ئالتۇن ۋە پۇل ئېلىپ - سېتىش توغرىسىدا

ئالتۇن ۋە پۇل ئېلىپ – سېتىش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىز ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان بەزى تىجارەتچىلەر ئالتۇن ئېلىپ – سېتىش تىجارىتىنى قىلىۋاتىمىز. بىز دۇچ كەلگەن بەزى سودا تۈرلىرىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئۆزلىرىدىن بىرقانچە سوئال سورىماقچىمەن، ئۆزىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۈبھىلىك تىجارەتتىن يىراق تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئېنىق قىلىپ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.

1. پۇلنى بانكىدا قويساق بولامدۇ؟ ئالتۇننى بانكا ھېسابىمىزدا ساقلىساق بولامدۇ؟

2. بانكا كارتىسىنى تېلېفونغا ئۇلاپ، ھېسابىمىزدىكى بار پۇلغا تېلېفوندىكى «موبايل شۆبە» ئارقىلىق پۇل ئېلىپ ساتساق بولامدۇ؟ (ئازغىنە پۇلغا كۆپ سودا قىلىش ئەمەس)

3. بانكىدىن تېلېفوندا پۇلىمىزغا لايىق ئالتۇن ئېلىپ، بانكىغا ساتساق بولامدۇ؟ ئالغىنىمىزدا ئالتۇن ھېسابىمىزغا كىرىدۇ، ساتساق ئالتۇن چىقىپ ئورنىغا پۇل كىرىدۇ. بانكىدا نەق ئالتۇن يوق. سېتىۋېلىپ ئالتۇنىمىزنى تەلەپ قىلساق ئەتىسى ئەكىلىپ بېرىدۇ.

4. قاپىلى چارشىدا دۆۋىزلەردە پۇلنى قويۇپ، ئېلىپ – سېتىپ قوي دېسەك بولامدۇ؟ ئۇلاردىن كېچە – كۈندۈز ئېلىپ – سېتىپ قويالايدىغىنى بار ئىكەن.

5. قانداق ئېلىپ – ساتساق ھەم شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھەم بىخەتەر ئېلىپ – ساتالايمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇل ئېلىپ – سېتىشتا، ئادەتتىكى تاۋار سودىسىدا شەرت قىلىنغان شەرتلەردىن باشقا بىرنەچچە ئالاھىدە شەرت تېپىلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى تۆۋەندىكى ئىككى شەرتتۇر:

1.   ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇلنى ئۆز تۈرىگە سېتىشتا يەنى ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە سېتىشتا، نەقمۇنەق ۋە ئېغىرلىقى تەڭمۇ – تەڭ بولۇشى شەرت. دوللارنى دوللارغا ئالماشتۇرۇشتىمۇ سانى تەڭمۇتەڭ بولۇشى شەرت. بۇ شەرتكە رىئايە قىلىنمىغان ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىدۇ.

2.   ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى باشقا بىر تۈرگە يەنى ئالتۇننى كۆمۈشكە ساتقاندا، نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. ئېغىرلىقى تەڭ بولۇشى شەرت ئەمەس. قەغەز پۇلنى باشقا بىر قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرغاندىمۇ نەقمۇنەق بولۇشى شەرت، سانى تەڭ بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بار. بۇنى ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان ھەدىسلەردىن مىسالغا ئالساق:

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. ئۇنىڭ نېسىسىنى نەقكە ساتماڭلار» دېگەن.(1)

يەنە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇ قول تېگىشىش لازىم. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ ئوخشاشلا جازانە قىلغان بولىدۇ» دېگەن.(2)

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا، تۇزنى تۇزغا ئوخشاشمۇ ئوخشاش، تەڭمۇتەڭ ۋە قولمۇ قول نەقمۇنەق تېگىشىش لازىم. مۇبادا بۇ تۈرلەر پەرقلىق بولسا، نەقمۇنەق بولغان تەقدىردە، خاھلىغان بويىچە سېتىڭلار» دېگەن.(3)

ئىمام سەرەخسىيمۇ يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن دەيدۇكى: «توختام سورۇنىدا ئىككى تەرەپ بەدەلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشى ۋاجىب. ئۇنىڭدا ئازغىنە مۇددەت بەلگىلىسىمۇ بولمايدۇ. ئىككى بەدەلنى توختام سورۇنىدا تاپشۇرۇپ ئالماسلىق توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ. شۇنداق بولىدىكەن، بەدەلنى كېچىكتۈرۈش ئاشۇ توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدۇ. توختام تەقەززاسىغا زىت كېلىدىغان بىرنەرسىنى شەرت قىلىش بولسا توختامنى باتىل قىلىۋېتىدۇ».(4)

دەۋرىمىزدىكى قەغەز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا پۇللار سودىنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى قاتارلىق بىرقانچە جەھەتتىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. نەتىجىدە، قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ئالماشتۇرۇشتا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە ئوخشاشلا يۇقىرىقى ئىككى شەرت تېپىلىشى لازىم. بولمىسا جازانىگە ئايلىنىدۇ.

«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» مەككە مۇكەررەمەدىكى 5 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا شۇنداق قارار چىقارغان: «قەغەز پۇل ئۆز ئالدىغا ئايرىم پۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەن كۈمۈش پۇللارنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭدا زاكات ۋاجىب بولىدۇ. بىرىنى بىرىگە سېتىشتا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتە شەكىللەنگەندەكلا ئارتۇقلۇق ۋە نېسىلىك جەھەتتىن كېلىپ چىقىدىغان جازانە شەكىللىنىدۇ». «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» يەنە: «قەغەز پۇللار، تارقاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان تۈردىكى پۇللار ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، سەئۇدى قەغەز پۇلى بىر تۈر، ئامېرىكا قەغەز پۇلى يەنە بىر تۈر بولىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ھەربىر تۈردىكى قەغەز پۇل ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا جازانىنىڭ ئارتۇق – كەملىك جازانىسى بولسۇن، نېسىلىك جازانىسى بولسۇن ھەر ئىككى تۈرى شەكىللىنىدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە مۇنداق خۇلاسىلىگەن: «بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەندىكىلەرنى تەقەززا قىلىدۇ:

1. قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ياكى ئالتۇن – كۈمۈش ۋە ياكى باشقا ماددىدىن ياسالغان باشقا تۈردىكى پۇللارغا نېسى سېتىشقا مۇتلەق بولمايدۇ. شۇڭا، مەسىلەن، تۈرك لىراسىنى باشقا بىر پۇلغا، ھەر ئىككى پۇلنى نەق تاپشۇرۇپ ئېلىشماي نېسى سېتىشقا بولمايدۇ.

2. بىر قەغەز پۇلنى شۇ تۈردىكى پۇلغا نەق بولسۇن ياكى نېسى بولسۇن بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق ياكى كەم سېتىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، 10 تۈرك لىراسىنى 11 تۈرك لىراسىغا نېسى بولسۇن ياكى نەقمۇنەق بولسۇن سېتىشقا بولمايدۇ.

قەغەز پۇلنى باشقا تۈردىكى قەغەز پۇلغا نەقمۇنەق بولسا سېتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن تۆت تۈرك لىراسىنى بىر دوللارغا ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپكە سېتىشقا بولىدۇ».(5)

بۇ قارارنى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر فىقھى ئاكادېمىيەلىرى، پەتۋا كومىتېتلىرى ھەممىسى تەكىتلىگەن ۋە قەغەز پۇلنى جازانە ۋە زاكات ئەھكاملىرى ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن ئالتۇن – كۈمۈش ئورنىدا دەپ قارىغان.(6)

بۇنىڭدىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى ياكى قەغەز پۇلنى قەغەز پۇلغا ئېلىپ – سېتىشتا نەقمۇنەق بولمىسا جائىز بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ.

يەنە ئالتۇن – كۈمۈش ۋە پۇل سودىسىغا شۇنداقلا ئومۇمەن تاۋار سودىسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم شەرتلەردىن بىرى، ساتقان پۇل ياكى تاۋار ساتقۇچىنىڭ قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولۇشى شەرت. قولىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى ساتسا بولمايدۇ. ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: مەن:

— يا رەسۇلۇللاھ، بىرسى كېلىپ مەندىن ئىلكىمدە بولمىغان نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئۇنىڭغا سېتىپ بولۇپ كېيىن بازاردىن ئېلىپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:

— ئىگىدارچىلىقىڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما — دېگەن.(7)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سېتىپ، كېيىن بېرىپ سېتىۋېلىپ ئاندىن تاپشۇرسا بولمايدۇ.

يەنە بۇ تۈرلۈك سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ قويۇش زۆرۈر دەپ قارايمەن. ئۇ بولسىمۇ بانكىدا قويغان پۇل ۋە بانكىدىن ئالغان پۇللار قەرزمۇ ياكى ئامانەتمۇ؟

مۇددەتلىك بولسۇن ياكى مۇددەتسىز بولسۇن بانكىدا قويۇلغان پۇللار قەرزدۇر، ئامانەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ پۇللارنى بانكا خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، پايدىسىنى ئالالايدۇ. ئەگەر ئۇ پۇل ئامانەت بولسا ئىدى، بانكا ئۇنى ساقلاشتىن باشقا ئىشنى قىلمىسا بولاتتى.

بەزىلەر: بىز بانكىغا قەرز بەرمىدۇق، بانكىدا ئامانەت قويدۇق، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ئامانەت بىلەن قەرزنىڭ پەرقىنى ئايرىغىنىمىزدا، بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. قەرزدە پۇلنىڭ ئىگىدارچىلىقى قەرزدارغا يۆتكىلىدۇ. قەرزدار ئۇنى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، خەجلىۋېتەلەيدۇ، كېيىن پۇلنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئوخشىشىنى قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. قەرز يوقاپ كەتسە قەرزدار ئۇنى چوقۇم تۆلەيدۇ. ئەمما، ئامانەت دېگەن ئامانەت ساقلىغۇچىنىڭ يېنىدا ساقلاپ قويۇلىدىغان، يوقاپ كەتسە ساقلىغۇچى تۆلىمەيدىغان پۇلدىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى، ئامانەت قويۇش ئارقىلىق پۇلنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئامانەت ساقلىغۇچىغا يۆتكەلمەيدۇ. ئامانەت ساقلىغۇچى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ. شۇڭا، ئامانەت ساقلىغۇچى ئۇنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولمىغان تەقدىردە، ئۇنى تۆلىمەيدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بانكىدا قويۇلغان پۇللار ئامانەت ئەمەس، قەرز بولىدۇ. چۈنكى، بانكا ئۇ پۇلنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قويۇپ پۇل ئىگىسىگە قايتۇرمايدۇ، بەلكى ئۇنى خاھلىغانچە ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇددەت بەلگىلەپ قويۇلغان پۇللارنىڭ قەرزلىكىدە گەپ يوق، چۈنكى بانكا ئامانەت ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇلنى ئىشلىتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈم بېرىدۇ.

مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارغا كەلسەك، بانكا بىلەن مۇئامىلە قىلىپ باققان ھەرقانداق كىشى بانكىنىڭ بۇ تۈرلۈك قويۇلغان پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. يەنە مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنىمۇ ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بانكا تۆلەيدۇ. ئەگەر بۇ پۇل ئامانەت بولىدىغان بولسا، بانكا ئۇنى ئىشلىتەلمەسلىكى، يوقاپ كەتسە تۆلىمەسلىكى كېرەك ئىدى.

مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنى پۇل ئىگىسى قاچان خاھلىسا بانكا قايتۇرۇپ بېرىدىغۇ؟ قاچان تەلەپ قىلسا قايتۇرۇپ بېرىش ئۇنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋېلىشنى توسىدىغۇ؟ دېيىلسىمۇ، لېكىن بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا كۆرۈنسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىيەتتە، توغرا چىقمايدۇ. بانكا مۇددەت بەلگىلىمەي قويغان پۇللارنى ئىگىسى تەلەپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ياكى تەلەپ قىلىپ ئازغىنە بىر مۇددەتتىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، بانكىنى بۇ تۈرلۈك پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىۋېلىشتىن توساپ قالالمايدۇ. چۈنكى، پۇل قويغانلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا پۇلىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەزىلەر پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا يەنە بەزىلەر يېڭىدىن پۇل قويغان بولىدۇ. يېڭى قويۇلغان پۇللارنى ياكى باشقا پۇللارنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تېپىپ ئەكىلىپ پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلارغا بېرىپ يولغا سالىدۇ.

بۇنىڭ قەرزلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى، بۇ پۇلنى ئامانەت دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا، بۇ ئامانەتنى ساقلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بانكا ھەق ئېلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى بانكا بىكارغا ئامانەت ساقلاپ بېرىدىغان خالىسانە خىزمەت سۇنمايدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بانكا ئىش ھەققى ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، پۇل ئىگىسىگە پۇلنى بانكىدا قويغانلىقىغا قارىتا پايدا يەتكۈزىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن بانكىدا قويۇلغان مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز پۇللارنىڭ ھەممىسى ئامانەت ئەمەس، قەرز ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇنى قەرز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلىرىمۇ شەرىئەت ھۆكمى بىلەن بىردەك قاراشتا.(8)

شۇنداقلا بانكىدىن ئالغان پۇللارمۇ قەرزدۇر، ئامانەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ پۇل قەرزنى ئالغان كىشىنىڭ مۈلكى بولۇپ، ئۇنى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، پايدا ئالسا يانچۇقىغا سالالايدۇ.

شۇڭا، بانكىدىن ئالغان، ياكى بانكىدا قويغان پۇللارغا قوشۇپ قايتۇرىدىغان، ياكى قوشۇپ ئالىدىغان ئۆسۈملەرمۇ شەرتلەشكەن ئەھۋالدا جازانە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن «پۇلنى بانكىغا قويساق بولامدۇ؟ ئالتۇننى بانكا ھېسابىمىزدا ساقلىساق بولامدۇ» دېگەن سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى چىقىدۇ، جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان بانكىلاردا ئۆسۈملۈك ياكى ئۆسۈمسىز پۇل ياكى ئالتۇن قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆسۈملۈك بولغان تەقدىردە، بۇ ئېنىق جازانە، ئۆسۈمسىز بولغان تەقدىردە، بانكىغا جازانە قىلىشتا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ. لېكىن، كىشى ئۆزىگە ۋە مال – مۈلكىگە خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولغان ئەھۋاللاردا، ئۆسۈمسىز بانكا تېپىلمىغان جايلاردا ئالىملار پۇل ۋە ئالتۇنلارنى بانكىدا قويۇپ ساقلاشقا زۆرۈرىيەت جەھەتتىن رۇخسەت قىلىدۇ. مەجبۇر بولۇپ بانكىدا پۇل قويغان تەقدىردە، ئۆسۈمسىز، مۇددەتسىز (ئوچۇق ھېساب) بىلەن قويۇش لازىم.

ئەگەر پۇل ۋە ئالتۇننى بانكىدىن ئىجارىگە ئالغان ئايرىم ساندۇقلاردا ساقلاش ئىمكانىيىتى بار بولسا، بۇ ئەھۋالدا، ئۆسۈملۈك بانكىدىكى ھېسابقا قويۇشقا بولمايدۇ.

ئىجارىگە ئالغان ئايرىم ساندۇقلاردا ساقلاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، قولىڭىزدىكى ئالتۇننى «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ ئاتالغان بانكىلاردىكى ھېسابىڭىزغا قويسىڭىز بولىدۇ. بۇ بانكىغا ئالتۇن قەرز بېرىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ قەرزگە ئۆسۈم بېكىتىلمىسە، سىز بۇ قەرزنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز، دەرھال قايتۇرسىمۇ، سىز رازى بولغان تەقدىردە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قايتۇرسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بۇ ئالتۇننى چەكلەنگەن دائىرىدە ئىشلىتىۋالمىسىلا بولىدۇ.

بۇ يەردە مۇنداق سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن: ئادەتتىكى جازانە مۇئامىلىسىگە تايانغان بانكىلاردىغۇ پۇل قويۇش توغرا بولمايدىكەن، «ئىسلام بانكىلىرى» دەپ ئاتالغان «كۇۋەيتتۈرك» ۋە «ئەلبەرەكە» قاتارلىق بانكىلاردا قويساق توغرا بولامدۇ؟

ئاتالمىش «ئىسلام بانكىلىرى» (تۈركىيەدە قاتىلىم بانكىلىرى دەپ ئاتالماقتا) نەزەرىيە ۋە ئىسىم جەھەتتىن توغرىدەك نەرسە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيىتىدە ئۆسۈملۈك قەرز ماھىيىتىدىكى تەپمەھالال مۇئامىلەلەرگە تايىنىۋالىدۇ، بۇ سەۋەبتىن يەنىلا ئادەتتىكى جازانىخور بانكىلاردىن تۈزۈك پەرقى يوق. شۇڭا، بانكىغا پۇل قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان تەقدىردە، پۇل قويۇش جائىز.

بانكىدىكى ھېسابنى بانكىغا بارمايلا يانفۇندىن باشقۇرىدىغان «مۇبايل شۆبە»گە ئوخشىغان ئەپ سېستىمىلىرى ئارقىلىق پۇل ئېلىپ – ساتسا، سېتىۋالغان پۇلنىڭ ھەممىنى ئالغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بانكىنىڭ ھەرقايسى شۆبىلىرىدىن، ئا ت م (ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ياكى سېلىش بوتكا) لىرىدىن ۋە يانفۇندىكى «مۇبايل شۆبە»گە ئوخشىغان ئەپ سېستىمىلىرى ئارقىلىق خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدىغان بولسا، قەغەز پۇلنىڭ ھېسابقا چۈشۈشى نەق قولغا تاپشۇرۇپ ئالغاننىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇ تەرىقىدە ئېلىپ – سېتىشقا بولىدۇ. ئەگەر بانكا مەبلەغنى بىرسىگە ھاۋالە قىلىپ يوللاپ بېرىشكە ياكى خاھلىغانچە تەسەررۇپ قىلىشقا چەك قويسا ياكى قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئالاي دېسە شۇ ۋاقىتتا بەرمەيدىغان بولسا توغرا بولمايدۇ. يەنى سېتىۋالغان پۇلنى دەرھال ئىشلىتىپ تەسەررۇپ قىلالمايدىغان بولسا، بۇ سودا جائىز بولمايدۇ. مەلۇم چەكتىن ئاشسا ئاشقان قىسمىنى ئىشلىتەلمەيدىغان بولسا، تەسەررۇپ قىلالايدىغان قىسمىدا جائىز بولىدۇ، تەسەررۇپ قىلالمايدىغان قىسمىدا جائىز بولمايدۇ.

ئەمدى بانكىدا قويۇلغان پۇلغا بانكىدىن ئالتۇن سېتىۋېلىش ۋە ياكى بانكىغا ئالتۇن سېتىش مەسىلىسىنىڭ سودا قىلىش قىسمىغا كېلەيلى.

تۈركىيەدىكى «كۇۋەيتتۈرك» ۋە «ئەلبەرەكە» قاتارلىق بانكىلارنىڭ قولىدا ئادەتتە ئالتۇن بولمايدۇ. بۇ بانكىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ مەزكۇر بانكىلاردىن سوراپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئالغان جاۋابى شۇكى، ئۇلارنىڭ قولىدا ئالتۇن دېگەن نەرسە مەۋجۇد ئەمەس، پەقەتلا «خېرىدارنىڭ ھېسابىغا مۇنچىلىك ئالتۇن كىردى» دەپ يېزىلىدۇ. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان شەرتلەرگە قارايدىغان بولساق، بۇ تۈردىكى سودىدا ئالتۇننى نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلمىغاندىن سىرت، سېتىلغان نەرسىنىڭ ساتقۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش شەرتىمۇ تېپىلمايدۇ. يەنى بۇ ئەھۋالدا يوق ئالتۇننىڭ سودىسى قىلىنغان ياكى باشقىچە ئىپادىلىسەك، سودىسى قىلىنغان ئالتۇن بانكىنىڭ مۈلكى ئەمەس، بۇ سودىدا بانكا بىلەن خېرىدارنىڭ قىلغىنى نېمىدىن ئىبارەت دېسەك، خېرىدار مۇنچىلىك ئالتۇن ئالدىم دەپ ئويلايدۇ، بانكا ئۇنىڭ ھېسابىغا مۇنچىلىك ئالتۇنى بار دەپ يېزىپ قويىدۇ. خېرىدار ئۇ «ئالتۇنىنى» ساتماقچى بولسا، ھېسابىغا يېزىلغان «ئالتۇننى» ساتىدۇ. بۇ سودىدا ئالتۇن دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولمايدۇ. دېمەك خېرىدار ئالتۇنىنى ساتقاندىمۇ بانكىنىڭ ساتقىنىدەكلا، نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بولمىغىنىدەك، ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سېتىش كېلىپ چىقىدۇ.

بەزىلەر: بانكا يوق ئالتۇننى ساتقان تەقدىردە، بىز ھەقىقىي ئالتۇننى قولىمىزغا ئېلىشنى تەلەپ قىلساق بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن بىر يەردىن سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ دەيدۇ. بىز دەيمىزكى، بۇنداق قىلسىمۇ يوق نەرسىنى ساتقان بولىدۇ، يەنى يېرىم سائەت كېچىكتۈرسىمۇ نەقمۇنەق شەرتى توشمىغان بولىدۇ. يەنى بۇ مۇئامىلە جازانە بولىدۇ. بانكا ئەگەر بۇ سودىنى توغرا قىلاي دېسە، ئالتۇننى ئۆزى سېتىۋېلىپ بانكىدا قويىدۇ، خېرىدار بانكىنىڭ قولىدا بار بولغان ۋە نەق تاپشۇرۇپ بېرەلەيدىغان ئالتۇننى نەق سېتىۋالسا بولىدۇ. لېكىن، بانكا بۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ.

يەنە بىر ئېھتىماللىقنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، بانكا ئالتۇن سودىسى قىلغاندا بانكىنىڭ قولىدا ئالتۇن بار دەيلى، لېكىن خېرىدار بىر كىلو ئالتۇن سېتىۋالغاندا، بانكا ئۇ كىشى سېتىۋالغان بىر كىلو ئالتۇننى ئايرىپ ئۇ كىشىنىڭ ساندۇقىدا ئامانەت تەرىقىسىدە ساقلاپ قويمايدۇ. پەقەت ھېسابىغىلا «بىر كىلو ئالتۇنى بار» دەپ يېزىپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ بانكا قولىدا يوق ئالتۇننى ساتىدۇ. بۇ مۇنداق بولىدۇ: مەسىلەن، بانكىنىڭ قولىدا بار ئالتۇننىڭ ھەممىسى 500 كىلو بولسا، خېرىدار 1000 كىلو سېتىۋالسا، بانكا ئۇنى سېتىپ خېرىدارلىرىنىڭ ھېسابىغا يېزىپ قويىدۇ. ساتقان ئالتۇندىن 500 كىلونىڭ يوقلۇقى چانمايدۇ. چۈنكى، 1000 كىلو ئالتۇن سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇنلىرىنى قولىغا نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىشنى خاھلىمايدۇ. بۇلاردىن بەلكىم بىرەر خېرىدار چىقىپ ئالتۇنۇمنى بەرگىن، ئۆيدە ساقلايمەن ياكى بانكىدىكى بىخەتەر ساندۇقتا ئايرىم ساقلايمەن دەپ قالغان تەقدىردە، بانكا قولىدىكى ئازغىنە ئالتۇندىن شۇ خېرىدارنىڭ سېتىۋالغىنىنى بېرىدۇ ياكى قولىدا ئالتۇن بولمىسا بىرەر كۈندىن كېيىن بازاردىن ئالتۇن ئېلىپ ئۇنىڭغا بېرىدۇ.

بانكىدا ئالتۇن بار دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئالتۇن سېتىۋالغان كىشى ئالتۇنىنى ئىشلەتمەكچى بولسا، قەغەز پۇلنى قولىغا ئالغانغا ئوخشاش بانكىنىڭ شۆبىلىرىدىن دەرھال ئېلىۋالالمايدۇ. ئا ت م (ئاپتىماتىك پۇل ئېلىش ياكى سېلىش بوتكىسى) دىنمۇ دەرھال ئالالمايدۇ. بەلكى باشقىلارغا دەرھال ئەۋەتىپ بېرەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. يەنى ئالتۇنىدا دەرھال تەسەررۇپ قىلالمايدۇ. بۇمۇ بۇ سودىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ يەردە قەغەز پۇل بىلەن ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ يەنە بىر پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئالتۇن – كۈمۈش بولغانلىقىدىن كەلگەن بولسا، قەغەز پۇلنىڭ قىممىتى ئۇنى دۆلەت بانكىلىرى پۇل دەپ ئېتىبارغا ئالغانلىقىدىن كەلگەن. شۇڭلاشقا سىز بانكىلاردىن قەغەز پۇلىڭىزنى دەرھال ئالالايسىز ۋە ئىشلىتەلەيسىز، لېكىن ئالتۇننى دەرھال قولىڭىزغا ئالالمايسىز ۋە ئىشلىتەلمەيسىز. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن قەغەز پۇلنىڭ ھېسابقا چۈشۈشى نەق قولغا تاپشۇرۇپ ئالغاننىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دېسەك، ھېسابقا چۈشكەن ئالتۇننىڭ نەق قولغا تاپشۇرۇپ ئالغاننىڭ ئورنىدا تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداق بولىدىكەن، سىز سېتىۋالغان ئالتۇن بانكىنىڭ قولىدا راست بارمۇ – يوقمۇ بۇ تەرىپى ئېنىق بولمىغاچقا، يەنە سىز ساتقان ئالتۇننىڭمۇ بار – يوقلۇقى ئېنىق بولمىغاچقا، بۇ سودىنى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ سودا جازانە ۋە يوق نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت ئىككى ئېغىر قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ سودىدا يەنە بانكىغا پۇل قويۇپ جازانىگە ياردەم قىلىش ۋە جازانە يېگۈزۈش ياكى يېگۈزۈش ئېھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق لازىم.

ئالتۇن بازىرى (قاپىلى چارشى) دا سەرراپخانىلار (دۆۋىزلەر) دا پۇلنى قويۇپ، سەرراپقا ئېلىپ – سېتىپ قوي دەپ سودا قىلىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، بىز يۇقىرىدا بانكا ئارقىلىق توغرا ئۇسۇلدا ئالتۇن سودىسىنى قىلىش توغرىسىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، ئەگەر سەرراپخانىلار خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئايرىم ساندۇقتا ئامانەت سۈپىتىدە ساقلاپ، شۇ ساندۇقتىكى ئالتۇن ياكى تۈرلۈك قەغەز پۇللارنى نەقمۇنەق سېتىپ ئالتۇن ياكى قەغەز پۇل سېتىۋېلىپ، سېتىۋالغىنىنى يەنە شۇ ساندۇقتا ئامانەت قىلىپ ساقلاپ قويىدىغان بولسا، بۇ سودا قىلىش جەھەتتىن توغرا بولىدۇ.

لېكىن، سەرراپخانىلار خېرىدارغا بۇ خىزمەتنى بىكارغا سۇنمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇنداق قىلمايدۇ. قانداق قىلىدۇ؟ خېرىدار ئاخماق بولۇپ پۇلىنى سەرراپخانىغا تاپشۇرىدۇ. تېلېفوندا ئېلىپ – ساتقان بولىدۇ. سەرراپ خېرىدار قىلغان سودىلاردىن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا پايدا ئالىدۇ. پۇلىنى خاھلىغانچە ئىشلىتىپ پايدىلىنىدۇ. جازانىگە قەرز بېرىپ پايدىلىنىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە – كۈندۈز قىلىدىغان سودىمۇ يۇقىرىقىدەك چەكلەنگەن ئۇسۇلدا يوق ئالتۇننى ئېلىپ – سېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بەزىدە سەرراپخانىلار پۇلىڭىزنى بىراقلا يەۋالىدۇ. شۇڭا، بۇ ئۇسۇل ھەم ئېنىق جازانە بولغانلىق جەھەتتىن، ھەم يوق نەرسىنى ئېلىپ – سېتىش جەھەتتىن، ھەم خەتەرلىك بولغانلىق جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ. بەلكى تېخى خەتىرى جەھەتتىن بانكا بىلەن قىلغان مۇئامىلىدىنمۇ ئېغىر، قاتمۇقات جازانە، خېيىم – خەتەردىن ئىبارەت بولىدۇ.

ئالتۇننى قانداق ئېلىپ – ساتساق ھەم شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھەم بىخەتەر ئېلىپ – ساتالايمىز؟

بانكىنىڭ قولىدا ئالتۇن بولسا، خېرىدار ئۇنى سېتىۋالغاندا قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۆيىدە ياكى دۇكىنىدا ياكى ئىجارىگە ئالغان مەخسۇس ئامانەت ساقلاش ساندۇقىدا ساقلىسا، ئالتۇننى ساتماقچى بولغىنىدىمۇ بانكىغا ئەكىلىپ نەق ساتسا، يا پۇلنى، يا ئالتۇننى كېچىكتۈرۈش بولمىسا توغرا بولىدۇ.

ئەگەر سودىلىشىپ بانكا خېرىداردىن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان چاغدا ئالتۇننى قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمىسە ياكى بىرەر سائەتتىن كېيىن ئەكىلىپ بېرىمەن دېسە، سودا تېخى پۈتمىگەن بولىدۇ. قاچانىكى ئىككى تەرەپ پۇل بىلەن ئالتۇننى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بىر – بىرىدىن ئايرىلسا ئاندىن بۇ سودا پۈتكەن بولىدۇ. ئالتۇننى قولىغا تاپشۇرۇپ ئالماستىن يېرىم سائەتتىن كېيىن ياكى بىرەر سائەتتىن كېيىن ئالتۇننى تاپشۇرۇپ بېرىمەن دېسە، تاپشۇرۇپ ئالماستىن ئايرىلسا جازانە بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ يوق ئالتۇننى سېتىپ كېيىن بازاردىن ئەكىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

بۇنىڭ توغرا ئۇسۇلى، بانكا ئالتۇننى بازاردىن سېتىۋېلىپ ئەكىلىدۇ، ئاندىن قولىدىكى ئالتۇننى ساتىدۇ. ئالتۇن قولىغا كەلمىگۈچە ئالتۇن سودىسى قىلماي تۇرىدۇ. خېرىدارمۇ ئالتۇننى كۆرۈپ ئاندىن سودىسىنى قىلىپ قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

يەنە خېرىدار بانكىدىن ئالتۇن سېتىۋالغاندا بانكا ئۇ ئالتۇننى شۇ پارچە ئالتۇنغا خاس نومۇرى بىلەن شۇ خېرىدارنىڭ ئىسمىدا ئايرىپ ساقلاپ قويسا، خېرىدار ئالتۇننى ساتماقچى بولغىنىدىمۇ بانكا ئالتۇننى ئامانەت ساقلانغان ساندۇقتىن ئەچىقىپ ئۆزى سېتىۋالسا ياكى باشقىلارغا ساتسا، يا پۇلنى، يا ئالتۇننى كېچىكتۈرۈش بولمىسا توغرا بولىدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، بۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغان بانكا يوق. سەرراپخانىلارمۇ بۇ ھەقتە بانكىغا ئوخشاش. بۇ ئەھۋالدا بانكا ئالتۇننى ئامانەت ساقلاپ بەرگەن بولىدۇ. قەرز ئالغان بولمايدۇ.

خېرىدار بانكىدىن ئالتۇن سېتىۋالغاندا ئالتۇننى ئۆيىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنى جازانىگە ئىشلەتمەيدىغان بانكىغا قەرز بەرمەكچى بولسا، قەرز بەرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈم ئالسا بولمايدۇ. ئۇ قەرزنى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ياكى بانكا قايتۇرغان ۋاقىتتا قولىغا تاپشۇرۇپ ئالسا بولىدۇ.

دېمەك، ئالتۇن سودىسىدا توغرا ئۇسۇل: نەق پۇلغا نەق ئالتۇننى سېتىۋېلىش ۋە نەق سېتىش. ئالتۇننى ياكى پۇلنى ھەر كۈنى بازارغا ئاپىرىپ – ئەكىلىش خەتەرلىك بولسا، ئالتۇن بازىرىدىن دۇكان تۇتۇپ ئولتۇرۇش. ھەربىر كىشى ئايرىم دۇكان ئېچىشنىڭ چىقىمى ئېغىر بولسا، بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ دۇكان ئېچىپ، بىر ئادەمنى ئولتۇرغۇزۇپ، ھەربىرى ئۇ كىشىنى سودا قىلىشتا ۋەكىل قىلسا، ۋەكىل ھەربىرىنىڭ سودىسىنى نەقمۇنەق قىلىپ قويسا بولىدۇ. ۋەكىل قولىدىكى ئالتۇن ۋە پۇللارنى ساقلاشتا ئامانەت ساقلىغۇچى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ۋەكىل ئۇلارنىڭ ئالتۇن ۋە پۇللىرىنى باشقىلارغا ساتىدۇ، ئۆزى سېتىۋالسا بولمايدۇ.

ئالتۇن بىلەن پۇل نەق يوق يەردە ئالتۇن ئېلىپ – ساتقان تەقدىردە، بۇ سودا جازانە بولىدۇ. ئەمما، سودىغا ۋە باھاغا كېلىشىپ ۋەدىلەشسە، كېيىن ئالتۇن بىلەن پۇلنى نەق ئالماشتۇرۇپ قولىغا ئالسا سودا توغرا بولىدۇ. قولىغا نەق تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە سودا تېخى پۈتمىگەن بولىدۇ. بۇ ۋەدىلىشىش بولغان پەيت بەيئى قىلغان پەيت ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭ جائىز بولۇشى بۇ ۋەدىدىن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى خاھلىغىنىچە يانالايدىغان بولۇشىغا باغلىق. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرى قەتئىي يانالمايدىغان بولسا، بۇ ۋەدە بەيئى بولۇپ كېتىدۇ دە، نېسى قىلغان بەيئى بولغانلىقتىن جازانىگە ئايلىنىدۇ. ھازىر ئالتۇن تىجارىتى قىلىۋاتقانلار بۇنىڭغا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ.

سىز دېگەن «ئازغىنە پۇلغا كۆپ پۇلدەك سودا قىلىش ئۇسۇلى» ياكى «فورىكس» (FOREX) ياكى «مارجىن» (Margin) دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان سودا ئۇسۇللىرى جازانە شەكىللەنگەنلىكى ۋە بىرنەچچە جەھەتتىن شەرىئەت ئۆلچەملىرىگە زىت كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق ھارام. بۇنى پەقەتلا جازانىخورلارلا قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ مۇئامىلىنى «ئىسلام فىقھى ئاكادىمىيسى» چەكلىۋەتكەن.(9) ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم شۇكى، جازانە بارلىق ساماۋى شەرىئەتلەردە ھارام قىلىنغان بولۇپ، شەرىئىتىمىزدىمۇ ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا «قۇرئان»دا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان، پەيغەمبىرىمىزمۇ ھەدىسلەردە جازانە يېگۈچى ۋە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلغان. جازانە بۇ قەدەر ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھ بولغاندىن كېيىن جازانىدىن، يوق نەرسىنى ئېلىپ – سېتىشتىن ۋە شۈبھىلىك مۇئامىلىلەردىن يىراق تۇرۇش تەقۋادارلىققا ئېنتىلىدىغان ھەربىر مۇسۇلمانغا لايىق ئىشتۇر.

ئاللاھ تائالا: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەملەردەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانىگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.

ھالال كەسپ دائىرىسى ئىنتايىن ئېنىق ۋە كەڭرى، بىر بەندە بىر ئىشنى ئاللاھتىن قورقۇپ تاشلىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىراق ئىشنى ئۇدۇللاپ بېرىدۇ. ھەربىر بەندە پۈتۈلگەن رىزقىدىن ئارتۇق ياكى كەم يېيەلمەيدۇ. شۇڭا، توغرا يولدىن پۇل تېپىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ھەربىر بەندە پۇلنى نەدىن تاپقانلىقى ۋە نېمىگە خەجلىگەنلىكى توغرىسىدا جەزمەن سوراققا تارتىلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 11 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2018، 27 – يانۋار

——————-
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2177). «مۇسلىم»، (1584).
2. «مۇسلىم»، (1584).
3. «مۇسلىم»، (1587).
4. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 14/11.
5. قرار رقم (6) «المجمع الفقهي الإسلامي» برابطة العالم الإسلامي بمكة المكرمة سنة 1402هـ حول (العملة الورقيّة).
6. فتوى مجمع البحوث الإسلامية بالقاهرة عام 1385هـ، مجمع الفقه الإسلامي التابع لمنظمة المؤتمر الإسلامي 1407هـ، قرار رقم: 21 (9/3)[1] فتوى «مجمع الفقه الإسلامي» بالهند،1410 هـ القرار رقم: (3/2). توصية «الندوة الفقهيّة الأولى» لبيت المال الكويتي، سنة 1407هـ. توصية المؤتمر الثاني للمصرف الإسلامي بالكويت عام 1403هـ قرار «هيئة كبار العلماء» رقم (10) وتاريخ 17/4/1393هـ.
7. «تىرمىزىي»، (1232). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
8. «موسوعة القضايا الفقهية المعاصرة والإقتصاد الإسلامي» الدكتور علي أحمد السالوس 120 – 123 – بەتلەر.
9. قرار «المجمع الفقهي الإسلامي» برابطة العالم الإسلامي في دورته الثامنة عشرة المنعقدة بمكة المكرمة، في الفترة من: 10 – 14/3/1427هـ الذي يوافقه: 8 – 12 إبريل 2006م.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ