ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئەگەر ئايالى: «سۆزۈمنى بەر» دېسە، ئەر: «ھەئە، بەردىم» دېسە، بۇ نىكاھ ئاجرىغان ھېساب بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. مەزكۇر ئەھۋالدا ھەنەفىي مەزھەبتە تالاق چۈشمەيدۇ. شافىئىي مەزھەبتە بىر تالاق چۈشىدۇ. ھەنەفىي مەزھەبنى تۇتسا نىكاھقا تەسىر يەتمىگەنكىن قايتا نىكاھ ئوقۇتۇش كېرەك بولمايدۇ.

