ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! دوللار مەبلەغ سېلىپ كۆپەيتىش مەقسىتىدە يەم – خەشەك بىلەن سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىۋاتقان ئىدىم، چىشى موزايلار ئۆزۈمگە قالىدۇ، ئەركەك موزايلارنى يوغىنىتىپ سېتىپ، پۇلىغا يەم – خەشەك ئالىمەن. زاكاتنى قانداق ھېسابلاشنى بىلەلمىدىم. سەرمايەم دوللار بولغاندىن كېيىن دوللار بويىچە ھېساب قىلسام توغرا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىزنىڭ قىلىۋاتقىنىڭىز ئىككى ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، سۈت ئىنەكلىرىنى بېقىپ سۈت ئىشلەپچىقىرىش. يەنە بىرى، كالىنى موزايلىتىپ ئاۋۇتۇپ (چىشىسىنى سۈت ئىشلەپ چىقىرىشقا ئېلىپ قېلىپ) ئەركەكلىرىنى سېتىش.
بۇ ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپ چىقىرىش ۋە موزايلىتىشقا باققان چىشى كالا ۋە تۇغۇلۇپ ئۇنىڭغا قوشۇۋېتىلگەن چىشى موزايلار تىجارەت تاۋارلىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. يىل بويى ياكى يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا يەم – خەشەك بىلەن بېقىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.
ئىشلەپ چىقارغان سۈت بىلەن سېتىلغان موزايلارنىڭ پۇللىرى يەم – خەشەككە ۋە باشقا چىقىملارغا سەرپ قىلىنىپ، قولىڭىزدا بار نەق پۇل 85 گرام ئالتۇن قىممىتىدىكى (بۈگۈنكى باھادا) 6000$ گە ياكى شۇنىڭ قىممىتىگە يەتسە، قولىڭىزدا بار نەق پۇلغىلا قىرىقتىن بىرى (%2.5) نى زاكات ئايرىيسىز. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

