ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇلئەزىز ئاكا! شىركەتلەر بانكىلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا (خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى شۇ بانكىدىن بېرىش ئۈچۈن) بانكا شىركەتكە مەلۇم مىقداردا پۇل (Promosyon) بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى شىركەتلەر خىزمەتچىلىرىگە تارقىتىپ بېرىدىكەن. بۇ پۇلنى ئىشلىتىش جائىزمۇ؟ جائىز بولمىسا قانداق بىرتەرەپ قىلسا ياخشى؟ مۇشۇنىڭغا پەتىۋا بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بانكىلار مائاشقا ئىشلەيدىغانلارغا مائاشلىرىنى ئۆزىدىن ئېلىشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن بېرىدىغان پروموسيون جازانەدۇر. بۇنى مائاش بەرگۈچى ئورۇن تاللىسۇن ياكى مائاش ئالغۇچى تاللىسۇن ئوخشاش. چۈنكى، بانكا مائاش پۇلنى بىرنەچچە كۈن جازانە ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋالغانلىققا قارىتا بۇنى ئۆسۈم شەكلىدە بېرىدۇ. شۇڭا، مائاش ئالغۇچى بۇنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ياتىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشقا خەجلىمەي، بانكىغىمۇ تاشلاپ قويماي، پېقىر – مىسكىنلەرگە بېرىۋېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

