جازانە

جازانە تىجارەت قىلىپ تاپقان پۇل تەۋبە قىلىش بىلەن پاكلىنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز. بۇرۇن جازانە تىجارەت قىلىپ پۇل تېپىپ كېيىن تەۋبە قىلغان بولسا، تاپقان پۇلى تەۋبە قىلىش بىلەن تەڭ پاكلىنامدۇ؟ ئەگەر پاكلانمىسا ئاشۇ ئادەمنىڭ پۇلىغا پۇل قوشۇپ بىللە تىجارەت قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

كۈنىمىزدىكى بانكا ياكى شەخسلەردىن ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىش، بانكا ياكى شەخسلەرگە ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، پۇل ۋە ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىنى نېسىي قىلىش، سۇغۇرتا، قەرەللىك سودىنىڭ كېچىكىش جەرىمانىسى قاتارلىقلار جازانە دائىرىسىگە كىرىدىغان مۇئامىلىلەردۇر.

شەرىئىتىمىزدە جازانە ھالاك قىلغۇچى چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن سانالغان، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە بىلىپ تۇرۇپ جازانە مۇئامىلىسى قىلغانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلار قاتارىدىن ساناپ، جازانىدىن كەلگەن كىرىمدىن بەرىكەتنى كۆتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر» دېگەن.([1])

بۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلىشنىڭ يولى قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا قىلماسلىققا بەل باغلاش، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش، ھارام كىرىمنى مەلۇم ئورۇنلارغا سەرپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. شۇندىلا مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ ئەهۋالدا جازانە قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالال سەرمايىنىلا ساقلاپ قالىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر جەڭگە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىڭلار، ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر، زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر. ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدىغان بولساڭلار، سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈندە سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاندىن ھەر كىشى زۇلۇمغا ئۇچرىماستىن قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە تولۇق ئېرىشىدۇ.]([2])

بۇ ئايەتتىكى «سەرمايەڭلار سىلەرنىڭدۇر» دېگەن بۇيرۇقتىن تەۋبە قىلغاندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالال سەرمايىنىلا ساقلاپ قېلىپ، ھارام كىرىمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئالدىراشنىڭ زۆرۈرلۈكى مەلۇم بولىدۇ.

ھارام كىرىمنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەلمىگەن كىشى بولسا كۆڭلى خاتىرجەم بولغىدەك مىقداردا مۆلچەرلەپ ئايرىيدۇ. ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ھالال مۈلكى ھارام بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ ھارامنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئايرىيالمىغان كىشىنىڭ تەۋبىسى ئۈچۈن ھارام مالنىڭ مىقدارىنى (مۆلچەرلەپ) سەدىقە قىلىۋەتسە، قالغىنى ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ».([3])

ھارام كىرىمدىن قۇتۇلۇش ئۇنى ئۆزى ئىشلەتمەي، ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ياتىدىغان ئىشلارغىمۇ ئىشلەتمەي، تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلارغا سەرپ قىلىۋېتىش ئارقىلىق بولىدۇ:

مۇسۇلمانلارنىڭ ئاپەت رايونلىرىغا، مائارىپ ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ۋە سەرسان بولۇپ قالغان مۇسۇلمانلار پېقىر-مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش، تۈرمىدىكى مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارنى ئازاد قىلىش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مۇسۇلمان پېقىر-پۇقارالار پايدىلىنىدىغان ئىجتىمائىي، تېببىي ۋە ئىلمىي ئورۇنلارنى بىنا قىلىش، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق مەكتەپ، تەتقىقات مەركەزلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئورۇنلارغا ياردەم بېرىش … ئەلۋەتتە، بۇ ياردەم ئۇ كىشىگە سەدىقە ھېسابلانمايدۇ.

ھارام پۇلنى مەسجىد سېلىش، قۇرئان سېتىۋېلىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ساپ ئىبادەتكە ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىشكە، سەدىقە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ پاكتۇر، پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئەگەر ھارام كىرىمدىن قۇتۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ بىلەن سودا-مۇئامىلە قىلىش چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملارمۇ يەھۇدى ۋە مۇشرىكلار بىلەن تۈرلۈك سودا-مۇئامىلىلەرنى قىلاتتى. ھالبۇكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ كىرىمى ھاراق ۋە جازانە قاتارلىق ھارام سودىلاردىن كىرگەن ھارام مال-مۈلۈكتىن خالىي بولمايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامغا ئارىلىشىپ كەتكەن ھالال مالنى ئېنىق بەلگە بىلەن ئايرىشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن جائىز بولغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملار ئۇنداق كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ قايسى يول بىلەن تېپىلغانلىقىنى سوراپ يۈرمىگەن ۋە سوراشقىمۇ بۇيرۇمىغان.

ئەئمەش رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قەرز ئالغاندا بىر نەرسىنى رەنىگە قويۇشنىڭ ھۆكمى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشقان ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسۋەد ماڭا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ بەردىكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر يەھۇدىدىن مەلۇم مۇددەت بەلگىلەپ نېسى ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا تۆمۈردىن ياسالغان ساۋۇتىنى رەنىگە قويغانىدى.([4])

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھاراق، جازانە ۋە چەكلەنگەن سودىلاردىن كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ توختىماي ھارام يەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەھۇدىي بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردىن جىزيە ئالغانلىقى مال-مۈلكىنىڭ كۆپ قىسمى ھارامدىن كەلگەن كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلسا جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.([5])

يىغىپ ئېيتساق: جازانە تىجارەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان كىشىنىڭ مال-مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن مال-مۈلۈك بولغاچقا، ئىمكان بار جازانىدىن يىراق تۇرىدىغان، ھالال كىرىم قىلىدىغانلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەۋزەل، مال-مۈلكى ھالال بىلەن ھارام ئارىلىشىپ كەتكەن كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلسا جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2018. 8. 14

————————
([1]) «مۇسلىم» 1598 – ھەدىس.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 278-ئايەتتىن 281-ئايەتكىچە.
([3]) «مدارج السالكين» 1/391.
([4]) سەھىھەين: »بۇخارى» 2252-ھەدىس. »مۇسلىم» 1603-ھەدىس.
([5]) »فتح الباري»3/338، 5/141.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.