ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! 3 ئايلىق ھامىلە قوساقتا ئۆلۈپ قېلىپ چۈشۈپ كەتتى. يەرلىكىگە قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بەرگەن بولسىلا.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ھامىلە تۆت ئايغا توشمىغاندىن كېيىن يۇيۇپ – تارالماي، نامىزى چۈشۈرۈلمەي، بىر پارچە رەختكە يۆگەپ بىرەر يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ. ئىسىم قويۇلمايدۇ. ئەقىقەسى قىلىنمايدۇ.

