خرىستىيانلىقتا كىيىم – كېچەكنىڭ ئەھمىيىتى
گەرچە بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئاھالىسى خرىستىيان بولغان دۆلەتلەردە جىنسىي «پارتلاش»، ئەخلاقىي چەكلىمىلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە يىمىرىلىشى كۆرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خرىستىيانلىقنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىكى ھۆكۈملەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
خرىستىيانلىق مىلادىيە 1 – ئەسىردە يەھۇدىيلىكنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى مىراس قىلىپ ئالغان. ھەقىقىي ئاساسچىسى پاۋلۇس يەھۇدىي شەرىئىتى بىلەن ئالاقىنى ئۈزگەنلىكىنى، كونا شەرىئەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە مەسىھنىڭ كرېستتىكى قېنى بىلەن قۇتقۇزۇلۇش دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان(1) بولسىمۇ، پاۋلۇس ئۆزى ۋە چېركاۋ «شەرىئەت»تىكى كىيىم – كېچەك ۋە ئۇنىڭ خرىستىيان شەخسنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالمىغان.
«يېڭى ئەھد»(2) كىتابلىرىنىڭ يازغۇچىلىرى كىيىم – كېچەكنىڭ شەخسنىڭ خۇلق – مىجەزىنى تىزگىنلەش ۋە ئومۇمىي مۇناسىۋەتلەرنى، بولۇپمۇ ئەر – ئاياللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يۆنىلىشتىكى مۇھىملىقىغا تولۇق ئىشەنگەن. دەسلەپكى چېركاۋ ئەربابلىرىنىڭ ئىپپەت – نومۇس ۋە جىنسىي تەرتىپكە كۆڭۈل بۆلۈشى دەسلەپكى خرىستىيان گۇرۇپپىلىرىنى ئاياللارغا خاس شەرىئەت كىيىمى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىگەن مۇھىم تۈرتكىلەرنىڭ بىرى بولغان.
دەسلەپكى چېركاۋ ئەر – ئاياللاردىكى جىنسىي كۈچ ۋە ئۇ تىزگىنلەنمەي ھارام ئىشلارغا يول ئېچىپ بېرىلسە ئىنسانغا كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن كۆپ بەند بولغان. بۇ جەھەتتە ئۇلار ناھايىتى قاتتىق تۇرغان بولۇپ، بۇ — ئۇلارنىڭ ئېتىقادىچە — «مەتتا» ئىنجىلى 5: 27 – 29 دا مەسىھنىڭ تىلىدىن نەقىل قىلىنغان: «سىلەر ‹زىنا قىلما!› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر، ئەمما مەن سىلەرگە دەيمەنكى: كىمكى بىر ئايالغا شەھۋەت بىلەن قارىسا، قەلبىدە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ! ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا باشلىسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت، چۈنكى پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلىنىشىدىن كۆرە، بىر ئەزايىڭدىن مەھرۇم بولغىنىڭ ياخشىدۇر!» دېگەن سۆزدە ئىپادىلەنگەن.
دەسلەپكى چېركاۋ «ئەۋرەت» ۋە ئايالدىن نېمىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىق مەسىلىسىگە ناھايىتى سەزگۈر بولغان. ئىپپەت – نومۇس بىلەن كىيىم – كېچەك ئارىسىدىكى باغلىنىش كۈچلۈك بولغان. ئىپپەت – نومۇسنىڭ پەقەت قەلبتە يوشۇرۇنغان ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت، خۇلق – مىجەز ۋە كىيىم – كېچەكتە ئىپادىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولغان.
شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى بۇ چېركاۋنىڭ تۇيغۇسىدا ئايالنىڭ كىيىم – كېچىكى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى خۇلق – مىجەزى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى. ئۇ سۇس مەنانىڭ سىمۋولى ياكى ئابستراكت پىكىرنىڭ بەلگىسى بولماستىن، بەلكى ئايالنىڭ ئىجتىمائىي مەخلۇق سۈپىتىدىكى روھىي، پىكرىي ۋە خۇلقىي تۈزۈلۈشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى.
مۇقەددەس كىتابلاردا تەقۋادار خرىستىيان ئايالنىڭ «شەكلىي» ئۈلگىسىنى ئەڭ روشەن كۆرسىتىدىغان مەشھۇر تېكىستلەردىن:
– «پېترۇس»: 3: 3 – 6: «ئاياللار گۈزەللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچ ئۆرۈش، ئالتۇن تاقاش ۋە ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىش قاتارلىق تاشقى زىبۇزىننەتكە تايانماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە ئىچكى زىبۇزىننەتكە تايىنىپ، قەلبىنى مۇلايىملىق ۋە تىنچلىق روھى بىلەن زىننەتلىسۇن. بۇ يوقاپ كەتمەيدىغان، خۇدانىڭ نەزەرىدە قىممەتلىك بولغان زىننەتتۇر! قەدىمدە تەقۋادار ئاياللار مۇشۇنداق زىننەتلىنەتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى خۇداغا تايىنىپ، ئېرىگە بويسۇناتتى. مەسىلەن، سارە ئېرى ئىبراھىمغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى ‹خوجايىنىم› دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان مۇئمىن ئاياللار، ياخشى ئىش قىلىپ، ھېچقانداق تەھدىتتىن قورقمىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.»
– «تىموتىي»: 2: 9 – 10: «شۇنىڭدەك، مەن ئاياللارنىڭ مۇۋاپىق، سىپايە كىيىم كىيىپ، ھايا ۋە ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن زىننەتلىنىشىنى، چاچ ئۆرۈش، ئالتۇن، مەرۋايىت ۋە قىممەت باھالىق كىيىملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئاشكارا خۇداغا تەقۋادارلىق بىلەن ياشايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئاياللارغا لايىق بولغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن زىننەتلىنىشىنى خاھلايمەن!»
بۇ ھۆكۈملەر ئايالنى تۆۋەندىكىلەردىن توسقان:
– گۈزەللىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ھەرقانداق تاشقى زىننەت
– چاچ ئۆرۈش
– ئالتۇن زىننەتلەر
– ھەشەمەتلىك كىيىملەر
– قىممەت باھالىق كىيىم – كېچەكلەر
بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەر چەكلىمىلىك ئەمەس، پەقەت مىسال سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن، ھەم ئۇلار نۇرغۇن تۈردىكى كىيىم – كېچەكلەرنىڭ ماۋزۇسى. بۇ خرىستىيانلىقنىڭ ئايالنى ئەرلەر ئالدىدا ئۆز گۈزەللىكىنى «ئىپادىلەش»تىن ئوچۇق چەكلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ كىيىم – كېچەكتىكى خۇلق – مىجەز چەكلىمىسى دەسلەپكى چېركاۋ قانۇنىدىمۇ كۆرۈلگەن. «دىداسكالىيا»دا: «ئەگەر مۇئمىنە بولۇپ خۇدانى رازى قىلىشنى خاھلىساڭ، يات ئەرلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن زىننەتلەنمىگىن»؛ «پاھىشىلەرگىلا لايىق بولغان يېنىك ياغلىق ۋە كىيىملەرنى كىيىشنى ئارزۇ قىلما.»؛ «خۇدا ياراتقان يۈزۈڭنى بوياپ پەرداز قىلما. ئۇنىڭدا زىننەت كەم ئەمەس، چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ناھايىتى گۈزەل، زىننەتكە ئېھتىياجى يوق. گۈزەلنىڭ ئۈستىگە قوشۇلغان ھەرقانداق نەرسە ياراتقۇچىنىڭ نېمىتىنى ئۆزگەرتىدۇ» دېيىلگەن(3).
دەسلەپكى چېركاۋ ئايالنىڭ ئاچكۆز كۆزلەرنى جەلپ قىلىدىغان رەڭلىك قونچاققا ئايلىنىپ قېلىشىنى ياكى پەقەت بوياق بىلەن ئۆرۈمىنىلا كۆرىدىغان مۇستەقىل «مەۋجۇدىيەت»كە ئايلىنىپ قېلىشىنى رەت قىلغان. شۇڭا، ئۇ ئايال كىشى ئۆيدىن چىققاندا كىيىدىغان كىيىم ۋە زىننەتنىڭ چېگراسىنى بەلگىلەشتە قاتتىق تۇرغان. جىنسلار ئارىسىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسىدىغان قانۇن چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قانۇنىي جەھەتتە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، چېركاۋ رەھبەرلىرى ئايالنىڭ كىيىم – كېچەكتە ئۆزىنى ئەرزان تۇتۇشقا ۋە نومۇس – ھايا يولىدىن چىقىپ كېتىشكە بولغان مايىللىقىغا قارشى تۇرۇشنى كۈچلۈك ئويلىغاچقا، ئۇلار ئايال – قىزلارنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتى ياكى ئۆتكۈنچى خىيالىغا سەزگۈر بولغان.
كىيىم – كېچەكتە ئىپپەت – نومۇسقا چاقىرىش چېركاۋ ئاتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلىرىدا چوڭ ئورۇن ئىگىلەپ داۋاملاشقان. بىراق غەربلىكلەر زوراۋان چېركاۋنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دىن ئەربابلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بىزار بولغانسېرى، ھازىرقى خرىستىيانلىق قەدىمكى ئاتىلار مىراسىدىن يىراقلىشىپ، باسقۇچلۇق ھالدا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تۈپكى ۋە ئەسل گېنېتىك تۈزۈلۈشىدىكى يىلتىزلىق ئاساسلارغا تايانمايدىغان زامانىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە كىرىشىپ كەتتى.
خرىستىيانلىق تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىدىن تەركىب تاپقاچقا:
1. مۇقەددەس تېكىستلەر
2. چېركاۋ مۇقەددەس روھ چۈشەنچىسىنى توغرىلاپ تۇرىدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ بۇ تېكىستلەرگە قىلغان مۇقەددەس تەفسىرلىرى
بىز دەسلەپكى خرىستىيانلىقنىڭ ھىجاب ھەققىدىكى ئەسل پوزىتسىيەسىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس دەپ قارالغان تېكىستلەر ۋە خاتالىقتىن خالىي دەپ قارالغان تەفسىرلەرنى كۆزدىن كەچۈرىمىز.
«يېڭى ئەھد»تىكى ھىجاب
«پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا يازغان بىرىنچى مەكتۇبى»: 11: 4 – 10 دا مۇنداق دېيىلگەن: «دۇئا قىلغان ياكى بېشارەت بەرگەن ھەرقانداق ئەر باش ياپقۇچ تاقىسا، ئۆز بېشىغا ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. دۇئا قىلغان ياكى بېشارەت بەرگەن ھەرقانداق ئايال باش ياپقۇچ تاقىمىسا، ئۆز بېشىغا ھاقارەت كەلتۈرىدۇ، چۈنكى بۇ خۇددى چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەنگە ئوخشاش. ئەگەر ئايال بېشىنى ياپمىسا، چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن! ئەمما ئايال ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈش ياكى قىرىۋېتىش نومۇسلۇق ئىش بولغاچقا، بېشىنى ياپسۇن. ئەر خۇدانىڭ سۈرىتى ۋە شان – شەرىپى بولغاچقا، بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك. ئايال بولسا ئەرنىڭ شان – شەرىپىدۇر. چۈنكى، ئەر ئايالدىن ئەمەس، ئايال ئەردىن يارىتىلغان؛ ئەر ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال ئەر ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال پەرىشتىلەر ئۈچۈن بېشىغا بويسۇنۇشنىڭ بەلگىسىنى قويۇشى كېرەك».
پاۋلۇس يۇقىرىقى تېكىستتە ئايال كىشىنىڭ دۇئا قىلغاندا ياكى بېشارەت بەرگەندە چېركاۋ ئىچىدە چېچىنى ئېچىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. بىز شۇنىڭغا ئاساسەن: «ئۇنداقتا چېركاۋنىڭ سىرتىدا تېخىمۇ ئېچىشقا بولمايدۇ» دەيمىز. چۈنكى، سىرتتىكى پىتنە تېخىمۇ كۈچلۈك. ئەگەر ئىبادەت ئۆيى ئىچىدە، يەنى قەلبلەر شەيتاننىڭ پىتنىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ تەييار تۇرىدىغان يەردە چەكلەنگەن بولسا، قوزغىتىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئامىللىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىرتتا تېخىمۇ ھارام بولىدۇ. تېرتۇللىئان دەل شۇنى قارار قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ «ناماز ھەققىدە De Oratione» ناملىق كىتابىنىڭ 22 – بۆلۈمىدە — گەرچە ئۇ زاماندىكى بەزى ئاياللار كوچىدا ھىجاب كىيىپ، چېركاۋدا بېشىنى ئاچىدىغان بولغاچقا ئەكس ھالەتتە ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ —: «نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئالدىدا ياپىدىغان نەرسەڭلارنى خۇدا ئالدىدا ئاچىسىلەر؟ سىلەر كوچىدا چېركاۋغا قارىغاندا تېخىمۇ ھايالىقمۇ؟» دېگەن(4). تېرتۇللىئاننىڭ نەزەرىدە، ھىجاب كىيىش ئارقىلىق ئىپپەتلىك بولۇش كوچىدا ۋە چېركاۋدا پەرزدۇر!
پاۋلۇسنىڭ ھىجابنى پەرز دەپ قارىغانلىقىنى تېخىمۇ دەلىللەيدىغىنى، پاۋلۇسنىڭ زامانداشلىرىدىن بولغان پەيلاسوپ ۋە تارىخچى دىيو خرىسوستوم Dio Chrysostom ئالتۇن ئېغىزنىڭ پاۋلۇسنىڭ يۇرتى تارسۇستىكى ئاياللارنىڭ كوچىدا ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي يېپىپ يۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىدۇر(5).
پاۋلۇس ئىككى خېتىنى يازغان خرىستىيانلىققا كىرگەن كورىنتلىقلار ئاساسەن ئىككى تۈرلۈكتۇر: يەھۇدىي ئەمەس گرېكلار ۋە خرىستىيانلىققا كىرگەن يەھۇدىيلەر («1كورىنتلىقلار»: 7: 18 دە خەتنە قىلىنغان ۋە قىلىنمىغان ئەرلەر ھەققىدىكى سۆزلەردىن بۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ).
تارىختىن مەلۇمكى، گرېك ئاياللىرىنىڭ كىيىمى يېپىنچاقلىققا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇر «پېپلۇم peplum» دەپ ئاتىلىدىغان كىيىمى ئايالنىڭ بېشىغا ئارتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. گرېك ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ پەقەت بىر كۆزىنىلا ئېچىپ قويۇش ئادىتى بار ئىدى(6).
«گرېك ئاياللىرىنىڭ (ھەيكەللەر ئىسپاتلىغاندەك) ئۆي ياكى ئۆي ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئاممىۋى ھاياتتا ئۆزىنى يېپىش ئادىتى بار ئىدى. يەھۇدىي ئاياللىرى چېچىنى تۈگۈپلا قالماستىن، سىرتقا چىققاندا ئۇنى بىخەتەر يېپىپ يۈرەتتى. ئۇلار جامائەت سورۇنلىرىدا چوقۇم يېپىنىپ يۈرەتتى ۋە ئىبادەتخانىدا ئېچىۋەتمەيتتى»(7).
رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، ياكى نىقاب، ياكى باش ياپقۇچ تاقايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى كۆرگەن ئەرلەرگە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، قانداق بىر تاجاۋۇز قىلغۇچى ھەرىكەت قىلسا ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى(8).
گرېتسىيە ۋە رىمدا ياشىغان مەشھۇر گرېك تارىخچىسى پلۇتارك Plutarch (م. 46 – 120) ئۆز زامانىدىكى مېيىتكە ھازا تۇتۇش ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئوغۇللارنىڭ بېشىنى يېپىپ، قىزلارنىڭ بېشىنى ئاچىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازا تۇتۇش ئادەتكە خىلاپ» دېگەن(9). بۇ مىلادىيە 1 – ئەسىردە ئاياللارنىڭ ھىجاب كىيىشى نورمال ۋە قوبۇل قىلىنغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاياللار پەقەت يېقىنلىرى ۋاپات بولغاندا قايغۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە يېپىنچاقلىق قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا بېشىنى ئاچاتتى.
20 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بايقالغان قوليازمىلىرى مەسىھنىڭ پەيدا بولغان مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە تۆھپە قوشقان قۇمران ئۆڭكۈرلىرى (Qumran Caves) ھىجابسىز ئايالنى جىسمانىي مېيىپلىققا گىرىپتار بولغان كىشىگە ئوخشىتاتتى. شۇڭا، پەرىشتىلەرنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بۇنداق ئايالنى جەمئىيەتتىن چەتلەش كېرەك ئىدى(10).
بۇنداق مۇھىتتا، پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا: «ئاياللىرىڭلار چېركاۋدا بېشىنى يېپىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا ئۇلارنى خارلاش ئۈچۈن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن، ئەمما كوچىدا نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ!!!» دېگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
پاۋلۇسنىڭ سۆزىدىكى بۇيرۇق ۋە چەكلەش ئۇسلۇبى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھايا – ئىسمەت ۋە ئىتائەتكە چاقىرغانلىقىنى، ئۆز مۇھىتى ۋە زامانىدىكى ئۆرپ – ئادەتنىڭ تەلىپىنى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى غەربلىك تەتقىقاتچى مۇھاكىمىچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىچە، ھازىرقى زامان تەفسىرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئاپىتى قەدىمدە يېزىلغان شەرق كىتابلىرىنى ھازىرقى غەرب – ياۋروپا مەنتىقىسى بىلەن تەفسىر قىلىشىدۇر.
پاۋلۇسنىڭ كورىنتلىقلارغا قىلغان سۆزىنى ئۇنىڭ تارسۇسلۇق مۇھىتى، يەھۇدىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مەكتۇب يازغان كىشىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى بىلەن باغلاش بىزنى ئۇنىڭ چېركاۋ ئىچىدىكى ھىجاب ھۆكمى ھەققىدىكى سۆزىنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە كەڭ چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ.
يەنە يېڭى ئەھدنىڭ ئاياللارغا شەھۋەت بىلەن قاراشنىڭ ھاراملىقىنى بەلگىلىگەنلىكى، بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىشىنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېتىشى كېرەكلىكى (مەيلى ھەقىقىي ياكى مەجازى مەنىدە بولسۇن) ۋە خرىستىيانلارنىڭ مىلادىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئۆزلىرىنىڭ قاراشتىمۇ شەھۋەتنى قوزغايدىغان سەۋەبلەردىن قاتتىق يىراق تۇرۇش بىلەن ئىپپەت – نومۇسلۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى(11) (بىر تەرەپتىن)… ئاندىن يەنە (باشقا تەرەپتىن) خرىستىيانلىق دەسلەپكى ئەسىرلەردە ئاياللارغا ھىجابنى مەجبۇرىي قىلغان يەھۇدىي شەرىئىتى ھەم رىم ۋە گرېكلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە خىلاپلىق قىلىشنى قارار قىلغان دېيىش مەنتىقىلىق ئەمەس!!!
خرىستىيانلىق — دەسلەپكى تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ تىلىدا — ئىپپەت – نومۇسقا چاقىرىش بىلەن ئالاھىدە بولۇپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ئۆزى بارلىققا كەلگەن مۇھىتتىكى بارلىق شەرىئەت ۋە ئۆرپ – ئادەتكە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ رېئاللىقتا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا جۈرئەت قىلغانلىق دەپ قارالغان يۈز ئېچىشنى ھالال قىلغان بولسۇن؟!
قانداقمۇ خرىستىيانلىق مىلادىيەنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە ئەرنىڭ ئايالغا قارىشىنى ھالاكەتلىك ئىشلاردىن ۋە پۈتۈن ئاساسلىرى تولۇق زىنا دەپ قاراش دەرىجىسىگىچە جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا قاتتىق نەپرەتلىنىش بىلەن باشقا ئەللەرنىڭ شەرىئەت ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئەخلاقىي جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇپ… ئاندىن يەنە ئۆزى پەيدا بولغان ئەللەر بىرلىككە كەلگەن ئىشقا خىلاپلىق قىلىپ ئاياللارنىڭ يۈز ئېچىشىنى ھالال قىلغان بولسۇن؟!
مەنتىقە قېنى؟!
ئاندىن پاۋلۇسنىڭ چېركاۋدىكى ئايالنىڭ ھىجابى ھەققىدىكى سۆزىنىڭ ئىستىنبات ۋە تەرتىپ مەنتىقىسى ئۆزىلا پاۋلۇسنىڭ ھىجاب پەرزىنى چېركاۋ ئىچى – سىرتىدا ئايالغا مەجبۇرىي دەپ قارىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئايالنىڭ ئەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن: «چېركاۋ مەسىھكە بويسۇنغاندەك، ئاياللارمۇ ئۆز ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنۇشى كېرەك» («ئەفەسۇسلىكلەر»: 5: 24). بۇ بويسۇنۇشنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ بۇنىڭ بەلگىسىنى قويۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن. مەزمۇندىن چۈشىنىشلىك بولغىنىدەك، بۇ بەلگە ھىجابتۇر: «شۇڭا پەرىشتىلەر(12) ئۈچۈن ئايال بېشىغا بويسۇنۇشنىڭ بەلگىسىنى قويۇشى كېرەك» («1كورىنتلىقلار»: 11: 10)(13). شۇنداق قىلىپ «بويسۇنۇش» ۋە «ھىجاب» بىر – بىرىگە باغلىق… پاۋلۇسنىڭ سۆزىدىن ئايال چېركاۋ مەسىھكە پۈتۈن ئىشلىرىدا بويسۇنغاندەك، ئەرگە پۈتۈن ئىشلىرىدا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلگىنىمىزدە، بۇ ھىجابنىڭ ئۇنىڭ ئەرگە داۋاملىق بويسۇنۇشىغا ئوخشاش ھەمىشە ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز.
چېركاۋ ئاتىلىرى ۋە مۇقەددەسلىرى نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ ھىجابنىڭ پەرزلىكى ھەققىدىكى بىردەكلىكى
«ھىجابنىڭ چېركاۋ ئىچىدە پەرز بولۇشى تېخىمۇ مۇھىم دەرىجىدە چېركاۋ سىرتىدىمۇ ئايالنىڭ ھىجاب كىيىشىنى مەجبۇرىي قىلىدۇ» دېگەن سۆز ئىسلامنىڭ خرىستىيانلىققا چۈشۈرۈلگەن ئىجتىھادى ئەمەس، بەلكى چېركاۋنىڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە ئاتىلىرىنىڭ سۆزىدۇر. جويس ئې. سالىسبۇرى Joyce E. Salisbury نىڭ دېيىشىچە: «ئايالنىڭ چېچى ئۇنىڭ جىنسىي تەرىپىنىڭ her sexuality ۋە جىنسىنىڭ her gender سىمۋولى ۋە ئىپادىسى بولغاچقا، چېركاۋ ئاتىلىرى ھەمىشە ئاياللارنىڭ بېشىنى يېپىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان»(14). تەتقىقاتچى دى ئانجېلو D’Angelo: «تېرتۇللىئاندىن باشلاپ (مۇقەددەس كىتاب) تەفسىرچىلىرى پاۋلۇسنىڭ پەرىشتىلەرنىڭ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايالنىڭ بېشى چوقۇم ھىجاب بىلەن يېپىلىشى كېرەك دەپ قارار قىلغانلىقىنى قارىغان» دەپ بېكىتكەن(15).
«خرىستىيان قەدىمكىلىكى لۇغىتى A Dictionary of Christian Antiquities»دە: «ئەلچىلەرنىڭ تەلىمى ۋە شەرق ئۆرپ – ئادىتى ئايالنىڭ بېشى ئوچۇق كۆرۈنۈشىنى نالايىق دەپ قارىغاچقا، شەرق ۋە ئافرىقا چېركاۋلىرىدىكى ئاياللار پەقەت يىغىلىشلاردىلا ئەمەس، ئومۇمەن جامائەت سورۇنلىرىغا چىققاندىمۇ بېشىنى ياپقان» دېيىلگەن(16).
ئالۋىن شمىت: «چېركاۋ ئاتىلىرى ۋە نۇرغۇن چېركاۋ يىغىنلىرى قانۇن شەكلىدە تۇرمۇشلۇق ئايالدىن ھىجاب كىيىشنى تەلەپ قىلغان» دېگەن(17).
بۈگۈن چېركاۋ ئەربابلىرى، بولۇپمۇ ئەنئەنىۋى چېركاۋلار بۇ دىنىي/ تارىخىي ھەقىقەتنى خرىستىيانلارنىڭ ئېڭى ۋە ئېسىدىن يوقىتىشقا، ھىجابنى خرىستىيان جەمئىيەتلىرىگە سىرتتىن كىرگەن ئىسلامىي دىنىي سىمۋول دەپ دەۋا قىلىشقا تىرىشماقتا. تۆۋەندە بۇ سۆزلەرنىڭ ئىگىسىگە پاكىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان تەپسىلاتلىرى كېلىدۇ.
تېرتۇللىئان
تېرتۇللىئان (م. 160 – 220). دەسلەپكى چېركاۋنىڭ ئالامەتلىرى شەكىللىنىۋاتقان، دەسلەپكى ئەخلاقىي ۋە خۇلق – مىجەز چۈشەنچىلىرى يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا ياشىغان، «لاتىن چېركاۋىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. كۆپ ئەسەر يازغان، يەھۇدىيلەر، بۇتپەرەسلەر ۋە ئازغۇنلارغا رەددىيە بېرىش ھەققىدە ئەسەرلىرى بار. ئەخلاق مەسىلىلىرى ۋە ئايال مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن(18).
تېرتۇللىئان نەزەرىدىكى ھىجاب
تېرتۇللىئاننىڭ ئايالنى ھىجاب كىيىشكە مەجبۇرلاشقا بولغان تىرىشچانلىقى تارىختىكى مەشھۇر ھەقىقەتلەردىن. ئۇ «قىزلارنىڭ ھىجاب كىيىشى ھەققىدە /De Virginibus Velandis» ناملىق كىتابىدا قىزلارنىڭ كوچىدا چېركاۋدىكىدەك ھېچقانداق پەرقسىز ھىجاب كىيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. يەنە شۇ كىتابتا: «پەرىشتىلەر ئۈچۈن ھىجاب كىيىشى تەلەپ قىلىنغاندەك، ئەرلەرنى ئازدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈنمۇ كىيىشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەن.
شۇ كىتابتا ئەرەب ئايالىنى بىر كۆزدىن باشقا يۈزىنىڭ ھەممە يېرىنى يېپىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن ماختاپ: «ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بۇتپەرەس ئاياللار سىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پەقەت باشنىلا ئەمەس، يۈزىنىمۇ ياپىدۇ. ئۇلار تولۇق يېپىنىدۇ، ھەتتا پۈتۈن يۈزىنى ئېچىشتىن كۆرە يېرىم يورۇقلۇقتىن بەھرىلىنىپ پەقەت بىر كۆزىنىلا ئېچىشقا قانائەت قىلىدۇ. ئايال كىشى كۆرۈنۈشتىن كۆرە باشقىلارنى كۆرۈشنى ئەۋزەل بىلىشى كېرەك» دېگەن. يەنە: «بېشىڭنى ياپ! ئانا بولساڭ ئوغلۇڭ ئۈچۈن، ھەمشىرە بولساڭ قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن» دېگەن(19).
«تاج De Corona» ناملىق ئەسىرىدە ئايال كىشىنىڭ ھىجاب كىيىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇ خۇدانىڭ «تەبىئەتكە يېزىلغان» قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاۋلۇسنىڭ ھىجاب مەسىلىسىدە تەبىئىي قانۇن ۋە تەبىئەتنى ئاشكارىلايدىغان قانۇننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قارىغان. كائىنات ۋە شەرىئەت قانۇنلىرى بىر – بىرىگە زىت ئەمەس، ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئايالغا ھىجابنى پەرز قىلىشتا بىرلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ(20).
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇ زاماندىكى خرىستىيان ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ھىجاب كىيىدىغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. ئۇ «ناماز ھەققىدە / De Oratione» ناملىق كىتابىدا چېركاۋغا ھىجابسىز بارىدىغان ئاياللارنى ئەيىبلەپ: «نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئالدىدا ياپىدىغان نەرسەڭلارنى خۇدا ئالدىدا ئاچىسىلەر؟ سىلەر كوچىدا چېركاۋغا قارىغاندا تېخىمۇ ھايالىقمۇ؟» دېگەن(21). بۇ ھىجابنىڭ رېئاللىقىنى خەۋەر قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، ئېتىراپ قىلىش ماقۇللاش ۋە قوللاشنىڭ بىر خىل شەكلىدۇر.
ئالېكساندرىيالىق كلېمېنت
ئالېكساندرىيالىق كلېمېنت (م. 150 – 215). ئۆز زامانىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھىيەتچىلەردىن بولغان. داڭلىق ئىلاھىيەتچى ئورىگېن ئۇنىڭدىن تەلىم ئالغان. يېزىشمىلىرىدا مۇقەددەس كىتابتىن كۆپ نەقىل كەلتۈرۈشى ۋە خرىستىيانلىقنى جەلپ قىلارلىق ئىلمىي شەكىلدە تەقدىم قىلىشى بىلەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۆز زامانىدىكى ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەن، شۇنداقلا ئۆسۈۋاتقان خرىستىيان گۇرۇھىنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىنى ئاساسلاندۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەخلاق تەرىپى بىلەن باغلىنىشلىق «Paedagogus» «Protrepticus» ۋە «Stromata» قاتارلىق ئۈچ مۇھىم تەتقىقات يازغان(22).
ئالېكساندرىيالىق كلېمېنتنىڭ نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ مۇقەددىسى ئالېكساندرىيالىق كلېمېنت «ئۇستاز / Paedagogus» دېگەن ئەسىرىنى يازغان. بۇ ئەسەر چېركاۋ مۇقەددىسى مېتودىئۇس ئولىمپۇس (Methodius of Olympus) [23^] نىڭ كىتابى Symposion he peri hagneias بىلەن بىرلىكتە، خرىستىيانلىقنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە ئايالنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئورنى ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ مۇھىم ئىككى كىتابتىن بىرى ھېسابلىنىدۇ(24).
بۇ ئەسەر ئۈچ كىتابتىن تەركىب تاپقان: ئالېكساندرىيالىق كلېمېنت بىرىنچى كىتابتا ئۇستاز ۋە تەلىم ئاساسلىرى: ئۇستازنىڭ كىشىلەرنى سۆيۈشى، تەلىمنىڭ دۇنياۋىلىقى، مۇكاپات ۋە جازاسى ھەققىدە سۆزلىگەن. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كىتابنى جۇزئىي تەپسىلىي مەسىلىلەرگە مەخسۇس قىلغان، ئۇلارنى قاتتىق تەنقىدىي ئۇسلۇبتا بايان قىلغان، يېمەك – ئىچمەك، ئۇيقۇ، ئەگىشىش، جىنس، شەخسىي پاكىزلىق، مۈلۈك ۋە باشقا ئىشلارنى تىلغا ئالغان.
چېركاۋ مۇقەددىسى كلېمېنت ئالېكساندرىيالىق ئايالنىڭ بەدىنىنىڭ قايسى يەرلىرىنى ئېچىشقا بولىدىغانلىقى مەسىلىسىگە كەلگەندە، روشەن، قەتئىي ۋە ئېنىق ھالدا: «ئايال ئۆيىدە بولمىغان ۋاقىتتا چوقۇم بەدىنىنى تولۇق يېپىشى كېرەك، چۈنكى بۇ كىيىم شەكلى ئېغىر – بېسىق، ئۇنى باشقىلارنىڭ بەدىنىگە تىكىلىپ قارىشىدىن قوغدايدۇ… يەنە يۈزىنى يېپىش بىلەن باشقىلارنى گۇناھقا چۈشۈپ قېلىشقا چاقىرمايدۇ» دېگەن(25).
ئاۋگۇستىن
چېركاۋ مۇقەددىسى ئاۋگۇستىن (م. 354 – 430). ئۇ دەسلەپكى چېركاۋ ئىلاھىيەتچىلىرىدىن بىرى، چېركاۋ ئىلاھىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەڭ كۆپ تۆھپە قوشقان كىشى. ئۇنىڭ تەسىرى بەشىنچى ئەسىردىن بۈگۈنگىچە غەرب چېركاۋلىرىغا داۋاملىشىپ كەلگەن، مارتىن لۇتېرنىڭ يازمىلىرىدىكى پروتېستانت(26) پىكرىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ(27).
ئاۋگۇستىننىڭ نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ مۇقەددىسى ئاۋگۇستىن «قىزلىق ھەققىدە De virginitate» ناملىق خېتىدە ھىجاب ھەققىدە توختىلىپ، نېپىز ھىجاب كىيگەن ياكى بېشىنى ئەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان شەكىلدە ئورىۋالغان ئاياللارنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ ئەيىبلىگەن، بۇنى ئىپپەت – نومۇسقا زىت كېلىدۇ دەپ قارىغان(28). بۇ ئەخلاقىي ئاگاھلاندۇرۇش ئومۇمىي شەكىلدە بولۇپ، پەقەت قىز – چوكانلارغىلا خاس ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ سەۋەبى ئىپپەت – نومۇس قىلىنغان، بۇ قىز – چوكانلار ۋە باشقىلارغىمۇ ۋاجىبتۇر. ھىجابنىڭ دىنىي ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلماسلىقتىن چەكلەش، ھىجابنىڭ ئۆزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ!
چېركاۋ مۇقەددىسى ئاۋگۇستىن پوسىدىيو Possidio ئىسىملىك بىر پوپقا يازغان خېتىدە «دۇنياغا تەۋە» كىشىلەرنىڭ — يەنى ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىپ پەس دۇنيانىڭ لەززەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلارنىڭ — ئەر بولسا ئاياللىرىنى، ئايال بولسا ئەرلىرىنى رازى قىلىش يولىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئەلچى بۇيرۇغان ئىشقا ئەمەل قىلىدىغان ئاياللارنىڭ، گەرچە تۇرمۇشلۇق بولسىمۇ بېشىنى ياپىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «illi autem cogitant quae sunt mundi, quo modo placeant vel viri uxoribus vel mulieres maritis, nisi quod capillos nudare feminas, quas etiam caput velare Apostolus iubet, nec maritatas decet»([29^])
«راھىبنىڭ ئەمەللىرى / De Opere Monachorum» ناملىق ئەسىرىدە باشقا ئاتىلارغا ئوخشاش ئايالنىڭ بەدىنىنى، جۈملىدىن بېشىنى يېپىشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەن، چۈنكى مۇقەددەس كىتابتا ئېرىنىڭ خۇدانىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاننىڭ ئەكسىچە، ئايال خۇدانىڭ سۈرىتى ئەمەس، بۇ ئىپپەت – نومۇسقا چاقىرىشتىن باشقا، ئاياللارغا ھىجابنى پەرز قىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر(30).
يۇھاننا ئالتۇن ئېغىز
چېركاۋ مۇقەددىسى يۇھاننا ئالتۇن ئېغىز Ιωάννης ο Χρυσόστομος (م.347 – 407). قۇستانتىنىيەنىڭ باش ئېپىسكوپى بولغان. ناتىقلىقتا ماھىر بولغانلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. كۆپ ئەسەر يازغان. ئەڭ مۇھىم يازمىلىرى مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى بۆلەكلىرىگە يازغان ئۇزۇن شەرھلىرى. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان سۆزلىرى ئەنئەنىۋى چېركاۋلارنىڭ ئۆز مەزھەبلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تايىنىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، مىسىر ئورتودوكس ماركوس چېركاۋى دىنىي ئەربابلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ يازمىلىرىدىن كۆپ پايدىلىنىلىدۇ(31).
يۇھاننا ئالتۇن ئېغىزنىڭ نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ مۇقەددىسى يۇھاننا ئالتۇن ئېغىزنىڭ مەشھۇر ۋەزلىرى بار، ئۇلاردا كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى مەكتۇبنىڭ 11: 4 -، 5 – ئايەتلىرىنى شەرھلىگەن: «دۇئا قىلغان ياكى بېشارەت بەرگەن ھەرقانداق ئەر باش ياپقۇچ تاقىسا، ئۆز بېشىغا ھاقارەت كەلتۈرىدۇ. دۇئا قىلغان ياكى بېشارەت بەرگەن ھەرقانداق ئايال باش ياپقۇچ تاقىمىسا، ئۆز بېشىغا ھاقارەت كەلتۈرىدۇ».
بۇ تېكىستنى شەرھلەپ، پاۋلۇسنىڭ ئەرنى پۈتۈن ۋاقىت ئەمەس، پەقەت ناماز ئوقۇغاندىلا بېشىنى ئېچىشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئەمما «ئايالنى پۈتۈن ۋاقىت يېپىنچاقلىق بولۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى» ئېيتقان. يەنە شۇ يەردە: «ئەگەر ئايالنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋېتىش ھەمىشە نومۇسلۇق ئىش بولسا، چېچىنى ئېچىپ قويۇش ھەمىشە ئەيىبلەشكە لايىق ئىش ھېسابلىنىدۇ» دېگەن. بۇ ئايالنىڭ ھىجاب كىيىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ۋاجىبلىقىنى تەكىتلىگەنلىكتۇر!(32)
كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى مەكتۇبنىڭ 11: 10 – ئايىتىگە: «شۇڭا، پەرىشتىلەر ئۈچۈن ئايال بېشىغا بويسۇنۇشنىڭ بەلگىسىنى قويۇشى كېرەك» دەپ شەرھ بېرىپ: «بۇنىڭ مەنىسى پەقەت ناماز ۋاقتىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە يېپىنچاقلىق بولۇشى كېرەك He signifies that not at the time of prayer only, but also continually, she ought to be covered» دېگەن(33).
كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى مەكتۇبنىڭ 11: 6 – ئايىتىگە شەرھ بېرىپ ئايالنىڭ ھىجابى قانداق بولۇشى ھەققىدە: «ھەر تەرەپتىن قاراشتىن قوغدالغان sheltered from view on every side»([34^]) ياكى باشقا بىر ئىنگلىزچە تەرجىمىدە: «ھەر تەرەپتىن يۆگەلگەن» دەپ قوشۇمچە قىلغان(35). بۇ چېركاۋ مۇقەددىسى يۇھاننا ئالتۇن ئېغىزنىڭ خرىستىيان ئايالىغا نىقابنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىنى قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ!
«1كورىنتلىقلار»: 11/16غا شەرھىسىدە پاۋلۇسنىڭ — ئالتۇن ئېغىزنىڭ يۇقىرىدا شەرھلىگەن — ھۆكۈملىرىگە قارشى چىققان كىشىنىڭ چېركاۋنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن(36).
ئامبروز
چېركاۋ مۇقەددىسى ئامبروز Ambrose (م. 337 – 397). مىلاننىڭ ئېپىسكوپى بولغان. «تۆتىنچى ئەسىردىكى ئىلاھىيەت ئۆلىمالىرىنىڭ ئىمامى» دەپ قارىلىدۇ. ئىلاھىيەت ۋە دىنىي مۇراسىملار بىلەن بىر قاتاردا خرىستىيانلىقنىڭ ئەخلاقىي تەرىپىگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن خرىستىيان ئەخلاقى ھەققىدىكى ئۈچ توملۇق «De officiis ministrorum» ناملىق كىتابى بار(37).
ئامبروزنىڭ نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ مۇقەددىسى ئامبروز «قىزلار ھەققىدە / De Virginibus» ناملىق ئەسىرىدە ھىجاب ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭدىكى ئىبارىلەر ئۇنىڭ ھىجابنى بارلىق ئاياللارغا مەجبۇرىي دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قاتتىق، ئاگاھلاندۇرۇش تىلىدا: «تەبىئەت ياكى ئۆرپ – ئادەت يېپىشقا بۇيرۇغان ئەزالارنىڭ يالىڭاچلىقىنى كۆرسىتىشتىكى نالايىق ھەرىكەتلەر، كۆزنى قويۇۋېتىش، بوينىنى تولغاش ۋە چېچىنى قويۇۋېتىشتىنمۇ شەھۋەتنى قوزغايدىغان نەرسە بارمۇ؟» دېگەن(38).
«تەۋبە ھەققىدە / De Paenitentia» ناملىق كىتابىدا: «ئۆرپ – ئادەتنىڭ ئۆزى بىزگە ئۆگەتسۇن. ئايال يۈزىگە نىقاب تارتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھايا – ئىسمىتى جامائەت سورۇنىدا قوغدىلىپ، يۈزى ياشلارنىڭ تىكىلىپ قارىشىغا ئاسانلىقچە دۇچ كېلىپ قالمىسۇن. ئەگەر ئايال (تاسادىپىي بولسىمۇ) كۆرمەسلىك ياكى كۆرۈنمەسلىك ئۈچۈن بېشىنى ياغلىق بىلەن ياپىدىكەن (چۈنكى باش يېپىلسا يۈزمۇ يېپىلىدۇ)، تېخىمۇ مۇھىمى، جامائەت سورۇنىدا ئۆزى ئۈچۈن يوشۇرۇن جاي secret place تاللىۋالغۇدەك دەرىجىدە، ئۆزىنى ئىپپەت – نومۇس كىيىمى بىلەن يېپىشى كېرەك» دېگەن(39).
توماس ئاكۋىناس
توماس ئاكۋىناس Thomas Aquinas (م. 1225 – 1274). ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئەڭ چوڭ كاتولىك ئىلاھىيەتچىسى. چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاۋگۇستىننىڭ مىراسلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە چاقىرغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرىدىن(40)، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ۋە مەزھەبلىرى ھەققىدە كەڭ بىلىمگە ئىگە. كۆپىنچە پىكىرلىرىنى «ئىلاھىيەت خۇلاسىسى / Summa Theologica» ناملىق كىتابىدا خاتىرىلىگەن، ئۇنىڭدا ئۆز زامانىدىكى كىشىلەرنى مەشغۇل قىلغان ئىلاھىيەت مەسىلىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تىلغا ئالغان. پاپا 13 – لېئون 1879 – يىلى ئۆزىنىڭ ھۆججىتى ÆterniPatris دە توماس ئاكۋىناسنىڭ پىكىرلىرىنىڭ كاتولىك چېركاۋىنىڭ رەسمىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان(41).
توماس ئاكۋىناسنىڭ نەزەرىدىكى ھىجاب
چېركاۋ مۇقەددىسى توماس ئاكۋىناس چېركاۋ مۇقەددىسى ئاۋگۇستىننىڭ دوستى پوسىدىيوغا يازغان — بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان — خېتىدىكى ھىجابقا ئائىت قىسىمنى مەنىسى ياكى دەلىللىرىنى رەت قىلماي نەقىل كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەگەر ئايال ھىجابنى ۋاجىب دەپ قارايدىغان مۇھىتتا ياشىسا، ھىجابنى سېلىۋەتسە گۇناھكار بولىدىغانلىقىنى قوشقان. «ئەگەر ئۆرپ – ئادەت ھىجابنى سېلىۋېتىشنى رەت قىلمىسا، بۇ ئۆرپ – ئادەت ‹ماختاشقا لايىق ئەمەس non sit laudabilis› بولسىمۇ، ئايال بۇ ھالەتتە گۇناھكار بولمايدۇ» دېگەن(42).
توماس ئاكۋىناسنىڭ دېگەنلىرىدىن ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خرىستىيان ئاياللىرىنىڭ گۇناھكار بولىدىغانلىقى چىقىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھىجابنى ۋاجىب دەپ قارايدىغان مۇھىتتا ھىجاب كىيمەيدۇ!
ئاتىلار دەۋرىدىن كېيىن چېركاۋ ھىجاب پەرزىنى ساقلاپ قالالمىغان، يېڭى ھۆكۈملەردە بوشاڭلىق پەيدا بولغان. پروتېستانت ئېقىمى پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ ئۆلىمالىرى پاپالارنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن دۆلەتلەردە كەڭ تارقالغان ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، ئاياللار ئۈچۈن ئىپپەت – نومۇس مەسىلىسى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر قىسىم پروتېستانت ئۆلىمالىرى كىيىم – كېچەككە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ خرىستىيانلىقتىكى مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ پىكىر ئۇلارنىڭ شەخسىي ھاياتىدىمۇ نامايەن بولغان. مەسىلەن، مارتىن لۇتېرنىڭ ئايالى كاتارىنا ۋون بورا Katharina von Bora راھىبەلىكنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىنمۇ باش ياپقۇچ كىيىشنى داۋاملاشتۇرغان. جون نوكس John Knox ۋە كالۋىن قاتارلىق پروتېستانت مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچى چوڭ ئۆلىمالىرى ھىجاب پەزىلىتىنى ئۇلۇغلىغان. كالۋىن: «ئەگەر ئاياللارنىڭ بېشى ئوچۇق يۈرۈشىگە يول قويۇلسا، ئۇلار پۈتۈن كۆكرىكىنى ئېچىشنى ھالال دەپ قارايدىغان، ئۆزلىرىنى ھايا قىلماي كۆرگەزمە قىلغاندەك كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىپپەت – نومۇس ۋە ھاياغا ئورۇن قالمىغىدەك دەرىجىدە بەنت بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن(43).
چېركاۋ يىغىنلىرىدىكى ھىجاب
مىلادىيە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چېركاۋ مۇقەددىسى پاترىكنىڭ رەھبەرلىكىدە چاقىرىلغان ئىرېلاندىيە يىغىنىنىڭ بەشىنچى قانۇنىدا پوپنىڭ ئايالى «ئۆيدىن چىققاندا چوقۇم ھىجاب كىيىشى كېرەك» دەپ بېكىتىلگەن(44). بۇ پوپ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.
چېركاۋ ئەنئەنىسىدىكى ھىجاب
ئەقىل ئىگىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مىسسىئونېرلار مۇسۇلمان ئاياللىرىنى چېچىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشتىن تارتىنمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆز ئۆيلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرىنى مەسىھنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئىسلامىي كىيىم كىيگەن، ئەۋرىتىنى يۆگىگەن رەسىملىرى بىلەن تولدۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار «ئادىل» ۋە «ئىنساپلىق» بولسا، نېمىشقا مۇسۇلمان ئاياللىرى كىيگەن كىيىمنى كىيگەن ئۆزلىرىنىڭ «ئىلاھىنىڭ ئانىسى»نى مەسخىرە قىلمايدۇ؟!(45)
دەسلەپكى ئەسىرلەردىكى چېركاۋنىڭ خرىستىيانلارغا يۈرگۈزگەن ھۆكۈملىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم قەدىمكى كىتابلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمىزدە، ھىجابنىڭ ئايال كىشى ئۆيدىن چىقىپ ئەرلەرنىڭ ئالدىدا بولغاندا كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان ئىلاھىي پەرز ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.
دىداسكالىيا
«دىداسكالىيا / Didascaliya» كىتابى دەسلەپكى چېركاۋلار ۋە بۈگۈنكى مىسىر ۋە ھەبەش ئورتودوكس چېركاۋلىرىنىڭ ئىبادەت، قانۇن ۋە خۇلق – مىجەز جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە، بۇ كىتابتا مەسىھنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ نۇرغۇن ئىبادەت ۋە خۇلق – مىجەز تەلىملىرى جەم بولغان(46). ئۇنىڭدا ئايال كىشىنىڭ ھىجابلىنىشىنىڭ كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن:
«ئەي خرىستىيان ئاياللار! ئەگەر مۇئمىن بولۇشنى خاھلىساڭلار، ئۇ ئاياللارغا ئوخشىۋالماڭلار. پەقەت ئېرىڭنى رازى قىلىش ئۈچۈن تىرىشقىن. يولدا ماڭغاندا بېشىڭنى ياپقۇچ بىلەن ياپ، چۈنكى ئىپپەت بىلەن يېپىنساڭ ئەسكىلەرنىڭ نەزەرىدىن ساقلىنىسەن».
ھەتتا نىقاب ھەققىدىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: «مۇئمىن ئايال ئەرلەر بىلەن بىر يەردە يۇيۇنمىسۇن. يۈزىنى ياپسا، يات ئەرلەرنىڭ قارىشىدىن قورقۇپ ياپسۇن!»(47) سۇرىيانىچە تەرجىمىسى تېخىمۇ ئېنىق: «ئەگەر شەھەر ياكى مەھەللىدە ئاياللار ھاممىمى بولسا، مۇئمىن ئايال ئەرلەر بىلەن بىر يەردە يۇيۇنۇشقا بارمىسۇن؛ يات ئەرلەر ئالدىدا يۈزۈڭنى ئىپپەت ياپقۇچى بىلەن ياپىدىغان تۇرساڭ، يات ئەرلەر بىلەن قانداقمۇ ھاممامغا بارىسەن؟»(48)
«دىداسكالىيا»دا يەنە: «مېڭىشىڭدا يۈزۈڭ تۆۋەنگە قارىسۇن، بېشىڭنى ئېگىپ ھەممە تەرەپتىن يېپىنغان بولغىن!» دېيىلگەن(49).
ئەلچىلىك مىراس
«ئەلچىلىك مىراس / Apostolic Tradition» كىتابى چېركاۋ ئەنئەنىسىدە رىملىق ئىلاھىيەتچى چېركاۋ مۇقەددىسى ھىپپولىتۇسقا(50) نىسبەت بېرىلىدۇ. مىسىر ئورتودوكس چېركاۋى ئۇنى دىنىي مۇراسىملار جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. ئۇ «چېركاۋ ھۆكۈملىرى، دىنىي مۇراسىملار، چېركاۋ دەرىجىلىرى، ئافخارىستىيە خىزمىتى ۋە چۆمۈلدۈرۈش ھەققىدە سۆزلەيدۇ»(51) ھەمدە ئىككىنچى ئەسىر ۋە ئۈچىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
«ئەلچىلىك مىراس» كىتابىدا ئايال كىشىنىڭ ئىبادەت ۋاقتىدا كىيىدىغان ھىجابى چوقۇم قېلىن بولۇشى كېرەكلىكى: «پەقەت بىر پارچە كەندىر رەخت بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ يېپىش ھېسابلانمايدۇ» دەپ كەلگەن(52). «خرىستىيانلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى The Origins of Christianity» كىتابىنىڭ ئاپتورلىرى بۇ يەردىكى ھىجاب مەجبۇرىيىتى «كۆرۈنۈشتە ھەر ۋاقىتقا Apparently at all times» ئائىت ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇ پەقەت چېركاۋ ئىبادىتىگىلا خاس ئەمەسلىكىنى ئېيتقان(53).
ئەلچىلىك پەرمانلار
تۆتىنچى ئەسىرگە تەۋە بولغان ۋە بەزى ئەرەبچە مەنبەلەردە «ئەلچىلىك پەرزلەر /The Apostolic Constitutions»([54^]) دەپمۇ ئاتىلىدىغان «ئەلچىلىك پەرمانلار» كىتابىدا — مىسىر ئورتودوكس چېركاۋى ئۇنى دەسلەپكى قانۇن مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ — :«كوچىدا بولغىنىڭدا بېشىڭنى ياپ، چۈنكى بۇ يېپىنىش بىلەن تەمتىرەپ يۈرگەنلەرنىڭ كۆرۈشىدىن ساقلىنىسەن»؛ «ئەگەر ئۇنى (ساماۋى يېرىڭنى) رازى قىلىشنى خاھلىساڭ، كوچىدا بولغىنىڭدا بېشىڭنى ياپ، يۈزۈڭنى ياپ، بىمەنە قاراشلارنى توسقىن»؛ بۇ ھۆججەتتە يەنە باشقا بىر ئورۇندا ئايالنىڭ ئەرلەر بار يەردە يۇيۇنۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ھەققىدە: «ئايال كىشى يات ئەرلەردىن يۈزىنى يېپىپ ھايا بىلەن يوشۇرۇشى كېرەك تۇرسا، قانداقمۇ ھاممامدا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىدۇ؟» دېيىلگەن(55).
سەفەۋىي توپلىمى
مىسىر ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ ئەڭ مۇھىم قانۇن مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان «سەفەۋىي توپلىمى»دا: «يولدا ماڭغىنىڭدا بېشىڭنى ياپقۇچۇڭ بىلەن ياپ، ئىپپەت بىلەن يېپىن، بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ئەسكى كىشىلەردىن ساقلايسەن. يۈزۈڭنى پەردازلىما، چۈنكى سەندە زىننەت كەم ئەمەس. يۈزۈڭ تۆۋەنگە قارىسۇن، بېشىڭنى ئېگىپ ھەر تەرەپتىن يېپىنغان بول» دېيىلگەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى: «ئۆزىگە قارىغۇچىدا ناچار شەھۋەتنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇناھنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، چۈنكى: ‹كىمكى بىر ئايالغا شەھۋەت بىلەن قارىسا، قەلبىدە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ› («مەتتا»(56) ئىنجىلى 5: 27) دېگەن ۋەسىيەتكە خىلاپ بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن(57).
شۈبھە
خرىستىيانلاردىن بىرى چېركاۋ ئاتىلىرى قارار قىلغان ۋە چېركاۋ ئەنئەنىسى ئىسپاتلىغان نەرسىنىڭ (1) پەقەت ۋاقىتلىق ئىجتىھاد، (2) بۇرۇنقىلار ياشىغان مۇھىتقىلا خاس دېيىشى مۇمكىن!
جاۋاب:
بۇ ئېتىراز ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتكە يۈزلىنىشتىن قېچىشتۇر، چۈنكى:
— چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ سۆزلىرى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىردەك كەلگەن سۆزلىرى كاتولىك چېركاۋى ۋە ئورتودوكس چېركاۋلىرىدا خاتالىقتىن خالىي قانۇن مەنبەلىرىدىن سانىلىدۇ. ئاتىلاردىن ھېچكىم باشنى ئېچىشنىڭ ھالاللىقىنى ئوچۇق بايان قىلمىغان، ئىسلامغا مۇناسىۋەتسىز غەربلىك مۇھاكىمىچىلەر ئاتىلارنىڭ بۇ پەرزدە بىردەك بولغانلىقىنى نەقىل قىلغان.
— ئەگەر مۇنازىرە ئۈچۈن باشقا ئاتىلارنىڭ يۈزنى ئېچىشنىڭ ۋاجىبلىقى، ياخشىلىقى ياكى جائىزلىقى ھەققىدە سۆزلىرى بار دەپ پەرەز قىلساقمۇ، بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ ئۇنى ۋاجىب دەپ قارىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ. ئەسلى چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ ئىماملىرىنىڭ سۆزىنى ئېلىش كېرەك، ئاز ساندىكىلەرنىڭ — ئەگەر بار بولسا — ئىجتىھادلىرىغا ئەگەشمەسلىك كېرەك!
— چېركاۋ ئاتىلىرى سۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى رەت قىلىدىغان پروتېستانت مەزھىبى مۇقەددەس روھنىڭ ھەرقانداق ئىجتىھادنى توغرىلىققا ماس كېلىشى ئۈچۈن يېتەكلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. چېركاۋنىڭ ئىماملىرى، ئۇلۇغلىرى ۋە ئەڭ پاكلىرى بولغان (پروتېستانت ئىماملىرىنىڭمۇ ئېتىقادىدىكى) ئاتىلارنىڭ ھىجاب ئىشىدا بىردەك بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا مۇقەددەس روھ ئۇلاردىن يوقاپ كەتكەنمىدى؟!!
— چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ سۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆز رېئاللىقىغىلا پەتىۋا بەرگەنلىكىگە ھېچقانداق پاكىت يوق. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۇلار سۆزلەۋاتقان كىيىمنىڭ ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندىكى ئايالنىڭ كىيىمى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلغان. دەسلەپكى چېركاۋ قانۇنىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق.
— چېركاۋ ئاتىلىرىنىڭ خرىستىيانلىقتىكى ئايالنىڭ شەرىئەت كىيىمىنىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىشىدىكى چوڭ سەۋەب پىتنىنى توسۇش ۋە جىنسىي بۇزۇقچىلىققا چەك قويۇشتۇر. بۇ سەۋەبنى زامان ئۆزگىرىشى ياكى ماكان ئۆزگىرىشى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ، چۈنكى ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدىكى پىتنە ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا بىر خىل پىتنىدۇر، جىنسىي بۇزۇقچىلىق ھەرقانداق ۋاقىت ۋە مۇھىتتا يىرگىنچلىكتۇر.
ھازىر ئۆزىنى زورلاپ قويۇۋاتقان سوئال: مىسىردىكى ئورتودوكس خرىستىيان ئاياللىرى نېمىشقا چۈمبەل ئارتمايدۇ — ياكى يۈزدىن باشقا پۈتۈن بەدىنىنى ياپمايدۇ — ھالبۇكى ھىجاب كىيىشنىڭ مەجبۇرىيلىكى ۋە قەتئىيلىكى ئەلچىلەردىن كەلگەن ئەنئەنىدە بار تۇرسا؟ بۇ ئەنئەنىنى مىسىر ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ پاپىسى ئۈچىنچى شېنۇدا: «مۇقەددەس كىتابتا يېزىلىپ قالدۇرۇلغان سۆزلەردىن باشقا، ئەلچىلىك ۋە ئاتىلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق بىزگە يەتكەن بارلىق تەلىم مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا زىت كەلمەيدىغان مەزمۇنلاردا» دەپ تەرىپلىگەن ۋە ئۇنى «چېركاۋنىڭ ھاياتى ياكى تىرىك چېركاۋ» دەپ سۈپەتلىگەن تۇرسا؟!! ئۇنداقتا مىسىردىكى خرىستىيان ئاياللىرىنىڭ ھىجاب ياكى چۈمبەلنى تاشلىۋېتىشى دىننى ۋەيران قىلىش ۋە «تىرىك چېركاۋ»نى ئۆلتۈرۈش ھېسابلانمامدۇ؟!!!(58)
خرىستىيان تارىخىدىكى ھىجاب
«خرىستىيان قەدىمكىلىكى لۇغىتى Dictionnaire des antiquités chrétiennes» دەسلەپكى خرىستىيانلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ھەققىدە توختىلىپ: «ئومۇمەن، ئەرلەر جامائەت سورۇنلىرىغا بېشى ئوچۇق چىقاتتى، ئاياللار ھىجاب كىيەتتى En général, les hommes se montraient en public tête nue, et les femmes voilées» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن(59). «خرىستىيان قەدىمكىلىكى لۇغىتى A Dictionary of Christian Antiquities» بۇ ئىشنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، خرىستىيان ئاياللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە ئورنىغا ماس كېلىدىغان باش ياپقۇچ كىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان(60).
2008 – يىلى ئېلېكترونلۇق برىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيەسى «ياغلىق wimple» ماقالىسىدە ياۋروپادىكى ئاياللارنىڭ 12 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 14 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كەڭ كۆلەمدە باش، بويۇن، مەڭىز ۋە ئېڭەكنى ياپىدىغان ياغلىق كىيگەنلىكىنى، بۇنىڭغا — ئېنسىكلوپېدىيەنىڭ دېيىشىچە — سەلىبچى ئەسكەرلەرنىڭ مۇسۇلمانلار زېمىنىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان(61). كىيىمدىكى بۇ شەكىل چېركاۋ ھۆكۈملىرىگە خىلاپ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئىلگىرىكى ھىجاب بۇيرۇقلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، شەكىل جەھەتتىن ئىسلام دۇنياسىدىن كەلگەن يېڭى «مودا» بولغان.
مىسىر ئورتودوكس ئاياللىرى پۈتۈن تارىخىدا 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھىجاب كىيگەن. بۇنى «ئايال ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى /Encyclopedia of Women and Islamic Cultures»دىكى مىسىردىكى ئايال ھەققىدىكى ماقالىسىدە — ئىسمىدىن خرىستىيان ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرغان — فىبى ئارمانىئۇس: «تارىختا قىبتى ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىككىلىسى 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە نىقاب كىيگەن Historically, both Coptic and Muslim women wore the veil until the turn of the twentieth century» دەپ نەقىل قىلغان(62). 1867 – يىلى نەشر قىلىنغان ئىنگلىز ئېنسىكلوپېدىيەسى / The English Cyclopaedia بىزگە شۇ زاماندا مىسىردىكى ئومۇمەن خرىستىيان ئاياللىرىنىڭ (قىبتىلار دەپ ئاتىغان) نىقاب كىيىدىغانلىقىنى نەقىل قىلغان(63).
بۈگۈنكى كۈندە بەزى خرىستىيان مەزھەبلىرى — مەسىلەن مېننونىتلار(64) ۋە ئامىشلار(65) — چېركاۋ رەھبەرلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن باش يېپىش ئىشىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار باش يېپىشنى ئايالنىڭ ئەرگە ۋە رەبكە بويسۇنۇشىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ(66)، بۇ دەل پاۋلۇسنىڭ ئەھد جەدىدتىكى چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئوخشاش.
[يازدا يىغىلغان ئىككى ئامىش ئايال]ئەڭ ئاخىرىدا ئومۇمەن خرىستىيانلارغا مەنتىقىلىق بىر سوئال قويايلى: «قايسىسى ئەقىل ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن: كاتولىك ۋە ئورتودوكسلارنىڭ: ‹راھىبەنىڭ قىيامەت كۈنى مەسىھنىڭ كېلىنى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بېشىنى يېپىپ، كەڭ، رەڭسىز كۆينەك كىيىدۇ› دېگىنىمۇ ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ: ‹ئايالنىڭ ئۆزىنى يېپىشى ھەرقانداق ياخشى ئايالغا ئىپپەت – نومۇس ھۆكمى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئەرلەرنىڭ ئاياللار بىلەن پىتنىگە چۈشۈپ قېلىشىنى توسۇش، دۇنيادا كىشىلەر ئارىسىدىكى پەزىلەتنى قوغداش› دېگىنىمۇ؟!!»
بۇ سوئال ئاڭلىق قىز ياكى ئايالدىن ئاقىلانە جاۋابقا موھتاج!
خۇلاسە قىلساق، ئەگەر خرىستىيانلار دىنىغا سادىق ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ياراملىقلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئۇلار ئۇلۇغ قۇرئاندىكى ھەقىقەتنى قارىلاش ئورنىغا، ئۆز دىنىدىكى ھىجاب بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك!!!
ئەڭ ئاخىرىدا… ئەي ھىجابلىق ئايال! ساڭا دەيمەنكى:
ئىپپەتتە ئۆرلەڭ يۈكسەكلەر تامان ئورىنىپ مېھىر پەرەنجىسىدە
يالىڭاچ قالسا ئۈنچە قېپىدىن قەدىرلەنمەيدۇ سەدەپتىكىدەك
«ئى ئاللاھ! يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!
ئى ئاللاھ! يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!
ئى ئاللاھ! يەتكۈزدۈممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن!»
ئاخىرقى سۆز
«ھەممە ئىش ئاياغلاشقاندا شەيتان ئېيتىدۇ: ‹ئاللاھ سىلەرگە ھەق ۋەدىنى قىلغان ئىدى، مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، لېكىن مەن ۋەدەمدە تۇرمىدىم. مېنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھېچقانداق ھۆكۈمرانلىقىم يوق ئىدى، پەقەت سىلەرنى (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرەلمەيسىلەر. سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملارغا قاتتىق ئازاب باردۇر›. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ) سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، دەپ سالام بېرىدۇ»(14/«ئىبراھىم»: 22، 23).
دوكتور سامىي ئامىرىي
ھىجاب ئىسلام، يەھۇدىيلىك ۋە خرىستىيانلىقتا ئاللاھنىڭ شەرىئىتى
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمەسى
1. «ئىبرانىيلەرگە مەكتۇب»: 7: 18، 19.
2. «يېڭى ئەھد» (العَهدُ الجَدِيد/The New Testament): خرىستىيانلاردىكى «مۇقەددەس كىتاب» (The Bible) نىڭ ئىككىنچى قىسمى بولۇپ، «مەتتا»، «ماركۇس»، «لۇكا» ۋە «يۇھاننا» ئىنجىللىرىدىن ئىبارەت مەشھۇر تۆرت ئىنجىل، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەمەللىرى، پاۋلۇسنىڭ 14 رىسالەسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ھەۋارىيلەرنىڭ 7 رىسالەسى ۋە چۈش رىسالەسىدىن ئىبارەت 27 كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «مُعْجَمُ مُصطَلَحَاتِ العُلُومِ الشَّرعِيَّةِ (ﺷﻪﺭﺋﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘلىرى ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ)»، 1163 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھەرچىسى، رىياد، م. 2017. – ت.
3. «دىداسكالىيا تەلىماتلىرى Didascalia Apostolorum»، ئەرەبچە، تەرجىمەدە: ماركوس داۋۇد، مۇھەببەت كۇتۇبخانىسى نەشرى، 3 – باسمىسى، قاھىرە، م. 1979. 26 – 29 – بەتلەر.
4. Tertullian, ‘On Prayer,’ in The Ante-Nicene Fathers, Edinburgh: T. & T. Clark, 1869, 11/197-198.
5. Dio Chrysostom, Discourse 33.48 (Quoted by, Karen L. King, ed. Images of the Feminine in Gnosticism, Pennsylvania: Continuum International Publishing Group, 2000, p.277).
6. Charles Hodge, Commentary on the First Epistle to the Corinthians, Michigan: Wm. B. Eerdmans Publishing, 1994, p.209.
7. John Duncan Martin Derrett, Studies in the New Testament: Glimpses of the Legal and Social Presuppositions of the Authors, Leiden: Brill, 1977, p.171.
8. A. Rousselle, ‘Body Politics in Ancient Rome,’ in G. Duby and M. Perrot, eds.A History of Women in the West, I: From ancient Goddesses to Christian Saints, Cambridge, Mass.: Harvard, 1992, p.315, D. B. Martin,The Corinthian Body, New Haven: Yale University Press, 1995, 229-249 (Quoted by, Anthony C. Thiselton, The First Epistle to the Corinthians: a commentary on the Greek Text, Michigan: Wm. B. Eerdmans Publishing, 2000, p. 801)
9. Plutarch, Quoest. Rom. Xiv (Quoted by, Frédéric Louis Godet, Commentary on the First Epistle of ST. Paul to the Corinthians, tr. A. Cusin, Michigan: Zondervan Publishing House, 1957 , 2/104)
10. ئۇلاردىن بۇ تەسەۋۋۇرنى كۆزگە كۆرۈنگەن كاتولىك تەتقىقاتچى فىتزميېر Fitzmyerبىلەن تەتقىقاتچى ھ. ج. كادبۇرىي H. J. Cadbury نەقىل قىلغان. قاراڭ:
Gordon D. Fee, The First Epistle to the Corinthians, Michigan: Wm. B. Eerdmans Publishing, 1996, p.521.
11. مىسال ئۈچۈن قاراڭ: مىلادىيە 2 – ئەسىردىكى ئاتىنالىق خرىستىيان پەيلاسوپ ئاسناغوراس Αθηναγόρας ο Αθηναίος قا نىسبەت قىلىنغان، ئىمپىراتور ماركوس ئورلىيوسنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھۇزۇرىدا سۆزلەنگەن مەشھۇر نۇتۇق. قاراڭ:
Athenagoras, A Plea for the Christians, in the Ante Nicene Fathers, Buffalo: The Christian Literature Publishing Company, 1885, 2/146.
12. بۇ يەردىكى پەرىشتىلەرنىڭ مەناسى ھەققىدە دەتالاش دائىرىسى بەكلا كەڭ. بەزىلەر: «ناچار پەرىشتىلەر»، بەزىلەر: «سالىھ پەرىشتىلەر»، بەزىلەر: «چېركاۋغا كېلىدىغان پەرىشتىلەر»، بەزىلەر: «چېركاۋدىكى پوپلار»، بەزىلەر: «مۇئمىننى ھەر يەردە قوغدىغۇچى پەرىشتىلەر» دېگەن. قاراڭ:
Thomas Charles Edwards, A Commentary on the First Epistle to the Corinthians, London: Hodder and Stoughton, 1885, pp. 277-288
قانداقلا بولمىسۇن، توغرىسى، تەتقىقاتچى توماس چارلىز ئىدۋاردىس Thomas Charles Edwards دېگەندەك، ئۇ پەرىشتىلەرنى چېركاۋغا كېلىدىغان پەرىشتىلەرگىلا قارىتىۋالماسلىقتۇر. چۈنكى، پاۋلۇس ئىتائەت قىلىشنىڭ تەبىئىي تۈزۈمى ھەققىدە سۆز قىلغان بولۇپ، پەرىشتىلەر چېركاۋغا ۋە باشقا جايلارغا ئاشۇ تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇنداقلا پەرىشتىلەر مۇقەددەس كىتابتا تەسۋىرلەنگەندەك جاھاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار بولىدۇ. قاراڭ: يۇقىرىقى مەنبە، 278 – بەت.
13. The New Living Translation نىڭ تەرجىمىسى كۆزدە تۇتۇلغان مەنانى ئىپادىلىگەن بولدى.
14. Joyce E. Salisbury, Church Fathers, Independent Virgins, London: Verso, 1992, p. 105.
15. Jorunn Økland, Women in their Place: Paul and the Corinthian Discourse of Gender and Sanctuary Space, London: Continuum International Publishing Group, 2004, p.174.
16. William Smith, and Samuel Cheetham, eds. A Dictionary of Christian Antiquities, London : J. Murray, 1893, 1/761.
17. Alvin J. Schmidt, Op. Cit., p. 134.
18. قاراڭ: ئادىل فەرەج ئابدۇلمەسىھ: «چېركاۋ ئاتىلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى»، قاهىرە، دارۇسسەقافە نەشرى، 2. باسمىسى، م. 2006، 2/154 – 197.
John R. Tyson, Invitation to Christian Spirituality, New York: Oxford University Press, 1999 , p.63.
19. The Ante-Nicene Fathers, 1885, 4/35 – 37.
20. The Ante-Nicene Fathers , 1869, 1/339.
21. Tertullian, ‘On Prayer,’ in The Ante-Nicene Fathers, Edinburgh: T. & T. Clark, 1869, 11/197-198.
22. Hubertus R. Drobner, The Fathers of the Church: A Comprehensive Introduction, tr. Siegfried S. Schatzmann, Massachusetts: Hendrickson Publishers, 2008 , pp.132-136.
23. م. 4 – ئەسىردە ۋاپات بولغان. ئېپىسكوپ مەرتىۋىسىدىكى چېركاۋ يازغۇچىسى.
24. James Donaldson, Woman; Her Position and Influence in Ancient Greece and Rome, and Among the Early Christians, London: Longmans, 1907, p.151.
25. Tertullian, ‘the Instructor,’ in The Ante-Nicene Fathers, Buffalo: christian Literature Company, 1885, 2/290.
26. پروتېستانت مەزھەبى (Protestantism):: 16 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن گېرمانىيەلىك پوپ مارتېن لۇتېر Martin Luther (م. 1483 – 1546) باشچىلىقىدا بەرپا قىلىنغان چېركاۋغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ مەزھەبى بولۇپ، خرىستىيان دىنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەزھەبىدۇر. بۇلار كاتولىك پاپالىرىنىڭ كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدىغان قىلىقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كاتولىك چېركاۋلىرىدىن ئايرىلىپ چىققان. ئەگەشكۈچىلىرى دۇنيادا 360 مىليون ئەتراپىدىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۆز ئىچىدە يەتتە ئېقىمغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، خرىستىيانلىقنىڭ مەنبەسى (پاپالىق كېڭىشى ئەمەس) پەقەت مۇقەددەس كىتابتۇر، ‹مەغفىرەت چېكى› ئالدامچىلىقتۇر، پوپلارنىڭ ئۆيلىنىشى ۋاجىبتۇر. خرىستىيانلارنىڭ «بىر ئىلاھقا مەركەزلەشكەن ئۈچ ئىلاھ» ئەقىدىسىنى ئىزاھلاشتا شىرك ئېتىقادى كاتولىكلارغا قارىغاندا پروتېستانتلاردا سەل يەڭگىل. بۇلار ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەۋھىدكە مايىل ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، كېيىنچە خرىستىيانلارنىڭ بېسىمى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي، شىرك بىلەن كۇفۇرغا پاتقان. قاراڭ: ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلقىفارىي، «الْمُوْجَزُ فِي الْأَدْيَانِ وَالْمَذَاهِبِ الْمُعَاصِرَةِ (ھازىرقى زامان دىن ۋە مەزھەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان)»، 76، 77 – بەتلەر، دارۇسسۈمەيئىي، رىياد، ھ. 1413 / م. 1992. – ت.
27. The Columbia Encyclopedia, New York: Columbia University Press, 1950 p.120-121.
28. Augustine, Seventeen Short Treatises of S. Augustine Bishop of Hippo, Oxford: John Henry Parker, 1847, p. 334-335.
29. James Houston Baxter, Select Letters by Augustine, Ma: Harvard University Press, 1988, pp. 478-479.
30. Alvin J. Schmidt, Op. Cit., p. 134.
31. The Columbia Encyclopedia, 1015.
32. The Homilies of S t . John Chrysostom, Archbishop of Constantinople , Tr; members of the english church, Oxford: John Henry Parker, 1845, p. 356.
33. يۇقىرىقى مەنبە.
34. يۇقىرىقى مەنبە: 357 – بەت.
35. Nicene and Post-Nicene, NY: Christian Literature Publishing Co., 1889.) Revised and edited for New Advent by Kevin Knight. <http://www.newadvent.org/fathers/220126.htm.
36. The Homilies of S t . John Chrysostom, Archbishop of Constantinople , Tr; members of the english church, Oxford: John Henry Parker, 1845, p. 356.
37. The Encyclopaedia Britannica,1/ 798-799 (1910),The Oxford Dictionary of Saints, pp.20-21.
38. Ambrose, ‘Concerning Virgins,’ in The Nicene and Post-Nicene Fathers, New York: The Christian Literature Company, 1896, 10/385.
39. The Nicene and Post-Nicene Fathers ,10/340.
40. ئۇلاردىن ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ۋارىسى ھېسابلىنىدۇ.
41. Frank Thilly, History of Philosophy, New York: H. Holt and Company, 1914, pp. 191-203.
42. The Summa Theologica of St. Thomas Aquinas, Second and Revised Edition, 1920, Literally translated by Fathers of the English Dominican Province
http://www.newadvent.org/summa/3169.htm.
43. John Calvin, Men, Women and Order in the Church: Three Sermons, tr. Skolnitsky, p.12 (Quoted by, Ali Shehata, op. cit., p.261).
44. Alvin J. Schmidt, Op. cit., p.113
45. ئۇستاز جامال سۇلتاننىڭ بىر ماقالىسىدا مۇنداق كەلگەن: «ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گىئۇلىيانو ئاماتو ئۆز دىيارىدىكى مۇسلىمەلەرنىڭ ھىجابلىق كىيىنىشىگە ئېتىراز قىلالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ بەكلا ئاددىي بىر سەۋەب ئۈچۈندۇركى، ئۇ بولسىمۇ پاك قىز ھەزرىتى مەريەممۇ بېشىغا رومال ئارتقان ئىدى. ھالبۇكى ئۇ تارىختا ئۆتكەن ئەڭ مۇقەددەس (پاك ۋە ئۇلۇغ) ئايال، شۇنداقلا ئىسلام تەسەۋۋۇرى بويىچە ھەدىس شەرىفلەردە كەلگىنىدەك، ئىنسان ئەۋلادى ئىچىدىكى ئەڭ كامالەتكە يەتكەن تۆرت ئايالنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خەدىجە، فاتىمە ۋە فىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەلەر باردۇر. ئىتالىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىتالىيەدىكى مۇسۇلمان ئاياللاردا ۋە ھەتتا مۇسۇلمان بولغان ئەسلى ئىتالىيەلىك ئاياللاردا كەڭ تارقالغان ھىجابلىنىش ھادىسەسىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ خرىستىيان كۈلتۈرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۆسۈش دەپ قارىغان ئاشقىن ئىلمانىي (سېكۇلەر) يۆنىلىشكە تاقابىل تۇرغان ئىدى. مىنىستىرى گىئۇلىيانو ئاماتو ئۇلارغا: «پاك قىز ھەزرىتى مەريەممۇ ھىجابلىق تۇرسا، قانداقمۇ مەندىن ھىجابلانغان ئايالنى يەكلەشنى تەلەپ قىلىسىلەر؟» دېگەن. ئۇنىڭ ئەينەن سۆزى بويىچە، ھەقىقەتەن تارىخ بويىچە سۆيگۈدىن ئەڭ چوڭ نېسىۋىسىنى ئالغان ئايال بولمىش پاك قىز ھەزرىتى مەريەم ھەمىشە ھىجابلانغان ھالىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئىتالىيە مىنىستىرى ئاشقىن ئىلمانىيلەردىكى يەنە بىر ئاپەتنى پاش قىلغان. ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پاك قىز ھەزرىتى مەريەمنىڭ بېشىغا رومال ئارتقان ھالىتىدىكى رەسىملەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان، بۇ كۆرۈنۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا ئۇنىڭ ھىجابسىز، باشتاق رەسىملىرىنى تارقىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان يېڭى بىر كۈلتۈر ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر». قاراڭ: جامال سۇلتان، «پاك قىز ھەزرىتى مەريەمنىڭ ھىجابى»، 2007، 27 – ئىيۇن، «ئەلمىسرىييۇن» ئېلىكترونلۇق سەھىپىسى.
46. دىداسكالىيا (Didascaliya): گرېكچە تەلىماتلار مەنىسىدە. ئورتودوكس چېركاۋى بۇ كىتابنى مەسىھ ئىيسانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ چېركاۋ تۈزۈملىرى، ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ۋە خەلقلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنىڭ توپلىمى دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنى قەدىمدىن دەستۇر قىلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ كىتاب 12 ھەۋارىي ئەلچىلەر، ساماۋىي ئەلچى پاۋلۇس ۋە رەبنىڭ قېرىندىشى، ئىروسالىمنىڭ تۇنچى ئېپىسكوپى يەئقۇب ئىبنى يۈسۈفلەر تەرىپىدىن يېزىلغان. بۇ كىتاب چېركاۋ كىتابلىرى ئىچىدە مۇقەددەس كىتابتىن قالسىلا 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، بۇ كىتاب بەك قىس بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بېسىلمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنالماي قالغان.
47. «دىداسكالىيا تەلىماتلىرى»، ئەرەبچە، 27 – بەت.
48. Margaret Dunlop Gibson, The Didascalia Apostolorum in Syriac, London: C. J. Clay and Sons, 1903, p. 10. (ܝܖ).
49. «دىداسكالىيا تەلىماتلىرى»، ئەرەبچە، 210 – بەت.
50. ھىپپولىتۇس روما Hippolytus of Rome (م. 160 – 235): چېركاۋ ئەسەرلىرى ئۇنىڭ چېركاۋ قىددىسى ئىيرانيوسنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. خرىستىيانلىقنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تەئلىفتە ئەڭ مول ھوسۇللۇق يازغۇچىلاردىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. چېركاۋ ئۇنى شەھىدلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىدىن دەپ قارايدۇ. قاراڭ:
The Columbia Encyclopedia, p.898.
51. Dom B. Botte, Hippolyte de Rome: La Tradition Apostolique, dans ‘SourcesChrétiennes’ n: 11, Paris 1946.
52. Hippolytus, On the Apostolic Tradition, tr. Alistair Stewart-Sykes, New York: St Vladimir’s Seminary Press, 2001 , p. 104.
53. Charles Bigg, The Origins of Christianity, Oxford: Clarendon Press, 1909, p. 279.
54. 8 قىسىملىق كىتاب بولۇپ، «كاتولىكلىك ئىنسىكلوپىديەسى«: بۇ كىتاب 3 – ۋە 4 – ئەسىردىكى چېركاۋ ئەھۋالىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن مۇھىم تارىخى ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ They are to-day of the highest value as an historical document, revealing the moral and religious conditions and the liturgical observances of the third and fourth centuries» دەيدۇ. قاراڭ:
R. H. Cresswell, the Liturgy of the Eighth Book of ‘The Apostolic Constitutions’, p.9.
55. Alvin J. Schmidt, op. cit., 135.
56. مەتتا ئىنجىلى (Gospel of Matthew): ھەزرىتى ئىيسانىڭ 12 ھاۋارىيسىنىڭ بىرى بولغان رۇملۇق باجگىر مەتتا تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنجىلدۇر. «يېڭى ئەھد»نىڭ 4 كىتابىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، 28 بۆلۈم، 1168 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 52 – 68 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋمى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىنى ھەر تەرەپكە ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدە توختىلىدۇ. مەتتا «تەڭرىنىڭ ھەدىيەسى» دېمەكتۇر. قاراڭ: ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي: «ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام»، 12 – بەت، تەرجىمەسى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، 2 – نەشرى، ئىستانبۇل، ھ. 1443 / م. 2022. – ت.
57. قاراڭ: ئەبۇل فەزائىل ئىبن ئەلئەسسال: «سەفەۋىي توپلىمى»، ئارتودوكس قىبتىلىرى چېركاۋىنىڭ ئىكلىرىك ۋە ئىلاھىييات فاكولتېتى، د. ت. 2/148.
58. قاراڭ: ئۈچىنچى شېنۇدا: «سېلىشتۇرما ئىلاھىيات»، قاھىرە، م. 1992. 2 – باسمىسى، 50 -، 56 – بەتلەر.
59. Joseph Alexander Martigny, Dictionnaire des antiquités chrétiennes, Paris: Librairie de L. Hachette et Cie, 1865, p.653.
شامدىكى ھىمس، ھاما ۋە يېبرود رىم كاتولىكلىرى مېتروپولىتانى ئىزىدورا باتىھا Isidore Battikha 2009، 16 – نويابىر كۈنى ئەرەبچە «قۇددۇس گېزىتى» بىلەن قىلغان سۆھبىتىدە «مېتروپولىتان ئىزىدورا باتىھا: ئەگەر ھىجابلىنىش ئاللاھ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئۇچرىشىشقا ۋە تېخىمۇ گۈزەل ئىنسانىيەت تامان ئىلگىرىلەشكە ياردەمچى ۋاسىتە بولسا، ئۇنداقتا جىمى زېمىن ئاياللىرى ھىجابلانغاي» دېگەن تېما ئاستىدا مۇنداق دەيدۇ: «ھىجاب خرىستىيانلىق تارىخىدا پەرزگە ئوخشاشتۇر. بۇ پەرز يەھۇدىيلىك بىلەن خرىستىيانلىق ئوتتۇرىدىكى گىرەلىشىپ كېتىش تەسىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كەلگەندۇر. چۈنكى، ھەممىمىز خرىستىيانلىقنىڭ يەھۇدىيلىك ئىبادەتخانىسى ۋە يەھۇدىي جەمئىيىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىمىز. مەسىھنىڭ كېلىشىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن قەدىم بېشارەتلەر سەۋەبلىك يەھۇدىيلىك بىلەن خرىستىيانلىق ئوتتۇرىدىكى باغلىنىش ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر». «مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چېركاۋ بۈگۈن ھىجابنى چىڭ تۇتمىسىمۇ، ئۇنىڭ سىمۋوللۇقىنى چىڭ تۇتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتى راھىبەلىرىمىزنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر ھىجابلىنىشىدۇر. خرىستىيانلىق تارىخىدا ھىجاب بىر پەرز ئەمەل بولسىمۇ، بۈگۈن ھىجاب خرىستىيانلىقتا بىر سىمۋولغا ئايلىنىپ قالدى. خرىستىيانلىقنىڭ بەزى تارىخىي دەۋرلىرىدە ئايال كىشىنىڭ چېچىنى ئېرى ياكى ئەڭ يېقىن مەھرەملىرىدىن باشقىلارغا ئېچىشى ھازىر ئىسلامىيەتتە بولغىنىدەك نومۇس ئىش ئىدى». ئۇلىنىشى:
www.alquds.co.uk/archives/2009/11/11-16/qma.pdf.
60. William Smith, and Samuel Cheetham, eds. A Dictionary of Christian Antiquities, London : J. Murray, 1893, 1/761.
61. Wimple. “Encyclopædia Britannica. 2008. Encyclopædia”
Britannica Online Library Edition. 11 July 2008.
<http://www.library.eb.com/eb/article-9077146>.
62. Afsaneh Najmabadi and Suad Joseph, Encyclopedia of Women and Islamic Cultures, Leiden : Brill, 2003, 2/721.
63. Charles Knight, The English Cyclopaedia, London: Bradbury, Evans, 1867, 3/198.
64. مېننونىتلار Mennonite: ئانابىبتىست ئالىم ۋە يازغۇچى مېننو سايمونس (Menno Simons م. 1496– 1561) قا نىسبەت بولۇپ، مىنونىت ئىبارىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆز يىلتىزىنى مىلادىيە 16 – ئەسىردىكى ئانابىبتىست ھەرىكىتىگە تۇتىشىدۇ دەپ قارايدىغان خرىستىيان گورۇپپىلار توپلىمىنى كۆرسىتىدۇ. مىنونىتلارنىڭ ئاساسى تۆرت: 1. چوڭ مۇئمىنلەرنىڭ ۋافتىز قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش؛ 2. ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش؛ 3. مەسىھنىڭ خوجىلىقى؛ 4. چېركاۋ تەلىماتىنى چىڭ تۇتۇش. كۈنىمىزدىكى مىنونىتلارنىڭ سانى 900 مىڭغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى شىمالى ئامېرىكىدا ياشايدۇ. قاراڭ:
William H. Swatos, ed. Encyclopedia of Religion and Society, CA: Rowman Altamira, 1998, p. 294.
65. ئامىشلار The Amish: م. 1693 – يىلى جاكوب ئاممان Jakob Ammann ئىسىملىك پاپازنىڭ قولىدا مېننونىتلاردىن ئايرىلىپ چىققان بىر خرىستىيان تائىپە.
66. ئامىشلارنىڭ كىيىنىشى ھەققىدە قاراڭ:
Donald B. Kraybill, The riddle of the Amish Culture, Maryland: JHU Press, 2001 , revised edition, pp.60-63.