52 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. مېنىڭ ئىككى سوئالىم بار ئىدى: 1) تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىق ئالغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى سەئۇدىنىڭ ئىقامىتىنى ئېلىپ، بالىلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ياشاۋېتىپتۇ. سەئۇدىنىڭ ئىقامىتى دېگەنلىك سەئۇدىيلىك بىر ئەرەبنىڭ شەخسىي شوپۇرى ياكى ئائىلە خىزمەتچىسى بولۇپ كېلىشكەن. بۇ كېپىلگە باغلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقاتقاندەك ئىشكەن. ئەمدى تۈركىيەدەك ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ياشىيالايدىغان بىر يەردىن ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بۇ يەرگە كېلىپ ياشاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ 2) سەئۇدىيغا شوپۇرلۇق، ئائىلە خىزمەتچىسى دېگەندەك نام بىلەن ئىقامەت ئېلىپ كەلگەنلەر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، كېلىشىم بويىچە كېپىلىنىڭ شۇ خىزمىتىنى قىلماي، ئۆزى شەخسىي باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ ساختىلىق، يالغانچىلىققا كىرەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە ھەممىلىرىنى ئىمان ۋە ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلسۇن. تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىشلەشكە بارغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ تۈزۈمى، سىستېمىسى دائىرىسىدە بەزىبىر ئەركىنلىكلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغان ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بېرىپ قېلىشتىن ئىبارەت. تۈركىيەدىن بۇنداق كەتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغان بولۇشى، يەنە بەزىلىرى «جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بىر قىسىم تەرەپلىرىنى بالىلىرىغا زىيانلىق» دەپ قاراپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەنچە بۇنى ھەركىم ئۆزى شەخسىي قارار ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پايدا – زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىپ ئىش تۇتسا بولىدىغان ئىختىيارىي مەسىلە دەپ قارايمەن.

ئىككىنچى مەسىلىدە، ئىقامەتنى شوپۇرلۇق ياكى مەلۇم بىر ئىشقا ئېلىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشنى قىلمىغان ئەھۋال بولسا، بۇ ساختىلىق دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىش. ئەگەر تۆت، بەش كىشى بىرلىشىپ بىر ئىش قىلالايدىغان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەركىن، ئازادە ئىش قىلغىلى بولىدىغان، مال – مۈلۈكنى شىركەتنىڭ نامىغا ئالالايدىغان ۋە نەچچە ئادەمگە ئىقامەت ئالغىلى بولىدىغان شارائىت ۋە ئىمتىيازلار باركەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ