ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى؟ تۈرك قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا كېسەلگە «شۈكۈر» دېسە بولمايدۇ، دەيدىغان چۈشەنچە باركەن. ئۇلار قۇرئاندىكى «شۈكۈر قىلساڭلار نېئمىتىمنى زىيادە قىلىپ بېرىمەن» دېگەن ئايەتنى دەلىل قىلىپ: «كېسەل بولۇپ قالغان كىشى ‹شۈكرى› دېسە، كېسەل تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ» دەيدىكەن. بۇ توغرىمۇ؟ پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، شۇڭا «سىلىدىن توغرا بىر چۈشەنچىگە ئېرىشەي» دەپ ئاۋارە قىلىشىم. ئاللاھ ئەجىرلىرىنى بەرسۇن ئۇستاز.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان، ئۇنىڭدىن ساقلىنالمايدىغان يېقىنلىرىدىن ئايرىلىش، مال – مۈلكىدىن ئايرىلىش، كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللاردا «شۈكۈر» دېيىش جائىز بولۇشتىن زىيادە مۇستەھەب بولىدۇ. چۈنكى، بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە قارىتا بەندىنىڭ سەۋر قىلىشى ۋاجىب بولۇپ، سەۋر مەقامىدىن بىر مەرتىۋە يۇقىرى مەقام رازىمەن بولۇش مەقامىدۇر. بۇ ھەقتائالانىڭ قەدەرىگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە رازى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. رازىمەن بولۇشتىنمۇ يۇقىرى مەقام شۈكۈر مەقامىدۇر. دېمەك، شۈكۈر قىلىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قۇللۇق قىلىشقا كىرىدۇ. چۈنكى، بەندە بۇ ئەھۋالدا مۇسىبەتنى بىر نېئمەت دەپ قاراپ، ھەقتائالاغا شۈكۈر قىلغان بولىدۇ. قاراڭ: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ئۇددەتۇسسابىرىن»: 67 – بەت.
ئەكسىچە، كىبىرگە ۋە ھاكاۋۇرلۇققا ئېلىپ بارىدىغان بايلىق، گۇناھ – مەئسىيەتكە سەۋەب بولىدىغان ساغلاملىق، پەرزەنتلەر كەبى بەزى نېئمەتلەرمۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن بالا ۋە مۇسىبەت بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، نېئمەت بىلەن مۇسىبەتنى مۇتلەق نېئمەت ياكى مۇتلەق مۇسىبەت دېگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن كېسەللىككە ۋەياكى باشقا تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە زاھىرى مۇسىبەت بولغانلىق جەھەتتىن سەۋر قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇ شەخس ئۈچۈن بىر خىل نېئمەت بولۇش جەھەتتىن ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدۇ.
يەنە كېلىپ بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقى ياكى دىندىن يېنىپ كېتىشتەك دىنىي مۇسىبەت بولمىغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بىر نېئمەت بولۇپ، بۇ مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولغان تەقدىردە، بۇ جازانىڭ دۇنيادىلا بېرىلىپ ئاخىرەتكە قالدۇرۇلمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىش ھەم توغرا بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇسىبەتلەر بىرەر قىلمىشقا قارىتا جازا بولماي، گۇناھلارنى پاكلاشتىن ئىبارەت بولسا، سەۋر قىلسا ئەجىر بېرىلىدىغانلىق ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغانلىق جەھەتتىن بۇ شۈكۈر قىلىش مۇناسىپ كېلىدىغان بىر نېئمەت بولىدۇ. بۇلارنى ئاڭقىرىغان بەندە شۈكۈر قىلىدۇ. شۇنىسى باركى بەندە بۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋر ۋە شۈكۈر قىلالماسلىق ياكى رازى بولماسلىقتەك ئېھتىماللىق بولغاچقا، بۇلارنى ئاللاھتىن تىلىمەي، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەش سۈننەتتۇر. ئەمما، بېشىغا كەلگەندە شۈكۈر قىلىش مۇستەھەبتۇر.
بۇ ھەقتە ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىينىڭ «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن» ناملىق ئەسەرىدە مەلۇمات بار.
بۇ تۈرلۈك مۇسىبەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ئۇنىڭ زىيادە بولۇشىغا ئېلىپ بارمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مەزكۇر ئايەتتىكى شۈكۈر زاھىرىدىن نېئمەت كۆرۈنگەن نېئمەتكە قارىتىلغان. بىز ئىنسانلار مۇسىبەت ھېسابلايدىغان نېئمەتكە قارىتىلمىغان. ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەگەر كۇفۇرلۇق قىلساڭلار، ئازابىم ئەلبەتتە قاتتىق بولىدۇ» دېگەن تەھدىتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، ئايەتتىكى شۈكۈر قىلىش «ھەممە نېئمەتلەرگە ئومۇم» دەپ قارىساقمۇ، شۈكۈر قىلىش بىلەن چوقۇم ئاشۇ نېئمەتنىڭ تۈرى زىيادە قىلىنىشى كېرەك ئەمەس، بەلكى «بەندىگە دۇنيا ۋە ئاخىرىتىدە پايدىلىق بولغان نېئمەتلەر زىيادە قىلىنىدۇ» دېگەنلىكتۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

