مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 15 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان بۇ تۈركچە / چاغاتايچە قوليازما.

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال.

ۋاراق سانى: 143 (287 بەت)

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 15 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان بۇ تۈركچە / چاغاتايچە قوليازما.

باشلىنىشى: جواهر حمد وثناي بىقياس گوهر ستايش حضرت پادىشاھ مطلق ومعبود بر حق كه بنده ئى عالي وجذبات ولا أساسيننك نثاريدوركى، أنواع وجود وبركات أصناف والتفات لامتناهي نورلاري برله عاشيق وصادق بنوا وطالب غيب في سردپالارننك كونكل حرم خانه سينى روشن ومنور ايلادى…

ئاخىرى: باشيغه داغ دعايى خير برله ياد ايلاب عزيزلار روحلارينى شاد ايلاب. (قوليازما تولۇق ئەمەس)

قوليازما ساقلانغان ئورۇن:

بېرلىن ھۆكۈمەت كۇتۇپخانىسى

Staatsbibliothek zu Berlin

PPN840616198.

مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قازى ئەئلەم مۇھەممەد سادىق ئىبنى موللا شاھ ئەئلەم ئاخۇنۇم ئەلكاشغەرىي

تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1153/ م. 1740.

ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان ، كاشغەر. ھ. 1266/ م. 1849.

بۇ زات ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي

بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرۈپ، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇن ۋاقىئەلەرنىڭ شاھىدى بولغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆپلىگەن غەزەل ۋە مەسنەۋىلەرنى، «تەزكىرەئى ئەزىزان» ( «تەزكىرەئى خوجاگان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق مەشھۇر دىنىي، ئەدەبىي، تارىخىي ئەسەرلەرنى، «تارىخى تەبەرىي»، «تارىخى رەشىدىي» قاتارلىق بەدىئىي تەرجىمىلەرنى خەلقىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىم مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1740 ـ يىلى كاشغەردە ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ كىچىكىدىنلا ئوقۇشقا ھەۋەس قىلىپ ھەرخىل بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن، مەخدۇم ئەئزەمنىڭ ئەۋلادى، يەكەننىڭ ھۆكۈمدارى خوجا جاھان (ياقۇب) ئەرشىينى ئۇستاز تۇتقان. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان»نىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرىنى خوجا جاھان ئەرشىيگە بېغىشلىغان.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئىجادىي پائالىيىتى لىرىك شېئىرلار يېزىش بىلەن باشلانغان. كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا 18 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋاقىئەلەرمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ئاز قىسمىلا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي 1771 ـ يىلى تەزكىرە ژانىردىكى ئەسەرى ــ «تەزكىرەئى ئەزىزان»نى يېزىپ ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بىر شانلىق سەھىپە ئاچتى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەزكىرە ژانىرىدىكى ئەسەرلەر ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، دىنىي ـ ئەدەبىي تەزكىرىلەر، يەنە بىرى، تارىخىي، ئەدەبىي تەزكىرىلەردۇر. «تەزكىرەئى ئەزىزان» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاز ئۇچرايدىغان تارىخىي، ئەدەبىي تەزكىرە تىپىگە كىرىدۇ. ئۇ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئە. ناۋائىينىڭ «مەجالىسۇننەفائىس»، دۆلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ «تەزكىرەتۇششۇئەراﺋ» تەزكىرىلىرىگە ئوخشىسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭقۇر ۋە مول تارىخىي، ئىجتىمائىي مەزمۇنلىرى بىلەن يۇقىرىقى ئىككى ئەسەردىن پەرقلىنىدۇ. مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي «تەزكىرەئى ئەزىزان» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخىي، ئەدەبىي تەزكىرە ئىجادىيىتىدە يېڭى ئۇسلۇب، يېڭى پەللە ياراتقانلىقىنى نامايىش قىلىدۇ.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»دا خوجەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرى، ئافاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خان ـ خوجەلەر ھەققىدىكى بايانلار، خوجا دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننىڭ ھاياتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مۇنقەرز بولۇش تارىخىغا دائىر بايانلار ۋە خوجا بۇرھانىددىنغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋاقىئەلەر ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا شۇ دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەدىبلەر، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى قىممەتلىك مەلۇماتلارمۇ ئۇچرايدۇ.

«تەزكىرەئى ئەزىزان»غا كىرگۈزۈلگەن مەسنەۋىيلەر، غەزەللەر، مۇسەممەن، مۇخەممەس، رۇبائىي ۋە ساقىينامىلار ئاپتور ئىجادىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. ئالايلى:

قايسى بىر دەردىم بايان ئەيلەيكى، قايسى كۈلپەتى،

بىلىمەن يا كەلمىگەي مۇنداغ بىرەۋگە مېھنەتى.

ماتەمىمنى ئېيتاينىمۇ يا مۇسىبەت غۇسەسى،

يا دەينىمۇ خانۇ ـ ۋەيرانلىق بەلائۇۇ شىددەتى.

ياكى دۇشمەنلەر ھوجۇم ئەيلەب جاۋانىبىدىن ماڭا،

قەسدى جانىم قىلغانىڭ دەيمۇ خەتەرلىك ئافەتى.

بارچە غەم بىر سارىيۇ بېغەم رەقىب تەڭدىل،

يەتكۈزۈپ ھەردەم مالامەتىدىن تۇمەنمىڭ زەخمەتى.

سادىقا! شاھزادىلەرگە يوق جاپالار قالدىمۇ؟

نە ۋەفا قىلدى ئاڭا خەيلى ھەشەم نە دەۋلەتى.

شائىر بۇ غەزىلىدە خەلق بېشىغا كەلگەن ئاپەت ـ كۈلپەتلەرنىڭ ھەددى ـ ھېسابسىز ئېغىرلىقىنى، ئۆزئارا قىرغىنچىلىق، قان تۆكۈشلەرنىڭ ئېغىر ئاقىبەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. «تەزكىرەئى ئەزىزان»دا ئەينەن ئېلىنغان ياكى ئاپتور تەرىپىدىن قايتىدىن ئىشلەنگەن، ئىجاد قىلىنغان ماقال ـ تەمسىللەر، ھەتتا بىر قىسىم فارسچە ماقال ـ تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ مۇھەممەد سادىق كاشغەرىينىڭ ئۇيغۇر فولكلورىنى ياخشى بىلىش بىلەنلا قالماي، شەرق كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە فولكلورى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم ـ ئۆلىمالىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ مەلۇم مەزگىل كاشغەر خانلىق مەدرىسىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغاندىن كېيىن، كاشغەر شەرئىي مەھكىمىسىنىڭ باش قازىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ مەزگىلدە ئالىمنىڭ شان ـ شۆھرىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا يېيىلغان. زۇھۇرۇددىن ھاكىمبەگ دەۋرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر ئەدىبلىرى ئا. نىزارىي، غەربىي، زىيائىي، سەبۇرىي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىلىم ـ پەن تەتقىقاتى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى يولىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئەدىب «زۇبدەتۇل مەسائىل» (1840 ـ يىلى)، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەھف» (1844 ـ يىلى)، «تاجنامە شاھ» (1846 ـ يىلى) قاتارلىق تارىخىي، بەدىئىي ۋە ئەخلاقىي – پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى مەيدانغا چىقاردى.

«تاجنامە شاھ» مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي ئەرەب تارىخچىسى تەبەرىينىڭ «تارىخ تەبەرىي» ناملىق ئەسەرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئاخىرىغا بىرقانچە بابلارنى قوشۇپ ئىجادىي ئىشلەپ چىققان تەرجىمە ئەسەرى. ئەسەرنى يېزىشنى كاشغەر ھاكىملىرىدىن ئىسكەندەر بەگ ئوغلى شاھزادە يۇنۇس تاج بەگ تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئاپتور بۇ تەرجىمە ئەسەرىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.

ئاتاقلىق ئەدىب، تارىخچى مۇھەممەد سادىق كاشغەرىنىڭ 1836 ـ يىلى، خېلى كۆپ مىقداردىكى ئالتۇنغا سېتىۋالغان قىممەت باھالىق مۈلكى ــ «مەسنەۋى شىرىف» كىتابىنى ھەزرىتى موللام ــ مەھمۇد كاشغەرىي مازىرىغا ۋەقف قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تارىخىي ھۆججەت مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ۋە مازىرىنى ئېنىقلاشتا ئىنتايىن قىممەتلىك تارىخىي پاكىت بولۇپ خىزمەت قىلدى.

1849 ـ يىلى كاشغەردە بولغان بىر قېتىملىق سىياسى توپىلاڭدا مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي پاجىئەلىك تۈردە قەتلى قىلىندى. ئۇ شۇ يىلى 109 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جەسەدى كاشغەر شەھىرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىب مازىرى ئالدىدىكى زەرەتكالىققا (ئاق مازارغا) دەپنە قىلىندى.

(ئەسكەرتىش: ماقالىنىڭ ئاپتورى نامەلۇم. ماقالىدىكى «شىنجاڭ» دېگەندەك بەزى كەلىمەلەر تەھرىرلەندى.)

***

اسم المخطوطة: تذكرة عزيزان

الفن: التاريخ، التراجم.

عدد الأوراق: 143 (287 صفحة)

وصف النسخة: كل صفحة 15 سطر بخط واضح باللغة التركية الجغتائية. (يبدو أن النسخة غير كامل)

أولها: جواهر حمد وثناي بىقياس گوهر ستايش حضرت پادىشاھ مطلق ومعبود بر حق كه بنده ئى عالي وجذبات ولا أساسيننك نثاريدوركى، أنواع وجود وبركات أصناف والتفات لامتناهي نورلاري برله عاشيق وصادق بنوا وطالب غيب في سردپالارننك كونكل حرم خانه سينى روشن ومنور ايلادى…

آخرها: باشيغه داغ دعايى خير برله ياد ايلاب عزيزلار روحلارينى شاد ايلاب.

مكان النسخة المخطوطة:

مكتبة برلين الحكومية

Staatsbibliothek zu Berlin

PPN840616198.

اسم المؤلف الكامل: الشيخ القاضي الأعلم محمد صادق بن مُلّا شاه أعلم آخون الْكاشْغَريّ

مكان الولادة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1153/ م. 1740.

تاريخ الوفاة: كاشغر، تركستان الشرقية، ھ. 1266/ م. 1849.

وهو صاحب هذه الترجمة:

الأديب المؤرخ

محمد صادق الكاشغري
(؟ – ؟)

 

هو محمد صادق أو محمد بن صادق، من مواليد مدينة كاشغر قبيل منتصف القرن الثامن عشر ومن المعمرين، وإن تاريخ تأليفه «أصحاب الكهف» من مصنفاته كان عام 1844م، وأول تأليفه ديوانه المسمى بـ«تذكرة العزيزان» كتبه عام 1771م، يتوسطها تأليفه الديني وفتواه الفقهية بعنوان «زبدة المسائل الفقهية» بتاريخ عام 1840م.

ويبدو من هذا النشاط العلمي أنه قد شارف المائة من عمره المديد، وبالرغم من ذلك لم نعثر على تاريخ محددة لولادته أو وفاته حتى الآن.

وأما نتاجه الأول «تذكرة العزيزان» كتبه بتكليف من الأميرة الوالدة رحيمة خان آغجام، وهي والدة حاكم ولاية كاشغر آنذاك السيد عثمان بك حكيمي. يعتبر محمد صادق الكاشغري أثره هذا تاريخا مفصلا للقرن الثامن عشر بالنسبة لتركستان الشرقية بقسميها الشمالي والجنوبي.

ومحمد صادق الكاشغري من العلماء العاملين والداعين المصلحين من أعلام المسلمين، ثم إنه ختم حياته بترجمة تاريخ ابن جرير الطبري إلى اللغة التركستانية (عام 1846م)، وصرف فيها ثلاث سنوات كاملة من عمره المديد المبارك، وسماها «تاريخ إسكندر تاجنامه شاه»[1]، وقد زاد فيه زيادة مفيدة تكلم فيها عن حقوق الراعي والرعية مسهبا ومبسطا للغاية.

انظر: الإعلام ببعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان» pdf

——————–
[1] وذلك أن إسكندر حاكم كاشغر هو الذي طلب منه أن يألف كتابه هذا فسماه باسمه. ويذكر أن العلامة محمد صادق الكاشغري قتل في حركة العصيان في كاشغر عام 1849م وعمره 109 عاما ودفن في المقبرة البيضاء (آق مازار) التي أمام مقبرة يوسف خاص حاجب في كاشغر  –  ت.