مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىلى

مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىلى

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

بىز مۇسۇلمانلار بىرقانچە كۈندىن كېيىن بىر يىلنى تۈگىتىپ، يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىجرىيە يىلنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

زامان دېگىنىمىز قۇياش، ئاي، يەر شارى ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان مۇرەككەپ ھايات ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى بىر يىلنى 12ئايغا بۆلىدىغان، كۈندۈزنىمۇ 12 سائەتكە، كېچىنىمۇ 12 سائەتكە بۆلىدىغان قەمەرىيە كالېندارى ئىشلەتكەن. ئۇلاردا 24 سائەتنىڭ ھەربىرىنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىسمى بار ئىدى. ئۇلار بۇ كالېندارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن ئالغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بولسا ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتكىنى بويىچە ئەمەل قىلغان.

﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتقان كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ، ئۇلاردىن تۆتى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر﴾(9/«تەۋبە»: 36).

ئەرەبلەرنىڭ مىلادىيە 412 – يىلدىن تارتىپ قوللانغان يىلنامىسى بويىچە ئايلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم

سەفەر

رەبىيئۇلئەۋۋەل

رەبىيئۇلئاخىر

جامادىيەلئەۋۋەل

جامادىيەلئاخىر

رەجەب

شەئبان

رامازان

شەۋۋال

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

لېكىن، ئۇلار تارىخ يېزىشتا مەلۇم بىر كالېندارنى ئاساس قىلماستىن، ھەر يىلى يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلىكلەرگە ئاساسلانغان. مەسىلەن، پىل يىلى (مىلادىيە 571 – يىل)، كەئبە قايتا بىنا قىلىنغان يىلى… دېگەندەك. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەرەبلەر ياشىغان بەدەۋىيلىك ۋە كۆچمەنلىك تۇرمۇش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ چىقىشالماي، مۇقىمسىز ھالەتتە ياشىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاش كالېندار ئىشلىتىشتە كېلىشەلمىگەن.

شۇنداقتىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن قالغان تەلىم بويىچە بەزى مۇئەييەن ئايلارنى ئۇلۇغلاشقا ئۆزئارا كېلىشىپ، بۇ «ھەرەم ئايلار»دا ئۇرۇشۇش ۋە قان تۆكۈشنى قاتتىق چەكلىگەن.

«ھەرەم» دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇنىڭدا قىلىنغان گۇناھ – مەئسىيەتلەرنىڭ جازاسى ئادەتتىكىدىن ئېغىرراق، ئۇنىڭدا قىلىنغان تائەت – ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ئادەتتىكىدىن كاتتىراق بولۇشتىن ئىبارەت. ئەرەبلەر بۇ ئايلارنى قاتتىق ئۇلۇغلايتتى، بەزىلىرى بۇ ئايلاردا ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى ئۇچرىتىپ قالسىمۇ، ئۇنىڭغا چېقىلمايتتى(1).

ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن زامان ئاللاھ ئاسمان – زېمىننى ياراتقان كۈنىدىكىدەك ئايلاندى. بىر يىل 12ئايدۇر، بۇلاردىن تۆتى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايلار بولۇپ، زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم قاتارلىق ئۈچى ئۇلىنىپ كېلىدۇ. تۆتىنچىسى جامادىيە ئېيى بىلەن شەئباننىڭ ئارىلىقىدا كېلىدىغان مۇزەر قەبىلىسى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر»(2).

«ھەرەم ئايلار» تۆۋەندىكىچە:

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

مۇھەررەم

رەجەب

ئەرەبلەر بۇ ئايلارنى قاتتىق ئۇلۇغلاشقا كېلىشكەن تۇرۇقلۇق، ھىيلە ئىشلىتىپ، «ھەرەم ئايلار»نى خاھلىغانلىرىچە ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېچىكتۈرۈپ، بۇ ئايلارغا ھۆرمەت قىلىشقا بەزىدە رىئايە قىلمىغان. تاكى ئىسلام كەلگەنگە قەدەر بۇ ئادەت داۋاملاشقان. ئىسلام كەلگەندىن كېيىن «ھەرەم ئايلار»نى ئالدىغا سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈش چەكلەنگەن(3).

ئىسلامىيەت كەلگەندىن كېيىنمۇ مۇھىم ۋەقەلىكلەر بىلەن تارىخ قالدۇرۇش ئادىتى مەلۇم مۇددەت داۋاملاشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىلغىمۇ مەلۇم رەقەم بېكىتىلمەي، شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلىكلەر بىلەن ئاتالغان. مەسىلەن، ھىجرەتنىڭ 5 – يىلى زىلزال يىلى، 9 – يىلى بارائەت يىلى، 10 – يىلى ۋىدالىشىش يىلى… دېگەندەك.

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىفەلىك دەۋرىگە كەلگەنگە قەدەر تارىخ قالدۇرۇش مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى. خەلىفە ئۆمەر تېرىتورىيىسى ناھايىتى زور كۆلەمدە كېڭىيىپ كەتكەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر كالېندار ۋە يىلنامىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ساھابەلەرنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن كېڭەش قىلىپ مەسلىھەتلەشكەن. ئاخىرىدا ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككەدىن مەدىنەگە قىلغان ھىجرىتىنى كالېندارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىشتا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى، ھىجرەت ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ تۇرغان پاسىل، شۇنداقلا بىرىنچى ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، تۇغۇلغان كۈنىنىڭ رەبىيئۇلئەۋۋەلنىڭ 8 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۈشەنبە كۈنى ئىكەنلىكى، لېكىن رەبىيئۇلئەۋۋەلنىڭ قانچىنچى كۈنى ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغاچقا، بۇ ئاساس قىلىنمىغان(4).

ئۇلار يەنە مۇھەررەم ئېيىنى بۇ كالېندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشكەن.(5) ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرىتى بۇ ئايدا بولمىغان، بەلكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئايدىن كېيىنكى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا 1 – مۇھەررەم كۈنىدىن 67 كۈن كېيىن ھىجرەتنى باشلاپ، مەدىنەگە 12 – رەبىيئۇلئەۋۋەل كۈنى يېتىپ بارغان. ئۇلارنىڭ مۇھەررەم ئېيىنى يېڭى كالېندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئاي ئەرەب ئېيىدا ساناشتا بىرىنچى ئاي، شۇنداقلا ھەرەم ئايلارنىڭمۇ بىرىنچىسى ئىدى. كىشىلەر بۇ ئايدا ھەجدىن قايتىشاتتى. ئۇندىن باشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنسارلار بىلەن ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتىنى قىلغاندىن كېيىن ساھابەلىرىگە ھىجرەت قىلىشقا ئىجازەت بېرىشى مۇھەررەم ئېيىدا بولغان، يەنى ھىجرەت مۇھەررەم ئايدىن باشلانغان. بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى ئاي قىلىنىشى مۇناسىپ كۆرۈلگەن.

مۇسۇلمانلار ھ. 17 – يىلى 20 – جامادىيەلئاخىر چارشەنبىدىن تارتىپ بۇ يېڭى كالېندارنى قوللىنىشقا باشلىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ھ. 1 – يىلىنىڭ 1 – كۈنى / م. 622 – يىلى 16 – ئىيۇل جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كالېندارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىسلام دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىي مۇستەقىللىقىغا ئۇل ھازىرلىغان. كېيىنچە، مۇسۇلمانلار بۇ كالېندارنى ئىشلەتكەن ھالدا دۇنياۋىلىشىشقا يۈزلىنىپ، دۇنياغا ئۇستازلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلغان بۈيۈك ئىسلام مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. روزا، ناماز، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلەرمۇ مۇشۇ كالېندار بويىچە بەلگىلىنىدىغان بولغان.

ھىجرىيە يىلنامىسى قەمەرىيە (ئاي) نى ئاساس قىلىدۇ. بۇ كالېندار ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ قىلغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاينىڭ يەر شارىنى ھەربىر ئايلىنىشىدىن بىر ئاي، 12 قېتىم ئايلىنىشىدىن بىر يىل شەكىللىنىدۇ. بەزى ئايلار 29 كۈن، بەزى ئايلار 30 كۈن كېلىدۇ. ئوتتۇرا ھېسابتا 12ئاينىڭ ھەربىرىگە 29.25 كۈندىن توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، قەمەرىيە يىلى جەمئىي 354.36 كۈن بولىدۇ. بۇ شەمسىيە (قۇياش) كالېندارىغا قارىغاندا 11 ياكى 12 كۈن ئەتراپىدا قىسقا دېگەنلىك. شەمسىيە كالېندارى يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ قىلغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن، بۇنىڭدا بىر يىل 365 ياكى 366 كۈن بولىدۇ. شەمسىيە كالېندارى تېرىقچىلىق ۋە ھاۋا كىلىماتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆت پەسىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پەسىللەر ھەر يىلى مۇقىم ۋاقىتتا كېلىدۇ. بۇ جەھەتتىن، شەمسىيە كالېندارىنى تۆت پەسىل ئۈستىگە قۇرۇلغان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇلارغا ئاساسەن قەمەرىيە كالېندارى بىلەن شەمسىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوق دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ھەربىرى پەرقلىق دەۋرىيلىكنى ئاساس قىلغان.

جەبەلە ئىبنى سۇھەيم رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ›رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاي دېگەن مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ ئوتتۇزغا ئىشارەت قىلدى. ئاندىن: «يەنە مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ يىگىرمە توققۇزغا ئىشارەت قىلدى. بىر قېتىم يىگىرمە توققۇز كۈن، بىر قېتىم ئوتتۇز كۈن بولىدۇ، دېمەكچى‹»(6).

ھىجرىيە يىلنامىسىدا كېچە كۈندۈزدىن بۇرۇن كىرىدۇ. مەسىلەن، جۈمە كېچىسى پەيشەنبە كەچ كىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، كۈن پېتىش بىلەن يېڭى بىر كۈن باشلانغان بولىدۇ. مەسىلەن، پەيشەنبە شام ۋاقتىدا كۈن پاتسا، جۈمە كۈنىگە تەۋە كېچە كىرگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بوۋاققا ئىسىم قويۇشتا يەتتىنچى كۈننى بەلگىلەش، ئېتىكاپقا كىرىش ۋە چىقىش دېگەندەك كۆپ ئەھكاملارغا مۇناسىۋىتى بار.

بۇ كالېندار دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا مىڭ نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كالېندارنى ئىشلىتىشمۇ ئاستا – ئاستا ئىسلام دۇنياسىدا ئەمەلدىن قېلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا غەرب مەدەنىيىتى يىلنامىسى بولغان مىلادىيە كالېندارى دەسسەشكە باشلىغان. ئاخىرى غەرب جاھانگىرلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شام ۋە مىسىردەك كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە دەسلەپكى باسقۇچتا ھىجرىيە ۋە مىلادىيە كالېندارنى تەڭ قوللانغان. كېيىنكى باسقۇچتا مىلادىيە كالېندارىنىلا قوللانغان. ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلام تارىخى بىلەن بولغان رىشتىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھىجرىيە يىلنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ھ. 1344 / م. 1926 – يىلى ھىجرىيە يىلنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى مىلادىيە يىلنامىسى بىلەن ئالماشتۇرۇش قارارى بىلەن ئەمەلىيلەشكەن.

شۇنداقتىمۇ ھازىر بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرىيە يىلنامىسى رەسمىي يىلنامە ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرىيە كالېندارى مىلادىيە كالېندارى بىلەن تەڭ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

ئىمام رازىي يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى ﴿بۇ توغرا دىندۇر﴾ دېگەن جۈملىنىڭ تەفسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى ئىلىملار مۇنداق دېگەن: ›مۇشۇ ئايەتتىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار سودا – سېتىقلىرىدا، قەرز مۇددەتلىرىدە، زاكات بېرىش ئىشلىرىدا ۋە بارلىق ئەھكاملىرىدا ئاسماندىكى ئاي بىلەن ھېسابلايدىغان ئەرەبى يىلىغا ئاساسلىنىشى، ئەجەم، رىم يىلىغا ئاساسلانماسلىقى ۋاجىبتۇر‹»(7).

شۇڭا، بىز زاكات، ئىددەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلاردا قەمەرىيە كالېندارنى ھېساب قىلىشىمىز لازىم. بولمىسا، ئىبادەتلىرىمىزدە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئاددىي بىر مىسال: زاكات بېرىشتە مىلادىيە يىلنى ھېساب قىلساق، بىر يىلدا 11 ياكى 12 كۈننىڭ، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتى ئادا قىلىنماي، گەدىنىمىزدە قالىدۇ.

جانابىي ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ئاتا قىلغاي!

ھ. 1426، 5 – مۇھەررەم / م. 2005، 13 – فېۋرال

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

——————–
1. «تەفسىرۇل كەبىر»، 16/42.
2. «بۇخارىي»، (4662).
3. «تەۋبە»، 37 – ئايەتكە قارالسۇن.
4. ئاسترونومىيە تەتقىقاتى بويىچە ھېسابلىغاندا، بەزى ئالىملار: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 53 – يىلى، 9 – رەبىيئۇلئەۋۋەل، دۈشەنبە دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ م. 571 – يىلى 20 – ئاپرېل غا توغرا كېلىدۇ. ۋاپات بولغان كۈن ھ. 11، 13 – رەبىيئۇلئەۋۋەل دۈشەنبە بولۇپ، بۇ م. 632، 8 – ئىيۇنغا توغرا كېلىدۇ» دېگەن. قاراڭ: عبد الله بن إبراهيم بن محمَّد السليم: «تقويم الأزمان»، 143 – بەت، الطبعة الأولي، 1404 هـ.
5. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3/207.
6. «بۇخارىي»، (5302).
7. «تەفسىرۇل كەبىر»، 16/43.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ