مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەزا بولۇش

مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەزا بولۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەزا بولۇشنى شەرت قىلىدىكەن. ئەمما، ئەزا بولۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق ياكى شەرت تەلەپ قىلمايدىكەن، تەركىبىگە دىققەت قىلغان ئاساستا مەھسۇلاتنى ئەزالاردىن سېتىۋالساق بولامدۇ؟ ئەزا بولۇپ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالساقچۇ؟ ئەزا بولساق باھادا ئېتىبار قىلىدىكەن، كۆپرەك سېتىۋالساق مۇكاپاتلىرى بولىدىكەن، سېتىۋالغان مېلىمىزغا قارىتا نومۇر بېرىدىكەن، ئۆزلىرى بەلگىلىگەن نومۇرغا يەتسە كېيىنكى ئايلىق ئېتىبارلىق پائالىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەنمىز، بۇ ئەلۋەتتە ئىستېمالچىلار ئۈچۈن، ئەگەر مەن ساتقۇچى بولسام ئەسلىدىكى باھادىن تۆۋەن باھادا ئېلىپ شۇلار بېكىتىپ بەرگەن كاتالوگ يەنى باھا جەدۋىلى بويىچە ساتسام ئازراق پايدا ماڭا تەۋە بولىدىكەن. ئەگەر ئۆزىمىز ئىستېمال قىلىپ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەتراپىمىزدىكى دوست – يارەنلەرگە تەۋسىيە قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس فەقىھلەر، شۇنداقلا بەزى پەتۋا ئورگانلىرى شاخلىتىپ سېتىش (Network Marketing) شىركەتلىرىگە ئەزا بولۇپ سودا قىلىش ئۇسۇلىنى، «بىر خىل نامەلۇملۇق»، «باشقىلارنىڭ ھېسابىغا باي بولۇش»، «مەۋھۇملۇق ۋە قىمار شەكىللىنىش»، «سودا – سېتىق تەبىئىتىگە، سودا – سېتىقنىڭ يولغا قويۇلۇش ھېكمىتىگە زىت كېلىش» جەھەتتىن «ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق» دەپ قارىغان ۋە «بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەر كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىشنىڭ بىر تۈرى، بۇ ئىسلام شەرىئىتى كۆزلىگەن مەقسەت – نىشانلارغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ خىلدىكى تىجارەتتە مەقسەت تاۋار سېتىۋېلىشلا ئەمەس» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە «ھارام» دەپ پەتۋا بەرگەن(1).

ئەگەر بىرەر شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ئەزا بولۇشنى شەرت قىلسا، بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىمىز:

بىرى، ئەزا بولۇپ مۇكاپات، باھادا ئېتىبار قىلىش ۋە ئېتىبارلىق پائالىيەت قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن شىركەتكە پۇل تۆلەش ياكى مەلۇم مىقداردا تاۋار سېتىۋېلىش شەرت قىلىنسا، يۇقىرىدىكى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ خىل مۇئامىلىمۇ ھارام قىلىنغان مۇئامىلە دائىرىسىگە كىرىدۇ.

يەنە بىرى، ئەزا بولۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەش ياكى مەلۇم مىقداردا تاۋار سېتىۋېلىش شەرت قىلىنمىسا، بۇ خىل ئەزا بولۇپ تاۋار سېتىۋېلىش جائىز بولىدۇ. چۈنكى، شىركەتنىڭ مەلۇم مىقداردا نومۇر توپلىغان ئەزاغا باھادا ئېتىبار قىلىش ياكى مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلىشى شىركەتنىڭ ھەدىيە بېرىشنى ياكى باھادا ئېتىبار قىلىشنى ۋەدە قىلىشىدىن ئىبارەت. باھادا ئېتىبار قىلىش ۋە مۇكاپاتلاش ھەدىيە دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدىكى نامەلۇملۇق ئەپۇ قىلىنىپ چەكلەنگەن دائىرىگە كىرمەيدۇ. بۇ تۈرلۈك ئەزالىقتا ئەزا مۇكاپات ياكى ئېتىبار قىلىشتىن پايدا ئالالمىغان تەقدىردىمۇ زىيان تارتمايدۇ. «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» بۇنى مۇشۇنداق ئايرىغان(2).

شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل ئەزالىق تۈزۈمى بىلەن سودا قىلىدىغان شىركەتلەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق سودىغا قىزىقتۇرىدىغان بولغاچقا، بەزى شىركەتلەر ئۇسۇللاردا بىرى – بىرىدىن سەل پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن.

بەزى مۇئامىلىلەر زۇلۇم، مەۋھۇملۇق، نامەلۇملۇق، جازانە، قىمار، يالغانچىلىق ۋە ساختىلىق بولغانلىق جەھەتتىن ھارام بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، بۇ خىل ئەزالىققا قەدەم قويماقچى بولغانلار ئومۇمەن تۆۋەندىكى بىرنەچچە ئىشقا دىققەت بىلەن قارىشى لازىم:

بىرى، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەزالاردىن باشقىلارغا ساتمايدىغان بولسا، شىركەتلەر نومۇر توپلىغان ئەزالارغا باھانى تۆۋەنلىتىپ ئېتىبار قىلغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە، تاۋارنىڭ ئەسلى باھاسىنى ئۆرلىتىپ ئاندىن ئەزالارغا باھا چۈشۈرۈپ بەرگەندەك ئۇستىلىق ئىشلىتىشى مۇمكىن. ئوخشاش تاۋار باشقا بازاردا تېپىلمايدىغان بولسا، شىركەتنىڭ بۇنداق ئۇستىلىق ئىشلەتكەنلىكىنى ئەزا بايقىيالماسلىقى ۋە «ئېتىبارلىق باھادا سېتىپ بەردى» دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن.

يەنە بىرى، ئەزا بولۇش ۋە مەھسۇلات سېتىۋېلىش مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش ياكى باشقىلارغا پايدىسىغا سېتىش ئۈچۈن بولۇشى، ھەرگىزمۇ ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، مۇكاپاتلار ۋە ئۇتۇشلار ئۈچۈن بولماسلىقى لازىم. بولمىسا سودىدىن تاۋار سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئۇنى سېتىپ پايدا ئېلىش كۆزلەنمەي، ئېتىبارلىق پائالىيەتلەر، تەلەي سىناش مۇسابىقىلىرى ۋە مۇكاپاتلار كۆزلەنگەن بولىدۇ – دە، بۇمۇ يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلەنگەن دائىرىگە كىرىپ قېلىشى ئېھتىمالدىن يىراق بولمايدۇ. بۇ تۈرلۈك سودىنى بەزى ئالىملار چەكلەيدۇ. چۈنكى، بۇ سودا گەرچە كۆرۈنۈشتە نورمال سودا شەكلىنى ئالسىمۇ، مەزمۇن جەھەتتىن تاۋار سېتىۋېلىپ پايدىلىنىشتىن، تەلەي سىناش ۋە ئۇتۇش دائىرىسىگە ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە بەزىلىرى مۇباھ دەپ قارايدۇ. شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى ياخشى ئەمەس.

بۇ خىل ئەزالىق شەرت قىلىنغان سودىلاردا ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى سىز دەپ ئۆتكەن تەۋسىيە قىلىش بولسا كېرەك. چۈنكى، بۇ خىل سودىلاردا ئەزا بولغۇچىنىڭ: «بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەتتىم، مۇنداق ئۈنۈمىنى كۆردۈم، ئۇنداق پايدىلىقكەن…» دېگەندەك مۇبالىغە ۋە غەرەز ئارىلاشقان تەسىرات سۆزلىرى بىر خىل قويمىچىلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئادەتتە ئىشلىتىپ سىناپ باققان مەھسۇلات تەسىرىدەك تەبىئىي بولمايدۇ. بەلكى تەشۋىقات ۋە قىزىقتۇرۇش تۈسىنى ئالىدۇ. بۇ خىل قىزىقتۇرۇش مەھسۇلات ئۈنۈمى ھەققىدە يالغان سۆزلەش ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈشتىن خالىي بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، ئەزا بولغۇچى بۇنىڭدىن ساقلىنىشى لازىم.

ئەگەر شىركەتلەر ئەزادىن مەھسۇلات ئۈنۈمى ھەققىدە تەشۋىق قىلىشنى شەرت قىلغان ياكى ئەزا پايدا ئېلىش ئۈچۈن مەھسۇلاتنى ماختىماقچى بولغان تەقدىردە، ماختاشتا ھەقىقەتتىن ئاشۇرۇۋەتمىسە، تەشۋىق قىلىش چەكلەنمەيدۇ. يالغاندىن ياكى ئاشۇرۇپ ماختىسا، خېرىدارلارنى گوللىسا، ھۆكمى «ھارام»دۇر. بۇ ئەھۋالدا خېرىدارنىڭ تاۋارنى ياندۇرۇپ بېرىش ھەققى بولىدۇ(3).

شىركەتلەرنىڭ ئەزالارغا سۇنىدىغان ئېتىبارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرىگىمۇ دىققەت قىلماي بولمايدۇ. باھادا ئېتىبار قىلىش ياكى مۇكاپات بېرىش قىمار دائىرىسىگە كىرمەي، ھەدىيە دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما، مەلۇم نومۇر توپلىغان ئەزانىڭ تەلەي مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇلۇشى قىمارغا بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن. چۈنكى، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئازغىنە بولسىمۇ بەدەل تۆلەيدىغان بولسا، مۇسابىقە قىمارغا ئايلىنىدۇ. شىركەت ياكى بىرەر دۇكاندىن سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ تالۇنلىرىنى شەرت قىلىشمۇ، مەلۇم نومۇر توپلاشمۇ مۇسابىقىگە بەدەل تۆلەپ قاتنىشىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.

گۇمان قوزغايدىغان سوئاللاردىن بىرى شۇكى، نېمە ئۈچۈن بۇ تۈرلۈك شىركەتلەر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن ئەزا بولۇشنى شەرت قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا سېتىش ئورۇنلىرىدەك دۇكان ئېچىپ كىرگەن ھەرقانداق خېرىدارغا تاۋار ساتمايدۇ؟ تېخى بەزى شىركەتلەر ئەزالاردىن بىرەرسىنىڭ ئۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى دۇكاندا قويۇپ ساتقانلىقىنى بىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىشىمۇ مۇمكىن. نەتىجىدە بۇ ئىش مەھسۇلات سېتىشتىن ئىبارەت نورمال تىجارەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ماھىيەتتە ئەزا توپلاش ۋە ئەزالارنىڭ نومۇر، مۇكاپاتلىرى، مۇسابىقە ۋە تەلەي ئويۇنلىرىدىن پۇل تېپىشنى كۆزلەيدىغان ئىش بولۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. شىركەتلەر سۈپەتلىك بەزى مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئارقىلىق ئىشىنىڭ ھەقىقىتىنى يۆگەيدىغاندەك بىر خىل ئۇستىلىق ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەردە مەھسۇلاتى يوق تۇرۇپ ئەزالىق تۈزۈمى بىلەن پۇل تاپماقچى بولغان شىركەتلەر قانۇن كۈچى بىلەن تاقىۋېتىلگەن، مەھسۇلاتى بار شىركەتلەر تاقالمىغان بولسىمۇ، تاقىماسلىق نۇرغۇن تەنقىدكە ئۇچرىغان.

بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن شاخلىتىپ سېتىش شىركەتلىرىدىن «ئەمۋاي» قاتارلىقلارغا ئەزا بولۇپ سودا قىلىش توغرىسىدا «ھارام» دېگەن پەتۋا بېرىلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان نۇرغۇن تەقۋادارلار بۇ ئىشنى تاشلىغان ئىدى. كېيىن ئۇزۇنغا بارمايلا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇلارنىڭ پائالىيىتىگە چەك قويدى ۋە مەلۇم پەللىگە چىققان ئەزانى جىنايەتچى قاتارىدا سوتقا تارتىدىغان بولدى. دېمەكچى بولغىنىم، بۇ تۈرلۈك سودىلار قارىماققا ھالالدەك كۆرۈنۈپ قېلىشى، تېز ۋاقىتتا ئاسانلا باي بولۇشنى ۋەدە قىلىشى ھەر كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن، ماھىيەتتە بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى كافىرلارمۇ بىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنى چەكلىمەي تۇرالمىغان. بۇرۇن ئۆلىمالارنىڭ پەتۋالىرىغا قۇلاق سالمىغانلار ئەمدىلىكتە قانۇن تەرىپىدىن سوتقا تارتىلىشتىن قورقۇپ بولسىمۇ توختىغان. يەنە بەزى دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئەزالار، ھەتتا دىندا ئوقۇۋاتقان قىسمەن خانىم – قىزلار بۇ ھەقتىكى پەتۋالارغا پىسەنت قىلماستىن چاي – مېھماندارچىلىقلاردا ھەتتا خەتمە «قۇرئان» ۋە ۋەز – تەبلىغ سورۇنلىرىدىمۇ بۇ تۈرلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى، ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتە.

يىغىپ ئېيتساق، شاخلىتىپ سېتىش ۋە ئەزالىققا پۇل تۆلەش ياكى مەلۇم مىقداردا مەھسۇلات سېتىۋېلىشنى شەرت قىلغان سودا ئۇسۇلى چەكلىنىدۇ. ئەمما، ئۇنداق بولمىغاندا مەھسۇلاتنى باشقا يەردىن سېتىپ ئالالمىغان ياكى سېتىۋالالايدىغان بولسىمۇ قىممەت باھادا سېتىۋالىدىغان بولسا، بەدەلسىز ئەزا بولۇپ سېتىۋېلىپ ئىشلەتسە، نورمال تەرىقىدە ساتسا بولىدۇ. ئەزالاردىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتسە ياكى ساتسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەھسۇلاتنىڭ ئۆزى ھالال بولۇشى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلىرى، يەنى ئەزا بولۇپ نومۇر توپلاش ۋە ئېتىبارلىق پائالىيەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش، باشقىلارغا مەھسۇلات ئۈنۈمى ۋە پايدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش، يېڭى ئەزا تېپىش ۋە يېڭى ئەزا قوشقانلىقتىن يېڭى ئەزا سېتىۋالغان ھەربىر مەھسۇلات سەۋەبىدىن كىرىم قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ بەزىلىرى ھارامغا بېرىپ تاقىلىدۇ. يەنە بەزىلىرى شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ. مۇسۇلمان دېگەن بۇ تۈرلۈك شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار، ئۇ ئىشلاﺭنىڭ ھۆكمىنى نۇﺭغۇﻥ ئاﺩﻩملەﺭ بىلمەيدﯗ. شۈبھىلىك ئىشلاﺭﺩىن ساقلانغان ئاﺩﻩﻡ ﺩىنىنى ﯞﻩ ئابرﯗيىنى پاﻙ تۇتقاﻥ بولىدﯗ، شۈبھىلىك ئىشلاﺭنى قىلغاﻥ ئاﺩﻩﻡ چەكلەنگەن رايوندا پاﺩﺍ باقىدىغاﻥ چوپانغا ئوخشايدﯗ. پاﺩﺍ ھەرئاندا بۇ رايونغا كىرىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەﺭ پاﺩىشاھنىڭ بىر چەكلەنگەن رايونى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ چەكلەنگەن رايونى بولسا ھاﺭﺍﻡ قىلىپ بېكىتكەﻥ ئىشلىرىدىن ئىباﺭﻩتتۇر. قۇﻻﻕ سېلىڭلاﺭ! بەدەندە بىر چىشلەﻡ گۆﺵ باﺭ، ئۇ گۆﺵ تۈﺯﻩلسە، پۈتۈﻥ بەﺩﻩﻥ تۈﺯۈلىدۇ، ئۇ بۇﺯﯗلسا پۈتۈﻥ بەﺩﻩﻥ بۇﺯﯗلىدﯗ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇﺭ»(4).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 6 – رەبىيئۇلئەۋۋەل / م. 2017، 24 – نويابىر


1. در. ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ: «پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 ج. 150 – پەتۋا.
2. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھ. 1405. 4. 10 – كۈنى مەككەدە ئاچقان قۇرۇلتىيىدىكى قارار.
3. در. خالىد ئەلمۇسلىھ: «الحوافز التجارية التسويقية وأحكامها في الفقه الإسلامي»، 340 – بەت.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (52)؛ مۇسلىم (1599).

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ