ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بىر ئايچە بولدى ئايالىم قورساق كۆتۈرگەنىدى. ئون نەچچە كۈننىڭ ياقى مەن بىلەن روزا تۇتۇۋاتقانىدى. نەچچە كۈن بولدى كۆڭلى ئېلىشىپ، ياندۇرۇپ بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋالدا روزا تۇتۇۋېرەمدۇ ياكى بەك بولالمىسا قازا قىلىۋېتىپ، كېيىن قازاسىنى تولۇقلاپ تۇتۇۋالسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھامىلىدار ئۆزى بىئارام بولسا ياكى بالىغا روزىنىڭ تەسىرى بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرىسە، روزا تۇتماي، كېيىن بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ.

