«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now
بۇ يەردىن:
«ھىجاب – ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى» pdf
نەشر ئۇچۇرى (CIP)
Dr. Sâmî Âmirî / Hicab İslam’da, Yahudilikte ve Hıristiyanlıkta Allah’ın kanunudur
ھىجاب ــــ ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدۇر / الحجاب شريعة الله في الإسلام واليهودية والنصرانية؛ دوكتور سامىي ئامىرىي؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمىسى؛ 1 – نەشرى 1 – بېسىلىشى (ئىستانبۇل)، ھ. 1446 / م. 2025؛ جەمئىي 128بەت.
خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: 2-89-959397-1-978 ISBN
I ھىجاب–ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدۇر II دوكتور سامىي ئامىرىي III دىنلار سېلىشتۇرمىسى — ئۇيغۇرچە Ⅳ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمە ۋە تەئلىف ئەسەرلىرى – (9)
مـۇئەللىف: دوكتور سامىي ئامىرىي
تەرجىمە قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى خىزمەت گۇرۇپپىسى
نەشـر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
مـۇھەررىرى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەھرىراتى
كــــوررېـكتـورى: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم، مۇھەممەد بارات
بەت ۋە مۇقاۋا لايىھەلىگۈچــــى: ئا. ئاقھۇن
ئالاقىلىشىش ئادرېـسى: saciyeder@gmail.com
ھ. 1446/م. 2025 – يىلى 1 – نەشرى 1 – قېتىم بېسىلىشى (ئىستانبۇل)
نەشر ھوقۇقى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە تەۋە، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ خاھلىغانچە كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
مۇقەددىمە
بارلىق مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. بىز ئول زاتقا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز، ئول زاتتىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئەمەللىرىمىزنىڭ دۈشمەنلىكىدىن ئول ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ سورايمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى يوقتۇر ۋە ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوقتۇر. شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.
﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن ھەقىقىي رەۋىشتە قورقۇڭلار، پەقەت مۇسۇلمان پېتىڭلارچە ئۆلۈڭلار!﴾(3/«ئال ئىمران»: 102).
﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن ياراتقان، ئۇنىڭدىن جۈپتىنى ياراتقان ۋە ئۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەر – ئايالنى تارقاتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار، سىلەر نامى بىلەن بىر – بىرىڭلاردىن (ھەققىڭلارنى) تەلەپ قىلىشىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 1).
﴿ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ﴾(33/«ئەھزاب»: 70، 71).
بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمان ئايالنىڭ ھىجابى دۇنيا چۈشەنچىسىدە ئىسلامىي مەپكۇرە ۋە مەنىۋى ئۈستۈنلۈكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى قىممەت قاراشلار ۋە ئىدىيەلەر تۈگۈنچىسى دەپ جاكارلىۋالغان غەرب لىبېرالىزمىنىڭ سېھرى ئالدىدا شەرققە تالىق پىكىر ۋە ئەخلاق ئەندىزىلىرى يىمىرىلگەن بىر دەۋردە تىز پۈكمەسلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر. ھىجاب مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئىدېئولوگىيە ۋە ئىدىيە توقۇنۇشلىرىدا ئىسلام دەۋەتچىلىرى بىلەن ئىلمانىيلار(1)ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ سەرلەۋھەلىرىدىن بىرىدۇر.
ھىجاب بۈگۈن شەرق ۋە غەربنىڭ تولىمۇ دىققىتىنى تارتماقتا، سىموۋوللۇقى ۋە ئۆزىگە خاس جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە غەرب مەملىكەتلىرىدىكى سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى قولدىن بەرمەيۋاتماقتا.
ھىجابقا قارىتىلغان تەئەررۇز ئۆرنەك كۆرسىتىلگەن ئاللىقانداق سەلبىي ئوبرازلار ئۈستىدىن ھەقىقەتنى ياپىدىغان ۋە دىنىي ئەھكام، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىغانلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۈچەيگەن پىكىر مۇھىتىدا يۈز بەرمەكتە. ئوبيېكتىپ تەتقىقات ۋە ئاڭلىق تەنقىد نىقابىغا ئورىنىۋالغان بەتنىيەتلەرنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە رىئايەتچان مۇسلىمە خانىم – قىزلارغا قارشى تۆھمەت تىللىرىنى ئۇزىتىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى ئاتالمىش ئەقىل – مەنتىق ۋە دوستانە نەسىھەت لىباسىغا پۈركەشتەك زورۇقۇشلىرى مەزكۇر قارشى تائىپىنىڭ قەلبىدىكى خاتا باھا، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى ئاشكارىلىدى.
20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى ئىسلامغا كەسكىن قارشى چىققۇچىلار لىبېرالىست – ماركسىست بىرلەشمە كۈچلىرى ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ماركسىزم ئۈممەت تۇپرىقىدا سۇسلىشىپ، ئاداققى تامچىلىرىمۇ قۇرئاننىڭ چىن مەناسى ئالدىدا پارغا ئايلانغاندا، «غايىبلار»نىڭ ئەۋلادلىرى لىبېرالىزم تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ سېپىگە قوشۇلدى. ئۇلارنى ئۆزئارا ئايرىغان ۋە ئارىلىرىدا جېدەل – ماجىرا تۇغدۇرغان نەرسىلەرنى «ئۇنتۇپ»، چېركاۋ ۋە تۈرلۈك پروگراممىلارغا باي مىسسىئونېرلارنىڭ قالدۇقلىرى بولمىش «قاچقۇنلار» كارۋىنىغا قېتىلدى. پىتنە يىپلىرىنى ئىگىرىشكە ئالدىراۋاتقان بۇ تائىپە زىت پىكىرلەر ۋە قارشى ئەقىدىلەرنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇخالىپ تەرەپلىرىنى بۇ دىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە بولغان بىئاراملىقتىن باشقا ھېچنېمە بىرلەشتۈرەلمىدى!
بۈگۈنكى ئەرەب تاراتقۇلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ بۇزۇق پىكىرنى تارقىتىش ۋە ھىجاب پەرزىگە ئوچۇق – ئاشكارا قارشى چىقىش ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ جىسمىنى پارچىلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماقتا. تېلېۋىزىيە قاناللىرى تىل – ئاھانەت ۋە بوھتان ئېقىمىنى ئوچۇق ياكى يوشۇرۇن پۈركۈمەكتە. قۇلاقلار ناچار سۆزلەرگە كۆنۈپ قالدى. ھىجابلىقلارغا قارىتا سەت ئوخشىتىشلار كەڭ تارقالدى. «ھىجاب ئەقىلگە توسالغۇ»، «نىقاب چېدىر»، «شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە رىئايە قىلغۇچى قاتمال»، «ئارىلىشىشنى رەت قىلغۇچى قالاق» دېيىشمەكتە. ئايال كىشىنىڭ قىممىتى كىيگەن ئېگىنىنىڭ رەختىنىڭ كۆلىمى قىسقارغانسېرى ئۆسمەكتە… بەدىنىدىن بىر غېرىچ ياپقانسېرى، قىممىتىنى شۇنچە يوقاتماقتا…
شۇنداق قىلىپ، ھىجاب ھەققىدىكى بۇرمىلانما تەسەۋۋۇرلار بەئەينى دەسمال بۇلۇتتەك سۈمۈرگەك كىشىلەرنىڭ زېھنىدە ئورۇن تاپتى. مەيلى شەرقتە بولسۇن، مەيلى غەربتە، رېئاللىق شۇكى، بۇنداقلارنىڭ پاراسىتى ئۆزلىرىگە سۇنۇلغان ھەرقانداق بۇزۇق پىكىرنى سۈمۈرۈۋالىدۇ. كاترىنا بۇللوك خانىم ئېيتقاندەك: «ئاساسىي ئاخبارات ئېقىمىنى ئىسلام ھەققىدىكى بىردىنبىر ئۇچۇر مەنبەسى قىلغانلار ھىجاب ھەققىدە سەلبىي كۆز قاراشتىن باشقىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ»(2).
ئىلمانىيلار ۋە خرىستىيان مىسسىئونېرلار ئاياللارنى ھېس – تۇيغۇلارنى قوزغىتىش ۋە «ئازادلىق» شوئارلىرى بىلەن يولدىن ئازدۇردى. كىيىم – كېچەكتە شەرىئەتنىڭ تەلىپىگە رىئايە قىلىدىغانلارغا قارىتا ھۇجۇم دەرۋازىلىرى شۇ ھەقتە چۈشەنچە ۋە بىلىمدىن يوقسۇل ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن داغدام ئېچىلدى. «چۈشىنىش» ۋە «كۆزقاراش» دەۋاگەرلىرى پەقەت «زامانىۋىلىق»، «يېڭىلىق» ۋە «ئەركىنلىك» دېگەندەك ئۆزلىرىچە «سېھىرلىك» ئاشۇ سۆزلەرنى غۇدۇرىسىلا بولدى.
مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق مۇھىتتا ۋە چوڭ تاراتقۇلارنىڭ غەربپەرەستلەرنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ھەق سۆز پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇسۇلمان قىز – ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يېتىشتىن توسۇلماقتا. شەرىئەت ئەھلى ۋە ئىسلامىي ھاياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغۇچىلار بولسا خەلقنى قامچا بىلەن ئۆلۈمگە باشلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان پەسكەش ۋە نادانلار سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەكتە.
ئىلمانىيلار زومىگەر، ئەمما پۈچەك مەيدانىنى تىكلەشتە پسىخىكىلىق قالپاق كىيدۈرۈش ۋە ئەقلىي قايمۇقتۇرۇش ئۇسۇلىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ قوللانماقتا. ئۇلار يۇرت – يۇرتلارنى كېزىپ ئۆز سەپسەتىلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئەگەر كىمدەكىم ئۇلارنىڭ پۈچەك تەرغىباتلىرىنى تونۇپ يېتىپ قارشى چىققۇدەك بولسا، دەررۇ قورقۇتۇش كۈچى بىلەن باستۇردى. بىزگە ئۇلارنىڭ نىقابىنى يىرتىشىمىز ۋاجىب بولدى.
مىسسىئونېرلار ئىلىمسىز سۆزلىرى ۋە دەلىلسىز دەۋالىرى بىلەن تولىمۇ چەكتىن ئاشتى. ئۇلار ئىسلامغا بوھتان چاپلىدى، «قۇرئان كەرىم»گە ئۆز دىنلىرىغا تۇتقاندىن باشقىچە مۇئامىلە قىلدى. نېمىكى ھۆددىلىۋالغان دەۋالىرىغا ماس كەلمەيدىكەن، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابى ۋە تارىخلىرىدىن ئۆچۈردى، ئۈممەت تېمىدا يوچۇق ۋە دىن قورغىنىدا غۇلاش پەيدا قىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا يۈزلەندى.
20 – ئەسىر مىسسىئونېرلىرىنىڭ يېتەكچىسى سامۇئېل زۋېمېر مۇنداق دېگەن: «ئانىنىڭ ئوغۇل – قىزلارغا تەسىرى زور بولغانلىقى ۋە ئاياللار ئۆز ئېتىقادىنى قوغداشتا كونسېرۋاتىپ ئامىل بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز مىسسىئونېر تەشكىلاتلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى خرىستىيانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە مۇسۇلمان ئاياللارغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز». زۋېمېر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان باشقا بىر مىسسىئونېر: «قىزلارنى مەسىھكە ئۇتۇۋالساڭ، مىسىرنى مەسىھكە ئۇتۇۋالغان بولىسەن» دېگەن(3).
يۇقىرىقىلار بىزنى «قۇرئان كەرىم»نىڭ گۇۋاھلىقى، ئەتەي بۇرمىلانغان ئىنسانىي رېئاللىق ۋە مىسسىئونېرلار يوشۇرغان نەرسىلەرنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئەھلى كىتابنىڭ كىتابلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالىملىرىنىڭ ئوچۇق سۆزلىرى بىلەن ئۇلارغا يېتەرلىك جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى.
بىزنىڭ مەقسىتىمىز خرىستىيان ۋە يەھۇدىيلەرگە «بىزنىڭ دىنىمىز بىزنى ئەيىب ئىشقا چاقىرمايدۇ. ھىجاب سىلەردىمۇ بىزدىكىگە ئوخشاشلا بار» دېيىش ئەمەس!
بىز شەرىئەتنىڭ گۇمان ۋە شەك ئوبيېكتى بولۇشىغا رازى بولىدىغان، باشقىلارغا «بىزنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىلى سىلەرنىڭ دىنىڭلارنىڭمۇ ئىسلام چاقىرغان نەرسىگە چاقىرىشى، بىزنىڭ يولىمىزنىڭ توغرىلىقىنىڭ ھۆججىتى سىلەرنىڭ ئەقىدە – مەزھەبلىرىڭلارنىڭمۇ شۇنىڭغا چاقىرىشىدۇر» دېيىش ئۈچۈن بارلىق دەلىللەرگە يۈگۈرەيدىغان بۇ خىتابنى قوبۇل قىلمايمىز.
بىزنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىمىز مۇسۇلمان ئايالغا ئاللاھنىڭ ئۇنى تاللىغانلىقى ۋە باشقا ئۈممەتلەر ھارامغا چۆكۈپ، ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن پاك ھەقىقەتنى تاشلىۋەتكەندە، يەر يۈزىدىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە يالغۇز ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ساقلاپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچى بولۇشتەك پەزلى بىلەن خاس قىلىنغانلىقىدىن خۇشخەۋەر بېرىشتۇر.
بىز بۇ يەردە باشقىلارنى بىزنىڭ ئۇلاردىكى نەرسىلەردە ئورتاق ئىكەنلىكىمىزگە قايىل قىلماقچى ئەمەسمىز. بەلكى بىز ئۇلارنى دىن ئەھلىنىڭ ئۇلارغا قانداق خىيانەت قىلغانلىقىنى كۆرۈشكە ۋە مۇقەددەس كىتابلىرىدا ئۆچۈرۈلگەن ھەقىقەتكە قىزىقتۇرىمىز!
مانا بۇ كىتاب كۆمۈۋېتىلمەكچى بولغان ھەقىقەتنىڭ ھۆججىتى ۋە كۈنىمىز دۇنياسىدا پاكلىقنىڭ مەنىسى ۋە ئىپپەتنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىتىۋاتقان، ھىدايەت كىتابىغا چىڭ ئېسىلغان مۇسۇلمان ئايالغا ياردەمدۇر.
كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئىلمانىيلار (ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر)نىڭ شۈبھىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ، مۇسۇلمان ئايال ئۇ تائىپىنىڭ ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ شۈبھىلىرىنىڭ ئاجىز ۋە دەۋالىرىنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى بىلسۇن ئۈچۈن، دەلىل – مىساللار بىلەن ئۇلارنىڭ زىتلىقلىرىنى ۋە نۇقسانلىرىنى كۆرسەتتۇق.
شۇنداقلا يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلارچە مۇقەددەس كىتابلار ۋە بۇ ئىككى دىندىكى ئىجتىھاد قىلغۇچى ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى ئىسپاتلىغان نەرسىگە ئۆتۈپ، يەھۇدىيلىق ۋە خرىستىيانلىقنىڭ ھىجابنى ئىلاھىي قانۇن ۋە ئەخلاقىي پەرز سۈپىتىدە ئاياللارغا پەرز قىلغانلىقىنى جاكارلايمىز.
بىز، ئوقۇرمەننىڭ ۋاقتىنى كۆپ ئالماي، قىسقا ۋە يىغىنچاق سۆزلەشنى، ئاساسىي مەزمۇن ۋە جەۋھەرنىلا سۇنۇشنى تاللىدۇق. ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغاندۇرمىز.
ئاللاھتىن بۇ كىتاب بىلەن بەسىرەتلەرنى يورۇتۇشىنى، قەلبلەرنى كەڭ قىلىشىنى، يازغۇچىسىنىڭ ھاياتىدا بۇنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز. قەبرىسىنى يورۇتۇشىنى، قەبرىگە كۈچ – قۇۋۋەتسىز قويۇلغان كۈنى قەبرىسىنى كەڭ قىلىشىنى، قەلەملەر قۇرۇپ، سەھىپىلەر ئۇچقان كۈنى ئۇنى شاپائەتچى قىلىشىنى سورايمىز.
ئوقۇرمەن كىتاب مۇئەللىپىگە غايىبانە دۇئا قىلىشتىن بېخىللىق قىلمىغاي!
دوكتور سامىي ئامىرىي
1. «ئىلمانىيلار» (ئەرەبچە: علمانيون) فرانسۇزچە laïque سۆزىنىڭ توغرا ئەرەبچە تەرجىمىسى بولۇپ، گرېك تىلىدىكى λαος (لائوس) دېگەن سۆزدىن كەلگەن. بۇ سۆز دۇنيا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلقنى، دىن ئەھلىلىرىگە قارشى مەنىدە ئىپادىلەيدۇ.
2. Katherine Bullock, Rethinking Muslim Women and the Veil, London: The International Institute of Islamic Thought, 2002, p. xxxvi.
3. S. M. Zwemer, Moslem Women, p. 170, Quoted by, Katherine Bullock, op. cit., p.22. Van Sommer and Zwemer, Our Moslem Sisters, p.59, Quoted by, Katherine Bullock, op. cit., p.22.