udunya3

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئۇ دۇنيا»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now
بۇ يەردىن:
«ئۇ دۇنيا» pdf

نەشر ئۇچۇرى (CIP)

. Muhammed el-Arifi/ Öbür Dünya

ئۇ دۇنيا (كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار) / العالم الأخير (أحداث القيامة الصغرى والكبرى وما بعده)؛ دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمىسى؛ 1 – نەشرى 1 – بېسىلىشى (ئىستانبۇل)، ھ. 1446 / م. 2025؛ جەمئىي 566 بەت.

خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: ISBN 978-1-959397-94-6

I ئۇ دۇنيا («قۇرئان» ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئاساسىدا كىچىك قىيامەت ۋە چوڭ قىيامەتنىڭ ھادىسەلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار) II  دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي  IIIئەقىدە ئىسلام — ئۇيغۇرچە Ⅳ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمە ۋە تەئلىف ئەسەرلىرى – (11)

 

مۇئەللىف: دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي

تەرجىمەقىلغۇچى: مۇھەممەد بارات

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

مۇھەررىرى: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئە. توققۇزئوغۇز

كـوررېكتورى: ئابدۇۋەلى ئابلىز، مۇھەممەد بارات

مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى: ئا. ئاقھۇن

ئالاقىلىشىش ئادرېـسى: saciyeder@gmail.com

ھ. 1446 / م. 2025 – يىلى 1 – نەشرى 1 – قېتىم بېسىلىشى (ئىستانبۇل)

نەشر ھوقۇقى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە تەۋە، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ خاھلىغانچە كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن

كىرىش سۆز

 

بىر يىگىت ماڭا بىرقانچە قېتىم تېلېفون قىلدى. بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. ئۇ تېلېفونۇمغا ئارقا – ئارقىدىن ئۇچۇر يوللىغىلى تۇردى.

مەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، قارشى تەرەپ تولىمۇ جىمجىت بولۇپ، ئاۋازىدىن بەك غەمكىن ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.

ئۇ ماڭا ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

— ئۇستاز، ئۆلگەندىن كېيىن نەگە بارىمىز؟

— ئەجەبلىنەرلىك گەپقۇ! ئۆلىمىز، ئاندىن قايتىدىن تىرىلىمىز، ئاندىن قىيامەت مەيدانىغا ھەشر قىلىنىمىز ۋە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىمىز، ئاندىن… — مەن شۇنداق دېدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دەرھاللا گېپىمنى ئۈزۈۋەتتى ۋە گاڭگىراش ئىچىدە مۇنداق دېدى:

— ئىشەنمەيمەن، ئىشەنمەيمەن.

گەپ قىلىش ئۇسلۇبىدىن ئۇنىڭ بەزى كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ قېلىپ ياكى ئاللىقانداق توغرا بىلەن خاتا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن تور بەتلەرگە كىرىپ قېلىپ تېڭىرقاپ قالغان ياكى توغرا ئىلىم ۋە ھۆججەت – دەلىللەرنى بىلمەي تۇرۇپ دىنسىزلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يېڭىلىپ قالغان بىر ياش ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم:

— بالام! نېمە ئۈچۈن ئىشەنمەيسەن؟

— ئۇستاز! مەن دۇنيا ھاياتى ۋە ئاخىرەت توغرۇلۇق سۆزلەنگەن تور بەتلەرگە كىردىم ۋە بەزى شەخسلەر بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ باردىم. مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ۋە تەربىيە ئالغان «جەننەت، دوزاخ، پىلسىرات، ھېساب ئېلىش ۋە ئازاب بولۇش» دېگەن ئەقىدىلەر ئۈستىدە سوئال قويۇپ تەپەككۇر قىلدىم.

— بالام! ئۆزۈڭنى باس، ئۆزۈڭ تولۇق بىلمىگەن ئىلىمدە مۇنازىرە ئېلىپ بارمىغىن، — دېدىم – دە، ئۇنىڭغا ۋە مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەردىم، — ﴿بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە)﴾(17/«ئىسرائ‍»: 36).

ئۆزى ياخشى بىلمەيدىغان بىر ساھەدە گەپ قىلغان كىشىلەر بىردەك قايمۇقۇپ قالىدۇ، كاللىسىدا توغرا بىلەن خاتا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئۇنى ئازدۇرماقچى ۋە پىكرىنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولغان ئادەملەرگە يەمچۈك بولۇپ قالىدۇ.

بالام! تەۋھىد ئەقىدىسى ۋە ئىمان بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنىڭ يىلتىزىدۇر. كۆڭۈل پەقەت مۇشۇ ئەقىدە بىلەنلا خاتىرجەم بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسلام دىنىغا كىرىدىغانلارنىڭ توختاۋسىز ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھەتتاكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئۇستازلىرى، چوڭ كەشپىياتچىلار، دىپلوماتلار ۋە مىنىستىرلارمۇ بار.

ھېچكىم مەجبۇرلىمىسىمۇ ياكى مۇكاپات ۋەدە قىلمىغان بولمىسىمۇ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جەننەت، دوزاخ، ھېساب ۋە ئازابنىڭ بارلىقىغا دەۋەت قىلىدىغان بۇ دىنغا كىرىشكە ئېلىپ بارغان نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ دەل تەۋھىد ۋە ئىنساندىكى تەبىئىي فىترەتتۇر. ئۇ كۆڭۈلنىڭ تەسكىن تېپىشى، روھنىڭ راھەتلىنىشى ۋە قەلبنىڭ خاتىرجەملىكىدۇر.

ئاللاھ تائالا بىزنى ئاتىمىز ئادەمدىن ئىبارەت بىر جاندىن ياراتتى، ئاندىن ئانىمىز ھەۋۋانى ياراتتى، ئاندىن ئۇ ئىككىسىدىن ئىنسانلار كۆپەيدى. بىز بۇ دۇنيانى ئاۋات قىلىمىز، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىمىز ۋە ھاياتىمىزنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز، ئاندىن ئۆلۈپ كېتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا تىرىلىمىز ۋە قىلغان – ئەتكەنلىرىمىزدىن ھېساب بېرىمىز. بۇنىڭ ئەقلىي ۋە نەقلىي دەلىللىرى باردۇر.

دوستۇم خۇددى تېلېفوننى ئېتىۋەتكەندەك دەرىجىدە جىمىپ كەتكەنىدى، مەن پات – پات ئۇنىڭغا: «ئاڭلاۋاتامسىز؟ گېپىم توغرىمۇ؟» دەپ تۇردۇم.

ئۇ چوڭقۇر ئويغا غەرق بولغان ئىدى.

مەن مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاخىرەت ئالەمى ھەققىدە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بىر كىتابقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنى تۈزۈشكە كىرىشتىم.

ئاللاھتىن بۇ كىتابنى مول مەنپەئەتلىك ۋە ئۆز رازىلىقى ئۈچۈن خالىس ئەمگەك قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن، ئامىن(1).

 

دوكتور مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەرىيفىي

پادىشاھ سەئۇد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەقىدە ۋە ھازىرقى زامان دىن – ئېقىملار پەنلىرى پروفېسسورى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى

ئىسلام تەشۋىقات مىنىستىرلىكى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى

رىياد

ھ. 1432، 9 – زۇلھەججە / م. 2011، 5 – نويابىر

 


1. «ئۇ دۇنيا» ئاتلىق بۇ كىتابنى قىيامەتنىڭ چوڭ – كىچىك ئالامەتلىرى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئاياغلىشىشى ھەققىدە توختالغان «دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاداققى تىنىقلىرىدا» ئاتلىق كىتابىمنى تولۇقلىغۇچى دېيىشكە بولىدۇ.