44 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن ۋەتەندە قالغان ئانامنىڭ نامىدىن قۇربانلىق قىلسام بولامدۇ؟ لېكىن، ھاياتمۇ بىلمەيمەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ۋەتەندە قالغان ئاتا – ئانا، ئۇرۇق، – تۇغقان ۋە باشقا ئۆلۈك ۋە تىرىك ھەرقانداق بىر يېقىنىڭىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى «سەھىھ» ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چېغىدا ۋاپات بولغانلارمۇ، تېخى ۋاپات بولمىغانلارمۇ بار ئىدى. مېيىتكە ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىقتىن ئۆزى يېسە، باي – كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ دېگەن قۇربانلىق. قۇربانلىق ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىشنىڭ ساۋابى بولسا مېيىتكە بولىدۇ.

قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلمىسىڭىزمۇ، رامازاندا ۋە ئادەتتىكى كۈنلەردە ئۆلۈك ياكى تىرىك ئاتا – ئانا ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ئاتاپ قان قىلىپ گۆشىنى سەدىقە قىلسىڭىزمۇ ياكى باشقا مال – مۈلۈكنى ئۇلارغا ئاتاپ سەدىقە قىلسىڭىزمۇ بۇ ئىنتايىن پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىش بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ