سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! رەھمەتلىك ئايالنىڭ يا پەرزەنتى، يا ئاتا – ئانىسى، يا ئاكا – ئۇكىسى، يا ئاچا – سىڭىللىرى يوق. بۇرۇن بىر ئوغۇل پەرزەنتى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئۆزىدىن بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئوغلىنىڭ 2 ئۆگەي قىزى ۋە ئايالى بار. ئۇنىڭ يەنە 4 ئەر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ 4 ئەر قېرىندىشىنىڭ جەمئىي 8 قىز، 4 ئوغۇل پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇلار ھايات. ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولسا، مەرھۇمنىڭ مىراسى قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟ مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ 2 ئۆگەي قىزىغا، شۇنداقلا 8 جىيەن قىزىغا مەلۇم مىقداردا مىراس بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇلار شۇ ۋەسىيەت بويىچە مىراس ئالسا توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەزكۇر ئەھۋالدا ئالدى بىلەن مىراسخورلارنى بېكىتىۋېلىشىمىز لازىم.
1. ئانا ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولغان ئوغۇل مىراسخور ئەمەس، چۈنكى مىراسخور بولۇشنىڭ ئاساسلىق شەرتى مىراسخور بولغۇچى مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغاندا ھايات بولۇشى كېرەك. مەرھۇمنىڭ 4 ئەر قېرىندىشىمۇ مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغاندا ھايات ئەمەس بولغاچقا، ئوغلىغا ئوخشاش مىراسخور ئەمەس.
2. ئانىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ئوغۇلنىڭ ئايالى يەنى مەرھۇمنىڭ كېلىنىمۇ مىراسخور ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مىراسخور بولغۇدەك تۇغقانچىلىق يوق.
3. مىراسخورنىڭ بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن ئوغلىنىڭ ئۆگەي قىزلىرىمۇ مىراسخور ئەمەس، چۈنكى ئۇ قىزلار ئوغۇلغا يات، ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا تېخىمۇ يات.
4. مەرھۇمنىڭ 4 ئەر قېرىندىشىنىڭ 8 قىزى شەرىئەتتە مىراس بەلگىلەنگەنلەر قاتارىدا ئەمەس بولغاچقا، ئۇلارمۇ مىراسخور ئەمەس. يەنە ئۇلار مەرھۇمنىڭ ئاسىب(1) مىراسخورلىرىمۇ بولالمايدۇ، چۈنكى ئاسىبلىق بىلەن مىراسخور بولۇش ئۈچۈن ئەر تۇغقان بولۇشى ياكى مەرھۇمغا ئەر تۇغقان بىلەن تۇتۇشىشى، مەرھۇم بىلەن مىراسخور ئارىلىقىدا ھېچقانداق ئايال بولماسلىقى شەرت.
8 قىز مەرھۇمغا يىراق تۇغقانلار (ذوو الأرحام) يەنى: مەرھۇمنىڭ نېسىۋىسى بېكىتىلگەن تۇغقانلىرى بىلەن ئاسىب تۇغقانلىرىدىن باشقا تۇغقانلىرى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مىراس تەقسىم قىلغاندا پەرز قىلىپ بىكىتىلگەن مىراس ئۈلۈشلىرىنى ئۆز ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار! ئېشىپ قالغىنى، مېيىتكە ئەڭ يېقىن ئەر تۇغقىنىنىڭ بولىدۇ» دېگەن(2).
ئاخىرىدا مەزكۇر ھەدىسكە ئاساسەن مەرھۇمنىڭ مىراسخورلىرى پەقەتلا ئۆزىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن 4 ئاكا – ئۇكا قېرىندىشىنىڭ 4 ئوغۇل پەرزەنتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار مەرھۇمنىڭ يا ئاتا – ئانىسى، يا بوۋا – مومىسى، يا ئوغۇل پەرزەنتى، يا ئوغلىنىڭ ئوغلى، يا بىر تۇغقان ئەر قېرىندىشى، يا بىر تۇغقان ئاتا بىر قېرىندىشىدەك تۇغقانلىرى بولمىغاچقا، مەزكۇر 4 جىيەن تۇغقىنى ئاسىبلىق بىلەن مىراسخور بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، مېيىتنىڭ ئاسىبلىق جەھەتتىن مىراسخورلىرى بولغان، ئۆزىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن 4 ئاكا – ئۇكا قېرىندىشىنىڭ 4 ئوغۇل پەرزەنتى مىراسنى ئۆزئارا تەڭ بۆلۈشىدۇ.
ئەر جىيەنلەرنىڭ مىراسنى ئۆئارا بۆلۈشىشى ئەلبەتتە، مېيىتنىڭ قەرزلىرى بولسا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋەسىيىتى بولسا ئۇرۇندالغاندىن كېيىن بولىدۇ.
ۋەسىيەت ئىشىغا كەلسەك، ئەگەر مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا سوئالدا تىلغا ئېلىنغان مىراسخور ئەمەس كىشىلەرگە ۋەسىيەت قىلغان تەقدىردە، ئۇلارغا قىلىنغان ئومۇم ۋەسىيەت مىقدارى پۈتۈن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ھالقىپ كەتمەيدىغان بولسا، ئۇلارغا ۋەسىيەت بويىچە نېسىۋە تېگىدۇ. ئەگەر ئومۇم ۋەسىيەت مىقدارى پۈتۈن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ھالقىپ كېتىدىغان بولسا، ئۈچتىن بىرى مىقدارىدا نېسىۋە بېرىلىدۇ.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئەگەر مىراسخورلارنىڭ ھەممىسى ئاقىل ۋە بالىغ كىشىلەر بولۇپ، ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمىنى بېرىشكە رازى بولۇشسا، ئۈچتىن بىرىدىن ئاشقان قىسمىمۇ كۈچكە ئىگە بولۇپ، ۋەسىيەت قىلىنغانلارغا بېرىلىدۇ. رازى بولۇشمىسا ئۈچتىن بىرى بىلەن چەكلىنىدۇ.
مەسىلەن، پۈتۈن مىراس 90 مىڭ بولۇپ، ۋەسىيەتنىڭ ئومۇم مىقدارى 300 مىڭ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا، ۋەسىيەت ئورۇندىلىدۇ. ئەگەر ۋەسىيەت مىقدارى 35 مىڭ بولسا، مىراسخورلار رازى بولمىسا 5 مىڭ كۈچكە ئىگە بولماي، ۋەسىيەت قىلىنغانلارغا 30 مىڭلا بېرىلىدۇ.
ئەگەر ۋەسىيەتنىڭ ئومۇم مىقدارى 50 مىڭ بولۇپ، مىراسخورلار ئارتۇقىغا رازى بولمىسا، ياكى ۋەسىيەتنىڭ ئومۇم مىقدارى مىراس مىقدارى بولغان 90 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ كەتسە، مەسىلەن، كېلىنگە 50 مىڭ، ئۆگەي قىزلارغا 20 مىڭ، 8 جىيەنگە 30 مىڭ دېگەندەك، بۇ ئەھۋالدا ھەربىر ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ نېسىۋىسى ۋەسىيەت قىلىنغان مىقدارنىڭ پىرسەنتى بويىچە كېمەيتىلىپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1439، 12 – زۇلقەئدە / م. 2018، 25 – ئىيۇل
——————-
1. ئاسىب، كۆپلۈكى ئاسىبلار (عَاصِب ج الْعَصَبَةُ): ئەرەب تىلىدا: «كىشىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دادا تەرەپ تۇغقانلىرى» دېمەكتۇر. مىراس ئىلمىدە: «نېسىۋىسى بېكىتىلگەن مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدىغان، ئەگەر مىراس ئاشمىسا ھېچنېمە ئالمايدىغان، ئەگەر نېسىۋىسى بېكىتىلگەنلەر بولمىسا مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدىغان، مۇئەييەن بىر ئۈلۈشى بولمىغان مىراسخورلار»دۇر. بۇلار «نەسەبلىك ئاسىبلار» بولۇپ، قۇل ئازاد قىلىش جەھەتتىن ئاسىب بولغانلار «سەۋەبلىك ئاسىبلار» بولىدۇ. نەسەبلىك ئاسىبلار: «تەبىئىي ئاسىب»، «ۋاسىتىلىك ئاسىب» ۋە «قىز بىلەن ئاسىب بولىدىغانلار» دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «الْمَوْسُوْعَةُ الْفِقْهِيَّةُ الْكُوَيتِيَّةُ (كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 30/132؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1116 – بەت، «پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى»، رىياد، م. 2017.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6732)؛ «مۇسلىم»، (1615).