«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now
بۇ يەردىن:
«دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا» pdf
نەشر ئۇچۇرى (CIP) Muhammed el-Arifi/ Dünyanın Sonu
دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا (قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى) / نهاية العالم (أشراط الساعة الصغرى والكبرى)؛ دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمىسى؛ 1 – نەشرى 1 – بېسىلىشى (ئىستانبۇل)، ھ. 1446 / م. 2025؛ جەمئىي 396 بەت.
خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: ISBN 978-1-959397-88-5
I دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا (قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى) II دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي III ئەقىدە ئىسلام — ئۇيغۇرچە Ⅳ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمە ۋە تەئلىف ئەسەرلىرى – (10)
مۇئەللىف: دوكتور مۇھەممەد ئەلئەرىيفىي
تەرجىمە قىلغۇچى: «ساجىيە تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى
نەشـر قىلـغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
مۇھەررىرى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئە. توققۇزئوغۇز
كوررېكتورى: ئابدۇۋەلى ئابلىز، مۇھەممەد بارات
بەت ۋە مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى: ئا. ئاقھۇن
ئالاقىلىشىش ئادرېسى: saciyeder@gmail.com
ھ. 1446 / م. 2025 – يىلى 1 – نەشرى 1 – قېتىم بېسىلىشى (ئىستانبۇل)
نەشر ھوقۇقى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە تەۋە، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ خاھلىغانچە كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن
كىرىش سۆز
بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن! ئەڭ ئالىي ۋە ئەڭ گۈزەل دۇرۇد – سالاملىرىمىز ئەلچىلەرنىڭ سەردارى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابەلىرىگە بولسۇن!
مەقسەتكە كەلسەك، كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەئەينى ياقىلار ئېتەك، ئېتەكلەر ياقا بولۇپ قالغاندەك، مەتبۇئاتتا بولسۇن، تور دۇنياسىدا بولسۇن، ئاتالمىش كېلەچەك ۋەقەلەرگە ئىشارەت قىلىدىغان، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەت – ھەدىسلەر ئاساس قىلىنغان ھەر خىل توقۇلما سېنارىيەلەر، ئىغۋالار كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
ئىسلام ۋە مۇسۇلمان ئالەمىگە كېلىۋاتقان سىناقلار كۈچەيگەنسېرى كىشىلەر مەلۇم چىقىش يولى ۋەياكى خىلمۇخىل قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئىزدەشمەكتە. بەلكىم، سىزمۇ بەزىدە «مەھدىي چىقىشقا ئاز قاپتۇ» دېگەن خەبەرنى ئاڭلىسىڭىز، بەزىدە «يەھۇدىي ۋە خرىستىيانلار ھەققىدىكى چوڭ ھادىسەلەر يۈز بېرىشكە ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى»، يەنە بەزىدە «مەشرىق ياكى مەغرىبنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىدە يەر يۇتۇش ھادىسەسى يۈز بېرىپتۇ» دېگەندەك سۆز – چۆچەك، ھەر خىل گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقانسىز. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، تېخى يېقىندىلا ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىمدە، بىر زاتنىڭ شۇ يەردىكى خەلق ئىچىدە ئۆزىنى ئاسماندىن چۈشكەن مەريەم ئوغلى ئىيسا، دەپ دەۋا قىلغان ئىشلارنىڭ بولغانلىقىغىمۇ شاھىد بولدۇم.
شۇنىڭ بىلەن «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە چوقۇم چۈشەنچە بېرىش ۋە بۇ ئالامەتلەرنىڭ مەنىسى، ئېنىقلىمىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىش كېرەك ئىكەن» دېگەن قارارغا كەلدىم ۋە نەتىجىدە قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب پۈتۈپ چىقتى.
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابنى نەشر قىلىشتىن ئاۋۋال ئوقۇپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك مۇلاھىزە، تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىنى ئايىمىغان پەزىلەتلىك شەيخ سالمان ئىبنى فەھد ئەلئەۋدە، دوكتور ئابدۇلئەزىز ئال ئابدۇللەتىف، شەيخ مۇھەددىس ئابدۇلئەزىز ئەتتەرىيفىي ۋە باشقا قېرىنداشلارغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
ئاللاھ تائالادىن بۇ كىتابنى مەنپەئەتلىك ۋە ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەجرلەر قاتارىدىن، ھەمدە قىيامەت كۈنى بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈن شاھىد بولىدىغان مەنپەئەتلىك ئىلىم جۈملىسىدىن قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن. ئامىن!
دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي
پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەقىدە ۋە ھازىرقى زامان دىن – ئېقىملار پەنلىرى پروفېسسورى،
ئىسلام تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى
ھ. 1431، مۇھەررەم / م. 2010، يانۋار