ئىگىسىگە زىيان بولىدۇ ياكى پايدا چىقمايدۇ.([14])

 

پۇل ئىگىسى كېلىشىمدىن بۇرۇن چەكلىمە قويماي، كېيىن چەكلىمە قويسا بولامدۇ؟

پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكنىڭ پۇلى نەق بار بولسا، پۇل ئىگىسى خۇددى باشتىن تارتىپ چەكلىمە قويغاندەكلا چەكلىمە قويسا بولىدۇ. پۇل نەق بولماي، كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا تاۋارلا بار بولغان ئەھۋالدا، تاكى پۇل نەقلەشكەنگە قەدەر چەكلىمە قويسا بولمايدۇ. پۇل نەق بولغاندىن كېيىن ئاندىن: «مالنى نېسى ساتمايسەن، مالنى باشقا بىرىگە سېتىپ قويۇشقا بەرمەيسەن…» دېگەندەك ھەرخىل چەكلىمىلەرنى قويسا بولىدۇ.([15])

 

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ كېلىشىمىدىكى تىجارەت قىلىدىغان مالنى پۇل ئىگىسىگە سېتىپ قويۇشقا بەرسە بولامدۇ؟

گەرچە كېلىشىم قىلغاندا پۇل ئىگىسى بىللە كۈچ چىقىرىپ، مال سېتىشىپ بېرىدۇ، دەپ شەرت قىلمىغان بولسىمۇ، كېيىنچە، مالنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى پۇل ئىگىسىگە سېتىپ قويۇشقا بەرسە، پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇزۇلمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسىنىڭ ساتقىنى پۇل – كۈچ كېلىشىمىگە ھېساب بولىدۇ. ئەمما، مالنى ياكى دەسمايىنى پۇل ئىگىسىگە پۇل – كۈچ كېلىشىمى قىلىپ بەرسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، كېلىشىمىنىڭ ئىچىدە يەنە بىر پۇل – كۈچ كېلىشىمى بولۇپ بولغان بولىدۇ.

پۇل ئىگىسى كۈچ ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىگە مال ئېلىپ ساتسا، كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا دەسمايە نەق پۇل بولغان بولسا، پۇل – كۈچ كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل ئىگىسى ئۆزى ئۈچۈنلا ئېلىپ ساتقان بولىدۇ. كۈچ ئىگىسىنىڭ قولىدا قالغىنى تاۋار بولسا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى ئۈچۈن سېتىپ قويغان بولىدۇ. ناۋادا پۇل ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە تەۋە تاۋارنى نەق پۇلغا سېتىپ، ئۇنىڭغا يەنە تاۋار سېتىۋالغان بولسا، كۈچ ئىگىسى پەقەتلا بىرىنچى تاۋارنىڭ پايدىسىنى دېيىشكەن بويىچە ئالىدۇ. ئىككىنچى قېتىم سېتىۋالغان تاۋارنىڭ پايدىسىنى ئالالمايدۇ. چۈنكى، پۇل ئىگىسى دەسلەپكى تاۋارنى ساتقان چاغدا قولىغا نەق پۇل كىرگەن، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىنى نەق ھالەتتە قولىغا ئېلىشى بىلەن پۇل – كۈچنى بۇزۇۋەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئۇ پۇلغا مال سېتىۋالسا ئۆزىنىڭ ھېسابىغا مال سېتىۋالغان بولىدۇ. ناۋادا تاۋار مالنى پۇلغا ئەمەس، تاۋار مالغا ساتقان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ پايدىسىنى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن بويىچە ئالىدۇ.([16])

 

كۈچ ئىگىسىنىڭ چىقىمى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

كېلىشىم تۈزگەندە تىجارەتنىڭ چىقىمىنى دەسمايىدىن قىلىش ياكى قىلماسلىقنى، ياكى قانداق چىقىمنى دەسمايىدىن قىلىش، قانداق چىقىمنى كۈچ ئىگىسى ئۆز يېنىدىن قىلىش ھەققىدە ئېنىق پۈتۈشكەن ئەھۋالدا، كېيىن چىقىدىغان نۇرغۇن تالاش – تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

كۈچ ئىگىسى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتى قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۇنىڭ چىقىمى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىدىن بولىدۇ. بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، كۈچ ئىگىسىنىڭ خىراجىتى مەيلى سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم ھالەتتە بولسۇن، بېرىلىش شەرت قىلىنغان بولسا دەسمايىدىن بولىدۇ. شەرت قىلمىغان بولسا ئۆز يېنىدىن چىقىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم تۇرغان ھالەتتە بولسۇن، بارلىق چىقىم دەسمايىدىن بولىدۇ. يەنە بىر قاراشتا، كىرا ۋە ياتاق پۇلىغا ئوخشاش سەپەر قىلىش سەۋەبىدىن ئارتۇقچە قىلىنىدىغان چىقىملارنىڭ ھەممىسى پايدىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. پايدا بولمىسا، دەسمايىدىن چىقىم قىلىنىپ، زىيانغا ھېساب بولىدۇ. يۇقىرىقىسى ئالىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشمىغان كۆزقاراشلاردۇر، خالاس.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى ئالساق ياتاق، تاماق، زۆرۈر تېپىلغاندا قىشلىق كىيىم – كېچەك، ماشىنا ۋە ئايروپىلان بېلەتلىرى، تاكسى كىراسى، كىيىم – كېچەكلىرىنى يۇغۇزۇش چىقىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق شەكىلدە پايدىدىن چىقىرىلىدۇ. پايدا بولمىسا، دەسمايىدىن چىقىرىلىدۇ. دورا ۋە داۋالىنىش چىقىمىنى كۈچ ئىگىسى ئۆزى كۆتۈرىدۇ. قىلىنغان چىقىم مىقدارى تىجارەتچىلەر ئادەتلەنگەن نورمال مىقداردا بولىدۇ. نورمالدىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىۋەتسە، ئارتۇق قىسمىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ.

مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەپەردە ياكى مۇقىم ھالەتتە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىدىن قىلىنىدىغان چىقىملارنى تىجارەتچىلەرنىڭ ئادىتى بەلگىلەيدۇ ياكى پۇل ئىگىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا، بۇ چىقىملار دەسمايىدىن چىقىرىلىدۇ.([17])

بىر جايغا مال ئالغىلى بېرىپ، مال ئالالماي قۇرۇق قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، چىقىم دەسمايىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۆزىنىڭ پۇلى ۋە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىگە مال ئېلىش ئۈچۈن سەپەر قىلغان بولسا، چىقىم دەسمايە مىقدارى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. بىرقانچە كىشىنىڭ پۇلىغا مال ئېلىش ئۈچۈن بارغان بولسا، چىقىم ھەممىگە ئۆز مىقدارى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.

 

چىقىم دەسمايىدىن چىقىرىلامدۇ ياكى پايدىدىنمۇ؟

پايدا چىققان بولسا چىقىم پايدىدىن چىقىرىلىدۇ. پايدا چىقمىغان بولسا دەسمايىدىن چىقىرىلىدۇ. ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلىپ قويغان بولسا، بۇنى پايدىدىن ياكى پايدا بولمىسا، دەسمايىدىن تۇتۇۋالىدۇ.([18])

ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن بىللە پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ سەپەرگە چىققان بولسا ياكى پۇل ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياكى تىجارەتچىلەر ئارىسىدىكى ئادەت بويىچە ئۆزىنىڭ پۇلىنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىگە ئارىلاشتۇرغان بولسا ۋە ياكى باشقا – باشقا ئىككى كىشىدىن ئالغان پۇلنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىگە ئارىلاشتۇرغان بولسا، چىقىمىنى ھەربىر كىشىدىن ئالغان پۇلنىڭ مىقدارى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ بەلگىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ يېنىدىن چىقىم قىلىپ تۇرۇپ، كېيىنچە، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسىدىن تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇنداق ئەھۋالدا، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىنىڭ دەسمايىسى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتسە ياكى پۈتۈنلەي زىيان چىقسا، قىلغان چىقىملىرىنى پۇل ئىگىسىدىن ئالالمايدۇ. چۈنكى، پۇل ئىگىسى پۇلىدىن باشقا زىياننى تارتمايدۇ. مەسىلەن، پۇل ئىگىسى 1000 سوم پۇلنى پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكىگە بەرگەن بولسا، كۈچ ئىگىسى بۇ پۇلنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن 100 سوم چىقىم قىلغان، پۇل – كۈچ شېرىكچىلىكى تىجارىتىدىن 150 سوم پايدا چىققان بولسا، 100 سوم پايدىنى «كۈچ ئىگىسى قىلغان چىقىم» دەپ بېرىۋەتكەندىن كېيىن، 50 سوم پايدىنى ئىككىيلەن پۈتۈشكەن بويىچە بۆلۈشۈۋالىدۇ.([19])
داۋامى بار.
—————————-
([1]) «الحاوي الكبير»، للماوردي؛ «المنتقى»، للباجي.
([2]) «بدائع الصنائع»؛ «المغني»، لابن قدامة.
([3]) «سنن الدارقطني»، 3077 – ھەدىس؛ «نصب الراية»، 3801 – ھەدىس
([4]) «بدائع الصنائع»؛ «المغني» لابن قدامة؛ «الحاوي الكبير»، للماوردي.
([5]) «سنن الدارقطني»، 3077 – ھەدىس؛ «نصب الراية»، 3801 – ھەدىس
([6]) «الحاوي الكبير»، للماوردي؛ «المغني»، 5/162؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/861 – 864؛ «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/77.
([7]) «المغني»، 5/192؛ «المدونة الكبرى»، 4/63؛ «الفتاوى الهندية»، 4/277؛ «الحاوى الكبير»، للماوردي.
([8]) «بدائع الصنائع»؛ «المغني»، لابن قدامة؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4 – /863.
([9]) «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4 – /840، 841.
([10]) «الفقه على المذاهب الأربعة»، 3 – /36.
([11]) ھەنبەلىي مەزھىپى بۇنى «مۇتلەق توغرا» دېگەن، باشقىلار «مۇتلەق توغرا بولمايدۇ» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، شۇنداق ئايرىش مۇۋاپىق.
([12]) «المدونة»، 4/57؛ «المبسوط»، للسرخسي؛ «الحاوي الكبير»، للماوردي؛ «المغني»؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/843.
([13]) «بدائع الصنائع»، 6/96؛ «المغني»، 5/43؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/858؛ «الفقه على المذاهب الأربعة»، 3/56؛ «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/79.
([14]) «الحاوي الكبير»، للماوردي؛ «المغني»، لابن قدامة.
([15]) «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/864.
([16]) «حاشية ابن عابدين»، 4/490؛ «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/84.
([17]) «بدائع الصنائع»؛ «المغني»، لابن قدامة؛ «الحاوى الكبير»، للماوردي؛ «فقه السنة»، 3/330.
([18]) «بدائع الصنائع»، 6/106؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/8864، 8865؛ «الفقه على المذاهب الأربعة»، 3/48.
([19]) «حاشية ابن عابدين»، 4/491؛ «الفقه الحنفي في ثوبه الجديد»، 5/85، 86.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز