ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئۇستاز! بەزىلەر «بىر قېتىملىق ئىھرام باغلاشتا بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. ئۆزى ئۈچۈن بىر قېتىم ئۆمرە قىلىپ بولغان كىشى مەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ياكى ھايات بولسىمۇ كېسەللىك ياكى چەكلىمە كەبى سەۋەبلەردىن ئۆمرە قىلالمايدىغانلار ئۈچۈن ئورنىدا ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. لېكىن، ھەر قېتىم ئىھرام باغلىغاندا پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا ئۆمرە قىلالايدۇ، بىرقانچە كىشىگە ئۆمرە قىلالمايدۇ. ئەمما، مەككەگە بېرىپ بىر ئۆمرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تەنئىم (ھازىر ئائىشە مەسجىدى بار جاي) ياكى جىئرانە ياكى ھۇدەيبىييەنىڭ ھىل دائىرىسىدىكى قىسمى ياكى تائىف ياكى مەدىنە دېگەندەك خاھلىغان بىر جايغا چىقىپ ھەر قېتىم ئىھرام باغلاپ كىرىپ بىر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. دېمەك، بىر ئىھرام باغلاشتا پەقەت بىر شەخسكە ئۆمرە قىلىدۇ. ئەمما، ھەرەمگە قىلغان بىر سەپەردە قايتا – قايتا ئىھرام باغلاپ بىرقانچە شەخسكە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدۇ. ھەجنى بىر سەپەردە پەقەت بىر شەخس ئۈچۈنلا قىلالايدۇ، ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام ئىبنى قۇدامەلەر ئېيتقاندەك: «ئەگەر ئىككى كىشى بىر كىشىنى ئورنىدا ھەج ياكى ئۆمرە قىلىپ قويۇشنى تاپىلىسا، ئىككى كىشى ئۈچۈن ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى، بىر ئىھرام ئۇ ئىككى كىشى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئۆزى ۋە باشقا بىرى ئۈچۈن بىراقلا ئىھرام باغلىسا، ئۆزىگە ھېساب بولىدۇ» دېگەن. (قاراڭ: «ئەلمەجمۇﺋ»: 7/138؛ «ئەلمۇغنىي»: 6/297) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

