35 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن ئۆمرە ئۈچۈن غۇسۇل قىلىپ بولۇپ ئېسىمدە يوق يۈزۈمگە ماي سۈرۈپ ساپتىمەن. قايتا غۇسۇل قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى قايتا تاھارەت ئالساملا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. غۇسۇل قىلدىڭىز. مىيقاتقا بېرىپ ئۆمرەنى نىيەت قىلدىڭىز، پۇراقلىق ماينى مىيقاتتىن بۇرۇن سۈرتكەن بولسىڭىز يۈزنىلا يۇيۇۋېتىپ مىيقاتقا بارىسىز. مىيقاتتا ئۆمرەنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن سۈرتكەن بولسىڭىز فىديە كېلىدۇ. فىديە ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ياكى 6 مىسكىننى تويغۇزۇش، ياكى بىر قوي قان قىلىش كېرەك. بۇلاردىن قايسىبىرىنى تاللىسا ئىختىيارى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ