ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) مەن ھازىر گېرمانىيەدە ياشاۋاتىمەن. قىزىم بۇ يىل 18 ياشقا كىردى. قىزىم تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان چاغدا بىز بۇ تەرەپكە يېنىپ كەلگەن ئىدۇق. بۇ تەرەپتە تۈركىيەنىڭ تولۇقسىز دىپلۇمىنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا يەنە تولۇقسىزنى قايتا ئوقۇشىغا توغرا كەلدى. ھازىر مالايسىيەدىكى بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇشنى ئويلاشقان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلۇمى بولمىسا بولمايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇش ئۈچۈن يەنە تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ دىپلۇمنى ياسىتىپ ئۆتكۈزسەكمۇ ئۆتكۈزگىلى بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇ دىپلۇمنى ياساتساق دۇرۇس بولامدۇ؟
2) ئەگەر قىزىم مالايسىيەدە ئوقۇغان تەقدىردە، مەن ئۆزۈم ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كەلسەم، مەھرەمسىز قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۇرۇس بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. 1) تۈركىيەدە تولۇقسىزنى تۈگىتىپ بولغاندىكىن تولۇقسىزنىڭكىنى ياسىتىشقا مەجبۇر قالغاچقا، ياساتسا بولىدۇ. ئەمما، تولۇقنى ھېچيەردە ئوقۇپ پۈتتۈرمىگەندىكىن، تولۇقنىڭ دىبلومىنى ياساتسا ساختىلىق بولىدۇ.

