ۋاتساپ ۋە ئالاقە - ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

ۋاتساپ ۋە ئالاقە – ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋاتساپ ۋە ئالاقە – ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا يوللىنىدىغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزىلەر بۇ چەكلەنگەن دائىرىدىكى سىزىلغان سۈرەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇ رەسىمنى تارقىتىش ھارام بولۇشى چوڭ ئېھتىمال دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ھەققىدە قىسقىچە بولسىمۇ دەلىل بىلەن بىر چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مۇنبەر ۋە ۋاتساپ قاتارلىق تور ئالاقە – ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كىشىلەر بىر – بىرى بىلەن ئۇچۇرلاشقاندا ئەۋەتىشىدىغان كۈلۈمسىرىگەن ياكى يىغلىغان چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىش ھۆكمى ھەققىدە جاۋاب بەرگەن ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزىلەر بۇنى جانلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىش دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ ھارام دېسە، بەزىلەر مەكرۇھ دېگەن، يەنە بەزىلەر شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر ئىشلەتمىگەن ياخشى دېگەن. يەنە بەزىلەر بۇنى ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ، دېگەن. ئاخىرقى مۇشۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.

بۇ مەسىلىدە شۇنى ئايرىۋېلىش لازىم: بۇ تۈرلۈك تۇيغۇ ئىپادىلەيدىغان چىراي ئىپادىلىرى ھەدىسلەردە چەكلەنگەن رەسىم دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

ئەلبەتتە، بۇ تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرى ھەدىسلەردە چەكلەنگەن رەسىم دائىرسىگە كىرمەيدۇ، ئەلبەتتە. ئۇ بىرەر بەلگە ياكى ئىپادىدىن ئىبارەت، چۈنكى ئۇنىڭدا جانلىقلارنىڭ كۆز، قۇلاق، بۇرۇن ۋە قاش قاتارلىق چىراي شەكلى ئېنىق مەلۇم بولمايدۇ.

بۇنى ئادەمزاتنىڭ ياكى جانلىقنىڭ سۈرىتى دېگەن تەقدىردىمۇ، بۇ يەنىلا چەكلەنگەن دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، جانلىقلارنىڭ رەسىملىرى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ چۈشىنىشىدە تولۇق بەدەن ياكى ياشىيالىغۇدەك ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «جانلىقنىڭ رەسىمىدىن بىر قىسمى كېسىۋېتىلىپ، قالغان قىسمىدا بىر جانلىق ياشىيالمايدىغان بولسا، مەكرۇھلۇق يوقىلىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: ‹سۈرەتنىڭ ئاساسلىق قىسمى باشتۇر، باش كېسىۋېتىلسە سۈرەت بولمايدۇ› دېگەن.(1) بۇ ئىكرىمەدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹جىبرىل ئەلەيھىسسالام قېشىمغا كېلىپ: «مەن ئاخشام سېنىڭ قېشىڭغا كەلگەنىدىم. بىراق، سەن بار ئۆيگە كىرمىدىم. چۈنكى، ئۆينىڭ ئىشىكىدە ئەرلەرنىڭ رەسىملىرى، ئۆينىڭ ئىچىدە رەسىم چۈشۈرۈلگەن پەردە ۋە بىر ئىت بار ئىكەن. بۇيرۇغىنكى، ئىشىكتىكى رەسىملەر كېسىلىپ، دەرەخ شەكلىگە كىرگۈزۈلسۇن. بۇيرۇغىنكى، پەردە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يەرگە تاشلاپ ئولتۇرىدىغان ئىككى ياستۇق تىكىلسۇن. بۇيرۇغىنكى، ئىت ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىلسۇن» دېدى›. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلدى. ئۇ ئىت ھەسەن ياكى ھۈسەيننىڭ كۈچۈكى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇ كۈچۈك سىرتقا ئېلىپ چىقىۋېتىلدى.(2)

جانلىقنىڭ رەسىمىدىن مەيدىسى ياكى قورسىقىغا ئوخشاش، ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان قىسمى كېسىۋېتىلسە، ياكى تەندىن ئايرىۋېتىلگەن كاللىسىلا بولسا، چەكلەنگەن دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى كاللا كاللىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن تەنگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. كۆز، پۇت – قولغا ئوخشاش كېسىۋېتىلگەن قىسمى جانلىقنى ھاياتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدىغان بولسا، بۇ چەكلەنگەن سۈرەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇنداقلا رەسىم سىزىشقا تۇتۇش قىلغاندا كاللىسىز تەن ياكى تەنسىز كاللا ياكى كاللىسى ئىنساننىڭ، باشقا ئەزالىرى جانسىزلارنىڭ بولسىمۇ چەكلەنگەن دائىرىگە كىرمەيدۇ، چۈنكى بۇلار جانلىقلارنىڭ سۈرەتلىرى ئەمەس».(3)

قارايدىغان بولساق، چىراي ئىپادىلىرىدە ئەمەلىيەتتە، يا تەن يا كاللا يوق. ئۇ پەقەتلا قاش – كۆز، بۇرۇن، قۇلاق ۋە كالپۇكلاردىن خالىي يۇمىلاق بىر بەلگە خالاس. چىراي ئىپادىلىرى تولۇق بىر جانلىقنىڭ سۈرىتىنى سىزىش مەقسىتىدىمۇ تەييارلانمىغان. يۇقىرىقى جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدىمۇ سۈرەت بار پەردىنى كېسىپ پارچىلىغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىغان. چىراي ئىپادىلىرى ئەگەر سۈرەت دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ پارچىلانغان پەردىدىكى سۈرەتلەردىن كەم بولسا بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئارتۇق ئەمەس. مانا بۇ «سەھىھ» ھەدىسكە تايانغان ھۆكۈم بولىدۇ. بۇ مەزمۇننى مۇنۇ سەھىھ ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر سەپەردىن قايتىپ كەلگىنىدە مەن بىر سۇپامغا سۈرەتلىرى بار بىر پەردەمنى تارتىپ قويغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كۆرۈپ يىرتىپ تاشلاپ: «قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ جانلىق مەخلۇقلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشىتىدىغانلاردۇر» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بىر ياكى ئىككى ياستۇق قىلىۋەتتۇق.(4)

رەسىم سىزىش ۋە سۈرەت ھەققىدىكى بارلىق ھەدسىلەرنى جەملەپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىكى ئومۇملۇقنى يەنە بەزىلىرى خاسلاشتۇرسا ياكى چەك قويۇلماي كەلگىنىنىنىڭ چېكىنى يەنە بەزىلىرى تارايتسا يۇقىرىقىدەك خۇلاسە چىقىدۇ. چۈنكى، چەكلىگەن ھەدىسلەردىكى سۈرەت ياكى رەسىمدىن جانلىقلارنىڭ رەسىملىرى مەقسەت قىلىنىدۇ. جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىملىرىنى سىزىش جائىزلىق دائىرىدە قالىدۇ. يەنە جان ياكى ھاياتلىق تېپىلمايدىغان پارچە رەسىملەرمۇ جائىزلىق دائىرىدە قالىدۇ. يەنە كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى، قونچاق ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ تولۇق رەسىملىرىمۇ جائىزلىق دائىرىدە قالىدۇ. يەنە بىسات ۋە ياستۇق – كۆرپىلەرگە ئوخشىغان دەسسىلىپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەردىكى رەسىملەرمۇ جائىزلىق دائىرىدە قالىدۇ. شۇنداقلا فوتوگراف رەسىملەرمۇ چەكلەنمىگەن دائىرىدە قالىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بار چاغدا رىملىقلارنىڭ تىللاسىنى ئىشلەتكەن. ئۇ تىللادا رىم پادىشاھىنىڭ باش سۈرىتى بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىكى سۈرەتنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ياكى ئۇ تىللانى ئىشلەتمەسلىككە بۇيرۇق چۈشۈرمىگەن. بۇمۇ كاللىدىن ئىبارەت بولغان سۈرەتنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز گېپىنى قىلىۋاتقان چىراي ئىپادىلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 23 – رامازان / م. 2018، 8 – ئىيۇن

———————-
1. ئىسمائىيلىي:«معجم شيوخ أبي بكر الإسماعيلي»، (291). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «تىرمىزىي»، (2806). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 7/216.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇحارىي»، (5954)؛ «مۇسلىم»، (2107).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ