پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىتا دوستلارنىڭ نادانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ بوھتانلىرى

دوكتور مۇھەممەد تەييىب نەججار

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ياخشىلىق، ئەزگۈلۈك ۋە رەھىم – شەپقەتنىڭ ئۆچمەس كارتىنىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەقىل – پاراسىتىنى يورۇتقان مۆمىنلەر بۇ كارتىنىدا ئەكس ئەتكەن ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر ۋە يۈكسەك نىشانلارنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. بىلىمسىزلىك، پىكىرىي چولتىلىق، ئۆچ – ئاداۋەت، نانكورلۇق، تۇزكورلۇق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان قەلبى كېسەل كىشىلەر ئۆزى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ۋە خەۋەرلەر ھەققىدە ھەر خىل قاراشلاردا بولىدۇ.

شەكسىزكى، بۇ كىسەللىكلەر ھەقىقەتنى پەردىلەپ قويىدۇ، بەزىدە ھەقىقەتكە تاجاۋۇز قىلىپمۇ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى مۇسۇلمانلار بۇ خاتالىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. بۇ خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرى ياخشى نىيەتتىن ياكى خاتا ئىجتىھاتتىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئاللاھ تائالا ئۆز ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلىنىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا ئاخىرلاشقان بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنسانلار ئەۋلادمۇئەۋلاد سايىدايدىغان ۋە بەھرىمەن بولىدىغان سالقىن سايە؛ ھەق يولنىڭ بەلگىلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان، ئېچىلمىغان سىرلارنى ئېچىپ بېرىدىغان، ئىنسانلارنىڭ كۆز ۋە ئەقىللىرىنى توسۇۋالغان ھىدايەت ۋە نۇر ئۈستىدىكى پەردىلەرنى ئېچىپ تاشلايدىغان نۇرلۇق مەشئەل قىلدى.

شۇ بويىچە ئېيتقاندا، بارلىق ساماۋىي دىنلارنىڭ نېگىزى ۋە يىلتىزى بىردۇر. بارلىق ساماۋىي كىتابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق دىنىي پىرىنسىپلار ۋە قىممەت – قاراشلار نۇقتىسىدىن بابلىرى ھەر خىل، نىشان – مەقسەتلىرى بىر، ھەر بابتىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى ھەر خىل، ئەمما، مەنە ۋە چۈشەنچىلىرى بىر بىر كىتاب دېسەكمۇ بولىدۇ.

«قۇرئان كەرىم»دىكى دىن ھەققىدە ئومۇمىي شەكىلدە سۆزلىگەن مۇنۇ ئايەتمۇ شۇنىڭغا ئىشارەت قىلسا كېرەك:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: »ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر» (سۈرە «ئال ئىمران»، 19 – ئايەت).

ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: »كىمكى ئىسلام (دىنى) دىن باشقا دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر» (سۈرە «ئال ئىمران»، 85 – ئايەت).

«قۇرئان كەرىم» ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ دېگەن مۇنۇ سۆزىنى بايان قىلىدۇ: »ئى ئوغۇللىرىم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» (سۈرە «بەقەرە»، 132 – بەت).

ئىسلام پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋە دەۋەتچىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىكى بىردىنبىر دىندۇر.

چۈنكى ئاللاھ بۇرۇنلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ دىنى بولۇشىنى خالاپ، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى پەيغەمبەرلەردىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن كىتابلارنى تەستىقلاپ پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان.

بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەۋرداش مىللەت ۋە خەلقلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىش ۋە ئۇنى تەستىقلاش ھەققىدە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. چۈنكى، ئۇ باتىل ئارىلىشىپ قالمايدىغان ھەق دەۋەتتۇر ۋە ئاللاھ ئاسمان – زېمىن ۋە بۇ كائىنات مەۋجۇت بولۇپلا تۇرسا مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى پۈتۈۋەتكەن دۇنياۋى دەۋەتتۇر.

ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: »ئۆز ۋاقتىدىلا ئاللاھ پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئېلىپ: ›سىلەرگە مەن كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئاتا قىلدىم، كېيىن سىلەرگە، سىلەردىكى نەرسىلەرنى (يەنى كىتاب بىلەن ھېكمەتنى) ئېتىراپ قىلغۇچى بىر پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلسە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، ئىمان ئېيتىشىڭلار كېرەك ۋە ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك‹ (دېدى). ئاللاھ: ›(بۇ ئەھدىنى) ئىقرار (يەنى ئېتىراپ) قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ (يەنە بۇ ئىش) ئۈچۈن مېنىڭ ئەھدىمنى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟› دېدى. ئۇلار: ›ئېتىراپ قىلدۇق› دېدى. ئاللاھ: ›(ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە تەۋەلىرىڭلارنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا) گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىندۇرمەن› دېدى» (سۈرە «ئال ئىمران»، 81 – ئايەت).

شەكسىزكى، بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ئۇنىڭ شەرق ۋە غەربنى يورۇتقان، ئالەمنى نۇر ۋە ھىدايەتكە تولدۇرغان ئۇلۇغ دەۋىتىنىڭ مۇكەممەل ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نۇرلۇق، خۇشپۇراق تەرجىمىھالغا مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلگەن. ھەر قايسى مىللەت ۋە خەلقلەر ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد نەقىل قىلغان ۋە ھەر قايسى دەۋرلەردىكى سان – ساناقسىز كىتابلاردا خاتىرىلىگەن.

بۇ تەرجىمىھال ھەققىدە كىتاب يېزىش ئاسمانلار يېرىلغان، يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچكەن، ئاسمان ۋە زېمىن باشقا بىر ئاسمان – زېمىنغا ئالماشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتمەكچى بولغان تارىخشۇناس ئەڭ ئەۋۋەل قەلبىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن نۇرلاندۇرۇشى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىشەنچلىك ھەدىس كىتابلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم، لېكىن «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ بەزى خۇسۇسىي تەرەپلىرىنى قىسقىچە بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ تەرەپلەر نۇرغۇن شەرھ ۋە ئىزاھاتلارغا موھتاج بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاساسلىق تارىخىي مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلماي بولمايدۇ. بۇ مەنبەلەرنىڭ مۇھىملىرى: ئىبنى هىشامنىڭ »سيرة ابن هشام»(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىش-ئىزلىرى)، تەبەرىنىڭ »تاريخ الرسل والملوك»(پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى) ۋە ئىبنى سەئدنىڭ »الطبقات الكبرى»(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كىتاب) ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قىسمى قاتارلىقلاردۇر.

ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭى تارىخشۇناسلار يازغان كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئىشەنچلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قولىدىن كېلىشىچە يېڭى پىكىرلەرنى قوشۇشى، ئاساسسىز پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشى لازىم.

شەكسىزكى، بەزى يېڭى كىتابلاردىكى بىر قىسىم خاتا پىكىرلەر دەسلەپكى توپلام دەۋرىدە مۇسۇلمانلار كىتابلىرىغا كىرگۈزۈۋېتىلگەن قەدىمىي پىكىرلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. بۇ پىكىرلەرنىڭ كۆپ قىسمى كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمان بولغان، لېكىن ئىمان قەلبلىرىگە كىرمىگەن ياكى ئىسلامغا كىرگەن بولسىمۇ ئىسلامنىڭ پىرىنىسپ ۋە ئەدەپلىرىنى تولۇق تونۇپ بولالمىغان كىشىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئاز بىر قىسمى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلغان، كىتابلىرىدا مۇتەئەسسىپلىك ۋە تەرەپبازلىق روھى غالىب كەلگەن شەرقشۇناسلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شەرقشۇناس ۋىليام مويىر، كايتانىي قاتارلىقلار ئەنە شۇلار جۈملىسىدىندۇر.

بەزى يېڭى تارىخشۇناسلار ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى بىلمەسكە سېلىپ ياكى ئۇلارنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان پارقىراق ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرىغا ئالدىنىپ بۇ ئۇسلۇبنىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان ئۆتكۈر زەھەر، زور يامانلىقتىن غاپىل ھالدا بۇ قاراشلارنى نەقىل قىلغان.

بىز ھازىر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلغان ئۆلىمالار ۋە تەتقىقاتچىلار دۇچ كەلگەن ۋە ھەر خىل قاراشلاردا بولغان بىر نەچچە زەنجىرسىمان مەسىلىلەرنى بايان قىلىمىز. بۇ ئۆلىمالارنىڭ بەزىلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دوستلىرى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى سەزمەستىن خاتا كېتىپ، ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلاپ ھەق يولدىن تېيىپ كەتكەن. بۇنداق دوستلارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى دۈشمەنلەرنىڭكىدىن چوڭ. چۈنكى، دۈشمەن كۆپىنچە ھاللاردا باتىل بىلەن قوراللىنىپ، يالغان – ياۋىداقلارنى ئويدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، پىكىرلىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە ياقمايدۇ ۋە ئىشەنچ ھاسىل قىلالمايدۇ. ئەمما دوست كىشىلەردىن يامانلىق، خەتەر كېلىدۇ، دەپ ئويلىمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ تەسىرى زور، خەتىرى چوڭ بولىدۇ.

بىرىنچى مەسىلە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى

بىزنىڭ يورۇتۇشىمىز ۋە ھەقنىڭ جامالىنى نامايان قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان تۇنجى تېما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان زامان ۋە ماددىغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مەسىلسىدۇر.

بۇ رىۋايەتلەردە ھەقىقەتنىڭ ھېچبىر پۇرىقىمۇ يوق، ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ يوق. چۈنكى، بۇ رىۋايەتلەر ئۆز – ئۆزىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان مەزمۇنلارغا ھامىلىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قۇرئان» ئايەتلىرىگە ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگىمۇ زىتتۇر.

ئىبنى كەسىر ئەبىي نۇئەيمنىڭ »دلائل النبوة» ناملىق كىتابىدىن نەقىل قىلغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: »‹مەن ئەڭ بۇرۇن يارىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن› دېدى» دېگەن رىۋايەت([1]).

ۋە كەئبۇل ئەھباردىن رىۋايەت قىلىنغان: »ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياراتماقچى بولغاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى زېمىننىڭ مەركىزىدىن نۇرلۇق، چىرايلىق لاينى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پىردەۋىس جەننتىدىكى ۋە يۇقىرى ئالەمدىكى مالائىكىلەرنى ئېلىپ زېمىنغا چۈشۈپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قەبرىسىدىن ئاپئاق، نۇرلۇق بىر چاڭگال تۇپراقنى ئېلىپ، ئۇنى جەننەت ئۆستەڭلىرىنىڭ شىرىن سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، كۈچلۈك نۇر چېچىۋاتقان ئاپئاق گۆھەر ھالىتىگە كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن مالائىكىلەر ئۇ لاينى ئەرش، كۇرسىي ۋە ئاسمان زېمىن ئارىسىدا ئايلاندۇردى، شۇنىڭ بىلەن مالائىكىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتىن بۇرۇن تونىدى. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدە كۆرۈنىدىغان بولدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: ‹ئى ئادەم! بۇ سېنىڭ پەيغەمبەر ئەۋلادلىرىڭنىڭ ئەڭ كاتتىسى› دېيىلدى. ھەۋۋا ئانىمىز شىيس ئەلەيھىسسالامغا ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتا، بۇ نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھەۋۋا ئانىمىزغا كۆچتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ نۇر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغانغا قەدەر ئادەم ئەۋلاتلىرى ئارىسىدا ئېسىلدىن ئېسىلغا كۆچۈپ يۈردى» ([2]).

بەزى رىۋايەتلەردە: »ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە تۇنجى يارىتىلغىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ئۇ نۇردىن يارىتىلغان، بۇ نۇردىن ئاسمان، زېمىن، ئەرش، كۇرسىي، لەۋھۇلمەھفۇز، قەلەم ۋە باشقا نەرسىلەر يارىتىلغان» دەپمۇ كەلگەن.

بىز مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەقىقىي ھۆرمەتلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنى سۈپەتلەشتە ھەددىدىن ئېشىپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭ قەدىر – قىممتىنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، ئۇنى ئىنسانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكىمىز، ئۇنى »لايدىن ئەمەس نۇردىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان لايدىن ئەمەس باشقا بىر لايدىن يارىتىلغان، ئادەم ئاتىمىزدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇت ئىدى» دېگەندەك پايدىسىز، بەلكى زىيانلىق، تۇتۇرۇقسىز يالغان – ياۋىداقلار كەينىدىن چېپىپ يۈرمەسلىكىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلىنەلمەيدىغان مۇقەددەس كىتابىدىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىنغان مۇنۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ھەقىقەت ئوپئۇچۇق ئايان بولىدۇ: »(ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن، ماڭا ۋەھىيى قىلىنىدۇ» (سۈرە «كەھف»، 110 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزىنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇلاردىن پەقەت ئاللاھنىڭ ئۇنى ۋەھىي تاپشۇرۇۋېلىشقا ئەلچى قىلىپ تاللىغانلىقى بىلەنلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا جاكارلاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ مەنىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىنسانلار يارىتىلغان لايدىن يارىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان يەنە بىر ئايەتتە تېخىمۇ تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: )»ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» (سۈرە «تەۋبە»، 128 – ئايەت).

ئىمام مۇسلىممۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: »ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى تاللىدى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن كىنانە ئوغۇللىرىنى تاللىدى، كىنانە ئوغۇللىرىدىن قۇرەيشنى تاللىدى، قۇرەيشتىن ھاشىم جەمەتىنى تاللىدى، ھاشىم جەمەتىدىن مېنى تاللىدى».

بەزى مۇپەسسىرلەر ئۆز تەپسىرلىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ: »سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى.ئاللاھ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ»[3] دېگەن سۆزىدىكى »نۇر» كەلىمىسىنى »مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» دەپ تەپسىر قىلغان.

شۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمىگەن بەزى ئەقلى ئاجىز كىشىلەرگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نۇردىن يارىتىلغان دېيىشكە يول ھازىرلانغان.

شەكسىزكى، ئايەتتە دېيىلىۋاتقان نۇر كىشىلەرگە ھەق يولىنى يۇرۇتۇپ بېرىدىغان مەنىۋى نۇردۇر. ھەرگىزمۇ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چىراغ ۋە يۇلتۇزلاردەك نۇر چاچىدىغان ماددىي نۇر ئەمەس.

دىللار ئارام تاپىدىغان، ئەقىلگە ئۇيغۇن رېئاللىق شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىم ۋە ھېكمەت ئارقىلىق كىشىلەرگە ياخشىلىق يوللىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن نۇردۇر. لېكىن ئۇ بارلىق ئىنسانلار يارىتىلغان تۇپراقتىن يارىتىلغان.

ئاللاھ ئۇنى مەشرىق ۋە مەغرىبنى يورۇتقان، پۈتۈن ئالەمنى ھىدايەت ۋە ھەقىقەتكە پۈركىگەن چوڭ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىغان ئىكەن، ئۇنىڭ تۇپراقتىن يارىتىلغان بولۇشى ئۇنىڭغا ھېچ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.

بىز ئىشىنىدىغان ۋە دىللىرىمىز ئارام تاپىدىغان رېئاللىق شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ مەرتىۋە ۋە دەرىجە جەھەتتىن ئەڭ يۇقىرىسى، لېكىن ئەڭ بۇرۇن يارىتىلغان، ئەڭ بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئەمەس. زامان تەرتىپى جەھەتتىن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولۇشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇنداقلا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۈستۈنلۈكنىڭ بۇرۇن تۇغۇلغانلىققا قاراپ بېكىتىلىشىمۇ ساغلام مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەجدادلار مەڭگۈ ئەۋلادلاردىن ئەۋزەل بولغان بولاتتى.

بۇسەيرىينىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلىقى ۋە باشقا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى نېمىدېگەن گۈزەل سۆز – ھە!

ئىلىمنىڭ پەللىسى ئۇ بىر ئىنسان،

بىراق ماقامى ھەممىدىن ئۈستۈن.

 

ئىككىنچى مەسىلە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەر

بەزى تەرجىمىھال كىتابلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇغۇلغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن مۆجىزىلەرنى سۆزلەپ كېلىپ، كىسرانىڭ ئوردىسىنىڭ ئون تۆت كۆز دىرىزىسى چۈشۈپ كەتكەن، مەجۇسىيلار ئىبادەت قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈپ قالغان، »ساۋە كۆلى»([4]) قۇرۇپ كەتكەن، كۆل ئەتراپىدىكى چېركاۋلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، دېگەندەك ۋەقەلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ ۋە بۇلارنى نۇرغۇن شائىرلار قەسىدىلىرىدە نەزمە قىلىپ يۈرۈشىدۇ.

ئۇلارنىڭ بۇ رىۋايەتلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرمەستىن، سەھىھلىكىنى بىلمەستىن نەقىل قىلىپ يۈرۈشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ياخشى كۆرۈشى تۈرتكە بولغان.

»قەسىدە بۇردى»نىڭ ساھىبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلۇغ پەيغەمبەر،

پارىسلار ھېس قىلدى بۈيۈك بىر خەتەر.

كىسرانىڭ ئوردىسى تەۋرەپ ھەر ياندىن،

چاك كەتتى دېرىزە ھەيھات! ئەل ھەزەر!

مەجۇسى ئوتىمۇ دېدى: بەس، يېتەر!

ھەم ئۆچتى، ئۆمۈرى بولدى بۇ قەدەر.

»ساۋە»نىڭ سۈيىمۇ تۈگىدى قۇرۇپ،

ئاچچىق يۇتتى ئۇسسۇز كەلگەنلەر.

 

بۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسىمۇ يوق ھەم ئىشەنچلىك ئىسلامىي مەنبەلەرگىمۇ تايانمىغان.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىنىڭ »فقه السيرة» ناملىق كىتابىدا ئېيتقان بۇ ھەقتىكى مۇنۇ سۆزى ماڭا بەكمۇ ياراپ قالدى: »بۇ، توغرا پىكىرنى خاتا ئىبارە بىلەن ئىپادىلىگەنلىك. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى راستىنلا زۇلۇم ۋە زۇلۇم دەۋرىنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى ماددىي ۋە مەنىۋى ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن ئالەم شاھىت بولغان ئەڭ چوڭ ئىنقىلابتۇر. قۇرئان قوشۇنى تارىختىكى زالىملارنى تىز چۆكتۈرگەن، ئۇلارنىڭ شەۋكىتىنى ئارقىمۇئارقا يەرگە ئۇرغان ئەڭ ھەققانىي قوشۇندۇر. شۇ سەۋەپتىن، ئىنسانلار زۇلۇم كىشەنلىرىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بۇ ھەقىقەتنى تەسۋىرلەش ھەۋىسى قوزغىلىپ، بۇ مۆجىزىلەرنى خىيال قىلىشقان ۋە ئۇنىڭغا ئاجىز رىۋايەتلەرنى ئىجاد قىلىشقان. ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇنداق رىۋايەتلەرگە ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان رېئال مۆجىزىلىرى بىزنى بۇنداق رىۋايەتلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ».

بىز شەيخ غەززالىنىڭ سۆزىگە قوشۇپ دەيمىزكى، ئىشەنچلىك تارىخ، تەرجىمىھال، ھەدىس كىتابلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى قاتارىدا بۇلارنى تىلغا ئالمىغان.

بۇنىڭغا ئوخشىغان زور ۋەقەلەرنىڭ (ئەگەر يۈز بەرگەن بولسا) نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەقەلەرنى ئىسلام دۈشمەنلىرى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئىنكار قىلمىغان، بەلكى شۇ دەۋرلەر تارىخى يېزىلغان كىتابلىرىدا خاتىرىلىگەن ۋە بۇ ھادىسىلەر تەبىئىي ئامىل ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغان دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ دىنىنىڭ پەزىلىتىنى ئىسپاتلاشتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدىغان ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئىزدەشكە ئورۇنغان بولاتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بولمىدى. بۇنىڭدىن ئايان بولىدۇكى، بۇ رىۋايەتلەر كۆڭلىمىزنى ئارام تاپقۇزالايدىغان، يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىغان دەلىل كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا دەيمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى ئاجىزلىق، زەئىپلىك يېقىن يولىيالمايدىغان، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى تۇۋاقلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن نۇرغۇنلىغان مۆجىزە ۋە زور ھادىسىلەرگە تولغان. ئاللاھ خالىسا، بۇلارنى كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا گۈزەل شەكىلدە بايان قىلىمىز. ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بىز دەلىل – ئىسپاتلىرى ئاجىز مۆجىزىلەرنى قوللىنىشقا موھتاج ئەمەس.

كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا ھەقىقەت قۇياشى دوستلارنىڭ نادانلىقى، دۈشمەنلەرنىڭ يالغان – ياۋىداق، تۆھمەتلىرى ئارىسىدا غايىب بولغان تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا تىرىشىمىز.

ياردەم ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

 

مەنبە: »ئۈممەت» ژورنىلى ھىجرىيە 1402 – يىلى شەۋۋل ئېيى 2 – سان

تەرجىمىدە: مۇرشىد
——————————-
([1]) «شرف المصطفى» أبو سعد النيسابوري.
([2]) «سبل الهدى والرشاد» الإمام الصالحي.
([3]) سۈرە «مائىدە»، 15 _ 16 – ئايەتلەر.
([4]) ئىراقنىڭ مەسنا ئۆلكىسىگە جايلاشقان، فۇرات دەرياسىغا يېقىن تۇزلۇق كۆل – ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز