دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
«تەيەممۇم قىلىش» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا «مەقسەت قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ(1).
ئىسلام فىقھىسىدا بولسا، سۇ تېپىلمىغاندا ياكى سۇ ئىشلىتەلمەيدىغان ئەھۋاللاردا نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنىڭ ۋە غۇسلى قىلىشنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك تاھارەت بولۇپ، يۈز بىلەن ئىككى قولنى تاھارەت نىيىتى بىلەن پاكىز تۇپراق ياكى تۇپراق تۈرىدىن بولغان نەرسە بىلەن سىلاشتىن ئىبارەت(2).
تەيەممۇم «قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى بىلەن، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلار دەۋرىدىن تا ھازىرقى كۈنىمىزگە قەدەر بارلىق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ئىسپاتلانغان بىر كەڭچىلىكتۇر(3).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر مەست ھالىتىڭلاردا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر، جۇنۇب بولساڭلار، يول ئۈستىدە بولمىغان تەقدىردە، غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار. ئەگەر كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى بىرىڭلار ھاجەت قىلىپ كەلگىنىدە، ياكى جىما قىلىپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ، يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 43).
يەنە «مائىدە» سۈرىسىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى بىرىڭلار ھاجەت قىلىپ كەلگىنىدە، ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ، يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا ئۇنىڭ بىلەن مەسھى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ﴾(5/«مائىدە»: 6).
دېمەك، تەيەممۇم قىلىش جانابىي ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلىپ بەرگەن بىر كەڭچىلىكى ۋە پەزلى – مەرھەمىتىدۇر.
تەيەممۇم قىلىش مۇشۇ ئۈممەتكە خاس قىلىپ بېرىلگەن بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا تاھارەتتە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋاملىشىش سەۋەبى بولغان سۇنى پاكلىنىش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن بولسا، تەيەممۇمدا ئىنساننىڭ باشلىنىشى بولغان تۇپراقنى پاكلىنىش ۋاسىتىسى قىلىپ بېرىپ ئىلتىپات قىلغان. ئىمام بۇخارىي ھەزرىتى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﮪﯧﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻧﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ؛ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﺎﮪ ﯞﻩ ﭘﺎﻛﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯩﺮﺳﻪ، ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﻩﺭﺳﯘﻥ؛ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ، ھالبۇكى، ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﮪﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﮪﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ؛ ۋە يەنە ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻢ؛ بۇرۇن ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ دېگەن ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻗﻪۋمىگىلا ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﻪﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﺪﯨﻢ»(4).
گەرچە كۆپچىلىك ئالىملار تەيەممۇم دېگەن ساپ ئىبادەت خاراكتېرلىك پائالىيەت، بۇنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىسەكمۇ تولۇق قۇللۇق بىلەن بويسۇنۇشىمىز كېرەك، دەپ قارىغان بولسىمۇ، بەزى مۇھەققىق ئالىملار ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ مەلۇم ھېكمىتى بولىدۇ، بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ، بىلمىگەنلەر بىلمەيدۇ، دەپ قارىغان(5).
لېكىن، يېقىنقى يىللاردىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار كۆپلىگەن باكتېرىيەلەرنىڭ توپىدا تازىلىنىدىغانلىقى ۋە توپىنىڭ باكتېرىيە تازىلىغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان(6).
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى تۇپراق بىلەن سۇنىڭ تاھارەتسىزلىكنى يوقىتىدىغان پاكىزلاش ۋاسىتىسى قىلىنىشنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«شەرىئەتنىڭ تاھارەتتە تۇپراقنى سۇنىڭ ئىزباسارى قىلىشى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، بۇ ساغلام ئەقىل بىلەن توغرا تەبىئەتلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان جەملەشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سۇ بىلەن تۇپراقنى مەرتىۋە ۋە شەرىئەت جەھەتتىن بىر جۈپ قىلىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ جۇغلانمىسىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ياراتقان. ھەرقانداق جانلىقنىڭ ئوزۇقىنى ۋە ھاياتىنى ئاشۇ ئىككىسىدىن قىلغان. بۇ ئىككىسى ھەرقايسى جايلاردا ئەڭ كۆپ تېپىلىدىغان ھەم ئىشلىتىشمۇ ئەڭ قولاي بولغان شەيئىلەر بولغاچقا، يەنە ئاللاھ تائالا ئۈچۈن يۈزنى تۇپراققا تەگكۈزۈش ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى بولغاچقا ھەمدە سۇ بىلەن تۇپراق ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئالاھىدە شەرئىي تەرتىپنىڭ بولۇشى ئەڭ مۇۋاپىق ئىش ئىدى»([^[7]).
ئىمام شاھ ۋەلىييۇللاھ دېھلەۋىي تەيەممۇمدىكى ھېكمەتلەرنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىدىكى قانۇنىيىتى ئادەتتە، بەندىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان ئىبادەتلەرنى قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا بىراقلا تاشلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ساقىت قىلىنغان ئىشنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىشنى بەلگىلەپ بېرىشتۇر. شۇڭا، بەندىلەر قىلىپ كېلىۋاتقان تاھارەتنى تاشلىۋېتىشكە كۆنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كېسەللىك ۋە سەپەر قىيىنچىلىقلىرىدا كىچىك تاھارەت ئېلىش بىلەن غۇسلى تاھارەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىشنى بېكىتىپ بەرگەن». ئۇ يەنە تەيەممۇم باشقا نەرسە بىلەن ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدىكى نەرسىلەر بىلەن بولۇشىنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «چۈنكى، زېمىن ئۈستىدىكى نەرسە ھەرقانداق جايدا تېپىلىدۇ. شۇڭا، قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ نەرسە زېمىن ئۈستىدىكى نەرسە بولىدۇ. قىلىچ ۋە ئاياغلارمۇ ئادەتتە، ئۇنىڭ بىلەن تازىلىنىدۇ. يەنە ئۇنىڭدا يۈز – چىرايغا توپا سۈرتۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا خارلىق ئىزھار قىلىش بولغاچقا، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان ئىبادەتكە ئەڭ مۇناسىپ كېلىدۇ».
كىچىك تاھارەت بىلەن غۇسلى تاھارەتنى پەرقلەندۈرمەستىن، ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش بىر خىل تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھېكمىتىنى بولسا مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «چۈنكى، پۈتۈن بەدەننى توپىغا مىلەش قىيىن ئىش بولغاچقا، قولايلىق كەلتۈرىدىغان كەڭچىلىككە مۇناسىپ كەلمەيدۇ».
تەيەممۇمدا پۇتقا مەسھى قىلىش يوق بولۇشىنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «چۈنكى، پۇت ئادەتتە، توپىغا تېگىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، توپىغا تەگمەيدىغان جاينى توپىغا سۈرتۈش بىلەن بۇ ئىشنىڭ ئالاھىدە بىر ئىش ئىكەنلىكى ھېس قىلىنىدۇ»(8).
تەيەممۇم قىلغاندا تەيەممۇم قىلىش نىيىتى بولۇشى، سۇنى يېقىن ئەتراپتىن ئىزدەپ – سوراپ باققان بولۇشى، ئىزدىگەندىن كېيىن سۇ تاپالمىغان بولۇشى كېرەك. ئەمما، سۇ تېپىلسىمۇ سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان جاراھەت ياكى كېسەللىك بولغاندا، سۇ ئالىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا ياكى سۇنى ئېلىش ئىنتايىن قىيىن بولغاندا، دۈشمەندىن، ئوغرىدىن ياكى ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇپ سۇ ئەكىلەلمەي قالغاندا، قاتتىق سوغۇقتىن توڭلاپ كەتكەندە، يېنىدا سۇ ئالىدىغان ياكى قىش كۈنلىرىدە مۇنچىغا كىرىدىغان پۇلى بولمىغاندا، ياكى يېنىدا بار بولغان سۇنى ئىشلىتىۋەتسە ئۆزى ياكى ئۇلاغلىرى ئۇسساپ، قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋاللاردا سۇنى بەرىبىر ئىشلىتەلمىگەنلىكتىن، بار بولغان سۇ ھۆكۈم جەھەتتىن يوق ھېسابتا بولىدۇ.
ھەزرىتى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مەن زاتۇسسەلاسىل غازىتىدا سوغۇق بىر كېچىدە ئېھتىلام بولۇپ قالدىم، غۇسلى قىلسام ئۆلۈپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ، تەيەممۇم قىلىپ، ھەمراھلىرىمغا ئىمام بولۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم. بۇ ئىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەندە، مەندىن:
ــ ئى ئەمر! سەن جۇنۇب ھالەتتە ھەمراھلىرىڭغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدۇڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن غۇسلى قىلىشقا توسالغۇ بولغان سەۋەبنى دەپ بەردىم ۋە:
ــ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ چوقۇم سىلەرگە رەھىم – شەپقەت قىلغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، _ دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزۈمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا بىر نەرسە دېمىدى»(9).
ئىمام بۇخارىمۇ «سەھىھ»ىدە بۇ ۋەقەلىكنى قىسقارتىپ رىۋايەت قىلغان.
تەيەممۇم چوڭ – كىچىك تاھارەتسىزلىكنى يوقىتالايدۇ. يەنى، كىچىك تاھارىتى كەم بولغان كىشى بولسۇن ياكى جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇشى كېرەك بولغان كىشى بولسۇن، ھەر ئىككىسىگە بىر خىل تەيەممۇملا كۇپايە قىلىدۇ. تەيەممۇم قىلغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇيالايدۇ، قۇرئان تۇتالايدۇ ۋە ئوقۇيالايدۇ، مەسجىدكە كىرەلەيدۇ، تاۋاپ قىلالايدۇ، جۇنۇپ ھالەتتە سۇ بولسىمۇ يۇيۇنۇپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولسا، تېز تەيەممۇم قىلىپلا باشقىلارغا سالام قايتۇرسا بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق قىلغان. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئازادگەردىسى ئۇمەير رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئىبنى يەسار بىلەن ئىككىيلەن ئەبۇ جۇھەيمنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ›بىرى جەمەل تەرەپتىن كەلگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىر ئادەم ئۇچراپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئادەمگە سالام قايتۇرماي، تام تەرەپكە مېڭىپ، قولىنى تامغا ئۇرۇپ، يۈزىنى، ئىككى قولىنى سىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ ئادەمگە سالام قايتۇردى‹ »(10).
يەنە بەزى ئالىملار: «ھېيت نامىزى ۋە جىنازا نامىزىغا يۇيۇنۇپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان بولسا، تېز تەيەممۇم قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ» دەپمۇ قارىغان(11).
بىر تەيەممۇم بىرقانچىلىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇشقا يېتىدۇ. بەزى فەقىھلەر «بىر تەيەممۇم بىر پەرز نامازغىلا يارايدۇ ياكى بىر قېتىمدا ئوقۇيدىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلارغىلا يارايدۇ، ئىككىنچى پەرزنىڭ ۋاقتى كىرسە، قايتا تەيەممۇم قىلىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ.
تەيەممۇم قىلىش ئۇسۇلى: تۇپراققا ئالىقان بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇپ، بىرىنچى قېتىمدا يۈزىنى، ئىككىنچى قېتىمدا قولىنى جەينەككىچە سىلايدۇ. بەزى فەقىھلەرنىڭ قارىشىدا، تۇپراققا ئىككى قېتىم ئەمەس، بىر قېتىم ئۇرسىمۇ، قولىنى جەينەككىچە ئەمەس، بېغىشقىچە سىلىسىمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەر ئىككى ئۇسۇلنىڭ ھەدىستىن دەلىللىرى بار، لېكىن ئىككىنچى قاراشنىڭ سەھىھ ھەدىستىن كۆرسەتكەن دەلىللىرى خېلىلا كۈچلۈك.
تەيەممۇم قىلغاندا توسالغۇ بولىدىغان ئۈزۈك، پەلەيگە ئوخشىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك. تەيەممۇم قىلىشقا باشلىغاندا «بىسمىللاھ» دېيىش، ئالىقاننى كېرىپ تۇرۇپ تۇپراققا ئۇرۇش، ئۇرغاندىن كېيىن يۈزىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن قولىنى قېقىۋىتىش، بارماق ئارىلىرىنى سىلاش، ئوڭدىن باشلاش، تەرتىپ بويىچە باشتا يۈزىنى ئۇندىن كېيىن قولىنى سىلاش، تەيەممۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزۈپ قويماي ئارقا – ئارقىدىن قىلىش ھەمدە سۇ تېپىلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، تەيەممۇمنى نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش مۇستەھەپتۇر، كېچىكتۈرمەسلىك جائىزدۇر.
سۇ بار، ئەمما، غۇسلى قىلىمەن دېسە، سۇ ئىسسىتىپ بولغۇچە ياكى مۇنچىغا بېرىپ غۇسلى قىلىپ بولغۇچە ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، غۇسلى قىلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇيدۇ، تەيەممۇم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولمايدۇ، بۇنىڭدا سەپەر ھالىتىدىكى كىشىمۇ ئوخشاش. مۇشۇ قاراش كۈچلۈكتۇر. بەزى ئالىملار «تەيەممۇم قىلىپلا نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇۋالسىمۇ بولىدۇ، ناماز دېگەن ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ئۇنى ھەرقانداق ئۆزرە بىلەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ(12).
ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ياكى تۇرمىغا قامالغانلار تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىنسا، تەيەممۇم قىلىپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ، كېيىن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى تېپىلغاندا ئۇ نامازنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، قايتا ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ.
تەيەممۇم ئادەتتە، زېمىن ئۈستىنى قاپلاپ تۇرىدىغان تۇپراق تۈرىدىن بولغان ھەرقانداق پاك نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، ھەرخىل توپا، قۇم، شېغىل ۋە قورام تاشلارغا، ئۇنىڭدىن باشقا كىيىم – كېچەك، پالاس، گىلەم، كىگىز قاتارلىق نەرسىلەردىن چاڭ – توزان چىقسا، شۇ نەرسىلەرگە ئۇرۇپ تەيەممۇم قىلسىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقىلار تېپىلمىغاندا سېمونت، بېتون، پىششىق خىش ياكى يۈزى باشقا ماددا بىلەن سۈرتۈلمىگەن ياكى سىرلانمىغان چىنە خىش ۋە ساپاللارغا ئۇرۇپ تەيەممۇم قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇپراق تۈرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
شۇنداقلا ھاك، گەج، كوزا، كۈپ، سېغىز لايدىن ياسالغان ھېجىر تاۋاق، كېسەكتىن ياسالغان تام قاتارلىقلار بىلەن تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ، ئۈستىدە چاڭ – توزان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاش. لېكىن، كۈل بىلەن تەيەممۇم قىلسا جائىز بولمايدۇ.
سۇ تېپىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە گۇناھكار بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.
تەيەممۇمنى چوڭ – كىچىك تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان ھەرقانداق نەرسە سۇندۇرىدۇ، يەنە سۇ تېپىلىش ياكى سۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشمۇ سۇندۇرىدۇ. ناۋادا تولۇق تاھارەت ئېلىشقا يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئازغىنە سۇ بولسا، بەزى ئالىملار: «تەيەممۇم قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «سۇنى يەتكىنىچە ئىشلىتىپ، ئاندىن كەم قالغان يەرگە تەيەممۇم قىلىدۇ» دېگەن.
تولۇق سۇ بولغان تەقدىردىمۇ يۇيۇنسا باشقىلارغا ئەۋرىتى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ۋەزىيەت بولسا، يۇيۇنماي تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. سۇنىمۇ ياكى تەيەممۇم قىلغۇدەك پاك تۇپراقنىمۇ تاپالمىغان كىشى، مەسىلەن، سۇ ياكى تۇپراق يوق يەرگە ياكى مەينەت يەرگە سولىنىپ قالغان كىشى، باغلىنىپ تەيەممۇم قىلالمايدىغان كىشى، ئايروپىلان، پويىز ۋە پاراخوتلاردا سۇ ياكى تۇپراق تاپالمىغان كىشى ھەمدە كېسەل سەۋەبىدىن يا تاھارەت ئالالمايدىغان، ياكى تەيەممۇم قىلالمايدىغان كىشىلەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تاھارەتسىز ئوقۇشى ۋاجىپتۇر، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلاردىن بەزىلەر: «كېيىن ئىمكانىيەت بولغاندا بۇ نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «قايتا ئوقۇيدۇ» دېگەن. ئەمما، مالىكىي مەزھەپتىكىلەر: «بۇنداق ئەھۋالدا، ناماز ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، كېيىن قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەن.
سۇ بىلەن تاھارەت ئالغان ئادەم تەيەممۇم قىلغان ئادەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇسا كۆپچىلىك ئالىملار جائىز دەپ قارايدۇ. ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى «دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى تەيەممۇم ئۆزرىلىك كىشىنىڭ تاھارىتىدەك ئالاھىدە ئەھۋالدا ئالغان تاھارەتتۇر» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «مەكروھ» دېگەن. لېكىن، يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سوغۇق بىر كېچىدە جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ تەيەممۇم قىلىپ، ھەمراھلىرىغا نامازدا ئىمام بولۇپ بەردى. كېيىن بۇ ئىش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكۈزۈلگەن چاغدا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان ئىدى(13).
ھىجرىيە 1427 – يىلى، 27 – سەپەر
مىلادىيە 2006 – يىلى 27 – مارت
————————————-
1. «لسان العرب»، مادة أمم.
2. قاراڭ: ئەلمۇسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1 – توم، 23 – بەت؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسساناﺋﯩﺌ»، 1 – توم، 209 – بەت؛ «الموسوعة الإسلامية العامة (ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى)»، 438 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف مىنىستىرلىكى». ئالىملار گۇرۇپپىسى، قاهىرە، م. 2003.
3. «نەيلۇل ئەۋتار»، 1 – توم، 321 – بەت.
4. «بۇخارىي»، 335 – ھەدىس.
5. «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2 – توم، 86 – بەت.
6. Superbugs slain by soil antibiotic, New Scientist magazine, 17 May 2006.
https://www.cerideiilmiyye.org/teyemmum/
7. «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 1 – توم، 174 – بەت.
8. «ھۆججەتۇللاھ ئەلبالىغە»، 1 – توم، 381 – بەت.
9. «ئەھمەد»، 17845 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 334 – ھەدىس. سەنەدى «سەھىھ»تۇر.
10. «بۇخارىي»، 337 – ھەدىس.
11. «فەتھۇل قەدىر»، 1 – توم، 138 – بەت؛ «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21 – توم، 465 – بەت؛ «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 14 – توم، 271 – بەت.
12. «ئەلبەھرۇررائىق»، 1 – توم، 167 – بەت؛ «ئەلمۇغنىي»، 1 – توم، 166 – بەت؛ «مواهب الجليل»، 1 – توم، 337 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 4 – توم، 395 – بەت.
13. «ئەلمەجمۇﺋ»، 4 – توم، 230 – بەت؛ «نەيلۇل ئەۋتار»، 3 – توم، 123 – بەت؛ «فەتھۇل قەدىر»، 4 – توم، 167 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 21 – توم، 360 – بەت.
Please follow and like us: