53 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ مىنا، ئەرافاتقا چىقىشتا ۋە كەئبەگە كىرىشتە توسۇقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كارتا ۋە بىلەيزۈك دېگەندەك رۇخسەتنامەلەرنىڭ ساختىسىنى ياسىتىپ ئىبادەت قىلىش جائىزمۇ؟ قىلىپ سالغانلارنىڭ گۇناھى قانداق بولىدۇ؟ فىديە ۋاجىب بولامدۇ؟ ھەج ۋە ئىبادەتلەرگە نۇقسان يېتەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ھەجگە بېرىش، ئىبادەت قىلىش ئەلبەتتە تەلەپ قىلىنغان ئىش. لېكىن، ساختا كارت، ساختا بىلەيزۈك ياساپ، ھاجىلار قاتارىدا چىقىپ، ئۇ يەردىكىلەرنى گوللاش قاتارلىقلار ساختىلىق، ھارام ئىش بولغاچقا، بۇ قىلمىش گۇناھ بولىدۇ. ئەمدى بۇنى قىلىپ قالغانلار بولسا، ئىستىغپار ئېيتىپ، مەلۇم مىقداردا پۇل سەدىقە قىلىۋەتسە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گەرچە ساختىلىق، يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالغان بولسىمۇ، بۇنىڭ گۇناھى ئايرىم بولىدۇ، ھەج ۋە ئۆمرە جايىدا، توغرا بولۇۋېرىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ