سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلساق قايتىدىن كىچىك تاھارەت ئالمايلا ناماز ئوقۇساق بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىش غۇسۇلنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى سۈننەتلىرىدىن سانىلىدۇ. ئەڭ ئەۋزەل ۋە مۇكەممەل غۇسۇل قىلاي دېسە، جۇنۇب بولۇپ قالغان ۋە ھەيز، نىفاستىن ساقايغان چاغدا پاكلىنىش ئۈچۈن ۋاجىب غۇسۇل قىلماقچى بولسۇن، ياكى جۈمە، ھېيت نامازلىرىغا، ئىھرام باغلاشقا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋاجىب بولمىغان غۇسۇل قىلغاندا بولسۇن، ئالدى بىلەن ئەۋرەت ۋە بەدەننى يۇيۇپ پاكىزلەش، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك كىچىك تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن بېشىغا سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ يۇيۇش لازىم.
ئەگەر كىچىك تاھارەت ئالمىغان تەقدىردە، ئالدى بىلەن ئەۋرەت ۋە بەدەندىكى مەينەتلىكنى يۇيۇش، ئاغزى – بۇرۇننى چايقاش، ئاندىن باشقا سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش لازىم. بۇ تەرىقىدە يۇيۇنسىمۇ غۇسۇل توغرا بولىدۇ. تاھارەت سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا بۇ غۇسۇل بىلەن قايتا كىچىك تاھارەت ئېلىپ يۈرمەيلا ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.
ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىدىن ئىمام مەۋسىلىي ئېيتۇر: «غۇسۇلنىڭ سۈننەتلىرى ئىككى قولنى ۋە ئەۋرەتنى يۇيۇش، بەدەندىن مەينەتچىلىكلەرنى يوقىتىش، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىش، ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەنگە ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇشتۇر»(1).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداق غۇسۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى رىۋايەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ جەنابەت سەۋەبلىك غۇسۇل قىلماقچى بولسا، ئاﯞﯞﺍﻝ قوللىرىنى يۇياتتى، ئاندىن ناماﺯغا تاھاﺭﻩﺕ ئالغاندﻩﻙ تاھاﺭﻩﺕ ئاﻻتتى، ئاندىن باﺭماقلىرىنى سۇغا تىقىپ نەمدەپ چېچىنىڭ تېگىنى ھۆلدەيتتى، ئاندىن بېشىغا قوللىرى بىلەن ئۈﭺ ئوچۇﻡ سۇ قۇياتتى، ئاندىن سۇنى بەﺩىنىنىڭ ھەممە يېرىگە قۇياتتى»(2).
پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻣﻪﻳﻤﯘﻧﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ سۆزلەپ بەرگەنكى: «ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەﻡ ناماﺯغا تاھاﺭﻩﺕ ئالغاندﻩﻙ تاھاﺭﻩﺕ ئالدﻯ – يۇ، پۇتلىرىنى يۇيمىدى، ئەﯞﺭىتىنى ۋە ئۇنىڭغا يۇققان نىجاسەتنى يۇيدﻯ، ئاندىن پۈتۈﻥ بەﺩىنىگىمۇ سۇ تۆكۈﭖ بولغاندىن كېيىن، يۆتكىلىپ پۇتلىرىنى يۇيدﻯ. مانا بۇ ﺭﻩسۇلۇللاھنىڭ جەنابەتتىن (كېيىنكى) غۇسۇلىدۇر»([3]).^
مەزكۇر كېيىنكى ھەدىس بويىچە ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ چاچراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلىدىغان ئورۇن سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ئورۇن بولسا، ئىككى پۇتىنى غۇسۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇش مۇستەھەبتۇر.
يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە شۇنداقلا غۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، ئالىملار غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشنى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى سۈننەت ۋە مۇستەھەب دەپ قارىغان. تېخى بۇ ھەقتە ئالىملار ئىجماﺋ بارلىقىنىمۇ نەقىل قىلغان(4).
چۈنكى، ﴿جۇنۇب بولساڭلار پاكلىنىڭلار﴾(5/«مائىدە»: 6) دېگەن ئايەتتە يۇيۇنۇشتىن باشقىغا بۇيرۇمىغان. بۇ غۇسۇل قىلسا كىچىك تاھارەت ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە كىچىك تاھارەت چوڭ تاھارەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن، غۇسۇلنىڭ دۇرۇس بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن چېكى بەدەندىكى مەينەتچىلىكنى يۇيۇۋېتىپ، ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇشتۇر. كىشى پۈتۈن بەدىنىگە سۇ تېگىدىغان تەرىقىدە ئۈستىدىن ئۈچ قېتىم سۇ تۆكسە ياكى كۆلچەككە بىر قېتىم چۆمۈلسە، غۇسۇل قىلغان بولىدۇ. بەلكىم ئادەتتىكى ئەھۋالدا غۇسۇلنىڭ بارلىق سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىپ يۇيۇنۇپ، ئالدىراپ قالغاندا ئەڭ تۆۋەن چېكىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ يۇيۇنۇش مۇناسىپ بولسا كېرەك. لېكىن، ئاياللار ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ تېگىگە سۇ يەتكۈزۈشى لازىم.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتىدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن چېچىمنى چىڭ تارتىپ ئۆرۈۋالىدىغان ئايالمەن، جەنابەتتىن غۇسۇل قىلغاندا ئۇنى چۇۋۇمدىم؟ — دەپ سورىسام:
— ياق، چۇۋۇشقا كېرەك يوق، بېشىڭىزغا ئۈچ ئوچۇم سۇ قۇيسىڭىز كۇپايە، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىڭىزگە سۇ تۆكۈسىز، شۇنىڭ بىلەن پاك بولىسىز، — دېدى»(5).
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى، جۇنۇب بولۇپ قالغان ۋە ھەيز، نىفاستىن ساقايغان چاغدا پاكلىنىش ئۈچۈن ۋاجىب غۇسۇل قىلغاندا، ئالدى بىلەن كىچىك تاھارەت ئالمايلا غۇسۇل قىلسا، بۇ غۇسۇلنىڭ كىچىك تاھارەتنىڭمۇ ئورنىدا تۇرىدىغانلىقىدا، غۇسۇلدىن كېيىن كىچىك تاھارەت ئالمايلا شۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدىغانلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن ئىختىلاپ يوقلۇقىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق.
ئەمدى «جۈمە، ھېيت نامازلىرى، ئىھرام باغلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋاجىب بولمىغان غۇسۇل قىلغاندا ياكى سالقىنلاش، ياكى تازىلىق ئۈچۈن يۇيۇنغاندا، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئالمىغان بولسا، بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇيالامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئەلۋەتتە، ھەنەفىي مەزھەبتە سۇ بىلەن ئالغان تاھارەتنىڭ ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن نىيەت قىلىشى كېرەك ئەمەس، بۇنىڭغا بىنائەن سۈننەت ۋە مۇستەھەب غۇسۇلدا كىچىك تاھارەت ئالمىسىمۇ بۇ غۇسۇل بىلەن كىچىك تاھارەت ئالغان بولىدۇ ۋە ناماز ئوقۇيالايدۇ. ھەنبەلى مەزھەب قارىشىمۇ شۇنداقتۇر.
ئەمما، ھەنبەلىي مەزھەبتىكى يەنە بىر قاراشتا ۋە كۆپچىلىك ئالىملار قارىشىدا، سۈننەت غۇسۇلدا ياكى سالقىنلاش، تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا، ئالدى بىلەن نىيەت قىلىپ تەرتىپ بويىچە نامازغا ئالغاندەك كىچىك تاھارەت ئالماي سۈننەت غۇسۇل قىلغان بولسا، بۇ غۇسۇل جۇنۇبلۇق ياكى ھەيز، نىفاس سەۋەبىدىن بولمىغاچقا كىچىك تاھارەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ غۇسۇل بىلەن ناماز ئوقۇيالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتا ئوقۇشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ غۇسۇل جەنابەت غۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ. يەنە بۇ غۇسۇلدا تاھارەت ئەزالىرى تەرتىپ بويىچە يۇيۇلمىغان. غۇسۇل قىلغاندا كىچىك تاھارەتنى نىيەت قىلسىمۇ تاھارەت ئەزالىرىنى تەرتىپ بىلەن يۇيمىغاندىن كېيىن يەنىلا بۇ غۇسۇل كىچىك تاھارەت ئورنىنى باسالمايدۇ. دېمەك، بۇ قاراش بويىچە سۈننەت ۋە مۇستەھەب غۇسۇل قىلغاندا، چوقۇم غۇسۇلنىڭ ئالدى – كەينىدە كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە ئاندىن بۇ تاھارەت بىلەن ناماز ئوقۇيالايدۇ(6).
لېكىن، يەنىلا يۇقىرىقى قاراش كۈچلۈك. يەنى مەيلى قايسى تۈردىكى غۇسۇل بولسۇن بۇ غۇسۇل كىچىك تاھارەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. خۇددى «قۇرئان» ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئالغان بولسا، بۇ تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇيالىغاندەك، سۈننەت غۇسۇل قىلسا، ۋاجىب غۇسۇل ئادا بولغاندەكلا كىچىك تاھارەت بار ھېسابتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھارەتنى تەرتىپ بىلەن ئېلىش ھەنەفىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتا پەرز ياكى شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر.
تۆۋەندىكى ھەدىسلەردە كىچىك تاھارەتنى تىلغا ئالمىغان بولۇپ، بۇ ھەدىستىكى غۇسۇللەر كىچىك تاھارەتلىك غۇسۇلنىمۇ، كىچىك تاھارەتسىز غۇسۇلنىمۇ ئوخشاشلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى جۈمە كۈنى جەنابەتتىن يۇيۇنغاندﻩﻙ غۇسۇل قىلىپ (جۈمەگە) بىرىنچى سائەتتە باﺭسا، بىر تۆگە قۇﺭبانلىق قىلغاندﻩﻙ بولىدﯗ؛ كىمكى ئىككىنچى سائەتتە باﺭسا، بىر كاﻻ قۇﺭبانلىق قىلغاندﻩﻙ بولىدﯗ؛ كىمكى ئۈچىنچى سائەتتە باﺭسا، مۈڭگۈﺯلۈﻙ بىر قوچقاﺭ قۇﺭبانلىق قىلغاندﻩﻙ بولىدﯗ؛ كىمكى تۆتىنچى سائەتتە باﺭسا، بىر توخۇ قۇﺭبانلىق قىلغاندﻩﻙ بولىدﯗ؛ كىمكى بەشىنچى سائەتتە باﺭسا، بىر تاﻝ تۇخۇﻡ سەدىقە قىلغاندﻩﻙ بولىدﯗ؛ ئىماﻡ خۇتبىگە چىققاندﺍ پەﺭىشتىلەﺭمۇ كېلىپ خۇتبە ئاڭلايدﯗ»(7).
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى جۈمە نامىزىغا كەلمەكچى بولسا، غۇسۇل قىلسۇﻥ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان([8]).^
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى جۈمە كۈنى كىچىك تاھارەتلا ئالسا، پەرز ئادا بولىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ. كىمكى غۇسۇل قىلسا، بۇ ئەۋزەلدۇر» دېگەن(9).
يۇقىرىقىلار سۈننەت غۇسۇلدا كىچىك تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدىغانلىقنىڭ دەلىللىرىدۇر. ئەمدى سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشقا كەلسەك، ھەنەفىي مەزھەبتە نىيەت تاھارەتنىڭ ئىبادەت سانىلىشى ئۈچۈن شەرت، نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن تاھارەتنى نىيەت بىلەن ئالغان بولۇشى شەرت ئەمەس(10).
ئۇنداق بولىدىكەن، ھەنەفىي مەزھەب قارىشى بويىچە سالقىنلاش ياكى تازىلىق قىلىش ئۈچۈن يۇيۇنغاندا، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئالمىغان بولسا، بۇ غۇسۇل بىلەنمۇ ناماز ئوقۇيالايدۇ.
خۇلاسە: مەيلى پەرز، مەيلى سۈننەت ياكى مۇباھ غۇسۇل بولسۇن، كىشى ئېغىز – بۇرنىنى چايقىغانلا بولسا كىچىك تاھارەت ئالمىغان بولسىمۇ، چوڭ ۋە كىچىك تاھارەت ۋۇجۇدقا چىققان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قايتا كىچىك تاھارەت ئالمايمۇ ناماز ئوقۇيالايدۇ. كىچىك تاھارەت بىلەن غۇسۇل قىلسا، تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1438، 13 – رەجەب / م. 2017، 10 – ئاپرېل
1. ئەلمەۋسىلىي: «ئەلئىختىيار»، 1ج، 58 – بەت.
2. بۇخارىي (248).
3. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (249)؛ مۇسلىم (317).
4. شافىئىي: «ئەلئۇم»، 1ج، 40 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 2 – ج، 214 – بەت؛ سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 1 – ج، 44 – بەت؛ ئەلى ئىبنى خەلەف: «كىفايەتۇتتالىبۇررەببانىي»، 1 – ج، 266 – بەت؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1 – ج، 139 – بەت.
5. مۇسلىم (330).
6. دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1 – ج، 140 – بەت؛ مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 1 – ج، 147 – بەت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (881)؛ مۇسلىم (850).
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (894)؛ مۇسلىم (884).
9. تىرمىزىي (497). تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.
10. ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 1 – ج، 234 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 105 – بەت.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

