ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. مەن (ئايال كىشى) مەدىنەدىن ئىھرام باغلاپ، مەككەگە ماڭغان ئىدىم. مەككەگە ئاز قالغاندا، ساقچى توسۇۋېلىپ، بىزنى قايتۇرۇۋەتتى. مەدىنەگە قايتىپ كېلىپ، ياتاققا كىرىپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپتىمەن. بۇنىڭغا جازا كېلەمدۇ؟ يەنە باشقا يول بىلەن مەككەگە بارماقچى بولۇۋاتىمىز، ئۇنداقتا قايتىدىن ئىھرامنى نىيەت قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئايال كىشىنىڭ ئىھراملىق ئايرىم كىيىمى بولمايدۇ. كىيىمنى ئالماشتۇرسىمۇ چاتاق يوق. نىيەت ئۆزگەرتىش بولمىغان بولسىلا بۇرۇنقى ئىھرام نىيىتى كۈچكە ئىگە.

