ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! سالامەت تۇردىلىمۇ؟ ھەجدىن كېيىن ئېلىم – سېتىم قىلىشقا بولمايدۇ دەيدۇ، ھەجدىن بۇرۇن با ئەس – يادىمىز ھەجنى ئوڭۇشلۇق قىلامىزمۇ، دەپ غەم يەيدكەنمىز، سوۋغات نەرسىلەرنى ئالماي، ھەج قىلىپ بولغاندا سوۋغاتلىق نەرسە – كېرەكلەرنى، ئالسا شەرىئەتكە توغرا كەممەمدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ھەجدىن بۇرۇن ياكى ھەج ئىبادىتىنى قىلىۋاتقان چاغلاردا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ھەج ئەمەللىرىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ھەدىيە – سوۋغات سېتىۋالسا ھەتتا ئېلىم – سېتىم قىلسا، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا جائىز. ئاللاھ تائالا ھاجىلارنىڭ تىجارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىپ: ﴿پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) پەزل تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ﴾((2/«بەقەرە»: 198) دېگەن. ئەمما، ۋىدالىشىش تاۋىپىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن مەككەدە تىجارەت قىلىپ يۈرمەي سەپەر لاۋازىمەتلىرى، ھەدىيە – سوۋغات كەبى نەرسىلەرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

