6 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! يۈزۈمنى ياپاتتىم، ئېچىۋېتىشنى ئويلاپ يولدىشىمغا دېسەم: «ياق» دەپ تۇرۋالدى. ئەمما، يولدىشىم ئۆزى بەك تەقۋا ئەمەس، نامازنىمۇ ۋاقتىدا ئوقۇمايدۇ. «ئۆزۈڭ قوپمامسەن» دەپ مېنىمۇ بامدات نامازلىرىغا چاقىرمايدۇ. مۇشۇ ھالدا «يۈزۈڭنى ياپ» دېگىنى كاللامدىن ئۆتمەي، ئېچىشنى ئويلىغانتىم، «ياق» دەپ تۇرۋالدى. «پەتۋا سوراپ قىلىمەن» دەپ سىلىگە ئۇچۇر قىلىشىم. شەرىئەتتە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يۈزىنى يېپىشقا ئارىلىشىش ھوقۇقى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق. يۈزنى يېپىش ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلە. ئەگەر ئېرىڭىز «يۈزنى يېپىش پەرز» دەپ قارايدىغان بولسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قارىمىسا، ئىتائەت قىلىشىڭىز كېرەك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئائىلە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئىتائەت قىلىش ئەۋزەل.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ