ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ھازىر كۇۋەيتتۈرك بانكىسىدا ھېساب ئاچقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىن پۇل تۆلەپ ئاچقۇزۇش كېرەككەن 6000 تېلى. بۇ پۇلنى 6 ئايدىن كېيىن ئالالايدىكەنمىز، لېكىن يەنە بىر ھېساب ئېچىش باركەن، بانكىدىكىلەر ئۇنى: «ياتىرىم» دەيدۇ. بىز ھەر ئايدا 420 تېلى بانكىغا قويىدىكەنمىز، ئۇلار بىز ئۈچۈن 135 تېلى قويىدىكەن. بۇ پۇلنى بىز خاھلىساق دوللارغا، خاھلىساق ئالتۇنغا ياتىرىم قىلىپ قويىدىكەنمىز. ئالتۇن ئاشسا، پۇلىمىزنىڭ قىممىتىمۇ ئاشىدىكەن، دوللار ئۆسسىمۇ قىممىتى ئۆسىدىكەن. بالىلار ئۈچۈنمۇ ئايرىم باركەن. ئەگەر بالىلار ئۈچۈنمۇ قىلىمىز دېسەك، بۇ بانكىدىكىلەر بۇ ئۇسۇلنى: «بۇنىڭدا ياتىرىم بولىدۇ، بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئالساڭ، ئانداق جىق پۇلۇڭ بولىدۇ» دەپ بەك تەۋسىيە قىلىپ تۇرۋاتىدۇ. مەن: «بۇ ئۆسۈم (faiz) ئەمەسمۇ» دېسەم: «ياق بۇ ئۆسۈم ئەمەس بىز ئۆسۈم بەرمەيمىز» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىككىلىنىپ يېنىپ چىقتىم. شۇڭا، سىلىدىن سورايدىغىنىم: مۇشۇ ھېسابنى ئاچقۇزۇش توغرىمۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرسىلىرى بوپتىكەن ئۇستاز! ئاللاھ رازى بولسۇن.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. بۇ (كېيىنكى ياتىرىم دەۋالغىنى) ئېنىق جازانەدۇر. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

