ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ بەزىلەر: «پەقەت قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز، ھەدىس قورئان ئايەتىگە ئۇدۇل كەلسە ئەمەل قىلىمىز، بولمىسا قورئاندىلا تۇرىمىز» دەيدۇ بىز: «سەھىھ ھەدىسلەرچۇ؟ ئۇنى قانداق قىلىمىز؟» دېسەك، پەيغەمبىرىمىز ھەدىسلەرنى توپلاتمىغان ھەم ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس توپلاشقا قارشى تۇرغان ھەمدە توپلىغان ھەدىسلەنى كۆيدۈرگەن دەيدۇ مۇشۇ توغرىمۇ؟ بىلەلمەي قالدىم. توغرا بولسا نېمە ئۈچۈن كۆيدۈرگەن شۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىلا. ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسلەرنى كۆيدۈرگەنلىكى يالغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەسلەپكى چاغلاردا ۋەھيى كاتىبلىرىنى قۇرئان ئايەتلىرىنى يازغاندا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەدىسنى بىللە يېزىشتىن توسقانلىقى مەلۇم. لېكىن باشقىلارنى توسمىغان ھەم ئۆزى ھەدىسنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇغان. كاتىبرىلىدىن باشقىلارنى ھەدىس يېزىشتىن توسمىغان.

