تاناسىل ئەزادىن دورا سېلىپ داۋالىسا تاھارەت سۇنامدۇ؟

تاناسىل ئەزادىن دورا سېلىپ داۋالىسا تاھارەت سۇنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئاياللارنىڭ تاناسىل ئەزاسىدىن دورا سېلىپ داۋالىسا تاھارەت سۇنامدۇ؟ غۇسۇل ۋاجىب بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بەزىدە ئايال كىشى بىرەر كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپتىن دورا سېلىپ ياكى سۇ ماڭغۇزۇپ ياكى دۇربۇن ياكى تېببىي تەكشۈرۈش ئەسۋابى ياكى بارماق كىرگۈزۈپ تەكشۈرتۈشى كېرەك بولىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا سېلىنغان دورا يېنىپ چىقمىسا ياكى باشقا بىرنەرسە چىقمىسىلا تاھارەت سۇنمايدۇ. دورىدىن بىر قىسمى يېنىپ چىقسا ياكى باشقا بىرنەرسە چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ. بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا تاناسىل ئەزا نەملىكى يۇقۇپ چىقسىمۇ ئوخشاشلا تاھارەت سۇنىدۇ. چىققان نەرسە ياكى نەملىك يۇققان نەرسىنى تازىلاش كېرەك بولىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا تاھارەت سۇنىدۇ دېيىشتە گەرچە ئاياللارنىڭ ئادەت ياكى ئىستىھازە بولمىغان چاغدىكى ماتكا ئىچى نەملىكىنىڭ پاك ياكى نىجىس ئىكەنلىكىدە ۋە يەنە تاھارەتنى سۇندۇرۇش – سۇندۇرماسلىقىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇ بەرىبىر ئالدى ئەۋرەتتىن چىققان نەرسە بولغاچقا، ئالدى ياكى ئارقا يولدىن چىققان ئادەتتىكى تەرەت ياكى مەزىي ياكى قان قاتارلىق نىجىس نەرسىلەرگە قىياس جەھەتتىنمۇ، نىجاسەتنىڭ بىللە قوشۇلۇپ چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بار بولغاچقا، ئېھتىيات جەھەتتىنمۇ تاھارەت سۇنىدۇ دېيىش مۇئەييەنلىشىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە ئېيتىدۇ: «زەكەر سۈيدۈك يولىغا ماي تېمىتسا، يېنىپ چىقسا تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ ئالدى يولدىن چىققان نەرسىدۇر. ئۇ ئادەتتە نىجىس نەملىكنى بىللە يۇقتۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، نىجىس ماددا ئۆزى يالغۇز چىققان ھالەتكە ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. زەكەر سۈيدۈك يولىغا پاختا تىقسا، پاختا نەم ھالەتتە چىقسا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇ نەملىك يالغۇز چىققان بولسا تاھارەتنى سۇندۇراتتى. باشقا نەرسە بىلەن بىللە چىقسا ئوخشاشلا سۇندۇرىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەقەتكە ئۇرۇلغان سۇيۇقلۇقنىڭ بىر قىسمى تاناسىل ئەزاسىدىن يېنىپ چىقسا ئىستىنجاﺋ قىلىشى لازىم».(1)

مەقەتكىمۇ دورا ياكى بارماق ياكى ئۈسكۈنە ياكى پاختا سالسا يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا دورا يېنىپ چىقسا ياكى سېلىنغان نەرسە نەملىكنى يۇقتۇرۇپ چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ.

بەزى ئالىملار بىرنەرسە چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن ئەۋرەتنى قولى بىلەن تۇتقان ئەھۋالدا بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تاھارەت سۇنىدۇ دەپمۇ قارايدۇ. لېكىن، بۇ ھەقتە كەلگەن باشقا ھەدىسلەرگە تايانغان كۈچلۈك قاراشتا ئەۋرىتىنى تۇتۇش بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ.

بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابى قۇرۇق چىقسا بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئىمام نەۋەۋىي بايان قىلغاندەك: «ئەر ياكى ئايال كىشى ئالدى ياكى ئارقا تەرەپكە تاياق ياكى يىپ ياكى بارماق ياكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدەك بىرنەرسە كىرگۈزگەن بولسا، بىرنەرسە يۇقسۇن ياكى يۇقمىسۇن، ھەممىنى تارتىپ چىقارسۇن ياكى بىر قىسمىنى چىقارسۇن ئوخشاشلا تاھارەت سۇنىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىككى يولنىڭ بىرىدىن چىققان نەرسە، ئەمما كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بەلكى ئۇنى چىقىرىش سۇندۇرىدۇ».(2)

ئەڭ مۇۋاپىقى بەزى ھەنەفىي ۋە باشقا ئالىملار دېگەندەك: «كىرگۈزگەن نەرسە بىرنەرسە يۇقمىغان ھالەتتە قۇرۇق چىقسا تاھارەت سۇنمايدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ئېھتىيات جەھەتتىن تاھارەت ئېلىۋەتكىنى ياخشى».(3)

بۇنىڭدىن دورا ياكى پاختا ياكى باشقا نەرسە تاناسىل ئەزاغا سېلىنىشنىڭ ئۆزى تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقى، ئۇنى تارتىپ ئالغاندا نەملىك يۇقۇپ چىقسا ئاندىن تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقى، قۇرۇق چىققان ئەھۋالدا سۇندۇرمايدىغانلىقى، لېكىن تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ ياخشىلىقى مەلۇم بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا روزا سۇنمايدۇ. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» ھ. 1418،  يىلى سەفەرنىڭ 23 – 28 – كۈنلىرى جىددە شەھىرىدە ئاچقان 10 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا تېببىي خادىملار بىلەن فەقىھلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى مۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرگەن: «ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە سېلىنىدىغان دورا، چايقايدىغان سۇيۇقلۇق، تېببىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇربۇن ياكى بارماق كىرگۈزۈش. دۇربۇن ياكى ئۈزۈك قاتارلىقلارنى بالىياتقۇغا كىرگۈزۈش. ئەر ياكى ئايالنىڭ سۈيدۈك يولىغا كىرىدىغان تۇرۇبا ياكى دۇربۇن ياكى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن سايىدىتىدىغان رەڭ ياكى دورا ياكى دوۋساق، سۈيدۈك خالتىلىرىنى يۇيۇش سۇيۇقلۇقى».

ئەلبەتتە، تاناسىل ئەزاغا بىرنەرسە سالغاندا ھېسسىياتلىنىپ مەنىي ئېتىلىپ چىكىتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە تاھارەت سۇنۇپلا قالماي، غۇسۇل ۋاجىب بولىدۇ. روزىدار بولسا روزىسىمۇ سۇنۇپ كېتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 13 – جامادىيەلئاخىر / م. 2017، 10 – ئاپرېل

——————
1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/111.
2. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2/13.
3. ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 1/31.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ